ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 237 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: گۇگېل 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا موتورولانى سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى
يالقۇن
بوزقىر،مۇخبىرى
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 858

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????39????
ئۆسۈش: 39%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 39
  تۆھپىسى: 35
  پۇلى: 109 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 70
  ياخشى باھا: 109
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 7سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-08-11
  كىرىشى: 2011-09-12
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 16:15

گۇگېل 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا موتورولانى سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى




موتورولا 2011-يىلى 1-ئايدا موتورولا كۆچمە تېخنىكىسى ۋە موتورولا ھەل قىلىش لايىھەسىدىن ئىبارەت ئىككى تارماق شىركەتكە پارچىلانغان ئىدى، موتورولا كۆچمە تېخنىكىسى بولسا، ئاساسلىقى ئەقلىفون ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېلىۋېزور رەقەملىك تېلىۋېزىيە قوبۇللىغۇچ ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىراتتى.
گۇگېل تۆنۈگۈن كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، موتورولا بىلەن ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقىنى، ھەر بىر پايچېكىنى 40 دوللارلىق باھا بىلەن موتورولا كۆچمە تېخنىكىسىنى سېتىۋالغانلىقىنى، ئومۇمى باھانىڭ 12 مىليارد 500 مىليونغا توختىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
موتورولا بولسا مەخسۇس Android سۇپىسى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ يانفون قاتتىق دېتال كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شىركەتنى سېتىۋېلىش، گۇگېلنىڭ Android سېستىمىسىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كۆچمە ئالاقە كەسپىدىكى رىقابىتىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق سېتىۋېلىشتىن كېيىن، موتورولا داۋاملىق Android نىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە Android سېستىمىسى داۋاملىق ئوچۇق كودلۇق ھالىتىنى ساقلايدۇ. گۇگېل موتورولا كۆچمە تېخنىكىسىنى ئۆزىنىڭ بىر مۇستەققىل كەسپى مۇلازىمىتى بويىچە داۋاملىق يۈرۈشتۈرۈپ ماڭىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئورگان تەرەپتىن، گۇگېلنىڭ موتورولانى سېتىۋېلىشى، پاتنېت ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلغان.
تەھرىرنىڭ مۇلاھىزىسى: ھازىر كۆچمە ئالاقە ساھەسىدىكى ئۈچ چوڭ گىگانت ئالما، مىكروسوفت، گۇگېل ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئالما ۋە مىكروسوفت ئۆزىدىكى مول بولغان پاتنېت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ رىقابەتچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىۋاتىدۇ، يېقىندىن بۇيان بولىۋاتقان پاتنېت جېڭىمۇ دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىغىنى شۇكى، بۇ ئۈچ گىگانتنىڭ ئىچىدە، گۇگېل ئىگە بولغان پاتنېنت ئەڭ ئاز بولۇپ، رىقابەتچىلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ھەمىشە پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. شۇ نۇقتىدىن كېسىپ قارىغاندا، گۇگېلنىڭ موتورولا كۆچمە تېخنىكىسىنى سېتىۋېلىشى ھەرگىزمۇ غەلىتىلىك ئەمەس، چۈنكى گۇگېل موتورولا كۆچمە تېخنىكىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن 25000 خىل پاتنېتنىڭ ئىگىسى بولىدۇ. بۇ سان، گۇگېلنىڭ رىقابەتچىلىرى بولغان ئالما ۋە مىكروسوفت ئۈچۈن خىرىستىن باشقا نەرسە ئەمەس. مىكروسوفت ۋە ئالما شىركىتى، گۇگېلنىڭ بۇ تاكتىكىسىغا يەنە قانداق تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن؟ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر يەنە داۋاملىق ئىز قوغلاپ ئېلان قىلىنىدۇ.مەنبەسى،نۇر،تورىhttp://www.nur.cn/html/news/27819.shtml

-سىز كۆرۋاتقان تىما گۇگېل 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا موتورولانى سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
قۇمبۇلاق
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 6

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:دائىملىق ?????????122????
ئۆسۈش: 40.67%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 122
  تۆھپىسى: 8
  پۇلى: 150 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 33
  ياخشى باھا: 140
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 35سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-17
  كىرىشى: 2011-09-04
1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-17 13:48

  ياخشى بوپتۇ ، بۇلاردا زىقابەت قانچە كۈچلۈك بولسا ، بىز ئىستىمالچىلار يېڭى - يېڭى تېخنىكىلارنى ئىشلىتەلەيمىز دىگەن گەپ ، باھانى چۈشۈرمەي ئامالى يوق ۋاقتى كەلگەندە

كۇرشات
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 39

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????62????
ئۆسۈش: 62%
  نادىر تىما: 1

  يوللانما: 62
  تۆھپىسى: 17
  پۇلى: 107 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 29
  ياخشى باھا: 92
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 5سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-21
  كىرىشى: 2011-09-06
2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-17 13:49

بۇندىن كېيىن پەقەت 3 ئورۇن ئىشلەپچىقارغا يانفوننىڭ ئىناۋىتى بۇلىدۇ، ئۇلارIOS نىڭ ئالما، Android  نىڭ گۇگىل، WP  نىڭ نوكيا باشقىلرىنىڭ ئۆزىنىڭ سېستىمسى ۋە APP سى يوق ، ئۇلارنىڭ تۇگەشكىنى شۇ .