ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 691 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق قانداق ئىدارە قىلىش كېرەك
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 539

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????82????
ئۆسۈش: 82%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 82
  تۆھپىسى: 41
  پۇلى: 164 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 82
  ياخشى باھا: 164
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 41سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-05-18
  كىرىشى: 2011-09-12
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 09:35

شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق قانداق ئىدارە قىلىش كېرەك





شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق قانداق ئىدارە قىلىش كېرەك

خې ۋېيفاڭ
ئاپتور بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قانۇن ئىلمىي پروفېسسورى


ئىككى يىل بۇرۇن، يەنى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 4-، 5-كۈنلىرى شىخەنزە ئۇنۋېرستېتىدا يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان "غەربىي يۇرت قانۇن مۇھاكىمە مۇنبىرى" ئېلىپ بېرىلدى. لوڭ زوڭجى، جاڭ چيەنفەن،
يىن تيەن ۋە تاۋ جىڭجوۋ قاتارلىق ئاتاقلىق قانۇن ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە تەڭرىتاغ
ئېتىكىدىكى بۇ بىڭتۈەن شەھىرىگە يىغىلىپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى مۇھاكىمە
قىلىشتۇق. يىغىندا، ئاساسىي قانۇن ئىلمى مۇتەخەسسىسى جاڭ چيەنفەن پروفېسسورنىڭ ئاساسىي قانۇن
نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ پايدا-زىيىنى ھەققىدە قىلغان تەھلىلى
يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىگە سەۋەب بولدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سانجى ۋىلايىتىنىڭ ماناس ناھىيىسىدىكى دوستلار بىزنى زىياپەتكە
تەكلىپ قىلىدى. كۆپچىلىك بىر ئاپەتنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقىنىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدۇق. زىياپەت
داۋاملىشىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ساھىبخان تەرەپتىن بىر نەچچە مەسئۇل رەھبەرنىڭ تېلىفونى كېلىشىۋالغاندەك
بىرلا ۋاقىتتا جىرىڭلىدى. ئۇلار تېلىفوننى ئېلىپلا چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى ۋە ئۈرۈمچىدە ئىش چىققانلىقىنى،
دەرھال مېڭىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشىپ يولغا چىقىشتى.

بولغان ۋەقەلەردىن بىز ئىككىنچى كۈنى خەۋەر تاپتۇق. ئالدىنقى كۈنى كېچىسى ئۈرۈمچىدە ئېغىر
توپىلاڭ بولغانىكەن! بۇ، 1949-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر مىللىي ماجىرا ئىدى. ئۇ كۈنلەردە مەن
يەرلىك خىزمەتداشلار بىلەن ئالاقىدە مەن بۇ ۋەقەنىڭ ئۇلارغا ئېغىر تەسىر قىلغانلىقنى ھېس قىلدىم:
بۇرۇن ياخشى تونۇشىدىغان خىزمەتداشلار مەندىن كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچاتتى. بەزى خەنزۇ يولداشلار
ئىچكىرى ئۆلكە شەھەرلىرىدىن ئۆي سېتىۋېلىش قارارىغا كەلگەنىدى. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگ
ە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپىيىپ كەتكەن ئىدى. شىخەنزىدەك خەنزۇلار مۇتلەق
كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بىر شەھەردە ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەنىدى.

ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىي ماڭا: بۇرۇنقى سىنىپىي كۈرەش يىللىرىدا، ھەتتا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى
يىللىرىدىمۇ بۇنداق مىللىي ماجىرالار بولمىغان. نېمىشقا بۇ قېتىم شۇنداق بولىدۇ؟ دېدى. ئۇنىڭ گاڭگراش
ئىچىدە قالغان ھالىتىنى مەن ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن.

ئەمەلىيەتتە، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىنلىق بىر رايوندا، مىللەتلەر ئارا بەزى زىددىيەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى
بەك ھەيران قالارلىق ئىشمۇ ئەمەس. مۇھىمى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش
قويۇقلاشقان بۇ كۈنلەردە، تىنچلىقنى ئاساس قىلغان، مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ خىل زىددىيەتلەرنى
ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك.

شىنجاڭدىكى ئىككى يىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتىمنى يېقىندا تاماملىغان بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن،
بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلماقچىمەن.

ئادىل بولغان ئەدلىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش

شىنجاڭدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسى، تېخىمۇ ئادىل بولغان
بىر ئەدلىيە سىستېمىسى تۇرغۇزۇشتۇر. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ۋە رايونلاردا
مىللىي ماجىرالارنى تىنچ، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ كاپالىتى مۇكەممەل ۋە ئادىل بىر ئەدلىيە سىستېمىسىدىن
ئىبارەت.

قانۇن ۋە جەمئىيەت ئىلمىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېنىق ئىپادىلەيدۇكى، ئەدلىيە بىر خىل مەدەنىيەت
ھالقىغان خاراكتېرگە ئىگە. ئەدلىيىنىڭ نوپۇزى ۋە بىتەرەپلىكى، تەرەپلەرنىڭ باراۋەر ھالدا ئۆز پىكرىنى
ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى، ئادۋوكاتلىق خىزمىتىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى، ئىسپات
تۈزۈمىنىڭ مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئاسانلاشتۇرۇلۇشى، تەكشۈرۈش باسقۇچلىرىنىڭ ئاشكارىلىقى ۋە ئادىللىقى،
ئەدلىيە نىزاملىرىنىڭ تەپسىيلى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، ئەدلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى... قاتارلىقلارنىڭ مەسىلىلەرنى
مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا ياردىمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا ئومۇمىيۈزلۈك قوللاشقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئۆتكەنكى 20 يىلدا پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەدلىيە ئىسلاھاتى چوڭ جەھەتتىن مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن
خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، گەرچە ئىسلاھات قەدىمى يېقىنقى كۈنلەردە بىر ئاز ئاستىلاپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ.

ئەدلىيە تۈزۈمى ۋە ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش

شىنجاڭدىكى ئوقۇتۇش خىزمىتىم جەريانىدا، بىۋاسىتە بەزى ئەدلىيە ۋە تەپتىش ئورگانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ
تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، ئاز بولمىغان ئادۋوكاتلار بىلەن ئالاقە قىلدىم. شىنجاڭ گەرچە مەركىزىي
رايونلاردىن يىراق ۋە چەت رايون بولسىمۇ ئەمما ئەدلىيە ساھەسىدىكىلەر بىز ئىچكىرىدىكلەر ئويلىغاندەك
تۆۋەن سەۋىيىدە ئەمەس ئىكەن. بەزى ناھىيە ئوبلاستلار ۋە بىڭتۈەنلەردىكى ئەدلىيە ئورگانلىرىدىمۇ مۇكەممەل
قانۇن تەربىيىسى ئالغان خىزمەتچىلەر ئاز ئەمەس ئىكەن. ئاممىنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ۋە
ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىگە بولغان تونۇشى جەھەتتە، مەن شەخسەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر، قازاق،
مۇڭغۇل مىللىتىدىن بولغان زاتلارنىڭ بىر خىل ئادىل بولغان ئەدلىيە سىستېمىسىغا بولغان كۈچلۈك تەلىپىنى
ھېس قىلدىم.

ئەلىيە تارماقلىرىنىڭ ئوخشاش دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە نىسبەتەن ئىقتىسادىي ۋە باشقۇرۇش
جەھەتتىكى مۇستەقىللىقى، تۈزۈلمە ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە ئەدلىيە سىستېمىسىغا بولغان ئارىلىشىشنىڭ
ئازايتىلىشى، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، ئەدلىيە، تەپتىش خادىملىرىنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك
قىلىش... قاتارلىقلار ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە خەلق قۇرۇلتىيى، شۇنداقلا بىڭتۈەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ
ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە قىلالايدىغان ئىشلاردۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرى يەنە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، قانۇن،
ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ مۇستەقىللىكىگە ھەقىيقى كاپالەتلىك قىلىشى، خەلقنىڭ باراۋەر ئەدلىيە مۇئامىلىسىدىن
بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك ماجىرالارنى
ھېچ قايسى تەرەپكە يان باسماي، ئادىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ،تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتلىرىگە ھەقىيقى كاپالەتلىك قىلىپ، ئادىللىق نۇرى بىلەن بۇ گۈزەل زېمىننى يورۇتۇش كېرەك. بۇ ئارقىلىق كەڭ خەلق
ئاممىسىنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغىلى، مىللى ماجىرالارنى ئازايتقىلى بولۇپلا
قالماستىن، يەنە بۇ خىل ئەدلىيە ئىسلاھاتى شىنجاڭنى پۈتۈن مەملىكەت ئەدلىيە ساھەسىدە باشلامچىلىق رول ئويناپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش، ھەر خىل كەمسىتىشلەرگە قارشى تۇرۇش

دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسى شىنجاڭدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش خىزمىتى دۇچ كېلىدىغان بىر ئالاھىدە
قىيىنچىلىق. مەملىكىتمىزدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەت 10 دىن ئاشىدۇ. شۇڭا دىن مەسىلىسىگە
مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىش بولسا ناھايتى ھالقىلىق بىر خىزمەت.

"مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 11-ماددىسىدا: "ئاپتونومىيە رايونلىرىدا ئاپتونومىيە
ئورگانلىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق
دۆلەت ئورگىنى، كوللېكتىپ ۋە شەخسنىڭ باشقىلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا مەجبۇرلاشقا،
دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ. دۆلەت قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن بۇ بەلگىلىمە تومتاقلىقتىن خالىي ئەمەس. بولۇپمۇ "
قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت" ئېنىقلىمىسىدا شۇنداق. يەنە شۇ ماددىدا: "ھەر قانداق شەخسنىڭ دىندىن
پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا، باشقىلارغا جىسمانىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈشىگە،
دۆلەت مائارىپ تۈزۈلمىسىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا بولمايدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. زادى قانداق قىلمىشلار
بۇ تۈرگە تەۋە بولىدىغانلىقى ھەققىدە قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە ئەدلىيە تارماقلىرى تېخىمۇ تەپسىلى ۋە
كونكېرتلاشتۇرۇلغان ئۆلچەم بېكىتىپ چىقىشى كېرەك.

ئاخىرىدا، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى كەمسىتىشمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە. نۇسرەت
ئىسىملىك بىر سودىيە ماڭا، بەزى تارماقلار ياكى كەسپىي ساھەلەردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابىتىدە
ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر مۇنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ناھايتى چوڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ ئېغىر، لېكىن
ئۇ كۆرسەتكەن ئېنىق بولغان بەزى مىللىي كەمسىتىش ھادىسىلىرىدىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالالمايمىز.
نۆۋەتتىكىدەك ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئىشقا
ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى مىللىي يەكلەشكە قارشى ئېنىق ئۆلچەم بېكىتىپ چىقىپ، ئاز سانلىق
مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن خەنزۇلار بىلەن ئوخشاش بەھرىمەن
بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۈبھىسىزكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى
ناھايىتى مۇھىم بىر ۋەزىپە.

تېخىمۇ ياخشى بولغان ئاپتونومىيە

ئىنچىكە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر مەسىلە - مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدۇر.
بۇ تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا ئاللىقاچان يېرىم ئەسىردىن ئاشتى. تۈزۈم يولغا قويۇلغان دەسلەپكى
مەزگىللەردە ئاساسلىقى بىر قانچە مۇھىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش
مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تۈزۈلمە كۆپ خىللىقىنى نامايەن قىلغان. ئەمما،
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تۈزۈلمىدە ساقلانغان بەزى كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر ئاشكارىلانماقتا.

مەسىلەن، ئاپتونۇم رايوننىڭ قانۇن، ھۆكۈمەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى بىر قىسىم
تۈزۈلمىلەر باشقا ئۆلكىلەردىن چوڭ پەرق قىلمايدۇ. ئەمەلدارلارنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن
يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ كۆرسىتىشى ياكى بىۋاسىتە ۋەزىپىگە تەيىنلىشى بىلەن بولىدۇ، ياكى
ئاتاقتا ئوخشاش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىمى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇن

دائىرىسىدە
ئاپتونۇم رايونلارنىڭ ئەسلىي ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى تولۇق ئ
ەمەلىيلەشمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ئاپتونۇم دائىرىلىرىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇق دائىرىسىنىڭ
ئېنىق بەلگىلەنمىگەنلىكىدە.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونۇم رايون ئاستىدا يەنە ئوخشىمىغان ئاپتونۇم ئوبلاستلار، ئاپتونۇم ناھىيىلەر ۋە
مىللىي يېزىلار بولۇپ، بۇ خىل رايونلاردا باشقۇرۇش ۋە رەھبەرلىك ئومۇمىيۈزلۈك شۇ يەرلىك مىللەتلەردىن
كەلگەن زاتلاردىن بولىدۇ. ("مىللى تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" 17-ماددا) بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ
ياخشى يېرى مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەرنىڭ يۇرت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ، لېكىن بۇ مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەرنىڭ
مەلۇم رايونغا باغلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رايوندا بىر خىل "يەرلىك ۋە ياقا يۇرتلۇق" ئۇقۇمى
ھاسىل قىلىپ، رايونلار ئارا ئەركىن كۆچۈش ۋە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. قاتمال بولغان
ھوقۇق بۆلۈپ بېرىش قۇرۇلمىسى دېموكراتىيىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس.

نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلىدى. شۇنداقتىمۇ، ئامما باراۋەر بولغان ۋە شەخس ئەركىن بولغان زامانىۋى بىر قانۇن تۈزۈلمىسى ئارقىلىق شىنجاڭنى
ئىدارە قىلىش بولسا يېڭى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنغان جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشى
بىر دەملىك ئىش ئەمەس. لېكىن، توغرا يۆنىلىش، كونكېرت ھالقا بىلەن چوڭ نىشاننىڭ ياخشى ماسلىشىشى،
يەنە ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ خوجايىنلىق تۇيغۇسى - بۇ ئەڭ قىممەتلىك - قاتارلىقلار ئاخىرقى ھېساپتا
شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر.




سۇمۇرغ تورىدىن Hechkim تەرجىمىسى.
ئەسلىي ماقالە ئۇلىنىشى:
 
http://news.ifeng.com/opinion/sixiangpinglun/detail_2011_08/17/8471853_0.shtml

باشقا توربەتلەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ


پايدىلانغان مانبە:http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2842


[ ئۈمىديارتەرىپىدىن2011-08-20 16:23قايتا تەھرىرلەندى ]

-سىز كۆرۋاتقان تىما شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق قانداق ئىدارە قىلىش كېرەك,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
يۇرتۇغ
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 10

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:ياخشى ?????????216????
ئۆسۈش: 72%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 216
  تۆھپىسى: 35
  پۇلى: 293 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 74
  ياخشى باھا: 293
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 29سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-17
  كىرىشى: 2011-09-12
1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 13:27

ئەتىگەن ئوقۇپ پەقەتلا قەغەز يۈزىدىكى ماقالىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم ، تېما ئىگىسىنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت.

مەدىنە
ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 195

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ?????????143????
ئۆسۈش: 47.67%
  نادىر تىما: 1

  يوللانما: 143
  تۆھپىسى: 18
  پۇلى: 209 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 26
  ياخشى باھا: 174
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 41سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-14
  كىرىشى: 2011-09-07
2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 13:54

يۇرتۇغنىڭ ئىيتقىنى دۇرۇس،ئۇ مىنىڭچە مۇمكىن ئەمەس،چۈنكى ئەمىلىيلەشمەيدىغانلىقىغا مانا مەن پولاتتەك پاكىت،چۈنكى ھەممە ئادەم ھىسىيات بويىچە ئىش كۆرىدىغان قانۇن ئورۇنلىرىدا بىچارىلەرنىڭ كۈنى يەنە بىچارلەرچە ئۆتىۋىرىدۇ،بەزى شەرمەندىچىلىكلەر ئادەمنى شۇ قانۇننى ئىدارە قىلىدغان يەرگە بىرىپ پارتلىتۋالغۇدەك دەرىجىدە قىينايدۇ.ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىمۇ خەلقنىڭ ئاھ زارىغا قۇلاق سىلىشنى خالىمايدىغان شىنجاڭنى قايسى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلماقچىدۇ؟تىمىسىنى كۆرۈۈپلا ئىچىم زەھەردەك بولوپ كىرگەن ئىدىم،نەق يۇرتۇغ ئىيتقاندەك ئىكەنلىكىنى بىلدىم.يوللىغان ئەجىرىڭىزگە ھەشقاللا....

ئىمران
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 190

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ياراملىق ?????????329????
ئۆسۈش: 54.83%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 329
  تۆھپىسى: 38
  پۇلى: 1041 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 85
  ياخشى باھا: 411
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 99سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-13
  كىرىشى: 2011-09-11
3- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 15:49

ئەمەلىيلەشسىغۇ ئېسىل ئىش بولاتتى.

كۆزۇڭنى ئاچ
خەلپىتىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 892

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????20????
ئۆسۈش: 20%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 20
  تۆھپىسى: 1
  پۇلى: 22 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 2
  ياخشى باھا: 22
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 6سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-08-19
  كىرىشى: 2011-09-06
4- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 14:16

ئىشقا ئورۇنلىشش جانلىق ئىپادىلىنىۋاتىدۇ ئۇيغۇر تازلىق ئىشچىللىرىمۇ خىلى كۆزگە كۇرۇندىغان بولدى بۇرۇن ئۇيغۇرلاردىن تازلىقچىلار يوق دىيەرلىكتى ھازىر كۆزگە كۇرۇنگۈدەك بولدى ئۈرۈمچىدىغۇ ئامانلىق قوغدىغۇچىلار ساپلا ئۇيغۇرلاشتى يولدا بەك ھەيۋەتلىك ماڭىدۇ بۇلارنى كۇرۇپ ئىچ ئىچىمدىن خۇش بۇلىمەن رەتلىك مىڭىشىغا قاراپ بەك سۈيۈنۈپ كىتىمەن بۇلارغا، بۇمۇ بىز ئۇيغۇلارغا كۆڭۈل بۈلۈپ ئىشسىز لارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىر تۈرى

ياساۋۇل
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 602

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????59????
ئۆسۈش: 59%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 59
  تۆھپىسى: 22
  پۇلى: 104 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 44
  ياخشى باھا: 104
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 17سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-05-26
  كىرىشى: 2011-09-05
5- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-26 16:59

بىز نىمىگە ئېرىشمەكچى؟ئەلۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مىللى تېرىتورىيىلىك ئاپتونىمىيە قانۇنى بىلەن شاڭگاڭ ، ئاۋمىن ئالاھىدە رايونىنىڭ   ھەرمىللەت خەلقىنىڭ باراۋەرلىكى ، ئىتىپاقلىقىغىغا ، مۇقىملىقىغا ، دۆلەتنىڭ سىتىراتىيىلىگىلىك ئالاھىدە ھوقۇق مەنپەتلىرىگە  كاپالەتلىك قىلىدىغان  يېڭى قانۇن تۈزۈش كېرەك !