بېكىتىمىز 3+1 پىلانى، يەنى ئۈچ كىشى ھەمكارلىشىپ بىر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بېرى بۇ پىلاندىن خەۋەر تاپقان كەڭ تور ئەھلى ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشتۇق، بۇ چاقىرىقنىڭ تۈرتكىسىدە ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۆز رايۇنىدىن نامرات ئوقۇغۇچىلارنى تېپىپ، بىر قانچە كىشى ھەمكارلىشىپ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگىچە بولغان تۇرمۇش پۇلىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. بېكىتىمىزمۇ بېكەت ئەزالىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى مېھرىبان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن 5 نەپەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىپ ئوقۇتۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، بىكەت باشلىقلىرىمىز ئۆزى شەخسەن ئائىلىسىگىچە بېرىپ، تەكشۇرۇش ئېلىپ بارغان، ھەقىقى ياردەمگە مۇھتاج قېرىنداشلار، ھەم تىرىشچان، ئەخلاقلىق ، ۋاپادار ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى بولۇپ ، بۇ يىللىق نەتىجىسىمۇ كۆرىنەرلىك ياخشى بولدى.
(ئاللەھ ئۇ مىھرىبان ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى زىيادە قىلغاي ، شۇ مىسكىن سەبىلەرنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، ياردەم قىلغۇچى ساخەۋەتچىلەرنىڭ ئىشلىرى روناق تاپقاي، ئاللاي ئۇلارغا كۆپلەپ ساۋاب ئاتا قىلغاي ئامىن! )
بۇ يىل روزا ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ساۋاب يولىنى ئىزدەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى قوزغىتىپ، كەڭ جامائەتچىلىكنى تەشكىللەپ، ئىقتىسادنىڭ ئورنىنى قىلىپ، يەنە 3 نەپەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى بۇ ياردەم سېىپىگە قوشماقچى . كۆنكىرىت تەلىۋى تۆۋەندىكىچە :
.1 بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىمىز ، بۇرۇن ئالى مەكتەپكە ئوقۇۋاتقان ، ئالاھىدە قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ئالاھىدە ئەھۋالدىكى ئوقۇغۇچىلار بولسىمۇ بولىدۇ . يېشى، جىنسى، يۈرتى چەكلەنمەيدۇ.
. 2چوقۇم ئەخلاقلىق ، دىيانەتلىك، ئات _ ئانىسىغا ۋاپادار، يۈرتىنى ، خەلقىنى ، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان، ئىرادىلىك ، تىرىشچان، جاپا مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان،ئوقۇش ئىرادىسى بار ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇش ئىرادىسى بار ئوقۇغۇچىلار بولىشى كېرەك . ( مەكتەپ ، مەھەللە ، ۋە مۇئەللىملىرىدىن ئاشكارە ۋە مەخپى سۇرۇشتۈرىلىدۈ)
.3 ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ، بىر قەدەر نۇقتىلىق ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ، ۋە بۇندىن كىيىن ياخشى ئوقۇپ كېتىشىگە ئىشەنچى قىلالايدىغان ئوقۇغۇچىلار بولىشى كېرەك . ( ئوتتۇرا مەكتەپ نەتىجىسى، ئالى مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە مەكتەپكە بارغاندىن كېيىنكى ئوقۇش نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ ، مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلارنىڭ تەمىناتى توختىتىلىدۈ )
.4 ھەقىقى مۇھتاج ، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بار ئوقۇغۇچىلار بولىشى كېرەك. ئاتا - ئانىسى يوق يېتىملار ئالدىن قوبوللىنىدۇ. ( ئەمەلى تۇرمۇش ئەھۋالى تۇرۇشلۇق ئورنىغا بېرىپ تەكشۈرۈلىدۇ)
.5 يۇقارقى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان خىراجەت. 3+ 1 پىلانى بويىچە ، ھەر ئايدا 300 يۈەن ئەتراپىدا تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتىلىدۇ، بۇ خىراجەت، ئەتراپىمىزدىكى ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەرگەن خالىس ياردىمى ۋە زاكات پۈللىرىدىن توپلانغان پۇلدۇر ، بۇنىڭغا رازى بولغانلار ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
.6 مەكتەپنىڭ يىللىق ئوقۇش پۈلىنى ئوقۇغۇچى ئاتا - ئانىسى ياكى ئوقۇغۇچى ئۆزى بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلەش، مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك.
.7 ئىلتىماس قىلغۇچىلار بىزگە سالاھىيەت كىنىشكىسىنىڭ رەسىمگە تارتىلغان ، ياكى سىكاندىرلانغان ( سامىياۋ قىلىنغان ) نۇسخىسىنى ، كوپىيە نۇسخىسىنى ، نوپوسىنىڭ بارلىق بەتلىرىنىڭ كوپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ، ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ھەر قايسى پەن نەتىجىسى، ئوقۇش ئەھۋالى ، ئىقتىسادى ئەھۋالى تۇنۇشتۇرۇش ئىسپاتى ، سىنىپ تەربىيىچىسى ۋە مەكتەپنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىفونى ، تۇرۇشلۇق ئاھالە كومېتىتنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ئالاقىلىشىش تېلىفونى ، ئالى مەكتەپكە ئۆتكەنلىك چاقىرىق قەغەز كوپىيە نۇسخىسى قاتارلىقلارنى تەمىنلىشى كېرەك .
بىزنىڭ 3 كىشى بىرلىشىپ بىر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتۇش پىلانىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ تېمىدىن كۆرۈڭ .
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=1363 ئوقۇش ياردەم فوندىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ۋە بىزنىڭ بۇ ساخاۋەت پىلانىمىزغا قاتنىشىپ ئۆز قەۋمىڭىز ئۈچۈن ئازراق تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلار ، ياكى ئۆز مال دۇنياسىنىڭ زاكىتىنى بۇ ساۋابلىق ئىش ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى خالايدىغانلار پەقىر ئەلقۇت بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۈ .
ئالاقىىشىش تېلفونۇم : 13579737972 ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرمۇرۇم : 448102348 ۋە 847720743 ئالاقىلىشىش skyp نامىم elqutghulja
ئاللاھ ھەممىزگە ئۆز رەھمىتىنى ياغدۇرغاي، ئاللاھ ھەممىزنى ئەجرىنى زىيادە قىلىپ دۇئالىرىمىز ئىجابەت بولغاي ئامىن !
www.elqut.cn[ چۆل~ئوغلىتەرىپىدىن2011-08-18 19:50قايتا تەھرىرلەند ]