ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2903 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: مۇستاپا كامالنىڭ سىرى
دوستلىشىش
تۇغلۇق999
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 649
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
تۆھپىسى: 2
پۇلى: 16 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 4
ياخشى باھا: 16
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-04
ئاخىرقى: 2011-12-21
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 14:40

مۇستاپا كامالنىڭ سىرى

مۇستاپا كامالنىڭ سىرى


مۇستاپا كامال ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ سالۇنىيك(ھازىر گىرىتسىيەگە قارايدۇ) شەھىرىدە 1881-يىلى تۇغۇلىدۇ. بۇ شەھەر يەھۇدىلار، گىرىتسىيەلىكلەر ۋە بۇلغارلىقلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر شەھەر بولۇپ، بۇ تائىفىلەر ئىسلامغا ئۆچ ۋە ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ يىقىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلار... مۇستاپا كامال ئىسلامنى ۋە خەلىپىلىكنى يامان كۆرىدىغان مۇشۇ مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكى ئىچ-ئىچىگە سىڭىپ كېتىدۇ.
ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ھ، س، ئارمىسترونج «غۇۋا بۆرە» ناملىق كىتابىدا: «مۇستاپا كامالنىڭ بوۋىلىرى ئىسپانىيەدىن سالونيىك شەھىرىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان يەھۇدىلار بولۇپ، بۇلار دونىما يەھۇدىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇلار ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى داۋا قىلغان» دەپ يازىدۇ.
بۇ ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئادەمنى ھەيرانغا سالىدىغان بىر تەرىپى شۇكى، راھىبلار مۇستاپا كامالنى بوۋاق ۋاقتىدا سالۇنىيك شەھىرىدىكى بىر چىركاۋدىن تاشلاندۇق ھالىتىدە تېپىۋالىدۇ. راھىبلار ئۇنى تەربىيلەپ چىقىدۇ ۋە ئۇنىڭغا فىرانىسيە تىلىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇ ئۇ تىلنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، راھىبلار ئۇنىڭ ئىنقىلاب مايىلچانلىقىنى غىزالاندۇرۇپ تۇرىدىغان ۋە ئىدىيە قۇرۇلمىىسىنى يۈزلەندۈرۈپ تۇرىدىغان چەتئەل كىتابلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ غەرب ئىدىيىسى ۋە غەرب مۇتەپەككۈرلىرىگە قىزىقىپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنى دوراشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئوسمانىيە ئىسلام دۆلىتىنى يامان كۆرىدۇ ۋە ئۇنى يوقۇتۇش ئويىنى قىلىپ يۈرىدۇ.
مۇشۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى ئۇنى ھەقسىز تەلىم بېرىدىغان ھەربى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇ ئوقۇشتا نەتىجە قازىنىپ ئوفىتسېرلار سېپىغا كىرىدۇ...1905-يىلى مۇستاپا كامال ھەربىلەرنىڭ مۇشاۋۇرى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا مەنسەپ ئۆسۈش يولى ئېچىلىدۇ ۋە ئارزۇلىرىنى رىئاللىققا چىقىرىش پۇرسىتى كۈنسىرى ئاشىدۇ. ئۇ ھەربى مەسلىھەتچىلەر پاكولتىتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا «ئىنقىلابىي ۋەتەن» تەشكىلاتىغا ئەزا بولىدۇ، بۇ تەشكىلات خەلىپىلىك تۈزۈمىنى يىقىتىشنى پىلانلاۋاتقان ئىدى، لېكىن بۇلارنىڭ ئىشلىرى پاش بولۇپ قولغا ئېلىنىدۇ، مۇشۇ قاتاردا مۇستاپا كامال تۈرمىگە تاشلىنىپ، بىر مۇددەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ.
ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن غەربنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ماسۇنىي يەھۇدىلارنىڭ «ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات» جەمىيىتىگە ئەزا بولىدۇ. ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات جەمىيىتى سۇلتان ئابدۇلھەمىدگە قارىشى مەقدۇنىيادا ئىنقىلاب ئوتىنى ئۇلغايتىدۇ، سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى ئاڭلاپ بېقىشقا قوشۇلغاندا، ئىنقىلاپ داھىلىرىنىڭ شەرىپى تېخىمۇ ئۆسىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىستانبولدا خەلق ئىنقىلاۋى قوزغىلىپ، ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات داھىلىرىنى ئېيىپلايدۇ ۋە سۇلتانغا قارىشى تۇرۇشنى تەنقىد قىلىدۇ. دەل مۇشۇ يەردە ھەربىلەر-ماسۇنىيە ئەزالىرى قوماندان دەرجىسىگە يېتىپ قالغان-خەلق قوزغىلىڭىنى كۈچكە تايىنىپ باستۇرىدۇ. خەلق قوزغىلىڭىنى پەسەيتىپ، سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭ تاغىسىنىڭ بالىسى ئابدۇلمەجىدنى قورچاق خەلىپە ئورنىدا تىكلەپ قويىدۇ، ئەمەلى سىياسى ھوقۇق ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
1909-يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىد مەنسىپىدىن چۈشۈرىۋىتىلگەندىن كېيىن، ئوسمانىيە دۆلىتى خەتەرلىك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىسلام بىرلىكى، ئىسلام خەلىپىلىگى ۋە ئىسلامغا زىت ھەر ئېقىملارغا يول كەڭرى ئېچىلىپ كېتىدۇ. خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئۆمەكلىرى ۋە ماسۇنىيە تەشكىلاتلىرى تەشىۋىقات ئارقىلىق خەلق ئېڭىنى ئىگەللىۋالىدۇ، ئوسمانىيە دۆلىتىدە 3 يەھۇدى ۋەزىر قاتناشقان ھۆكۈمەت شەكىللىنىدۇ.
ئاندىن كېيىن پەلەستىنگە يول ئېچىلىدۇ، زېمىن ۋە ئۆي بىدىكلىرى تولۇق ئەركىنلىك ئىچىدە زېمىن سېتىش ھەركىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. يەھۇدىلار، دونىما ۋە ماسۇنلار بىدىكلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۇلارنى كۈچەيتىپ تۇرىدۇ.
يەھۇدىلارنىڭ «ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات» جەمىيىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدە بىرمۇ تۈرك تېپىلمايدىغانلىقى ئادەمنى ھەيرانلىققا سالىدۇ، بۇ جەمىيەت تۇران مىللەتچىلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك سالىدۇ، تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىدۇ.
«ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى» بىر مەزگىللەردە ئوسمانىيە دۆلىتىنى بىر قانچە تەرەپتىن غەربلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ:
(1) ئەنگىلىيەگە تولۇق تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
(2) تارابىلىس(لىۋىيە) شەھىرىنى ئىتالىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
(3) يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنگە ھىجرەت قىلىشغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.
(4) ئەسەبى مىللەتچىلىكنى قوزغاپ چىقىپ، ئەرەب ۋە تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.
(5) ئوسمانىيە دۆلىتىگە تەۋە رايۇنلاردىكى ئەرەبلەرنى تۈركلەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.
(6) تۈران ئېقىمىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ ۋە تۈرك جىنسىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۈستۈن جىنس دەپ تونۇشتۇرىدۇ.
مانا بۇ ئىشلار بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى 10 يىلىدا يۈز بېرىدۇ. بۇ ئون يىلدا بولغان بۇ ئىشلار، غەربلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ دەسلەپقى يۈزى ئىدى. مۇستاپا كامال رەئىس بولغاندىن كېيىن بۇ پىلانلارنى ئۆز ئەينى ئىجرا قىلىدۇ.
1914-يىلى تۈركىيە گىرمانىيە بىلەن بىرلىشىپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىدۇ، ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ گىرمانلار سېپىگە قوشۇلۇپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى «ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى»نىڭ ئىشى ئىدى(چۈنكى سۇلتان ئابدۇلھەمىد پالانغان، قورچاق خەلىپىدە سىياسى ھوقۇق يوق، پۈتۈن ھوقۇق مۇشۇ قارانىيەت پارتىيەنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغان).
ئوسمانلارنىڭ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى تۈپتىن خاتا ئىدى، باشقىلارنىڭ ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ تۈگەتكىنى ئەڭ چوڭ خاتالىق. تەرەپ-تەرەپتىن دۈشمەنلەر پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىۋاتسا تۈركىيەگە نېمە پايدا بولسۇن!
بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى-غەربنىڭ ئىچكى توقۇنۇشى بولۇپ، ئىسلام مەسىلىسى ئەمەس ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلىشىدۇ، خەلىپىلىك دۆلىتى تەقسىم قىلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇرۇش ئارىلىقىدا مۇستاپا كامالنىڭ مەرتىۋىسى ئۆسۈپ، ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللى قەھرىمان بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
مۇستاپا كامال 1919-يىلى ئىنگىلىزلار ھىمايىسى ئاستىدا ئىنقىلاۋىنى باشلايدۇ، بەزى بىر پىكىر(ئىدىيە) ئىگلىرى ۋە ياش رەھبەرلەر ئۇنىڭغا خەلىپىلىككە چېقىلماسلىق شەرتى بىلەن قوشۇلىدۇ. يۇنان(گىرىتسىيە)غا قارىشى ئۇرۇش بىر يېرىم يىل داۋام قىلىدۇ، مۇستاپا كامال شۇ ئارىلىقتا ئىسلام شوئارىنى ئىشقا سالىدۇ ۋە قورئاننى كۆتۈرۋالىدۇ. ئىنگىلىزلار بۇ ئىنقىلابنىڭ نەتىجە قازىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالىدۇ، 1921-يىلى كامال بىلەن گىرىتسىيەلىكلەر ئارىسىدا ئۇرۇش قايتا باشلانغاندا، گىرىتسىيە تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىن ئۆزلىكىدىن چىكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ، مۇستاپا كامال بىر پاي ئوق ئاتماي شەھەرگە كىرىدۇ. غەرب تەشۋىقاتلىرى مۇستاپا كامالنىڭ بۇ خىيالى غەلىبىسنى ناھايىتى زورايتىپ تەسۋىرلەيدۇ، مۇسۇلمانلار بۇ يالغان غەلىبىگە ئىشىنىپ قالىدۇ، خەلىپىلىكنى جانلاندۇرۇشتا ئۇنىڭغا ئارزۇ-ئارمانلىرىنى باغلىشىدۇ.
مۇستاپا كامال ئەنقەرەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۈيۈك ۋەتەن مەجىلىسى(پارلامىنت) ئۇنىڭغا «غازى» دېگەن ئۇنۋاننى بېرىدۇ. بۇ ئۇنۋان ئادەتتە سۇلتان ئاھالىسىدىكىلەرگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئابرويى تېخىمۇ ئۆسىدۇ، تۈرلۈك ئىسلام ئەللىرىدىن ئۇنىڭغا تەبرىك تىلگىراملىرى كېلىشكە باشلايدۇ، شۇ چاغلاردا ئىسلام دۇنياسى مۇستاپا كامالنىڭ ئىنقىلاۋى بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرىدۇ.
بۈيۈك ۋەتەن مەجلىسى بۇ غەلىبىدىن كېيىن مۇستاپا كامالنى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق رەئىسى(باش باكان) قىلىپ تەيىنلەيدۇ.كامال 1921-يىلى ۋەكىلى ئىسمەت باشانى ئەنگىلىيەگە تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مېنىستىرى لورد كىيزون تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا مۇنداق شەرتلەرنى قويىدۇ: «تۈركىيە ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئالاقىسنى ئۈزىدۇ، ئىسلام خەلىپىلىك تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، خىلاپەت قوللىغۇچىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قانداق ھەرىكەتنى باستۇرۇشقا ۋەدە بېرىدۇ ۋە تۈركىيە غەرب دۇستۇرى(قانۇنى)نى قانۇن قىلىشقا تاللايدۇ».
كامال ئەنگىلىيەنىڭ يوليۇرۇقىنى ئىجرا قىلىدۇ، تۈركىيەگە شىۋىتسارىيەنىڭ مەدەنى قانۇنىنى تاللايدۇ. 1922-يىلى سەلتەنەتنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خىلاپەتلىكتىن ئايرىپ تاشلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن قورچاق خەلىپە ماددى ۋە مەنىۋى ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىشتىن مەھرۇم قالىدۇ.
مۇستاپا كامال ئىلمانىزم كۆز قاراشلارنى باشقىلار قارشى چىقسىمۇ كۈچكە تايىنىپ يولغا قويىدۇ. قارشى تۇرغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ. مېنىستىر كىرزىسى يۈز بەگەندە ئومۇمى ۋەتەن مەجىلىسى ھۆكۈمەت تەشكىللەش خىزمىتىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدۇ. ئۇ بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆزىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى قىلىۋالىدۇ ۋە پۈتۈن ھوقۇقلارنى قولىغا كىرگۈزىۋالىدۇ.
مۇستاپا كامال 1924-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى نىجىس نىيەتلىرىنى ۋە يامان غەرەزلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئىسلام خەلىپىلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئىلان قىلىدۇ، خەلىپىنى ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ شەھەردىن پالايدۇ، دىننى دۆلەتتىن ئايرىپ تاشلايدۇ ۋە خەلىپىلىك تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز دېگۈچىلەرگە ئۆلۈم جازاسىنى چىقىرىدۇ.(دېڭىزغا تاشلىۋەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى دەل سىياسى نوقتىدىن مۇستاپا كامالغا قارشى تۇرغان ئالىملار ۋە سىياسى ئەربابلار ئىدى).
شۇ يىلنىڭ ئۆزىدە دىنىي مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، غەرب مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 1925-يىلى تۈركىيەنى ئىسلامدىن پۈتۈن ئاجراشتۇرىدۇ، خانىملارنىڭ ھىجابنى ئېلىۋىتىشى ئۈچۈن ئالاھىدە قانۇن چىقىرىپ، ئىجرا قىلىش ئىشلىرىغا مەخسۇس ئۆزى نازارەتچى بولىدۇ، قارشى تۇرغانلارنى جازالايدۇ، دارغا ئاسىدۇ، ساقچىلار يولدا ھىجابىلىق ئاياللارنى كۆرۈپ قالسا ھىجابىنى مەجبۇرى ئېلىپ تاشلايدۇ.
خەلىپلىك چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۈركىيەنى ئىسلام دۇنياسىدىن ئايرىيدىغان بۇ قىلمىشلارنى مۇسۇلمانلار قوبۇل قىلماي، زور كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بارىدۇ، لېكىن كۈچ بولمىغاچقا ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
ھىجاز زېمىنىنىڭ ھاكىمى ھۈسەين بىن ئەلى ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى قىلىپ تىكلەشكە ئۇرۇنغاندا، ئىنگىلىزلار ئۇنى قەبرىس(سپىروس)گە سولاپ قويىدۇ، شۇنداقلا ئىنگىلىزلار قاھىرەدىكى خەلىپىنى قايتا تۇرغۇزۇش قۇرۇلتىيىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە ھىندىستاندىكى خىلاپەت جەمىيتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋىتىدۇ.
غەرب مۇستەملىكىسى رەسۇلۇللاھ دەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن خەلىپىلىك تۈزۈمىنى مانا مۇشۇ ئۇسۇللار بىلەن يوقۇتۇپ تاشلايدۇ...
مۇستاپا كامال شىلەپە كېيىپ، تۈركىيەنى كىزىپ چىقىدۇ، بىر ئادەمنىڭ تەربۇش(تۈركلەرنىڭ باشقا كېىيىدىغان دوپپىسى)نى كۆرۈپ قالسا چېچىلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىر قېتىم مىسىرنىڭ ئەنقەرەدىكى كونسۇلى بىلەن دوپپا توغرىسىدا خاپۇلىشىپ قېلىپ: «پادىشاھىڭغا ئېيىت، مەن بۇ خىل كېيىمنى ياقتۇرمايمەن» دەيدۇ.
ئۇ ئەرەب تىلى، ئىككى ھېيت بايرىمى، ئەرەبچە ئەزاننى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ، مەسجىدنى مۇزىيخانىغا ئايلاندۇرىدۇ، مەسجىد تاملىرىدىكى ئايەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىشكە بۇيرۇيدۇ.1926-يىلى شەرئى نىكاھ قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ غەرب تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
دېمەك، ئۇ مەلئۇن تۈركىيەنىڭ ئىسلام بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈن ئۈزۈپ تاشلايدۇ ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى پۈتۈن سۆرەپ كىرىدۇ.
ئۇ بىر قېتىم جىرىس ئالىيسۇن دېگەن مۇخبىر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مۇخبىرغا: «سەن دىن توغۇرلۇق سۆزلەۋاتىسەن، بىلىپ قويغىنكى، مەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايمەن، دىن دېگەننىڭ ھەممىسىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتسەم دەيمەن» دېگەن.
ماسۇنىيە مائارىپ ئېنىسكىلوپىدىسىنىڭ 162-بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «مۇستاپا كامال ئېلىپ بارغان ئېىنقىلاب ماسۇنىلارغا كۆپ پايدا يەتكۈزدى، چۈنكى ئۇ ئىسلام سەلتەنەتىنى يوقاتتى، خىلاپەتلىكنى ئەمەلدىن قالدۇردى، شەرئى مەھكىمىلەرنى تاقىدى ۋە ئىسلام دىنىنى ھاياتتىن يىراقلاشتۇردى».
ئۇ مەلئۇن غەربنى دورىماقچى بولۇپ خىلاپەتلىكنى يوقاتتى، لېكىن مىراس ۋە ئەنئەنىۋىلىكنى تاشلاپ غەربنى دوراش تۈركىيەگە ياكى باشقا ئىسلام ئەللىرىگە تەرەققىيات ئېلىپ كەلمىدى ۋە كەلمەيدۇ. تۈركىيە ھازىرغىچە ياۋرۇپا ئەللىرىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن تۈركىيە دۆلىتى قەدىمى شەرىپىنى يوقاتتى ۋە يېڭى شەرەپ يارىتالمىدى. تۈركىيە ھازىر 50 مىليارت دوللارغا يېقىن قەرزدىن قۇتۇلالماي يۈرۈيدۇ.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە 1950-يىلنىڭ مابەينىدە 60 قا يېقىن ھۆكۈمەت ئالمىشىپ بولدى، يىلىغا بىردىن دېگىدەك ھۆكۈمەت ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بۇ تۈركىيەنىڭ مۇقىم ۋە خاتىرجەم شارائىتقا ئېرىشىپ قالسا گۈللىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بولىۋاتقان ئىشلار. سابىق جۇمھۇرىيەت رەئىسى سۇلايمان دىمىرىل: «تۈركىيەدە دۆلەتنىڭ ئارقىسىدا مەخپى دۆلەت بار» دېگەن ئىدى. شۇڭا ئىسلام ئىدىيىسى بار كىشىلەر ھۆكۈمەت بېشىغا چىقىپ قالسا ئىلمانىزم كۈچلىرى ۋە تەرەپدارلىرى بولغان ھەربىلەر ھەربى ئىنقىلاپ قوزغاپ ھۆكۈمەتنى يىقىتىپ تاشلايدۇ...( پروفېسور ئىنژېنىر ۋە سىياسىيۇن نەجمىدىن ئەربەكاننىڭ ھۆكۈمىتىنى 1997-يىلى ھەربى ئىنقىلاپ يىقىتىۋەتتى).
بۇ ئەمەلىيەت، شۇڭا تۈركىيە ھەربى، سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى جەھەتتىن مۇقىم ئەمەس، ھەم مۇقىم قويمايدۇ. چۈنكى دىن دۈشمەنلىرى خەلقنىڭ يەنىلا دىندا مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قايتا خەلىپىلىكنىڭ تۈركىيەدە تىكلىنىپ قېلىشدىن ئەنسىرەيدۇ. تۈركىيە خەلقى ئىسلام مەدەنىيىتىگە تەۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ياۋرۇپا بىرلەشمىسىگە كىرەلمەيدۇ. تۈركىيە غەربنىڭ قۇيرۇقىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، بىراق بۇ ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس...

خۇلاسە

بۇ تەتقىقاتلار مۇستاپا كامالنىڭ ماسۇنىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئىخلاسمەن كىشىلىرىنىڭ بىرسى ئىكەنلىگىنى، ئۇنىڭ دونىما يەھۇدىلىرىنىڭ پۇشتى ئىكەنلىگىنى ۋە ئۇرۇشلاردا يالغان تونغا ئورنىۋالغانلىقىنى كەسكىن ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
★ مۇستاپا كامال ياۋرۇپالىق ۋە گىرىتسىيەلىكلەرگە قارىشى ئېلىپ بارغان جەڭنىڭ قوماندانى ئەمەس، ئۇ ئارمىيەنى تۇتۇپ تۇرغان ۋە بۇ جەڭنى باشلىغان قەھرىمانلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئىشلەتكەن.
★ مۇستاپا كامال ئەنگىلىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان شەرتنامىغا قول قويغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا مۇستاپا كامالغا تۈركىيەنىڭ ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدىن چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن. لېكىن باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن چىقىپ كەتمىگەن.
★ مۇستاپا كامالغا نىسبەت بېرىلگەن ۋە زورايتىلىپ تەسۋىرلەنگەن بۇ قەھرىمانلىق، مۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى جانلاندۇرۇش، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش ۋە ئۇنى رەئىس قىلىپ تىكلەش ھىلىسى ئىدى.
★ ئوسمانىيە دۆلىتى يوقۇلۇپ ۋە ئىىسلام خەلىپىلىگى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرەب ۋە تۈرك بىرلىكى پارچىلىنىپ، ئاندىن يەھۇدىلارغا پەلەستىنگە يول چىقتى.
★ مۇستاپا كامال تۈركىيەنى ئىلمانىزملىشىشقا قاتتىق ئىتتىردى، ئىسلام قانۇنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، مۇسۇلمانلارنى بەك ئەزدى، ئۇنىڭ ئىلمانىزم قاراشلىرىغا قارىشى تۇرغان خېلى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈردى.
★ مۇستاپا كامال ئېلىپ بارغان ئىلمانىزم ھەركىتىنى 10 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كۈچ ۋە قورقۇتۇشقا تايىنىپ يۈرگۈزدى، غەرب مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئېلىپ باردى، مۇستاپا كامال بىلەن غەرب ئارىسىدا ۋاستىچىلىق رولىنى ئوينىغان كىشى تۈركىيەلىك «ھاييىم ناھۇم» دېگەن يەھۇدى پوپ ئىدى.
★ تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلارنىڭ بىرسى مۇستاپا كامال توغرىسىدا «بۇت ئادەم» ناملىق 2 قىسىملىق كىتابىنى يېزىپ ئۇنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ئارمىسترونج «غۇۋا بۆرە» نامىلىق كىتابىدا مۇستاپا كامال ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇ ھەر كىچىسى تاڭ ئاتقىچە قەھۋەخانىلاردا ھاراق ئىچەتتى، بارلىق رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسنى قىلاتتى، رەزىللىكتە قۇلىقىغىچە پاتقان ئىدى. ئۇ ھاراق ۋە پاھىشىدىن قالمايتتى» دەپ يازىدۇ.
★ ئىسلام خەلپىىلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ تاشلاش يۈزەكى بىر ئىش بولماستىن، روس، ئىنگىلىز ۋە ياۋرۇپانىڭ پىلانلاپ بەرگەن ئىنچىكە پىلانى بىلەن بولغان. شۇڭا 1909-يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى ئېلىپ تاشلىغاندا، ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇلھەمىدنىڭ تاغىسىنىڭ كىچىك بالىسىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. بولمىسا 1909-يىلى خەلىپىىنى سۈرگۈن قىلىپ بولغان ۋە پۈتۈن ھوقۇق كامالچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان. سەۋەبى ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئىشنى تەدرىجى ئېلىپ بارغان، شۇنىڭغىچە مۇستاپا كامالنى تەربيىلەپ يېتۈشتۈرگەن. ئۇ قانۇنلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ، پۈتۈن ھوقۇقنى قولىغا رەسمى كىرگۈزىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن خەلىپىىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە ئىسلامنى ھاياتتىن يىراقلاشتۇرغان...
★ مۇستاپا كامال ھوقۇققا چىققاندىن تارتىپ، ئەنگىلىيە ۋە روسلارغا ساداقەتمەن بولۇپ كەلگەن ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرغان.
لېكىن ئىسلام مانا بۈگۈن تۈركىيە ياشلىرىنىڭ قەلبىدە ناھايىتى كۈچلۈك چوغلانماقتا ۋە گۈللەنمەكتە

..............................................

كەتمەنباي بىلوگىدىن ئېلىندى
تۇغلۇق.......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 871
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 4 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 4
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-16
ئاخىرقى: 2011-09-01
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 18:07

قۇرۇق گەپ.
دوستلىشىش
بورتالا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 23
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 152
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە152دانە
تۆھپىسى: 39
پۇلى: 253 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 59
ياخشى باھا: 223
توردا: 13(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-01-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 18:34

مۇستاپا كامال پەۋقۇلادە ئادەم ، ئۇنۇڭغا ئۇنداق ياكى مۇنداق دىيىش دۈشمەننىڭ قەستىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ، مۇنو يازغۇچىنىڭ تىلى ،دىلى زەھەر بىلەن تولغان مەلئۇنكەن .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 864
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 8 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 8
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-13
ئاخىرقى: 2011-08-27
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 18:49

بۇ ىقانداق گەپ ەمدى
دوستلىشىش
سەھراقىزى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 843
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 53 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 53
توردا: 19(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-10
ئاخىرقى: 2011-10-16
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-17 01:48

ئەمىسە مۇستاپاكامال كىيىن قانداق بولغان ؟ نەدە نىمە سەۋەپتىن قانداق ئۆلگەن ؟
دوستلىشىش
سەھراقىزى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 843
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 53 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 53
توردا: 19(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-10
ئاخىرقى: 2011-10-16
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-17 01:50

بۇ پەقەت دۈشمەنلەرنىڭ تارقاتقان گەپلېرى ...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 306
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 25 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 25
توردا: 10(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-04
ئاخىرقى: 2011-08-17
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-17 07:23

ئەمسە خەلپىلىك 11-سېنتەبىردەك تۇيۇقسىزلا ئۆرلۇپ چۈشۈپتىكەندە!! ئارقا كۆرنۇشى بولماي قالامدۇ‹بۇ ماقالىنىڭ يېرىمنى كۆچۇرۇپ ئېلىپ كەپتۇ. مىسرانىم  قاتارلىق تور بىكەتلەردە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئوسمان ئېمىپرىيسگە قىلغان سۇيقەسىتى.ماۋزۇدا تولۇقى بار شۇنى كۆرۇپ ئاندىن ئىنكاسنى يېزىڭلار
نىمشقا ئۇنى پەۋقۇللادە ئادەم دەيسلەر.
دوستلىشىش
ئىدىقۇت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 42
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 85
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە85دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 84 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 84
توردا: 4(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-22
ئاخىرقى: 2011-10-16
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-17 11:19

مۇستاپا كامالنى ھاقارەت قىلغۇچىلار دەل ئەرەب قۇتۇراتقۇچىللىرىنىڭ ئويۇنى ، ئۆز ۋاقتىدا ئەلىنىڭ كەينىدىن گەپ تاپقان ھەم پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن ، پەيغەمبەرنىڭ كەينىدىن گەپ تاپقان پىسە مىللەت دەل ئەرەبلەر ئەمەسمۇ ؟
دوستلىشىش
سەھرالىق
پىداكار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 175
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە175دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 185 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 185
توردا: 65(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-01-18
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 19:56

ما ماقالىنى ئۆچۇرۋېتىشنى تەلەپ قىلىمەن . ئاچچىغىمدا بارماقلىرىمنىڭ پېيى تارتىشىپ قالدى . بۇ خۇددى ئىنجىلنى تەشۋىق قىلغاندەك، تەسىرى ياخشى بولمىغان ئەخلەت تارىخى ماقالە .  پۇتۇن تۈركلەرنىڭ مەنىۋى دايىسىنى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ شۇنداق ياراتقان! ئەڭ ئاخىردا مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك ياراتقان ئەركىنلك ھۆرلۇك بۇيۇك ئىتپاقلىقى ئارقىلىق ،ئىسلامىيەت تۈركلەرنىڭ ھىمايىسىدە ئۆز نۇرىنى چاقنىتىدۇ.
[ ئۈمىديارتەرىپىدىن2011-08-20 23:29قايتا تەھرىرلەندى ]
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 602
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە602دانە
تۆھپىسى: 89
پۇلى: 781 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 185
ياخشى باھا: 781
توردا: 87(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-01-19
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 22:44

سەھرالىقنىڭ مىساللىرىنى ، توۋا!