قارلۇق شىركىتىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ياشلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىش سەھنىسى بولغان «ناۋا پروگراممىسى» ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ھازىرقى مۆلچەردە پۈتۈنلەي يېڭىچە تۈس ئالغان ناۋا پروگراممىسى 2011-يىلى 7-ئايدا كۆرۈنۈشكە ئېلىنىپ 8-ئايدا تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى. نۆۋەتتە پىروگراما سودىگەر چاقىرىش ۋە نومۇر تىزىملاش باسقۇچىغا كىردى. كۆپتىن بېرى پروگراممىمىزنى قوللاپ كەلگەن تاماشىبىنلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە تاماشىبىنلارنىڭ ناۋا پروگراممىسىغا داۋاملىق تەكلىپ پىكىر بېرىپ پروگرامما سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ناۋا پروگراممىسى ياش سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدىن كەلگۈسىدىكى چولپاننى بايقاش ۋە ئۇلارنى تەربىيلەشنى ئاساسى مەقسەد قىلغان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2- ۋە 5- قانىلىدا سەككىز قېتىم تەكرار قويۇلىدىغان، رايونىمىز بويىچە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسى.
رايونىمىز مەدەنىيەت ساھەسىدە يۈكسەك ئابروي ۋە كۈچلۈك تېخنىكا ئاساسىغا ئىگە
قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى پروگراممىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇمۇمى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاش نىيتىدە ناۋا پىروگراممىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى. قارلۇق شىركىتى كۆپچىلىكنىڭ پىروگراممىنى باشقۇرۇشقا بىرلىكتە قاتنىشىپ، پىروگراممىغا پىكىر تەكلىپ بېرىشىنى، ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىدىغان بۇ پىروگراممىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ناۋا پىروگراممىسى ئەسلىدىكى نۇقۇل سەنئەت كېچىلىكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، داۋاملىق ياش ناخشىچىلارغا سەھنە پۇرسىتى بېرىش بىلەن بىرگە ھەر ساندا ئۈچ ئاۋام ئېتىراپ قىلغان چولپاننى تەكلىپ قىلىپ كۆپچىلىككە ساپالىق نومۇرلارنى سۇنىدۇ.
سىز يەنە ھەر سان پىروگراممىمىزدىكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ناخشىچىغا بېلەت تاشلايسىز، قايسى ناخشىغا تاشلانغان بېلەت كۆپ بولسا كېلەر سان پىروگراممىمىزدا شۇ ناخشىچى ئالدىنقى سانلىق چولپان ھىساپلىنىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئەلبەتتە سىزمۇ تەلەيلىك تاماشىبىن سۈپىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس!
كەلگۈسىدىكى چولپاننى سىز بەلگىلەيسىز! سىزگە ۋە دوستلىرىڭىزغا ئامەت يار بولسۇن!
چولپان بولۇشنى ئىستىسىڭىز، ناۋا پىروگراممىسىغا قاتناشماقچى بولسىڭىز توردا تىزىملىتىڭ.سەھنە ھاياتىڭىزنى قوللىغۇچىلىرىڭىز بەلگىلەيدۇ، دادىل بولۇڭ! 8 -سان ناۋا