ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 703 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ۋىجدانسىز ئىنسان
ئنسان ھەرگىزكىچىككىنەمۇۋاپىقىيىتى ئۈچۈن مەغرۇر ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 679
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
تۆھپىسى: 19
پۇلى: 77 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 38
ياخشى باھا: 77
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 12:54

ۋىجدانسىز ئىنسان

مەن بۇ تېمىنى تاللىغاندا كۆز ئالدىمغا نۇرغۇن ئىشلار كەلدى. بۇلارنى ئويلاپ ئاخىرى مۇشۇ تېمىنى يېزىشىنى ئويلىدىم.
 
1

كىشلىك ھاياتتا ئىنسان خاتالىق ئۆتكۈزۈمەيمەن دىيەلمەيدۇ. ئەمما ئىنسان بىر قېتىملىق خاتالىقى تۈپەيلى ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىق لازىم.
تۇپىلىق سەھرانىڭ ھارۋا يولىدا بىر ھارۋا كېلىۋاتاتتى، ئېغىر يۈكتىن ھاسىرىغان ئېشەك ئاران-ئاران مېڭىۋاتاتتى. ھارۋىنى ھەيدەۋاتقان ئايال بىر خىل مۇڭ بىلەن ھارۋا شوتىغا قاراپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ خىيالىنىڭ تېگى يوق ئىدى.
ئۇ ياشلىقىنى ئەسلىدى، ياتلىق بولغان تۇنجى كۈنىنى ئويلىدى، بالىلىق بولغىنىنى، ئەتىۋارلىق يالغۇز قىزىنى ئويلىدى. ئۇ قىزنىڭ يېقىن ئارىدا ئۆزىدىن ئايرىلىپ يىراق شەھەرگە كېتىدىغىنىنى ئويلىغىنىدا چىرايىدا بىر خىل غەم تەبەسسۇم قىلاتتى.
بۇ ئايالنىڭ ئىسمى بۇھەجەرخان بولۇپ، كىچىكىدىنلا نامراتچىلىقتا ئۆتكەن ئىدى. چوڭ بولۇپ بويىغا يەتكەندە بولسا ئاتا-ئانىنىڭ زورى بويىچە بىر باينىڭ ھاراقكەش ئوغلىغا ياتلىق قىلىنىپ، جىق ئەلەملەرنى چەككەنىدى. كېيىن ئېرى ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەندە، ئېرىنىڭ تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ئەمدىلا قىرىقى توشقان قىزى بىلەن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم باشقىلارنىڭ خورلىشىغا ئۇچراپ ھاياتتىنمۇ ئۈمىدىنى ئۈزگەنىدى، ئەمما ئاشۇ بىر تاللا قىزىنى دەپ تىل-ئاھانەتكە چىداپ كەلگەنىدى. مانا ئەمدى شۇ يالغۇز قىزى ئۆزىدىن ئايرىلىپ يىراق شەھەرگە ئوقۇشقا بارماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىكى غەم دەل قىزىنىڭ ئوقۇش راسخوتىنى قانداق غەملەش توغرىسىدىكى غەم ئىدى، شۇڭا ئۇ بۇ يىل تېرىغان ئاشلىقنىڭ ھەممىنى ناھىيىگە ساتقىلى ئېلىپ كېتىپ باراتتى.

2
 
مانا بۈگۈن ئۇنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى، بىردىنبىر يۈرەك پارىسى ئوقۇشقا ماڭدى.
بۇھەجەرخاننىڭ قىزىنىڭ ئىسمى لەيلىگۈل بولۇپ، مەكتەپتە «ئۈچتە ياخشى» ئوقۇغۇچى ئىدى. ھەم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولۇپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ شەرەپلىك نام بىلەن ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا ماڭغىنىدا پەخرىلىنەتتى. دېمىسىمۇ ئۇ چاقىرىق قەغىزىنى ئالغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەنىدى. ئانىسى بۇھەجەرخانمۇ خۇشاللىقىدىن بېشى كۆككە يەتكەنىدى، ئەمما ھازىرچۇ؟ بۇھەجەرخان ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلىشنى خالىماي يۈرەك ياشلىرىنى تۆكۈۋاتاتتى. لەيلىگۈلمۇ ئانىسىغا چىدىماي يىغلاۋاتاتتى، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدە خۇشاللىق ۋە يېڭى بىر ئىجدىمائىي جەمئىيەتكە ئىنتىلىش مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. ئەمما بۇ چاغدا ئۆزىنى قانچىلىك ئازاپ ۋە قاباھەتنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى.

3 

مانا لەيلىگۈلمۇ مەكتەپكە كەلگىلىمۇ يېرىم يىل بولۇپ قالدى. بۇ يېرىم يىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ۋە خۇشال ئۆتتى. ئەمما ئۇ ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىققا يولۇقتى، ئۇ ھازىرقى ئوقۇش مۇھىتىنى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش مۇھىتىدىن پەرىقلەنمەيدۇ دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە چىقتى، ئۇ بۇ يەردە نەتىجىلىرىدىن ئانچە رازى بولمىدى.
كۈنلەر ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە. ھايات يەنىلا ئانچە-مۇنچە يېڭىلىق بىلەن بىر خىل قېلىپتا ئۆتمەكتە. بۇ تەتىلدە لەيلىگۈل ئۆيگە قايتمىدى. ئۇ يول خىراجىتىنى ئېغىر كۆردى، ھەم يالغۇز ئانىسىغا سېلىق سېلىشنى خالىمىدى. ئۇ تەتىلدە بىر ئىشنى تېپىپ ئىشلەشنى ئويلىدى، بۈگۈن ئۇ ئىش ئىزدەش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كوچا ئايلاندى. ئۇ بۇ شەھەردىكى ئۆزگىرىشلەرگە، تەرەققىياتقا خۇددى يېڭى كەلگەن چېغىدىكىدەك ھەيران قالدى. ئۇ كوچىلارنى ئارلىدى، ئەمما ئۇ ئۆزىگە لايىق ئىشنى تاپالمىدى. ئۇ مېڭىپ-مېڭىپ بىر ھەشەمەتلىك رېستۇراننىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىشىككە چاپلاپ قويۇلغان ئېلانغا كۆزى چۈشتى. ئېلاندا: «رېستۇرانىمىزغا 20 ياشتىن يۇقىرى 30 ياشتىن تۆۋەن بولغان 5 نەپەر قىز كۈتكۈچى قوبۇل قىلىمىز.» دەپ يېزىلغانىدى. لەيلىگۈل بۇ ئېلاننى كۆرۈپ خۇشال بولدى. ئۇ كۈتكۈچى پەقەت تاماق توشۇپ بېرىدىغۇ دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ئۇ رېستۇرانغا كىرىپ تىزىملاتقان ۋاقتىدا تىزىملىغۇچىنىڭ دىگىنى ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە بولدى. ئۇ «كۈتكۈچى» دىگەن نامنىڭ بىر ساختىلىق ئىكەنلىكى، بۇ يەردىكى كۈتكۈچىلەرنىڭ قوشۇمچە كەسپىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
ئۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن تىزىملىغۇچىغا يىرگىنىش نەزىرىدە قاراپ قويۇپ، چىقىپ كەتتى. سىرتقا چىققاندا يۈزلىرى قىزىرىپ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق جايغا كىرگىنىدىن يىرگەندى.
ئۇ ماڭدى-ماڭدى، مېڭىپ بىر ئاددىي بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇقتۇرۇش تاختىسىدىكى بىر ئېلانغا كۆزى چۈشتى، ۋە بىر قۇر ئوقۇپ بېقىپ كۈلۈمسىرىدى. بۇ ئېلان بىر گۈزەل-سەنئەت كۇرسىنىڭ ئېلانى بولۇپ، ئېلاندا بىر نەپەر قىزى، بىر نەپەر ئوغول مودىل قوبۇل قىلىدىغانلىقى يېزىلغانىدى. لەيلىگۈل بىنا ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئۇ ئىزدە-ئىزدە ئاخىرى ئېلان چىقارغان ئورۇننى تاپتى. ئۇ بىر چوڭ زالغا كىردى، زالدا نۇرغۇن ئۆسمۈرلەر بولۇپ بەزىلىرى جازىلىرىدىكى قەغەزگە قېرىنداش بىلەن بىر نىمىلەرنى سىزىۋاتاتتى. دەرىزە تەرەپتىكى ئۈستەلنىڭ يېنىدا بىر يىگىت موي قەلەم بىلەن قەغەز يۈزىدىكى مەنزىرىنى بوياۋاتاتتى. لەيلىگۈل بۇ يىگىتكە بىر دەم قاراپ تۇردى، يىگىتنىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل مۇڭ جىلۋىلىنەتتى. سىلىق ھەركەتلىرى ئۇنىڭدا كىشىنى مەپتۇن قىلغىدەك قامەت ياراتتى، يىگىت لەيلىگۈلگە قاراپ-قاراپ قويۇپ موي قەلەمنى قويۇپ ئۇنىڭغا قاراپ كەلدى ۋە سورىدى:
-    بىرسىنى ئىزدەمسىز؟
-    ياق؟......
-    ھە، ئۇنداقتا بىرەرسىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەتمەكچىمۇ يە؟
-    ياق، مەن سىرتتىكى ئېلاننى كۆرۈپ......
-    ھە، ئەسلى سىز مودىل بولغىلى كەپسىزدە؟! ئۇنداقتا مەن بىلەن مېڭىڭ.
لەيلىگۈل ئۈندىمىدى، يىگىت ئۇنىڭ ئىككىلىنىۋاتقانلىقىنى سەزدى ۋە ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
-    سىز باشقىچە ئويلاپ قالماڭ، سىز پەقەت مودىل بولۇپ بېرىسىز، يەنى بىز ھازىر بالىلارغا ئادەم رەسىمى سىزىشنى ئۆگىتىۋاتاتتۇق. شۇڭا سىز ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ تۇرىسىز، بالىلار سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى سىزىپ ئادەم رەسىمى سىزىشنى ئۆگىنىدۇ. ھە راست، ئىش ھەققىڭىز ئىشلىگەن ۋاقتىڭىزغا قاراپ بېرىلىدۇ، يەنى سائىتىڭىز ئون يۈەن، مەيلى قانچىلىك ئولتۇرۇڭ، پەقەت ئوقۇغۇچىلار سىزىپ بەرگىچە ئولتۇرۇپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. بالىلار كۈندە تۆت سائەتلا مەشغۇلات قىلىدۇ، ئۇلار سىزىپ بولغاندا باشقىلار سىزماقچى بولسا خالىسىڭىز يەنە مودىل بولۇپ ئولتۇرۇپ بېرىسىز، ئۇ چاغدىمۇ ئوخشاش ھەق بېرىمىز.
لەيلىگۈل ئىچىدە ئويلىدى: «بىر سائەتكە ئون يۈەن بولسا، تۆت سائەت سىزسا 40 يۈەن، پەقەت يەتتە كۈن ئىشلىسەملا ئوقۇش پۇلۇمنى تاپالايدىكەنمەن. تەتىلدە بىراق ئىشلىسەم ياتاق، تاماق پۇلۇمدىن سىرت تېخى ئانامغا پۇل ئەۋەتەلەيدىكەنمەن، نىمىدىگەن ياخشى، دۇنيادا ئولتۇرۇشتىنمۇ ئاسان ئىش بارمۇ؟»
لەيلىگۈل بۇلارنى ئويلاۋاتقىنىدا يىگىتنىڭ ئوتلۇق كۆزىنىڭ ئۆزىگە تىكىلىۋاتقانلىقىنى سەزمىدى، ئۇ ئېسىگە كېلىپ يىگىتنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىندىن ئىزا تارتىپ قالدى.
-    بولىدۇ، مەن ئىشلەي.
-    ياخشى، ئۇنداقتا ھەر كۈنى سەككىزدە ئىشقا چىقىسىز. بالىلار سائەت 12 گىچە مەشغۇلات قىلىدۇ. ئەمسە ھازىر خالىسىڭىز بۇ يەرنى بىر كۆرۈپ بېقىڭ، ئەتە ئىشقا چىقسىڭىز بولىدۇ.- دەپ لەيلىگۈلنى باشلاپ ماڭدى.
لەيلىگۈل ئىچىدە «كۆزى نىمىدىگەن ئوتلۇق ھە!» دەپ ئويلىدى. يىگىت لەيلىگۈلنى ئۆزى سىزىۋاتقان رەسىمنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى، ۋە قولىغا موي قەلەمنى ئېلىپ سىزىغىنىنى داۋاملاشتۇرغاچ سورىدى:
-لەيلىگۈل......
يىگىت لەيلىگۈلگە بىر قارىۋىتىپ يەنە رەسمىگە قاراپ سۆزلىدى، -ئىسمىڭىز ئۆزىڭىزگە ئوخشاشلا چىرايلىق ئىكەن.
لەيلىگۈل قىزىرىپ كەتتى، -رەھمەت، ئۇ بىر ئېغىز گەپنى ناھايىتى تەستە دېدى. چۈنكى ئۇ ناھايىتى خىجىل بولغانىدى.
لەيلىگۈل ئۆمەكتىن قايتقىنىدا قۇياش تاغ كەينىدە ئەڭ ئاخىرىقى ئاجىز نۇرىنى چاچماقتا ئىدى. ئۇ ئاپتوبوس بېكىتىگە بېرىپ ئاپتوبوسقا چىقىپ قايىتتى. ئۇ ياتاقتا قايىتقاندا نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى. بۇ تەتىلدە ئانىسىغا پۇل ئەۋەتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى. ئەمما ئۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى، ياق، ئۆز ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا كېلىپ قالغىنىنى ئىسىگىمۇ ئالمىغانىدى. چۈنكى ئۇ قەلبىدە پەرھاتنىڭ ئاشۇ قامەتلىك سالاپىتىنى سىزىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە پەرھاتقا نىسبەتەن مۇھەببەت ئوتى يانغانىدى، پەرھاتتىمۇ لەيلىگۈلگە نىسبەتەن مۇشۇ خىل ھىسىيات بولۇۋاتاتتى.
ئەتىسى لەيلىگۈل ئۆمەككە باردى. پەرھات ئۇنى خۇش چىراي قارشى ئالدى ۋە لەيلىگۈلنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى، ھەم مىدىرلىماسلىقنى جىكىلەپ ئوقۇغۇچىلارنى تەرتىپكە سېلىپ سىزىشقا كىرىشىپ كەتتى، ئۇ ئاۋال ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سىزىش ئۇسۇللىرىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن ئۆزىمۇ بىر جازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سىزىشقا باشلىدى.
ۋاقىت ئالدىرىماي ئۆتمەكتە. لەيلىگۈلنىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرى ئاغرىپ كەتتى. پەرھات رەسىمنى پۈتتۈرۈپ بالىلارنىڭ يېنىغا كەلدى. ياخشى سىزغانلىرىنى ماختىدى، ئانچە سىزالمىغانلىرىنى رىغبەتلەندۈردى.
ئاخىرى بىر سائەت توشتى. پەرھات لەيلىگۈلنىڭ چىدالماي قالغانلىقىنى سەزدى بولغاي، ئوقۇغۇچىلارنى ئارامىغا قويىۋەتتى ۋە لەيلىگۈلنى ئورنىدىن تۇرۇشقا شەرەتلىدى. لەيلىگۈل ئورنىدىن تۇرغىنىدا ئۈگە-ئۈگىلىرى قاراسلاپ كەتتى. پەرھات لەيلىگۈلنى يېنىغا چاقىردى.
-مودىل بولۇش تەسمىكەن؟
-راستىمنى دېسەم مەن بۇ ئىشنى ئاسانغۇ دەپ ئويلاپتىمەن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن تەس ئىش ئىكەن ئەمەسمۇ؟!
-ھا...ھا...راست، بۇ ئىشنى ئاساندەك تۇرسىمۇ، ئەمما ئادەمنى زىرىكتۈگەنلىكى ئۈچۈن ئادەم ھېرىپ كېتىدۇ.
-راست شۇنداق ئىكەن، ئاخىرقى 15 مىنۇت قالغاندا قاچانمۇ ۋاقىت توشار دەپ ئويلاپ كەتتىم.
پەرھات لەيلىگۈلنىڭ چىقىشىقاقلىقىنى ياقتۇرۇپ قالدى.
كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئۆتۈشكە باشلىدى. پەرھات بىلەن لەيلىگۈلمۇ چىقىشىپ قالدى. لەيلىگۈلمۇ ئاستا-ئاستا پەرھاتنى قايتۇرۇپ قالدى. پەرھاتمۇ لەيلىگۈلنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. تەتىلمۇ توشتى. لەيلىگۈل بۇ تەتىلدە نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك پۇل تېپىۋالدى ھەم ئانىسىغا بەش يۈز يۈەن پۇل ئەۋەتىپ بەردى.
 
4

يېزىدا «لەيلىگۈل ئانىسىغا بەش يۈز كوي ئەۋەتىپتۇ» دېگەن گەپ يېڭى بىر قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. بەزىلەر لەيلىگۈلنى ماختىدى ۋە بۇھەجەرخاننىڭ بۇنداق ۋاپادار قىزنى باققانلىقىدىن مەملۇنلادى.
ئەمما يامان گەپلەرنى قىلىدىغانلارمۇ چىقىپ قالدى.
-ھەي قاراڭلار، ئاۋۇ بۇھەجەرخاننىڭ قىزى ئانىسىغا پۇل ئەۋەتىپتۇ.
-ھەي، بۇھەجەرخان ئەجەپ ياخشى قىز بېقىپتۇ-ھە!
-ھەي، بەش يۈز كوي پۇل ئازمۇ؟ ئۇ قىز بۇ پۇلنى قانداق تاپقاندۇ-ھە؟
-«ئاللا كالىنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق» قانداق تاپاتتى...
-بۇنداق دېسەك بولماسمىكى تۇنىساخان!
-ئوۋۇش، خەمدىسىخان، ئۇنداقتا كىچىككىنە قىز بالا بۇنچە پۇلنى قانداق تاپىدۇ؟
-ئۇغۇ راست، بۇ قىز بىرەر نومۇسلۇق ئىش قىلمىغاندۇ ھە!
-بۇنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ جۇمۇ!
بۇنداق گەپلەر ئاخىرى بۇھەجەرخاننىڭ قۇلىقىغا يەتتى. بۇھەجەرخان بۇ گەپلەرنى ئىشىتكەندىن كېيىن، قىزىنىڭ تەتىلدە نىمە ئىش قىلغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ قالدى. ئەمما ئۇ قىزىنىڭ خېتىدە ئىش قىلىپ بۇنچىلىك پۇل تاپقىنىنى يازغىنىنى ئويلاپ كۆڭلى جايىغا چۈشتى. چۈنكى ئۇ قىزىغا ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇ بۇ گەپلەرنى قىزىغا بىلدۈرمەسلىكنى ئويلىدى، ۋە كوچىدىكى پاراڭلارغا قۇلاق سالمىدى. ئەمما بىرەيلەن بۇ گەپلەرگە چىدىمىدى. بۇ كىشى لەيلىگۈل ئاشىق بولغان بەخىتسىز بەندە ياسىن ئىدى. ئۇ قوشما قاش، تەتۈر ئۇستىخان، بەستىلىك يىگىت. ئۇ لەيلىگۈلگە خەت يېزىپ بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ پۇلنى قانداق تاپقانلىقىنى سورىماقچى بولدى، ئەمما ئۇنىڭ ساۋاتسىزلىقى تۈپەيلى بۇنداق قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇلارنى ئىچىگە يۈتۈپ يۈردى.
 
5

جىمجىت ئاسماندا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار خۇددى كائىناتنىڭ گۈللىرىدەك يېنىپ تۇراتتى. دالا ئايدىڭ، قارامتۇل دەرەخلەر گويا قېنىق كۆك تاۋاردىن لىباس ئارتقاندەك، يىراقلاردىكى قارىيىپ تۇرغان ئېگىز بىنالار ئۈستىگە ئاق تارتقاندەك، ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان بۇ شەھەر ئاشۇ داكا ئاستىدا ئۇخلاۋاتقاندەك، بۇ سىرلىق كېچىدە يالغۇز لەيلىگۈلنىڭ يۈرىكىلا بىر خىل ئەندىكىش، سېغىنىش بىلەن تىپىرلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە پەرھاتقا بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت يالقۇنجاۋاتاتتى. ئۇ ھازىر شېرىن خىياللار دېڭىزىغا غەرىق بولغان، خىيالىدا «ئۇ مۇشۇنداق بىر كېچىدە پەرھات بىلەن يالغۇز سەيلە قىلىۋاتاتتى. ئىككىيلەن بىر-بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتىشىپ كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئىككىيلەن مانا مۇشۇ كېچىدە پەرھات بىلەن لەيلىگۈل خۇددى ھەشقىپىچەكتەك چىرمىشىپ كەتكەن.» ئەمما ئەسلىگە كەلگىنىدە بولسا لەيلىگۈلنىڭ قۇچاقلاپ تۇرغىنى سوغوق سىن ئەينىكى ئىدى.
لەيلىگۈل بىلەن پەرھاتنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. لەيلىگۈلمۇ پەرھاتنى پات-پات ئىزدەپ بارىدىغان بولدى. سوغوق قىش كېلىۋاتاتتى، پەرھات لەيلىگۈلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بىر پەلتۇ ئالدى ۋە يانچۇقىغا بىر پارچە خەت سېلىپ قويدى، خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
«ھۆرمەتلىك لەيلىگۈل:
ئاۋۋال تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى مۇبارەكلەيمەن. كۈنلىرىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ خۇشال ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتىشىگە تىلەكداشمەن.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمغا ئۇزاق بولدى، ھەر ۋاقىت، ھەر زامان يۈرىگىم سىز ئۈچۈن سوقىدۇ. سىز كۆز ئالدىمدىن كەتمەيسىز، مەن بۇ ئازاپقا چىدىمىدى، شۇڭا بۇ خەتنى يازدىم. ئىككىمىز ئارلىشىپ باقساق قانداق بولار؟
سىزنى ئالدىراتمايمەن، ئوبدان ئويلىشىپ جاۋاب بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.»
لەيلىگۈل بۇ خەتنى كۆرگەندە ئىچى-ئىچىدىن خۇشال بولدى، ئۇ ھەر ۋاقىت پەرھاتقا جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىدى، ئەمما ئۇ ئالدىرماي تۇرۇشنى ئويلىدى، چۈنكى پات ئارىدا پەرھاتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كېلەتتى، شۇڭا ئۇ ئۆز سۆيگۈسىنى پەرھاتقا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى قىلماقچى بولدى.
لەيلىگۈل تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن كۈنمۇ پەرھاتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كەلدى. شۇ كۈنى كېچىدە پەرھات بىلەن لەيلىگۈل بىللە سەيلىگە چىقتى. جىمجىت كېچە كەڭرى كەتكەن ئاسمان گۈمبۈزىدە ئون بەش كۈنلۈك تولۇق ئاي خۇددى ئېسىپ قويۇلغان توپقا ئوخشاش مىدىرلىماي تۇراتتى. جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار خۇددى زىمىندىكى بۇ بىر جۈپلەرگە ھەۋەس قىلىپ كۆز قىسىۋاتقاندەك قىلاتتى. ھەممە يان جىمجىت، گۈزەل بىر ئاخشام، خۇددى بۇ كېچە پۈتۈن دۇنيا بۇ ئىككىيلەنگە بويسۇنىۋاتقاندەك قىلاتتى.
-لەيلىگۈل مېنىڭ تەلىپىمنى ئويلىشىپ بولدىڭىزمۇ؟-گەپ ئاچتى پەرھات. بۇ چاغدا بۇ بىر جۈپلەرنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى. لەيلىگۈل خىجىللىقتىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ پۇتى بىلەن يەرنى سىزىپ تۇرۇپ دېدى:
-ئويلىشىپ بولدۇم، ئەگەر مەن قوشۇلسام قانداق قىلىسىز؟
-ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئوتىڭىزدا كۆيۈپ ئايغىڭىزغا يىقىلىمەندە.
-ئەخمەق، سىزنىڭچە مەن شۇنچە ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىمدىم؟
-قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز، سىز نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟-دەپ سوئال بىلەن جاۋاپ قايتۇردى پەرھات.
-ياق، مەن تېخى مۇھاببەتلىشىپ باقمىغان، نادان تۇرسام، سىزنى ئازاپلاپ قويسام......
-بولدى، بولدى، بۇنداق دېمەڭ، مەن ئىشىنىمەن، سىز مېنى ئازاپلىمايسىز، ئازاپلىغان تەقدىردىمۇ مەن سىزنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن،-دەپ لەيلىگۈلنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى پەرھات.
-بۇ گېپىڭىز راستمۇ؟
-ئەلۋەتتە راست.
ئىككىيلەپ مېڭىپ ئاپتوبوس بېكىتىگە كەلدى. ئاپتوبوس كەلدى.
پەرھات لەيلىگۈلنىڭ جاۋابىغا تەشنا ئىدى.
لەيلىگۈل ماشىنىغا چىقىشقا تەمشەلدى، پەرھات لەيلىگۈلنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى. لەيلىگۈل كەينىگە بۇرۇلۇپ:
-تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن-دېدى ۋە پەرھاتنىڭ قۇلىقىغا مەن قوشۇلدۇم- دەپ پىچىرلاپ يۈزىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ ئاپتوبوسقا چىقىپ كەتتى.
پەرھات ئاپتوبوسنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى. ئۇ ئىچىدە شۇنداق خۇشال ئىدى...
ھايات ئەسلىدىنلا چۈشىنىش تەس بولغان سىرلىق ۋە مۇرەككەپ بىر دۇنيا، ئۇنىڭغا قايغۇمۇ، خۇشاللىقمۇ يوشۇرۇنغان. ئۇ بەزىدە سىزنى تۈگىمەس دەرت-ئەلەملىرى بىلەن قىيناپ قاقشاتسا، بەزىدە سىزنى تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدەك قىزىق، سېھىرلىك چاقچاقلىرى بىلەن ئەركىلىتىپ كۈلدۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا سىز ھاياتىڭىزدا يولۇققان ھەممە ئازاپ ۋە خورلۇقلىرىڭىزنى ئۇنتۇيسىز. كۆز ئالدىڭىزدا كىشىلىك قەدىر-قىممىتىڭىزنىڭ يېڭى بىر غايىبانە ئالىمى ئېچىلغاندەك بولىدۇ.
دېگەندەك، تاسادىبىي يۈز بەرگەن كىچىككىنە بىر ئىش سىزنىڭ خۇشاللىق ۋە بەخىتكە تولغان ھاياتىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋىتىدۇ .

[ ئەلتېكىنتەرىپىدىن2011-08-20 16:45قايتا تەھرىرلەندى ]
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 543
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە543دانە
تۆھپىسى: 93
پۇلى: 764 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 132
ياخشى باھا: 740
توردا: 266(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 16:56

داۋامى باردۇ.....
« ئۇلار بىھۇدە سۆز ،بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىدۇر.»
دوستلىشىش
سەھراقىزى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 843
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 53 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 53
توردا: 19(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-10
ئاخىرقى: 2011-10-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-21 10:57

داۋامىنى يوللىمامسىز؟  
ئنسان ھەرگىزكىچىككىنەمۇۋاپىقىيىتى ئۈچۈن مەغرۇر ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 679
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
تۆھپىسى: 19
پۇلى: 77 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 38
ياخشى باھا: 77
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-21 19:16

داۋامىنى كىيىنچەيوللايمەن!!!!!!!!!