ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 370 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھىدايەتنامە
ئىمران
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 190

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ياراملىق ?????????330????
ئۆسۈش: 55%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 330
  تۆھپىسى: 38
  پۇلى: 1042 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 85
  ياخشى باھا: 412
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 100سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-13
  كىرىشى: 2011-09-12
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-18 19:40

ھىدايەتنامە

رەسىم:
ھىدايەتنامە ‹‹ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر››
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنە يەنە جانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيتتى ئىزھارغا ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.
كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.

سۆزۈمنىڭ باشى بىسىمىللاھ بۇ مۆمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانا يۇ ھەمدلەر ئېيتسام تۈمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ،
قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ،ئەقىدەمدۇر،
بۇ دەۋايىمغا بۇرھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر..
تىلەيمەن رەببىم ئاللادىن قولۇمغا كۈچ ۋە قۇۋۋەتنى ،

تەئەججۈپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلار بۇقەسىدەمدىن.
ئەجەبلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن.
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن،
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۆڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن.
ئىلاھا ئەيلىگىن مەڭگۈ ،ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆمىندىن ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل.
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بولۇپ ئېرتىش ۋە ياكى نىل .
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مېنىڭدەك كۆپ نادامەتنى

سەھەردە ھەمدلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە،
نېمىشقا بولمىسۇن بىر ھېس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە.
ۋەھالەنكى ئادا بولماي ھېسابسىز قەرز بۇ زىممەمدە،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە ،
ئۆمۈرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى ،
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى .
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىتىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى ،
ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى .
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنىسىدىن قەترە رەھمەتنى .

سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە .
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىينەمدە ،
ئۈمىدىم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پېشانەمدە.
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە .
نېسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى .

خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق،
كېچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق.
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق ،
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۈمىدىمگە يەنە جىقراق .
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى.

پىكىر دەرياسىگە قانچە تىرەن چۆمگەنسېرى ھەر تۈن ،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ،تارقىدى ئەپسۇن .
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن ،
ۋە لېكىن جان كىتابىگە قوشۇلدى تۈمەن مىڭ مەزمۇن .
يېقىن كەلتۈرمە ئى رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى .

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە .
ئەمەستۇر خالى ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە.
ئادەمزات يۈكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە،
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە .
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ - ھېكمەتنى.

بىلىپ يەتكەنسېرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ،
كۆڭۈل روشەنلىشىپ ئاندىن تونار ئۆز زاتىنى خوپراق .
مىسال:قارىغۇ نېچۈك بىلسۇن ،قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق،
بىلۇر ئەمما گۆدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل نېچۈك ياپراق .
دېمەككى مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى -پاراسەتنى.

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش ،
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش .
بىراۋلار قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش.
ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى .

مىسال: بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپ باق ،
ئانا قارنىدا بۇ جايغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق .
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق ،
بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپ باق .
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن ،
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن .
بۇڭا ئەۋلادى ئادەمزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە تەلقىن ،
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نېچۈك مۇمكىن .
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى .

نېمىشقا ئاياغ ئىككى،كۆز ئىككى ،ئېغىز بىردۇر،
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر .
نېمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر ،
قېنى ئېيتىڭچۇ؟بۇ سىرغا نېچۈك سۆز توغرا تەبىر دۇر .
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن ،
تۇغۇلماق سوڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن .
لېكىن نەدە، قاچان،قانداق ئۈلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن ،
ئېچىلماس سىر بولۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى -دەۋراندىن .
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى .

ئۆلۈمگە بىر دەۋا ئىزدەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا،
ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنە .
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا ،
دېيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا.
دېمەك مۆمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.

قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزلار ساما سەيىر ئېتىپ ھەر كۈن ،
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئېتەر ھەر كۈن .
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەب بىر مۇنتىزىم قانۇن ،
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئاشۇ خىلدا تولا مەزمۇن .
يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى .

ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر ،
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەب بىر خىلدا ھاياتتۇر.
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبرەتتۇر،
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر ،زۇمرەتلەر -زۇمرەتتۇر.
تەپەككۇر تاشقىنى يۇتسۇن كۆرەڭ باتىل -جاھالەتنى .

مىسال :پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھېكمەت دۇكىنىنى،
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى .
يەنە ھەم ئاشقۇسى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋىنىنى ،
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىتى .
ياسالماس ھەر نېچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى .

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان ،
توخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان .
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققىي قىلسىمۇ دەۋران ،
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان .
دېمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى .

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا ،
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دېھقان ھوسۇل تولمايدۇ خامانغا .
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بولۇپ قالسىدى ئىنسانغا ،
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا
دېمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى .

ھاياتلىق سىرلىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر ،
بىلىپ يەتكىنىمىز تامچە ،ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر .
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھېكمەتلەر ئەھيادۇر،
كى تۇپراق بولمىدى كىمىيا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر .
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبرەتنى.

مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان .
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى " سۈرە رەھمان."
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە " ما تۇكەززىبان."
قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قوبۇل ئەيلەر بۇ نىمەتنى.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
نېمىكى دېسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نېچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر ،
ئۇنىڭ تەرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىب ،شائىر .
نېسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى .

ئۆتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەنەن بولمىغاي تەغيىر .
بىراۋلار قەست بىلەن قۇرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر ،
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرپ،بىرەر ساكىن ياكى زىر.
چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە – كارامەتنى

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات ،
ئوقۇپ بىر كۈن " ئىقرە بىسمى رەببىكەللەزى "نى ھايھات .
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات ،
نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات .
نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى .

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەب بىر ئەسرى ھېكمەتتۇر،
مۇبارەك تەرجىمىھالى تامامىي پەزلى -خىسلەتتۇر.
رەقىبلەر ئېتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر ،
بۇ زاتنىڭ ئىسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەدتۇر .
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسىرى سائادەتنى.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىڭ ھالىنى ئەسلەڭ،
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ .
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ ،
مىسال :بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ .
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى .

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دېيىشتى بىر زامان ھۆكمەن،
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان .
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان ،
نېمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنچى بىر قۇرئان .
نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى .

بىراۋلار قىلدىلەر دەۋا، نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا،
تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا.
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر،ۋە ھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا.
جاھاندىن كەتتىلەر لېكىن، بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا.
تاپالماس چۈنكى باتىللىق،ھەقىقىي شانۇ-شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇق مۆجىزە ئەلۋەتتە،
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە.
ئەقىل ساھىبلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق، قانائەتتە،
ئەگەرچە ياق دېسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە.
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئادىل ، مەردانە پىكرەتنى.

خاتىمە.

بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
نامايەندۇر قۇياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا.
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەنە،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا.
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.

ئەقىدەم ھەققە باغلانغان، بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،
شۈكرىكىم،ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە،ئېتىقادىم بار.
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار،
دېمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق،قىلىشقا نېمە ھەددىم بار.
پىسەنت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەنە -مالامەتنى.

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان.
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.


-سىز كۆرۋاتقان تىما ھىدايەتنامە,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
كۆزۇڭنى ئاچ
ئەلتېكىن
ئىمزا ئىچىمنى ئاچچىق قىلدى...
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 49

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ياخشى ?????????296????
ئۆسۈش: 98.67%
  نادىر تىما: 1

  يوللانما: 296
  تۆھپىسى: 41
  پۇلى: 379 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 75
  ياخشى باھا: 374
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 97سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-25
  كىرىشى: 2011-09-12
1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-18 21:18

قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 5

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:دوستانە ?????????402????
ئۆسۈش: 67%
  نادىر تىما: 2

  يوللانما: 402
  تۆھپىسى: 73
  پۇلى: 558 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 102
  ياخشى باھا: 539
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 201سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-17
  كىرىشى: 2011-09-12
2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-19 00:59

ھىدايەتنامە____ بىر سۈزۈك بۇلاق ھەركىشى ئىچىپ قانمايدىغان.

مەنمەنچىگە نەسىھەت قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى نەسىھەتكە مۇھتاج.
ئىمران
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 190

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ياراملىق ?????????330????
ئۆسۈش: 55%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 330
  تۆھپىسى: 38
  پۇلى: 1042 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 85
  ياخشى باھا: 412
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 100سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-13
  كىرىشى: 2011-09-12
3- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 16:21

مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. كۆپچىلىكنىمۇ چوقۇم ياقتۇرىدۇ دەپ يوللىدىم.

كۆزۇڭنى ئاچ