ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2140 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: (مەدىنە)«مۇسۇلمانلار نىمىشقا ئارقىدا قالدى؟»دىن تۇغۇلغان ئوي پىكىرلەر
دوستلىشىش
مەدىنە
ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 195
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 154
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە154دانە
تۆھپىسى: 18
پۇلى: 220 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 26
ياخشى باھا: 185
توردا: 45(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2012-03-12
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-17 18:14

(مەدىنە)«مۇسۇلمانلار نىمىشقا ئارقىدا قالدى؟»دىن تۇغۇلغان ئوي پىكىرلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تور دۇنياسىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەم مۇنبەرداشلار،مەن يىقىندىن بۇيان بەكلا ھەيرانلىق ئىلىكىدە مۇنبەردىكى ھەر بىر ئىسلامى تىمىغا نەزەر سىلىۋاتىمەن،ھەم بۇ تىمىلاردىن مۇسۇلمانلاردىكى بىر خىل ئۈمۈدسىزلىنىشنى ھەم مۇجمەل بولغان پىكىرلەرنى تولا كۆردۈم.بەلكىم شۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرغىچىمۇ،ئۆزى قويىۋاتقان تىما بىلەن مەزمۇننىڭ بەكلا مۈجمەل،بىر بىرى بىلەن مۇناسۋىتىنىڭ مەشىرىق بىلەن مەغرىپ ئارلىقىدەك يىراق بولوپ كېتۋاتىقىنىنى ھەم شۇ تىمىنى قايسى ئۇلۇغۋار ئازۇ غايىنىڭ تۈرتكىسىدە يىزۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەستىنلا يىزىۋاتقاندەك بىر خىل ئوي مىڭەمنى چىرمىۋالدى ھەم مىنى تولىمۇ بەك ئازاپلىدى دىسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.بىز ئالدى بىلەن مۇشۇ بىر قىسىم تىمىلاردىكى «مۇسۇلمانلار»نىڭ زادى قايسى مۇسۇلمانلارنى نەزەردە تۇىتۋاتقانلىقىنى دىمەي تۇرايلى، ئىشقىلىپ بارچە كىشلەرنىڭ نەزرىدىكى مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئىتىقادىنى، ئارزۇ ئارمانلىرنى،تەغدىر پىشانلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇلۇغ ھەقتائاللاغىلا باغلىغان كىشلەر دەپلا چۈشنىمىز،ئەمما بىز تىلغا ئىلىۋاتقان ھەم ھازىر مۇنازىرە قىلماقچى بولغان مەزمۇن نەق مۇشۇ«بارلىق ئارزۇ ئۈمۈدىلىرى،دىننى ئىتىقادى،تەغدىر پىشانىلىرىنى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىگە باغلاپ چۈشنىۋاتقان مۇشۇ مۇسۇلمانلار»نىڭ نىمىشقا ئارقىدا قىلىۋاتقىنى توغۇرسىدا بولغاچقا مەن گەپنى بەكلا شاخلىتىشنى ھەم توغرا تاپمىدىم،توغرا، مۇسۇلمانلار دەل شۇنداق بىر ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى،بارچە بارچە سۈپەتلىرنى تولۇقى بىلەن تۇنۇپ يەتكەن تۇرۇپ،ئارقىدا قالماسلىقى كىرەك ئىدى.چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلەتتى.قۇرئان كەرىمنى ھەدىسلەر بىلەن باغلاپ تەپەككۇر قىلاتتى.دۇنيانىڭ بارلىق ئىشلىرنىڭ ئاللاھقا تولىمۇ ئىنىق ئىكەنلىكىنى چين دىلى بىلەن چۈشەنگەن ھەم ئىشەنگەن تۇرۇپ،ئارقىدا قالماسلىقى كىرەك ئىدى.ئەمما نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قىلىۋاتدۇ؟سىلەر ئۇنى قانداقتۇر سان سىفىرلار بىلەن باغلاپ چۈشنىپسىلەر،ئەجىبا قۇدىرەت كامالى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز بولغانلىقى ياكى كۆپ بولغانلىقى سەۋەپلىك ئۇلارنى ھالاك قىلمايدىغانلىقىنى سىلەر بىلمەمسىلەر؟ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەت سەللىلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام دۈشمەنلەر بىلەن غازاتقا چىققانلىرىدا ئۇلارنىڭ سانى ئاز ئىدى،ئەمما ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ھەم ئۇنىڭ ئۈممەتلىرنى دۈشمەنلەرگە كۆپ كۆرسۈتۈپ،ئۇلارنى ئۆز ئىچىدىن قورقۇنۇچ سىلىپ ھالاك قىلغانلىقى توغۇرسىدا شۇنداق ئىنىق ئايەتلەر بىلەن دەلىلەنگەن ئىكەن،ئەجىبا مۇسۇلمانلار شۇنى بىلمەمدۇ ؟ ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ زامانىسدا ئۇلارغا ئەگەشكەن، ھەق دىننى قۇبۇل قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى كۇفارلاردىن ئاز بولغان،بارلىق پەيغەمبەرنىڭ زامانىسدا بار بولوپ كەلگەن،ئەجىبا مۇسۇلمانلار شۇنى چۈشەنمەمدۇ؟ئاللاھ قاچان ئۇلارنى ھالاك قىلغان؟ھەر بىر ھالاك بولغۇچى قەۋىمنىڭ ھالاكىتىنىڭ ئۆز ئىچىدە ئەۋىج ئىلىۋاتقان،ئاللاھ گۇناھى كەبىرلەر قاتارىغا قويغان گۇناھلىرىنىڭ سەۋەبىدىن ئۇلارنى بىر يولىلا ھالاك قىلغانلىقىنى شۇ مۇسۇلمانلار چۈشەنمەمدۇ؟ ھەممىنى بىلىدۇ،ھەممىنى چۈشنىدۇ،ئەمما ئارقىدا قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى نىمىدىن بولۋاتىدۇ؟ئەمدى شۇ يىرىگە كىلەيلى.ئارقىدا قىلىشنىڭ ھىچقانداق سەۋەبى يوق،ھەممە سەۋەپ،مۇسۇلمانلىرمىز ھەممىنى بىلگەنلىكى،بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە سۇس نەزەردە قارىغانلىقى،ئۆزىدە كىچىككىنە ئىلىمنىڭ پەيدا بولىشى بىلەنلا ئىپلاس شەيتاننىڭ جەننەتتىن قوغلىنىشىغا سەۋەپ بولغان كىبىرنىڭ ئۇلاردا دەرھال پەيدا بولىشى سەۋەبلىك شۇنداق بولىدۇ،بۇ بىرنجى سەۋەپ قىرىنداشلىرىم،ئاللاھتائاللا دەسلەپتىلا ئادەمنى ياراتقاندا ئۇنىڭغا«شەيتان سىلەرنىڭ ئەڭ قەبىھ دۈشمەنلىرڭدىن»دىگەنلىكى ھەر قانداق مەن مۇسۇلمان دىگەن ئادەم بىلىدىغان ھەقىقەت.ئەمما ئادەم ئەلەيھىسالام زامانىدلا دۈشمەن بولوپچ ۈشكەن شۇ شەيتاننى ھازىرقى مۇسۇلمانلىرمىزدىن كىم ئۆزىگە شەيتاننى ھەقىقى دۈشمەن تۇتتى.ھىچكىم....ھىچقايسى مۇسۇلمان بارلىق ئىش ئەمەللىرنى شەيتانغا قارشى تۇرۇشقا يۈزلەندۈرمىدى،كىملەرنىدۇر ئۆزىگە دۈشمەن تۇتتى.ياق...ئەسلى ھەقىقى مۇسۇلماننىڭ دۈشمىنى بولماسلىقى كىرەك،ئۇنىڭ بىردىنبىر دۈشمىنى شەيتان بولىشى كىرەك ئىدى،ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىشى كىرەك ئىدى،ئەمما سىز دەۋاتقان ئارقىدا قىلىۋاتقان«مۇسۇلمانلىرمىز» كىمگە دۈشمەن بولدى،كىمگە جەڭ ئىلان قىلدى؟ئەي قېرىنداشلىرمىز،شەيتاننىڭ ھىيلە مىكىرلىرگە ئادەم ئاتىمىز ھەم جەڭ ئىلان قىلالمىغان تۇرسا بىز قانداق جەڭ ئىلان قىلىمىز دەپ ئويلامسىلەر؟سىلەرنىمە ئۈچۈن مۇنبەردشىمىز ئىمىران مۇنبەرگە يوللىغان «شەيتان بىلەن سۆھبەت»نى ئەستايدىل ئاڭلاپ باقمايسىلەر؟شۇندىلا شەيتاننىڭ ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەركىتىگە تەسىر كۆرسۈتۈش ئارقىلىق بىر قەۋىمنى ھالاك بولغۇچى قەۋىمگە باشلاپ ماڭىدغانلىقى مۇشۇ ئارقىدا قىلىۋاتقان قايسى مۇسۇلمىنىمىز ئويلاپ باقتى؟مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئارقىدا قىلىۋاتقانلىقنىڭ بىرىنجى سەۋەبى.

ئىككىنجى سچۇ ؟ سىز شەيتاننىڭ ھەقىقى دۈشمىنىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىز،سىز شەيتاننىڭ ھەقىقى قورقىدىغان ئادىمىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ھەم ئىنسانلارغا قانداق نەسىھەت قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟سىلەرگە«شەيتاننىڭ مۇسا ئەلەيھىسالامغا قىلغان ئۈچ نەسىھەتى»نى تەۋىسيە قىلىمەن،شۇ سۆزلەرنى ھازىرقى ئارقىدا قىلىۋاتقان شۇ مۇسۇلمانلىرمىزنىڭ ئىش ئەمەللىرى بىلەن باغلاشتۇرۇپ چۈشىنىپ باقسىڭىزلا نىمە قىلىشڭز كىرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولاتتىڭىز،ئەپسۇس ئۇلارنى ئوقۇپ ھىسسى تۇيغۇلىرى بىلەن قاراپ ئەمەس، ھەقىقى ئەقىل كۆزى بىلەن قاراپ،باشقا قېرىنداشلرىمىزغا ھاياجان بىلەن ئەمەس، ئېغىر بېسقلىق بىلەن يەتكۈزۈپ باققان بولسىڭىز سىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشڭىزنى تەپەككۇر قىلىش دائىرىڭىزنى ئوبدان چۈشۈنىپ قالغان بولاتتىڭىز،ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارقىدا قىلىشنىڭ ئىككىنجى سەۋەبىنى شۇ يۇقىردىكىلەرنى تولوق چۈشنۈپ تۇرغان مۇسۇلمان قىرىندىشىمىزنىڭ ئىش ئەمەللىرنى مۇھىمى بارلىق ۋۇجۇدىنى ئىسلامغا قانچىلىك قاراتتى،ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىگە قارىتا قانداق پوزىتسىيەدە بولدى دېگەنگە جاۋاپ تاپقان بولساڭلارلا،يەنە«بىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن گۇناھ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھدىن ئېغىر بولىدۇ»دىگەن ئاددى دىھقانلارمۇ،مەن تەقۋادار مۇسۇلمان ئەمەس دەيدىغان كىشلەرمۇ بىلىدىغان ھەقىقەتكە باغلاشتۇرۇپ چۈشنىپ باقساق،مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشنىڭ ھەممىسنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمىز ئىچىمىزدە بىلىپ تۇرغان ئىلىمىمىزگە سەل قارىغانلىقىمزدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتىمىز.ئەمدى بۇ جەھەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن كىشلرىمىز كۆپقۇ،شۇلارنىڭمۇ تۇرمۇشى قانچىلىك بۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ دىگەن سوئال چىقىشى مۈمكىن.بۇنىڭغا ئۈچىنجى سەۋەپ بىلەن جاۋاپ بىرىپ باقاي.
3-سەۋەپ بولسا شۇلارنىڭ ھەممىسنى چۈشەندى شەيتاننى ئۆزىگە دۈشمەن كۆردى،كىبىردىن يىراق تۇردىمۇ دەيلى بوپتۇ، بارلىق ئىللەتكەردى ئۆزىنى نېرى تۇتتى،مۇسۇلمانلارغا بىلگنىچە يەتكۈزدى،ئاللاھنىڭ ئۆزى بىلگەنلىكى ھۆكۈمىگە ئۇيغۇن يول تۇتۇپ كەلدى مۇ دەيلى كامىل مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلدى دەيلى،ئۇنداقتا ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىغان پەرىزلىرنى قانداق ئادا قىلىپ كەلدى.«سۈرە ئىخلاسنى ئۈچ قىتىم،سۈرە كافىروننى بىرلا قىتىم ئوقىسا بىر قۇرئاننى ئادا قىلغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ»دىگەننىڭ مۇھملىقىنى قانداق چۈشەندىڭلار قىرىندشىم،ئۇنىڭ مەنچە مەنىسى بولسا ئاللاھتائاللانىڭ بارلىق پەرىزلىرىگە ئىخلاس بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ تولىمۇ مۇھملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دېيىلگەن دەپ چۈشەندىم،بىلمىدىم باشقا قانداق مەناسى بار،ئۇ توغۇرلۇق ئارتۇق سۆزلەشنى راۋا كۆرمىدىم.ئىشقىلىپ ئۆز چۈشەنچەمنى شۇنداق بايان قىلدىم.ئەمدىكى گەپ شۇ سالىھ بەندە ئاللاھنىڭ پەرىزلىرىنى قانچىلىك ئىخلاس بىلەن ئادا قىلدى؟نامىزىدا نىمىنى تىلىدى،شۇ تىلىگەن دۇئالىرى ھەقىقى سالىھ ئىنسانغا لايىقمۇ،ئاللاھ تەرپئىدىن قىلغان ئىبادىتى قانىچلىك قۇبۇل بولدى،شۇلارنى پۈتۈن يولى بىلەن توپتوغرا ئادا قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمان قىرىنداشلىرمىز مانا ھەقىقى ئاللاھ خالىغان بەندىسى بولالايدۇ،دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ،شەيتان مۇسا ئەلەيھىسالامغا ئېيتقىنىدەك«ئەي مۇسا،مەن بۇ ھاساڭدىن قورقمايمەن،مەن ساپ دىل ئىنساندىن قورقىمەن،1000 كىشىنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ساپ دىل ئىنسان بولمىسا ئوننى ھەر قەدەمدە ئازدۇرمەن،100كىشنىڭ ئىچىدە بىر ساپ دىل ئىنسان بولسا مەن ئۇنىڭغا يىقىن بارالمايمەن.چۈنكى ساپ دىل ئىنساننىڭ بارلىق دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ،ئۇنداق قەۋىمنى ھەم ئاللاھ ھالاك قىلمايدۇ»دىگەن ئىكەن،ساپ دىل بولوش تەسمۇ؟مۇسۇلمانلار ساپ دىل بولغان بولسا تەپرىقچىلىك بولارمىدى؟ مۇسۇلمانلار ساپ دىل بولسا غەيۋەت شىكايەت،ھەسەتخورلۇق بولامىدى؟ئاللاھ بەندىلىرنى ئەڭ ئالى مەرھەمىتى بىلەن نىمە مەقسەتتە ياراتقان ئىدى؟بىز قايسى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاپ قايتۇرۋاتىمىز؟

جېنىم قېرىنداشلىرىم،مەن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تەغدىرى توغۇرسىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭلارنى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىش ئەمەللىرىدىن،ۋۇجۇدىدىن،ۋۇجۇدىدىكى ئىللەتلەردىن،كۆزىمىزگە كىچىك كۆرنىۋاتقان گۇناھى كەبىرلەردىن ئىزدەڭلار دەپ كەلدىم،بىر نەچچە ئىنكاسىمدا شۇ توغۇرلۇق ئىيتىپ باقتىم،لىكىن سىلەرنىڭ تەپەككۇرلىرىڭلار نىمىنى ئويلاۋاتىدۇ،ئۆزەڭلارنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدىن ئۈمۈتسىزلىنىۋاتقان پىسخىكاڭلارنىڭ يىزۋاتقان تىمىلىرڭلاردىن چىقىپ تۇرۋاتقانلىقىنى ئىتىراپ قىلغىڭلار بارمۇ؟
[ مەدىنەتەرىپىدىن2011-08-20 12:49قايتا تەھرىرلەندى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+30(ئۈمىديار)
  • urtak itikat  urtak  nixan ???tirixayli
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 621
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 10
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 10 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 10
    توردا: 2(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-29
    ئاخىرقى: 2012-03-02
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-18 22:05

    قۇلىڭىزغا  دەرىت  كەلمىسۇن  ،قىرىندىشىم !  شۇنى  چۇشىنىۋىلىڭ  بىز  بىرىنچىدىن  ئنسان 
     ئككىنجىدىن  مۇسۇلمان.
    [ ئۈمىديارتەرىپىدىن2011-08-19 19:29قايتا تەھرىرلەندى ]