ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 196 قېتىم كۆرۈلدى
كۇرشاد
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 893

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????11????
ئۆسۈش: 11%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 11
  تۆھپىسى: 8
  پۇلى: 27 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 16
  ياخشى باھا: 27
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 2سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-08-19
  كىرىشى: 2011-08-29
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-20 20:48

داغ

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھون دىن مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر غا يۆتكەلدى(2011-08-28)
داغ
 
 
-ۋەي... قىز كېرەكمۇ؟...

ياتاقنى قايتۇرىۋەتتىم.

بېشىم زىڭىلداپ، شەھۋەتكە تولغان خۈنۈك سېزىمدىن پۈتۈن ئوزايىم تىترەپ كەتتى. بەزىدە ياتاقتا يېتىشقا توغرا كېلىدۇ. سەۋەبمۇ ئېنىق. تالادا يېتىشنىڭ ئورنى يوق. تالادا ياتقۇدەك يەرنى تېپىش تەس، ھەممە يەرنىڭ ئىگىسى بار. باشقىلاردىن ئاڭلىسام قانچە قىممەت، ھەشەمەتلىك مېھمانسارايدىن ياتاق ئالسا شۇنچە بىخەتەر، ئازادە بولار ئىمىش، كېرەكلىك ھەممە نەرسە تەق بولۇپ، شەرتلىك بەلگىنى ئىشىككە قىستۇرۇپ قويسىڭىز ساقچىمۇ كىرەلمەسمىش. كۆز دېگەننىمۇ كۆرىدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ كۆرمەيدىغان، كۆرمىسىمۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆرمەيدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولغان بولسىمۇ بوپتىكەن. بىراق، كۆز يامان نەرسە. خەقلەر قوي كۆزنى چىرايلىق دەيدىكەن. تونۇشۇم بىلەن مەرىكىدە پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدىم. مەنغۇ ئارتۇق گەپكە خوشۇم يوق ئادەم ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ خەق گەپ قىلىپ تۇرسا قۇلاقنى ئىتىۋالغىلى بولمايدىكەن.

- ھازىر مېھمانخانا ئاچقانلار بېيىپ كەتتى جۇمۇ.

-شۇنداقتەك قىلىدۇ.

-شۇنداقتەك ئەمەس، راست شۇنداق.

- ھە...

-ئاشۇ سېسىق ياتاقلارنىڭ سائەتلىكىنى 50 يۈەنگە ئېلىپ قىزلارنى قاڭلاپ چىقىدىغانلار نۇرغۇن. قايماقتەك پورتەكلەرنىڭ ۋايجېنى چىقىدۇ-دە ھازىر.

تونۇشۇم بىرمۇنچە سۆزلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە يامان يېرى، خېلى يۈزلۈك، ئەرلەرنىڭ گۈلتاجى دېيىلىدىغان بىرەيلەننىڭ ئايالى بىر پاكار خوجايىن بىلەن بىر كېچە قانغۇچە ئويناپ، سەھەردە چىقىپ كېتىپتۇ-دەك. بۇ تونۇشۇمنىڭ گېپى بويىچە بولغاندا، ئەگەر يازىدىغان ئادەم ئۇ مېھمانخانىنىڭ زالىدا بىرەر ئاي يوشۇرۇن كۈزەتسە، مۇشۇ يۇرتتىكى تېگى بار، پاكىز، ئېسىل، مانا مەن دەيدىغان چوڭام، بەگخېنىملارنىڭ خۇپىيانە ئىشلىرىنى چىتقا يايغۇدەك، كىشىنى ئويغا سالغۇدەك كاتتا روماندىن بىرسى پۈتكىدەك.

مانا بۈگۈن ئىككى ئايدىن ئېشىپتۇ، تامىقىم يانچۇقتا پۇل بار ۋاقىتتا ئاشخانىدا، يانچۇق قۇرۇق ۋاقىتتا روزا تۇتۇپ، قۇنالغۇم مانا مۇشۇنداق مۇساپىرلار ياتىدىغان تاشلاندۇق دەڭگە قالدى. بۇرنۇم ئېچىشىپ كەتتى. تازا بىر يىغلىدۇم كېلىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈنكىن مۇشۇ كەمدە يىغلاي دېسەم يىغلىيالمايدىغان، كۈلەي دېسەم كۈلەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم.

ياتاقنى قايتۇرىۋەتتىم. يىگىرمە يۈەنگە ئالغان ئىدىم.

-ياتاق ئاچتۇراي دەپسىلىدە؟

- ياق... بۇ.. مۇنداق گەپ...

-تازا قويىدىكەنسىلىدە؟

ئىش باشتىلا ئەپلەشمىگىلى تۇردى. جاھاندىكى بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ھەممىسى كۈندە بولۇپ تۇرىدىغان بۇ دەڭنى مەندەك ماكانسىزلاردىن باشقا، قىز بولامدۇ، ئىشقىلىپ ئايال زاتى ئاتىلىدىغان بىرنېمىلەرنى كەلتۈرۈپ، ئەكېلىپ تاڭ ئاتقۇزىدىغان كەسپىي زىناخورلاردىن باشقا كۆپ ئادەم بىلمەيتتى.  ھازىرقى ھالىمنى بىلمەيدىغانلارغا مۇشۇ يۇرتتا تۇرۇپ ياتاق ئېلىپ يېتىشنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.  

بۇرۇن غۇر-غۇر شامال چىقىپ تۇرغان ئايدىڭ كېچىلەردە ئۆينى ئىسسىق دەپ، ئۆگزىدە ياتىدىغان، خامان ئالغاندا خاماندا ياتىدىغان، قوغۇن تېرىغانلار كۈزلەكتە ياتىدىغان. ئاجايىپ بىغەم، خوشال كۈنلەر ئىدى.   

-ۋەي، ئەلىما؟

-كىمگە ئۇرغان تېلېفوننى،-تېلېفوننى ئالغان كىشىنىڭ تەلەپپۇزى بەكلا سوغۇق ئىدى. تېلېفوننى خاتا ئۇرۇپ قويۇپتىمەن. ئۆمرىمىزدە خاتا قىلىپ قويىدىغان، خاتا بولۇپ قالغان ئىشلار كۆپ بولىدۇ. تېلېفوننى خاتا ئۇرۇپ قويۇش دېگەن كەچۈرگىسىز گۇناھمۇ ئەمەس. ھازىر مەن خاتا تېلېفون ئۇرۇپ قويغان كىشى ئىچىمگە پاتماي يۈرگەن ئازاپلىرىمغا تۆپىلەپ ئازاپ قوشتى. ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە دېگەن ناخشا يادىمغا يەتتى. ماڭا بىرسى ياخشىلىق قىلمىسىمۇ خورلۇق، ئاچلىق، ئازاپقا توشۇپ كەتكەن كۆڭلۈمگە بولسىمۇ ئازار بەرمىگەن بولسا ياخشى بولاتتى.  

-نېمە بولدى؟ كىم سەن؟

-مەن فەرۇق.

-ھە، فەرۇق بولساڭ نېمە كارىم!؟

-كەچۈرۈڭلا، خاتا ئۇرۇپ قويۇپتىمەن.

-ئىسمىڭ نېمە؟

-فەرۇق.

-بۇندىن كېيىن تېلېفون ئۇرساڭ، كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ، تېلېفون دەپتىرىنى ئوبدان ۋاراقلاپ ئۇر.

مەن خاتا تېلېفون ئۇرغان كىشى شۇنداق دەپلا تېلېفونىنى بېسىۋەتتى. ئەمدى ئەتىگەندە نېمە كەلگۈلۈك ماڭا. بەك ھاكاۋۇر ئادەم ئىكەن.

-ۋوي! پىشكەلچىلىك.

تېلېفون بىلەن بولۇپ كېتىپ، سول پۇتۇم پىيادىلەر يولىنىڭ بويىدىكى گۈللۈككە كىرىپ كەتتى. ئېغىل قىغىدا ئوغۇتلىنىپ، يېڭىلا سۇ قويغان گۈللۈك ئوبدانلا يۇمشاپ قالغان ئىدى. تىزىمنىڭ ئاستىغا كەلگۈچە سۇ، ئۇشۇقتىن ئاشقۇچە پوق، سۈيدۈك، لايغا مىلەندىم. ئەتىگەنكى سوغۇتتا ئايىقىمنىڭ ئىچىگە لىق توشقان، قىغدا دەملەنگەن سۇ بىلەن مۇزدەك سىزىم ئۈگە ئۈگىرىلىرىمگە تاراپ، ئەندىكتۈرىۋەتتى. بارى يوقى مۇشۇ بىر يازلىق ئايىقىم بار ئىدى. كۈنۈم ياخشى ۋاقىتتا، قىممەت ئالغان، ھازىر يانلىرى يىرتىلىپ، ئۇچىمۇ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ، ياماقلىرى كۆرۈنۈپ قالغان، چەمى ئۇپراپ تېشىلەي دەپ قالغان ئىدى.

قورسىقىم كۇركىراپ كەتتى. ئىككى كۈن ئاۋۋال ئەتىگەندە چىلاپ يىگەن بىر زاغرا بىلەن يۈرىۋاتىمەن. زاغرا دېگەن كاساپەت قورساقنى بەك ئاچۇرىۋېتىدىكەن ئەمەسمۇ. كۆزلىرىمگە بۇرۇن يېگەن كاۋاب، پولولار ئەمەس، سوغۇق سۇغا چىلىغان قەغەزدەك كاكچا نان كېلىۋېلىپ، ئاچلىق مېنى بىرەر تونۇشنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا ئۈندەيتتى. بىراق، ھېچكىمنىڭ ئۆيىگە بارغۇم يوق. بىرەركىم بىلەن كۆرۈشكۈممۇ يوق. ماڭا باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلغىنى يوق، ئۆزۈمگە ئۆزۈم قىلغان ئادەمكەنمەن. بۇنى باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ ئاندىن چۈشەندىم. ئاشۇ كېلىشمەسلىكلەر بولغاندا مەن ئەتراپىمدىكىلەردىن ئاغرىنغان ئىدىم،  ئۆزۈمنىڭ قۇربانلىق بولغانلىقىمنى بار ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ توۋلاپ، ئالەم بالا ئىشلارنى، ئادەم ئاڭلىسا ياقىسىنى چىشلەپ قالغۇدەك بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپمۇ، كىشىگە خاتىرجەم تىكىلىپ قارىيالايدىغان، بىر ئائىلە كىشىلىرى كوچىدا قاتار ماڭالايدىغان كاتتا خېنىم، غوجاملارنى يۈزىدىن يۈزىگە سېلىپ تىللىغۇم، ھۆركىرەپ قالىدىغان بولسا مۇشت-پەشۋالىرىم بىلەن تازا بىر قويغۇم بار ئىدى. قاراپ باقسام تىللاپ بولالمىغۇدەكمەن، ئۇرۇپمۇ بولالمىغۇدەكمەن. مۇشۇ تاپتا بىر يېرىم كوي بولغان بولسا ئېرگازىدىن بىرنى پوكەيگە يۆلەپلا ئېچىۋەتكەن بولسام يېنىكلەپ قالغان، بىردەم بولسىمۇ خاپىچىلىقلارنى ئۇنتىغان بولار ئىدىم. ئورۇقلاپ ئېڭەك سۆڭەكلىرىم چىقىپ، تۆشلىرىم كۆرۈنۈپ، قورساقلىرىم ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بولغاچقا، كىيىملىرىم چوڭ كەپ قالدى، باشقىنى ئالاي دېسەم يانچۇق قۇرۇق. قەدەم ئىشتان يۆلەيمەن، چاپىنىمنىڭ مۆرىسى چۈشۈپ قېلىپ قەمدە بىر ئوڭشايمەن. قېرىشقاندەك ئايىقىمنىڭ پىتىكى چىرىپ كەتكەن بولغاچقا ئېلىۋېتىپ كىيىۋىدىم، ئاخۇنۇمنىڭ كالىچىدەك شىپىق-شىپىق ئاۋاز چىقىۋالىدىغان بولۇپ قالدى.

نېمە دېسە بولار كۆڭۈل دېگەن پەسەندىنى. بىرسى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىۋىدىم، 20 يۈەننىڭ بېشىغا سۇ قۇيۇلدى. كۈنلۈكىنى 10 يۈەندىن ئېلىپ يېتىۋاتقان ياتاق ئىدى. بۈگۈن قىممەترەك ياتاق ئېلىشقا توغرا كېلىپ قالدى. ئالغان ياتاق مەن يېتىۋاتقان ياتاقتىن كۆپ پاكىز، كارۋىتىمۇ كەڭرەك ئىدى. شەھۋەتىم نەپسىمدىن ئۈستۈن كەلدى. بىر سائەت بۇرۇن بىرسىگە مەدىكارلىق قىلىپ، قېپقالغان ئازراق ئېلىشىم بار ئىدى، ئامال يوق سورىۋىدىم ئاران 20 يۈەن بەردى. ئىككى كۈنلۈك قورساقنى بىراقلا تويغۇزاي دەپ ئاشخانىغا مېڭىۋاتسام، سىلىنى تاپقىلى بولمايدىكەن دەپ بىر تونۇشۇم 10 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى بىلەن بەرگەن ئەللىك يۈەنلىك تېلېفون سايراپ كەتتى. مۇشۇنىڭغىمۇ شۈكرى، مەن بىلەن سىردىشىغانلار، ئىش قىلدۇرغىلى ئىزدەيدىغانلار ھەرھالدا بار ئىدى.

-ۋەي، قانداق مىجەزلەر؟

- ھە، ئوبدان، كىمۇ سىز؟

ئاۋازىدىن تونۇدۇم.

-

ياتاقنىڭ تاملىرىدىن، چىراقتىن، تېلېۋىزوردىن، تېزگىنەكتىن، بولۇپمۇ كارۋاتتىن بۇرنۇمغا سېسىق تېرىنىڭ، بۇزۇلغان سۈت، قېتىق، قۇرۇتلاپ كەتكەن گۆش، ئېچىغان قولتۇقنىڭ، سۈيدۈك، شىۋەنىڭ، ئىشقىلىپ جاھاندىكى ئەڭ بەدبۇي پۇراقنىڭ ھەممىسى كەلگەندەك سەسكىنىپ كەتتىم. كارۋاتتىن چاچراپلا قوپتۇم. تازلىق ئۆيىگە كىرىپ، ئۈستى بېشىمنى ئۇزۇن قېقىشتۇردۇم، مۇزدەك سۇدا يۈز، قوللىرىمنى نەچچە رەت يۇيدۇم. قاتلاپ قويغان ئاپئاق لۆڭگىگە ئېيتىشقا كۆڭلۈم بارماي، كۆينىكىمگىلا ئېيتتىم. كىملەر، نېمە قىلىپ، يەنە نېمىلەرنى قىلىشىپ بولۇپ، نەلىرىنى ئېيتقان لۆڭگە ئۇ. مەن ئەڭ كاتتىسى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلاردىكى ئەل بېشى مەخسۇس ياتىقى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق ياتاقنىڭ تاملىرىدىن ئوق ئۆتمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئاشۇنداق ياتاقلارنىڭ ھەممە نەرسىسىنى بەلكىم بىر مېھمان يېتىپ كەتكەندىن كېيىنلا پۈتۈنلەي ئالماشتۇرسا كېرەك. ھەرقانچە قىلغان بىلەن تامنى ئالماشتۇرالمايدۇ-دە.

كۆزۈم كارۋاتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى، كىرئالغۇدا نەچچە رەت يۇيغان بولسىمۇ بىلىنەر بىلىنمەس كۆرىنىپ تۇرغان داغقا چۈشتى. داغ دېگەن ھەممە نەرسىگە چۈشىۋەرمەيدۇ. ئېغىر ئاياق خوتۇنلارغا داغ چۈشىدۇ، ئۇ ھامىلدارلىقنىڭ يارىشىغى. ئېغىر ئاياق ئاياللار كىشىگە مېھرى ئىسسىق كۆرىنىدۇ. يېرىلغان يەر ساقايغان بىلەن ئۇنىڭ يەنىلا دېغى قالىدۇ، تاتۇق قالىدۇ. بەزىدە داغمال بىلەنمۇ داغ سالغۇلۇق جانۋارلارغا ئەن سالىمىز دەپ. قان چىقارماي جان ئالىدىغىنى يەنىلا يۈرەككە چۈشكەن داغ، ئازاپ دېغى، ئۆكۈنۈش دېغى، مۇھەببەت دېغى، ۋايۋۇي دېسە داغ دېگەنگە كەلىمە كۆپ ئىكەن. ئەممازا، ما داغنى نېمە دېسەم بولا. داغ دېگەن گەپتىنلا رومان پۈتىدۇ تېخى. كاتتا رومان.

-تازلىق قىلىمەن، مېھمان ئىشىكنى ئېچىڭ.

- مانا، ھازىر.

ئەتتىگەندە تازلىۋالايلى دېسە ئۇنىماي ئېلىۋال بولغاندىكىن تويە ياتاققا. يۈرۈكۈم سېلىپ كەتتى. توۋا، ئۆزۈمنىڭ پۇلىغا ئالغان ياتاقتا يېتىپ يۈرۈكۈم سوقۇپ كەتتا. بىراق خاتا سوقمىدى بۇ يۈرەك. ياتاقتا بىر ئىش قىلمىدىم، بىراق بىر ئىش قىلاي دەپ ئالغان بولغاندىكىن، يۈرەك دېگەن بۇ سەزگۈر ئەزا سوقۇپ كېتىدىكەن. يۈرۈكۈم تۇيىۋاتىدۇ، بىر ئىش بولدى جۇمۇ، يۈرۈكۈم ئېغىۋاتىدۇ، بىرەر چاتاق چىقمىغىيدى ھە، تىلى سۆزلىمىگەن بىلەن يۈرىكى سۆزلەيدۇ. مانا يۈرەك ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەندىكىپ سوقماي ھاياجاندىن سوققان بولسىغۇ ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرەر ئىدىم.

-مۇشۇ كەمدە ئاغىينەم قىزلار بارغانسېرى چىرايلىقلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. باشلانغۇچتىن باشلاپ ھېساپلاپ كەلسەم ھازىرغىچىلىك كۈرمىڭ قىزلارنى بىر تەرەپ قىلىپتىمەن. ھازىرمۇ ئۇچراپلا قالسا قاس سوقىمىز. ماشىنا بار، يانچۇق توم ، قىزلار ئۆچرەتتە.

بۇ كىشى مۇشۇ يەردىكىلەر، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەڭ يېقىنلىرى، خانىم-قىزلار خەقلەردەك ماز ئەمەس، ئىناۋىتى بار، بەك دۇرس، ئالدى ئوچۇق، قاملاشقان ئادەم جۇمۇ دەپ ماختايدىغانلاردىن. مەندەك دادىن قاچقان، سالتاڭ يۈرۈيدىغان ئادەمگە مۇشۇنداق سۆسەر تۇماقلارنىڭ كەلدى-كەتتى گەپلىرىنى ئاڭلاشمۇ ئاچ قورساققا تەسەللى. ئۇنى گەپكە سالغۇم كەلدى.

-ئىشى پۈتۈپ ئۆچرەتتىن چىقىپ كەتكەنلەر قانچىگە بارار؟

-نېمە؟ نېمە ئۆچرەت؟ سوغۇقۇڭلا ئېشىپ قالدىمۇ قانداق؟ چۈشىنىشلىكرەك دەڭلا گەپنى؟

-دەيمەنغۇ. سىلە بىر تەرەپ قىلغىنىڭلا.

-ھە، كەكىسىنى قاقتۇرغانلارما؟

-ھە، شۇنداق قىلغىنىڭلا.

 -كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزپ باقسام 180دىن ئاشىدىكەن.

 

كىچىك ۋاقتىمدا قوناقلىقتا ۋاراسلىتىپ ئوت يۇلغاندا كېلىدىغان غاچچا، يۆگىمەچ، سېمىز ئوتنىڭ، كەكرى، شىۋاقنىڭ، قىرغا تېرىغان كەندىرنىڭ ئۆتكۈر، پاكىز ھىدىنى، يەنە بىرگە ئوت ئالغىلى بارىدىغان ئاشۇ قىزلارنىڭ غۇبارسىز، پاك، سەبىي، قوڭغۇراقتەك زىل ئاۋازىنى سېغىنىپ قالدىم. قولۇمنى پۇرىدىم. ئاشۇ يىللاردا ئوت ئالغاندا سۇدا نەچچە رەت يۇسىمۇ ئۇزۇنغىچە يوقىمايدىغان، ھەرخىل ئوتلارنىڭ سۈيى ئارىلىشىپ، باشقىچىرەك پۇرايدىغان ئاشۇ ياۋايى، ساپ ھىدنى پۇرىغاندەك بولدۇم.

قوش كىشىلىك كارۋات، بىر تېلېۋىزور، بىر گىرىم ئۈستىلى    

قەدىرسىز، مىھرى سوغۇق، مەينەتچىلىك، بۇزۇقچىلىقلارنى، باشقىلار بىلمەيدىغان كۈرمىڭ سىرلارنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپمۇ ئۆرۈلۈپ كەتمەي ياكى ئىرىپ كەتمەي، مۇزدەك تۇرغان، تۆت تامنىڭ ئىچىدىكى ئەۋرەز كۆلچىكى ماكاننى قايتۇرىۋەتتىم.  
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-28 19:59قايتا تەھرىرلەندى ]

-سىز كۆرۋاتقان تىما داغ,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
ئىمران
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 190

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ياراملىق ?????????332????
ئۆسۈش: 55.33%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 332
  تۆھپىسى: 38
  پۇلى: 1044 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 85
  ياخشى باھا: 414
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 100سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-13
  كىرىشى: 2011-09-13
1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-21 03:18

ھەي بۇ قەلىبتىكى چۈشكۈنلۈككە نىمە دەيلى.ئى اللە،بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن.

كۆزۇڭنى ئاچ