ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋىرى، بىر نەپەر برازىلىيەلىك ئەر ئۆلۈپ كەتكەن دوستىنى يات ئېتىش ئۈچۈن، ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى جەسەت ساندۇقىغا كىرىپ تۈنەپ چىقىدىكەن، ئۇنىڭ بۇ ئادىتى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان بولۇپ، 23 يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 61 ياشقا كىرگەن بىرازىلىيەلىك ئەر زېلى روسسى برازىلىيەنىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمىدا تۇرىدىكەن. روسسىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ بۇ «ئالاھىدە ئادىتى» ئۆزىنىڭ 14 ياشلىق نەۋرىسى تەرىپىدىن ماقالە قىلىپ يېزىلغان، ئاندىن مەكتەپ گېزىتىگە بېسىلىپ، بارا-بارا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
- روسسى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۆزى بىلەن دوستى ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى. خېلى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، ئۇ دوستى بىلەن ئۆز-ئارا ۋەدە بېرىشىپ، كىم ئاۋال ئۆلۈپ كەتسە، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن جەسەت ساندۇقى سېتىۋالماقچى بولغان. روسسى 1983-يىلى ئېغىر قاتناش ھادىسىسىگە يولۇققان، ئۇنىڭ دوستى ئۇنى ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ ئۈچۈن جەسەت ساندۇقى سېتىۋالغان، ئەمما كېيىن روسسىنىڭ سالامەتلىكى بارغانسىرى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان. روسسىنىڭ دوستى 1988-يىلى باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن، روسسى جەسەت ساندۇقىدا تۈنەش ئارقىلىق دوستىنى ياد ئېتىدىغان بۇ ئىشنى باشلىغان. ئوخشاشلا، ئۇمۇ دوستىغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە، ئۇنىڭ ئۈچۈن يېڭىدىن جەسەت ساندۇقى سېتىۋالغان.مەنبەسى،نۇر،تورىhttp://www.nur.cn/html/news/28113.shtml