ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 455 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: QQ سىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 539

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????82????
ئۆسۈش: 82%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 82
  تۆھپىسى: 41
  پۇلى: 164 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 82
  ياخشى باھا: 164
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 41سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-05-18
  كىرىشى: 2011-09-12
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-19 11:31

QQ سىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن

      تېنىچ ئوكيان تورىدىن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ تېخنىكا كۈچىنىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم. تېڭشۈن شىركىتى ئىشلىگەن QQ يۇمشاق دېتالىنى قاچىلىغاندىن كىيىن، ئۇ سىزنىڭ كومىپيۇتېردا قىلىۋاتقان ھەر بىر ھەرىكىتىڭىزنى ۋە پۈتكۈل كومىپيۇتېرىڭىزدا ساقلانغان ماتېرىياللارنى نازارەت قىلالايدىكەن.

     تورداشلار بۇنىڭ چىنلىغىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

     بىرىنچىدىن، 3.15 تېلىۋېزىيە پروگراممىسىدا، تېڭشۈن شىركىتى بەزى تورداشلارنىڭ تورخانىدا QQ غا چىقىپ پاراڭلىشىۋاتقاندا، ج خ ساقچىلىرىنىڭ كېلىپ تۇتۇپ كەتكەنلىگىنى ئاشكارىلىغان. تېڭشۈن شىركىتى ئەزالارنىڭ پۈتكۈل ھەرىكىتىنى نازەت قىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، تورخانىدا QQ ئىشلەتكەن ئەزالارنىڭ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ياكى قانۇنسىز قىلمىشىنى بايقاپلا قالسا، ئۇنى ج خ ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىغىنى ئاشكارىلىغان.

     ئىككىنچىدىن، بىر كۈنى شۈ خېنىم باشقا ۋاقىتلىرىغا ئوخشاش كومپىيۇتېرىنى ئېچىپ تورغا چىقىپ ئولتۇرۇپ QQ سىنى ئاچماقچى بولغان، نۇمۇر ۋە شىفىرىنى كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، تۇيۇقسىز بىر دىئالوگ رامكىسى ئېچىلغان. ئۈستىدە ئەسكەرتىش يېزىلغان بولۇپ، ئىشلىتىش چەكلەندى دىگەن خەت بار ئىكەن. شۈ خېنىم بىر قانچە قېتىم سىنىغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا ئەھۋالغا يولۇققان. كېيىن شۈ خېنىم ئېلخەت ئارقىلىق تېڭشۈن تورىدىن سۈرۈشتۈرگەن، لېكىن ھېچقانداق جاۋاپ خەت كەلمىگەن. بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۇ ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون قىلىپ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ باش شىتابىدىن سۈرۈشتۈرگەن. تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇلازىمى بىردەم ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپ، شۈ خېنىمنىڭ نۇمۇرىنىڭ توختاپ قېلىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن. مۇلازىمەتچنىڭ ئېيتىشىچە شۈ خېنىم ھۆكۈمەتكە قارشى ئەكسىيەتچىل ھالقىلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەت چۈشۈرگەنلىگى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نۇمۇرى توختىتىۋېتىلگەن.گىراف

        بۇ ئىشنىڭ راستلىغىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن، بىر مۇخبىر شۈ خېنىمنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن تېڭشۈن شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ بۇ نۇمۇرنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرگەن، تېڭشۈن شىركىتىدىكى مۇلازىمەتچى خادىم تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كىيىن، بۇ نۇمۇرنىڭ قايسى ئاينىڭ قايسى كۈنى قانداق مەزمۇندىكى ھۆججەت چۈشۈرگەنلىگى قاتارلىقلارنى ئېيتىپ بەرگەندىن كىيىن، بۇ نۇمۇرنىڭ ئەمدى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيىتىپ تېلېفوننى قويىۋەتكەن. شۈ خېنىم تېڭشۈن شىركىتى خادىمىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ بىرسى ئەۋەتكەن بىر ھۆججەتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىغىنى، لېكىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تېخى ئېچىپ كۆرمىگەنلىگىنى، ئىچىدە زادى نېمە مەزمۇن بارلىقىغىنى بىلمەيدىغانلىقىغىنى ئېسىگە ئالغان. ئۇ مەن ھۆججەتنى چۈشۈرگىنىم بېلەن تېخى ئىچىنى ئېچىپ كۆرمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى باشقىلارغا تارقاتمىغان تۇرسام، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ QQ رىم چەكلىنىدۇ دەپ ئەجەپلەنگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەشغۇلات جەريانىنى ئەسلەپ، بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈشتە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ TE تور كۆرگۈسىنى ئىشلەتمىگەنلىگىنى، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ قانداق قىلىپ بۇنى بىلىپ قالغانلىغىغا ئەجەپلەنگەنلىگىنى ئېيىتقان. UyghurWeb.com

        شۈ خېنىم ئەجەپلىنىپ، ئەجىبا مەن QQ قاچىلىغاچقا تېڭشۈن شىركىتى مېنىڭ كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىمنىڭ ھەممىسىنى نازارەت قىلالامدىغاندۇ؟ ئۇلار قانداق قىلىپ كومپىيۇتېرىمدىكى ئۇچۇرلارنى تېڭشۈننىڭ مۇلازىمېتىرىغا يوللىغاندۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولسا مېنىڭ يەنە نېمە مەخپىيىتىم قالدى؟ دەپ ئويلىغان.

       كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ قارىشىچە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ بۇ نازارەت قىلىش قىلمىشى ئابونىتلار مەخپىيەتلىگىگە قاتتىق دەخلى- تەرۈز قىلىپلا قالماستىن، يەنە شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر شەخىسلەر ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى كومپىيۇتېرىغا QQ يۇمشاق دېتالىنى قاچىلىسىلا، كومىپيۇتېرىدىكى پۈتكۈل مەخپىيەتلىكلەر تېڭشۈن شىركىتىنىڭ نازارىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن.

       بىر يۇمشاق دېتال بېخەتەرلىگى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تەتقىقات نەتىجىسى بار بولغان كەسىپ ئېگىسى مۇخبىرغا، ئەگەر Iris سانلىق مەلۇمات تۇتۇش يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاپ تەكشۈرسەك، QQ نىڭ مۇلازىمېتىرغا ئېنىقسىز سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سانلىق مەلۇماتلار مۇرەككەپ شىفىرلاش ئارقىلىق ئاندىن مۇلازىمېتىرغا يوللىنىدۇ دەپ QQ نىڭ مۇلازىمېتىرغا ئابونتلار كومپىيۇتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى يوللايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

       «پەن-تېخنىكا ۋاقىت گېزىتى» دە بىر ماقالە بېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تېڭشۈن شىركىتىنىڭ تور كۆرگۈسىنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭدا كىم مەن بىلەن بىرگە (谁与我同在) دەيدىغان بىر ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ھەر قانداق بىر ئىشلەتكۈچى تېڭشۈن تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىر زىيارەتچىنىڭ قايسى بەتنى كۆرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئەزا ماتېرىيالىنى تەكشۈرەلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئېرىشىلگەن ئەزا ئۇچۇرلىرىنى سودا ساھەسىدە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ دەپ يېزىلغان.

        تىڭشۈن شىركىتى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى بىردىن- بىر پۈتۈن كۈن تورداشلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى نازارەت قىلىپ تۇرالايدىغان پاراڭلىشىش يۇمشاق دېتالى ئىكەن. تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ج خ ئورۇنلىرى بىلەن ماسلىشىش ئۈچۈن مۇشۇنداق تەدبىر قوللانغان ئىكەن. لېكىن تورداشلارنىڭ قارىشىچە بۇ بىر ئېغىر بولغان كىشىلىك ھوقوققا دەخلى- تەرۈز قىلىش قىلمىشى ئىكەن. تورداشلارنىڭ قارىشىچە، كىممۇ ئۆزىنىڭ توردىشى بىلەن خۇسۇسىي پاراڭلىرىنى قىلىشىۋاتقاندا، باشقا بىرسىنىڭ پۈتكۈل پاراڭ جەريانىنى نازارەت قىلىپ تۇرالىشىغا چىداپ تۇرالايدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە QQ قاچىلانغان كومىپيۇتېردىكى پۈتكۈل ئەزا ئۇچۇرلىرى تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇلازىمېتىرىغا يوللانسا، كىممۇ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ يامان غەرەزدە پايدىلىنىلمايدۇ دىيەلەيدۇ؟ ھەممە ئادەم پۈتۈن كۈن قانۇنغا خىلا ئىش قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ تېڭشۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغانلارنى نازارەت قىلىمىز دەپ قويۇپ، ھەممە كىشىنى تەڭلا نازارەت قىلسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ قارايدىكەن.

       تېڭشۈن شىركىتى يېقىندىن بۇيان تور يۈزىدە مودا بولىۋاتقان ھەر قانداق بىر تور ئويۇنىنىڭ ئوخشاش نەشىرى (ئوغۇرلۇقچە نەشىرى) نى ئىشلەپ چىقىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا شىركەتلەر ياكى ئويۇن ياسىغۇچىلار ھەقسىز تارقاتقان ئويۇنلارنى بۇلار ھەقلىق تارقىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە QQ نۇمۇرلىرىنىڭ پات- پات ئوغۇرلىنىشى، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ سەۋەپسىزلا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ QQ نۇمۇرلىرىنى يىغىۋېلىشى،
       ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ QQ قاچىلانغانلىكى كومپىيۇتېرلارنىڭ تېڭشۈن شىركىتى تەرىپىدىن رۇخسەتسىزلا نازارەت قىلىنىشى قاتارلىقلار، كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ QQ نى ياقتۇرۇش ئىشلىتىشىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. تېڭشۈن شىركىتى بارلىققا كەلگەن 10 يىل ئىچىدە نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردى ھەمدە تەرەققىي قىلىپ بۇرۇنقى نەچچە MB لىق يۇمشاق دېتالدىن، ھازىرقى 8.5GB دىنمۇ چوڭ بولغان بىر غايەت زور يۇمشاق دېتالغا ئايلاندى. لېكىن بۇنىڭ كۆپچىلىگى ئوغۇرلاپ ياسالغان ئويۇنلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

       يۇقارقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن تورداشلار يەنىلا MSN نى ئىشلىتىش مۇۋاپىق، MSN ھەقسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابونىتلار بېخەتەرلىگىگە ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلىدۇ دەپ قارىماقتا.

مەنبە :http://www.kayinat.com/bbs/

-سىز كۆرۋاتقان تىما QQ سىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 5

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:دوستانە ?????????407????
ئۆسۈش: 67.83%
  نادىر تىما: 2

  يوللانما: 407
  تۆھپىسى: 73
  پۇلى: 563 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 102
  ياخشى باھا: 544
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 202سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-17
  كىرىشى: 2011-09-13
1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-19 12:01

ئۆتكەندە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ 360 بىلەن بولغان جەڭدە بۇ سىرى ئاشكارلىنىپ كەتمىدىمۇ. بۇ قىلمىش، تىمدا ئېتىلغاندەك 'تېڭشۈن شىركىتىنىڭ تېخنىكا كۈچىنىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى ' بىلدۇرمەيدۇ، ئەكسچە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ .

مەنمەنچىگە نەسىھەت قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى نەسىھەتكە مۇھتاج.
يىڭىسار
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 103

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????14????
ئۆسۈش: 14%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 14
  تۆھپىسى: 4
  پۇلى: 42 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 10
  ياخشى باھا: 22
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 17سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-04
  كىرىشى: 2011-09-11
2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-19 13:43

مەن بەك ئۇچ  مۇشۇ QQ غا

يالقۇن
بوزقىر،مۇخبىرى
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 858

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????40????
ئۆسۈش: 40%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 40
  تۆھپىسى: 36
  پۇلى: 112 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 72
  ياخشى باھا: 112
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 7سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-08-11
  كىرىشى: 2011-09-13
3- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-19 16:26

  1. نېمە،دىگەن،نۇمۇسسىزلىق،بۇ،بۇنداق،بولىدىغان،بولسا,QQ،ئىشلەتمىسە،بولغىدەك

ئىمران
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 190

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ياراملىق ?????????332????
ئۆسۈش: 55.33%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 332
  تۆھپىسى: 38
  پۇلى: 1044 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 85
  ياخشى باھا: 414
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 100سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-13
  كىرىشى: 2011-09-13
4- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 15:32

قىززىق،نۇمۇسسىزلىق دەيسىز-يۇ، يەنە QQئىلتىماس قىلىش كۆزنىكىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويۇپسىز.

كۆزۇڭنى ئاچ