ئادەملەرنىڭ تەبىئىيىتى شەخسىيەتچىل كىلىدۇ. ھەممىدىن بەك ئۆزى مۇھىمدەك، ئەڭ لاياقەتلىكى پەقەت ئۆزىدەك، ئۇ تۈگىسە دۇنيامۇ ئاخىرلىشىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. مۇشۇنداق تۇيغۇنىڭ يەنە بىر شەكلى بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىنى خۇداغا ھەممىدىن يىقىندەك سىزىشىدۇر.
شۇنداق تۇيغۇ ئۇنى ئۆزىگە بارغانچە شۇ خىل سۈپەتلەر بىلەن پەردازلاپ كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ كۆز-قاراشلىرى باشقىلارنىڭكىدىن ئىلغار، ئۇنىڭ ماڭغان يولى ھەممىدىن دۇرۇس، ئۇنىڭ قىلغان سۆز-ھەرىكەتلىرى، ھەتتا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمۇ ئۇنىڭغا گۈزەل ۋە شېرىن كۆرۈنىدۇ. قىسقىسى، بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنى مەركەز قىلىش ھالىتىدىكى شەخسىيەتچىلىك ئېڭى بىلەن ياشاپ، ئۆزىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈش كېسىلىگە گرىپتار بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئەينەك ئالدىغا كەلسە، يۈزىدىكى داغقىمۇ ئۇزۇنغىچە سۆيۈنۈپ قارايدۇ.
ئېتىقادچى ئاممىدىكى مەمەدانلىق ۋە قوپاللىق، دىنىي ئىلىمدارلاردىكى تەكەببۇرلۇق ۋە تەمەخورلۇق، ھەتتا نام-ئەمەل دەپتىرى تېخى نەشىردىن چىقمىغان بەزى گۈدەكلەردىكى تەنتەكلىك ۋە قاپيۈرەكلىك دەل شۇنداق خاتا تۇيغۇنىڭ شولىسىدا سايىدىغان خۇيدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار خۇداغا يىقىنلىق تۇيغۇسىدا، گويا خۇدانىڭ زىمىندىكى ۋەكىلىدەك « بۇرچنى» يۈدۈۋىلىپ، گەرچە قىياپىتىنى كەمتەر كۆرسىتىشكە كۈچىسىمۇ، روھىي جەھەتتىن گىدىيىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى ئىنسانلىق سالاھىيىتىنى ئۇنتۇپ، تاشتىن پۈتكەن مايمۇندەك ھېسىياتسىز، سوغۇق تەرىزدە ياشاپ كۆنگەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە باشقا يۇچۇن ئادەملەر بىر پارچە تاشتەك ياكى ئېشىپ كەتسە گوشتەك مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ خالاس.
ئۆزىنى خۇداغا يىقىن ئويلاش شەخسلىك نۇقتىسىدا ھەر ئادەمنى ۋاقىتلىق مەست قىلغىنى بىلەن_ ئۇلارنى بىر مەھەل بەخت-سائادەت تەسۋىرلىرى ئارقىلىق بەزلەپ يۈرگىنى بىلەن، بەرىبىر توغرا ئەمەس. ھەممىمىز خۇدانىڭ نەزىرىدە سۆيۈلۈشكە مۇھتاج، ئاجىز بەندىلەرمىز. ئەگەر كىمدۇربىرى ئۆزىنى خۇداغا يىقىن دەپ ئويلىسا، يۇشۇرۇن ئېڭىدا باشقىلارنى خۇداغا يىراق دېگەن خىيالنى سۈرگەن بولىدۇ. خۇداغا نىسبەتەن ئىنسان پەقەت ئىنسانلىقى بىلەن ئۇنىڭغا يىقىندۇر، كىملىكى ياكى قانداقلىقى بىلەن ئەمەس. خۇدانىڭ ئالدىدا كىملىكىڭىزنى ئۇنتۇڭ، پەقەت ئىنسانلىقىڭىزنى ئەسلەڭ. ئۆزىڭىزنى خۇداغا پەقەت ئىنسانلىق نۇقتىسىدا يىقىن دەپ ئويلاڭ!
خۇدانىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە بويسۇنۇپ، ئۆز ۋىجدانى ۋە ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشنى قىلىشتىن ساقلانغانلار ھاياتى ۋە ماماتىدا لايىقىدا مۇكاپاتىنى ئالىدۇ دېگەنلىك، ئۇلار خۇدانىڭ سۆيۈشىگە مۇيەسسەر بولۇپ، ئەكسى يولدا ماڭغانلار خۇدانىڭ سۆيۈشىدىن مەھرۇم بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئەگەر شۇنداق بولسا، خۇدانىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، مۇقەددەسلىكى ۋە ساپلىقى نەدە قالىدۇ؟ خۇدانىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلاردىن ئەشۇنداق شەرىتلەرنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇ سۆيگۈ ئەمەس، بەلكى سودا بولۇپ قالمامدۇ؟ خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن ياشىغانلار بۇ دۇنيا ياكى ئىككىلى دۇنيادا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن ھالەتتىمۇ، بۇ پەقەت ھېلىقى پرىنسىپنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدىن ئىبارەت.
ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدانىڭ بىزگە بىكىتىپ بەرگەن پرىنسىپى ۋاقىتلىق كۈچكە ئىگە، يەنى مەلۇم باسقۇچتا ئەمەلدىن قالىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك ۋە ئەبەدىيدۇر. ئۇنىڭ ئۆمۈرى ھېلىقى پرىنسىپتىن ئۇزۇن، ئۇنىڭ قۇدرىتى شۇ پرىنسىپتىنمۇ غالىپتۇر.
ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى قانچىلىك سۆيىدۇ؟ ھەتتا ئۇلار بالىلىرى ئىچىدە ۋاپاسىز، ئىتائەتسىزلىرى بولسىمۇ، ئۇلارنى بىرچەتكە ئايرىپ قويمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھەمىشە ئىنساپ ۋە ياخشىلىق تىلەيدۇ. ئۇلار ئۆز ئازابى بەدىلىگە ھەمىشە شۇ بالىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى ئىستەيدۇ. خۇدانىڭ ياراتقان بەندىسى شۇنچىلىك مېھىرلىك تۇرسا، كىشىلەر نېمىشقا خۇدانىڭ مېھرىدىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ؟ خۇدا ئىنساندىنمۇ باغرى قاتتىق زات بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
كىشىلەر ئارىسىدا خۇدانى ھەقىقەتەن مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك تەسۋىرلەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن ئۇلاردىن مىسال ياكى پاكىت تەلەپ قىلىنسا، ئۇلار خۇدانى مېھرىبانلىقتا بىر ئاددىي ئاتا ياكى ئانىغا تەڭلەشتۈرەلمەيدۇ. شەپقەتسىزلىكتە بولسا تىمساھتىنمۇ ئاشۇرۇپ قويىدۇ.
خۇدا ئەسلىدىنلا مېھرىبان ئىدى، پۈتكۈل ئالەم ۋە ھاياتلىق ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىنىڭ دەلىلى. جازا ۋە ئازاپلار بەك كىچىكىپ پەيدا بولغان. ھەممە يوقىلىدىغان بۈيۈك كۈندە، قالىدىغىنى پەقەت مېھرىبان خۇدادۇر.