مۇسۇلمانلارنىڭ تاماق يېگەندىكى ئەدەپ-قائىدىلىرى
1.ئاۋۋال بىسىمىللا دىيىش.
2.تاماق يىيىشنى ئاللاھنى مەدھىيىلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش .
3.ئوڭ قولنىڭ ئۈچ بارمىقى بىلەن يىيىش.
4.ياخشى چايناش، بارماق ۋە لىگەننى لۆڭگە بىلەن سۈرتۈش ياكى يۇيىۋېتىشتىن بۇرۇن يالىۋېتىش.
5.يەۋاتقان تاماقنى چۇشۇپ كەتسە بۇزۇلغان يېرىنى ئېلىۋېتىپ يېيىش.
6.تاماققا ،ئىچىۋاتقان سۇغا پۈدىمەسلىكى،قاچىنىڭ سىرتىغا ئۈچ قېتىم تىنىش.
7.ھەددىدىن ئارتۇق يەۋەتمەسلىك.
8.يېمەك-ئىچمەك چوڭدىن باشلىنىش، ئوڭدىن ئايلىنىش،ئۆزى ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇش.
9.يېيىش ئىچىشنى سورۇندىكى يېشى ئەڭ چوڭ ياكى ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشى باشلاش.
10.تاماققا زورلاپ قارشى تەرەپنى قىيىن ئەھۋالدا قويماسلىق.
11.بارنى يەتكۇزۇپ تەڭشەپ يېيىش.
12.تاماق يەۋاتقان ۋاقتىدا باشقىلارغا قارىماسلىق.
13.كىشىنى بىئارام قىلىدىغان قىلىقلارنى قىلماسلىق.
14.كەمبەغەللەر،قېرىنداشلار بىلان تاماق يېيىشنى ئەۋزەل بىلىش،ئەدەپ-قائىدە،ئىززەت-ئېكرام بىلەن خوشال-خۇرام ئولتۇرۇپ كۆڭۇل ئالماشتۇرۇش.
مەنبە: مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدىن ئېلىندى
[ ئەلقىزىتەرىپىدىن2011-08-20 14:40قايتا تەھرىرلەندى ]