ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 654 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: رومكىدىكى ئەر، پۇل ئۈستىكى ئەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 893
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
تۆھپىسى: 8
پۇلى: 27 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 16
ياخشى باھا: 27
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-19
ئاخىرقى: 2012-01-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 20:44

رومكىدىكى ئەر، پۇل ئۈستىكى ئەر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھون دىن نەسىرىي ئەسەرلەر( غا يۆتكەلدى(2011-08-28)
رومكا ئىچىدىكى ئەر، پۇل ھەلەكچىلىكىدىكى نوچى
ئەنۋەر قۇربان كۇرشاد
- كۆڭلۈم پاراكەندە، يۈرە بىر پوتلەك ئويناپ كېلىمىز.

- بۈگۈن بەك خوشالمەن، جۈرە كاۋاب بىلەن بىر ئىككى رومكا قېقىپ كېلىمىز.

- پۇل يوق مەندە بۈگۈن، ئەمما ئىچكۈم كەلدى، ئىلى داچۈدىن بىر پوتولكا ئالە.

...

مەن ھاراق بىلەن تۇغۇلمىغان. ئانا بالىنى تۇغىدۇ، خۇيىنى تۇغمايدۇ دەيدىكەن. يىلتىزىمىز يوق ئىنسان بىز، ھامان كېتىمىز. كېتىشتىن بۇرۇن ھەرھالدا ئۆزۈڭگە بىرەر نام –نىشان، پەقەت بولمىغاندا بېشىڭنى بالا-چاقاڭ يوقلىغاندا ئېزىپ قالمىغۇدەك بىرەر بەلگە قويۇپ كېتىشىڭ كېرەك بولىدۇ. ئەلۋەتتە، قازا يەتكەندە كۆز يۇمۇپ، تاۋۇتۇڭنى كۆتۈرۈپ، ئاشۇ ئانا تۇپراققا كۆمۈلگەندە. يېقىندىن بېرى ئىچىدىغان بولۇپ قالدىم. ئىچىش، مەن جاھاننى ئىچمەيمەن، دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئىچمەيمەن، كۆڭۈلنى، كۆڭلۈمنى، ئىچمەيمەن دەپ ئىچىدىغانلارنىڭ، ئىچىمەن دەپ كۆرمىسە ئورنىدا تۇرالمايدىغانلارنىڭ، كۆرۈنۈشتە قارى، ھاجىم، ئىنسان كۆزى كۆرمىگەندە ئۆزىنى ئاتىدىغانلارنىڭ، ئۆزىنىڭ خىيالىدا مەقسەت-مۇددىھا ئۈچۈن ئىچىدىغانلارنىڭ، بۇراۋغا قارا ساناپ ئىچىدىغانلارنىڭ، باشلىققا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئاشقازىنى ئۆرۈلۈپ كەتسىمۇ ئىچىدىغانلارنىڭ، باشلىقتىن كۆڭلى رەنجىپ ئىچىدىغانلارنىڭ، ئۆسۈش ئۈچۈن ئىچىدىغانلارنىڭ، بىلىپ بىلمەي ئۆزىنى ھالەك قىلىش ئۈچۈن ئىچىدىغانلارنىڭ، بۇراۋغا نەسىھەت قىلىپ ئىچىدىغانلارنىڭ، ئۆزىنى كۆرسىتىپ ئىچىدىغانلارنىڭ، ئۆزىنى پەس كۆرۈپ ئىچىدىغانلارنىڭ،  خىزمىتىدىن نارازى بولۇپ ئىچىدىغانلارنىڭ، يېقىن بۇرادىرىنىڭ ئازابىغا جۈر بولۇپ ئىچىدىغانلارنىڭ، ياخشى كۆرگەن گۈلىدىن ئازار يەپ ئىچىدىغانلارنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن بۇرادەرلىرىدىن كۆڭلى ئاغرىپ ئىچىدىغانلارنىڭ... ئاخىرى بېرىپ ئاشۇ كۈرمىڭ ئىچكەنلەرنىڭ، ئىچىۋاتقانلارنىڭ، ئىچىدىغانلارنىڭ، ئىچىشكە تەمشەلگەن، ئىچىشنى ئويلىغان، غىل-پال ئويلاپمۇ قالىدىغانلارنىڭ ھارىقىنىڭ ھەممىسىگە ئۈلپەت بولۇپ ئىچىۋاتىمەن ھەم ئىچىدىغاندەكلا قىلىمەن.  

 - قانداقراق، كاللا ئايلاندىمۇ قانداق، رومكا كىمگە كەلدى بىلىپ قۇيۇڭلا جۇما ساقى.

- ئەمدى ئايلاندۇرۇپ قۇيىمەن.

- ھازىردىن باشلاپ قوش رومكا.

- نۆۋىتىمىزدە تەلەپ رومكا.

- ئەمدى جازا رومكا، ئاغزىڭلار بېسىققىچە.

- سورۇن بولمىدى ، ئەمدى ئىختىيارى رومكا.

- خوش، ھەممە نەرسە ئاياقلىشىدۇ. ئاخىرقى رومكا.

-خۇدا ئۇرمىسۇن بىزنى، ئويلاپ گەپ قىلىمىز، دەڭسەپ ئىچىمىز جۇما.

- رومكىنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئۆزۈم راستلايمەن سورۇننى، تاكسى...

مانا، ئاي-ھاي، تۈگىمەس رومكا، ئاخىرى چىقماس ئايلاندۇرۇش، يېشىمى يوق سورۇن، چەكسىز رومكا...

سورۇن داۋامىدا يۇۋاش ھاراقكەش تاياق يىدى. تاياق يىيىش يامان ئىش ئەمەس. تاياق يىمىگەن بىلەن تاياقنىڭ تەمىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بىلىپ يىگەن ياخشى تاياق دېگەننى، بىر يەرلىرىڭ ئۇۋىلىپ كەتسىمۇ.

سورۇن دېگەندە ھەر قىسما گەپلەر بولىدۇ.

- ئاشۇ بۇرادەر ئوبدان بالا ئىدى، قولى قىسقا بولغاچقا ئانىكىسىنى داۋالىتالمىدى.

- ئەمىسە نەپسىمىزدىن كېچىپ ياردەم قىلمايلىمۇ، مۇشۇ سورىنىمىزنىڭ گۈلى ئۇ دائىم.

- توغرا، ھاراق توختاپ قالمىسۇن، راست دەيسەن ياردەم قىلىمىز، كېلىشتۇق. تاپقىنىمىزنى مۇشۇ داستىخانغا تاشلايمىز.

- ھەر بىرسىمىز 30 يۈەندىن قانداق؟

- ھەي تاز، ئەركىلىتىمەن سېنى، ھازىر ئىچىۋاتقىنىمىزلا 30 كويلۇق ھاراق، 60 دېسەڭچۇ.

- بولدى ھەي، قۇرۇق گەپنى قويۇپ، چوڭ قۇلاقتىن بىردىنلا.

- مانا ما گەپ بولىدۇ، شۇ ئەقلىڭگە ئالە بىرنى...

ئەڭ پەس سانالغانلاردىن دانا پىكىر، توغرا يول چىقىپمۇ قالىدۇ. ھەر ئىنسان ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىنىڭ خوجىسى، ھۇش-كاللىسىنىڭ رولچىسى.

ھاراقكەشلەرنى يېتەكلەۋاتقان رومكا ئايلانماقتا، ئىنساننى يۈدۈپ كېتىۋاتقان يەر شارى ئايلانماقتا، باشلىقنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ماشىنىڭ چاقى ئايلانماقتا، خوجايىننى سودا پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن سۈرئىتىنى تېزلىۋاتقان ماشىنىنىڭ چاقى ئايلانماقتا، يۈكنى دېگەن مۆھلەتتە يۆتكەپ كۆپرەك پۇل تېپىشنى ئويلاپ جىدەللەپ ھەيدەۋاتقان شوپۇرنىڭ ماشىنىسىنىڭ چاقى ئايلانماقتا، ئەينىكى قاراڭغۇ ماشىنام بار دەپ قىز سولاپ ماڭغانلارنىڭ ماشىنىسىنىڭ چاقى ئايلانماقتا، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ چاقى ئايلانماقتا، ئوغرى-قاراقچى- ماراقچى، ئالدامچىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاتلانغان ماشىنىنىڭ چاقى ئايلانماقتا... مانا ئايلىنىش، رومكا ئىچىدىكى ئەرنىڭ بېشى ئايلانماقتا. خۇددى ھېلى بۇغداي، ھېلى قوناق، ھېلى سوك تارتىۋاتقان تۈگمەن تېشى غارىلداپ ئايلانغاندەك ئايلانماقتا، شامالدۇرغۇچنىڭ چاق پېلىكىدەك ۋىڭىلداپ ئايلانماقتا... ئايلىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل رېتىم، بىر خىل پەدە، بىر خىل رەۋىشتە توختىماي ئايلانماقتا.

ئايلاندى جاھان. رومكىدىكى ھاراقتىن ئايلانغان جاھان، يەنە ئايلاندى، يەنە ئايلىنار ياكى مەڭگۈ ئايلىنىپلا ئۆتەر.

- ئەمدى كېتىمىز، يولدا قاراپ ماڭ، ئالدىڭدا چاقماق چېقىپ يول يۇرۇتۇپ ماڭامدۇق يە.

- ئەمدى ئىچمىگىن، بىزگە ھاراق ئەتىمۇ بار.

 - خەققە يامانلىقى يوق، يۆلە، مەن بۇياقتىن يۆلەيمەندە ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىمىز، ئايالى توپىدەك ئايال.

- بايا دېسەڭ بولمامدۇ قورسىقىم ئاچ دەپ، ئالە تەييار چۆپ بولسىمۇ يەۋال، ئاندىن ئىچىمىز.

رومكا جىم تۇرغان بىلەن رومكىدىسىكى يامان گۇي، جىم تۇرغۇزمايدۇ. ئايلاندۇرىدۇ، رومكىنى ئايلاندۇرىدۇ، رومكىنى ئايلاندۇرغان ساقىنى ئايلاندۇرىدۇ، ساقىنىڭ ئۈلپەتلىرىنى ئايلاندۇرىدۇ، جاھاننى ئايلاندۇرىدۇ، بەزىلەرنى يىغلاتسا، بەزىلەرنى كۈلدۈرىدۇ... مانا جاھان ئايلان، رومكا ئايلانسۇن، ئايلانغان ئەر رومكىغا كىرىپلا كەتسۇن...

...

-چوقۇم پايدىسى چىقمىسا بۇ سودىنى قىلمايتتىم.

- بىكار گەپنى قوي خوتۇن، پۇلنى مەن تاپىمەن، غىت قىسىپ تېپىپ بەرگەنگە شۈكرى دەپ ئولتۇرۇڭلا جۇما.

- نېمىلا دېگەن بىلەن ئاشۇ گۇيدىن ئەرزان ئېلىپ، بىرمۇنچە پايدىغا ئېرىشتىم.

- بولدى، ئۇنى ھامان بىر پۇتلىماي بولمايدۇ. سودا بىر جەڭ، جەڭ توققۇزى رەڭ دەپتىكەن.

مانا پۇل ئۈستىدىكى نوچى. ئاغزى گەز باغلاپ كەتتى. بىر كۈن بولدى دىيىشكەن سودىگەرنى ساقلاپ كۆزىنى تىشىلدى. پۇل، جاھاندىكى ئەڭ زور كېمە، ئەل بېشى كاتتا كېمىدە دولقۇن يېرىپ ئۈزمەكتە، مانا سەيلىچى بايۋەتچە نازىنىنلىرىنى ئېلىپ ئىسسىق بەلۋاغدا كاتىرى بىلەن دولقۇن يارماقتا، ئاشۇ نازىنىنلارنىڭ يۈرىكىنى، كۆڭلىنى يارماقتا، مانا ئاۋيوماتكا ئاسماندا ئۇچىدىغان، يەردە غارىلداپ ماڭىدىغان، ھۇررا دەپ ئاتاكىغا ئۆتىدىغان بىر مۇنچە لاقۇ-لۇقىلارنى يۈدۈپ ھەيۋەت بىلەن ئۈزمەكتە، ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ ماڭغان قەۋەتلىك پاراخوت ئۈزمەكتە...

- مەنلام بولىدىكەنمەن ئاشۇ نەرسىنى چوقۇم سېتىۋالىمەن.

- قانچە پۇل كەتسە مەيلى، ئالغىنىم ئالغان، قولۇمنىڭ كىرىغۇ پۇل دېگەن.

- پۇلۇم بار قانداق، ئوينايمان، قۇشلايمەن، مۇشتلايمەن.

- بىر تىيىننىڭ تۆشۈكىدىن نەچچە رەت ئۆتۈپ تاپقان پۇل، نېمە دەپ بەرگۈدەكمەن يالاڭتۆشكە.

جاھان ئايلانماقتا، مەستنىڭ بېشى ئايلانماقتا، سودىگەرنىڭ بېشى ئايلانماقتا. مەستنىڭ بېشى كەيىپتىن، شاتلىقتىن ئايلانماقتا، سودىگەرنىڭ بېشى كەلگۈسىدىن، يەنىمۇ كۆپرەك پۇل تېپىپ زەرگەر بولۇشقا ئالدىراپ قىزىپ ئايلانماقتا. ئۇزۇن يىل رومكا تۇتقان ئەرنىڭ قولى تىترىمەكتە، مانا نەتىجە. ئۇزۇن يىل سودا قىلىپ پۇل تاپقان ئەرنىڭ قولى پۇل سانىدىغاندا تىترىمەكتە. تىترەش، سوغۇقتىن تىترەش، قورقۇشتىن تىترەش، ھاياجاندىن تىترەش، باشلىقتىن قورقۇپ تىترەش، ئىتتىن قورقۇپ تىترەش... ئىشقىلىپ تىترەشلەر يەتمەس سودىگەر بىلەن رومكا تۇتقان ئەرنىڭ قولىدەك تىترەشكە...

مانا بۈگۈن رومكىنى ئايلىنىپ يۈرۈيدىغانندىن بىرسى ئۇ ئالەمگە ئۇزىدى.

 يەنە شۇ بۈگۈن بىر ئۆمۈر سودا قىلىپ نۇرغۇن پۇل تاپقان نوچىنىڭ مېيىتىنى ئۇزاتتۇق.

... جاھان ئايلىنىدۇ، پۇل ئايلىنىدۇ، پۇلغا كەلگەن ھاراق رومكىدا توختىماي ئايلىنىدۇ... مەڭگۈلۈك ئايلىنىش مانا ئاشۇنداق داۋام ئىتىدۇ. 

 
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-28 20:03قايتا تەھرىرلەندى ]