ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 977 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەن خوتۇنۇمنى ئۇرمايمەن
دوستلىشىش
ئەزىمەتخان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 73
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
تۆھپىسى: 16
پۇلى: 62 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 41
ياخشى باھا: 62
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2011-04-03
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-06 23:38

مەن خوتۇنۇمنى ئۇرمايمەن

تور ئارلاۋېتىپ بۇ ئەسەرنى ئۇچۇرۇتۇپ قالدىم بەك سەمىمى يېزىلىپتۇ شۇڭا بايرام مۇناسىۋېتى بىلەن بۇندىن بۇرۇن ئايلىنى بىلىپ -بىلمەي ئايالىنى دۇمبالاپ سالغان ئەركەكلەرگە ۋاكالىتەن كەڭ زەربىگە ئۇچۇرىغان ئاياللاردىن كەچۈرۈم سوراپ بۇ ئەسەرنى يوللاپ قويدۇم .
ئەزىمەتخاندىن "مەنمۇ قورۇقتىكى دىدەكلەرنى دۇمبلاپ سالىدىغان خۇيۇمنى تاشلىمىسام بولمىغىدەك" 
مەن خوتۇنۇمنى ئۇرمايمەن
----
ھازىرقىدەك ئىسىمدە..كىچىك چاغلىرىمىز غۇلجا ئالتەشۇئار مەھەللىسىدە ئۆتكەن ئىدى.....
شۇ چاغلاردا مەھەللىدە ئادىلە ھەدەم دەپ بىر قىز بولىدىغان.بۇ قىزغا مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ،قىرى-ياش ھەممىمىز ئامراقتۇق.ئادىلە ھەدەم يۇلدا ئۇچراپ قالسا بىز ئۇششاقلارغا سومكىسىدىن قەندەلەت ،قەق.ئالما دىگەن نەرسىلەرنى بىرەتتى.ئادىلەم ھەدەم شۇنداق چىرايلىق ئىدى..مەھەللىنىڭ ياش بالىلىرى ئادىلە ھەدەمنىڭ ئىشىق ئوتىدا كاۋاپ ئىدى،مەھەللىنىڭ ياش بالىلىرىلا ئەمەس بىز ئۇششاقلارمۇ ئادىلە مىنىڭ ھەدەم دىسە مىنىڭ ھەدەم دەپ تالىشاتتۇق.چوڭلارمۇ ئادىلە ھەدەمنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختايتتى.
شۇ مەھەللىدە تەلئەت ئاكام دەپ بىرسى بولىدىغان...چاچنى قويۇپ،تار لاباكۇ دەيدىغان ئىشتاننى كىيىپ.ۋىلىسپىتىنى مىنىپ قولتىقىغا ئۈنئالغۇنى قىستۇرۇپ يۇرىدىغان.70-يىللاردا ئۈنئالغۇ ئەمەس بىرەرسى قول سائەت تاقىسىمۇ ئاغزىمىز ئىچىلىپ قالىدىغان.
شۇ تەلئەتكاممۇ ئادىلەم ھەدەمگە ئاشىق ئىدى....
كىيىن بۇلار توي قىلدى...مەھەللە ياش بالىلىرى لىۋىنى چىشلەپ قالدى...لىكىن مەن دائىم بۇلارنىڭ ئۆيىدىن تەلئەتكامنىڭ ۋارقىراپ چىچىلغان ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم...شورا تامدىن مارلىسام ئاپام قۇلۇقۇمدىن سوزۇپ ئۆيگە ئەكىرىپ كىتەتتى....
بىر كۈنى مەھەللىگە تەلئەتكام ئادىلە ھەدەمنى ئۇرۇپتۇ دىگەن خەۋەر تارقالدى...ئۇششاق بالىلار شورا تامدىن مارلىدۇق...دىگەندەك ئادىلەم ھەدەم يۇزى كۆك.كىر يۇيىۋاتاتتى...مەھەللىدىكى چوڭلار شۇنداقمۇ كۈنلەمدۇ.بىچارە سۈت ئالغىنى چىقىپتىكەن،سۈت ساتقۇچى ئەركىشىكەن.شۇنىڭ بىلەن تەلئەت كۈنلەپ ئۇرۇپتۇ دىيىشەتتى.ئۇ چاغلاردە مەن كىچىك بولغاچقا كۈنلەش دىگەن گەپنى چۈشەنمەيتتىم.
ئارىدىن ئاز كۈن ئۆتۈپ كەتتى.مەھەللىدە يەنە ئادىلە ھەدەم توغۇرلۇق گەپ چىقتى..
تەلئەت ئادىلەنىڭ چىچىنى چۈشۈرۋىتىپتۇ.
بىز كىچىك بولساقمۇ بۇنىڭ بىر خىل ھەددىدىن ئاشقان قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق.بالىلار بىلەن بىللە يەنە شورا تامدىن ئاتلىدۇق.دىگەندەك ئادىلە ھەدەم كۆزىدە ياش ،ياغلىقنى چىڭ تىڭىپ پىشايۋاندا مىسكىن ئولتۇراتتى.تەلئەتكام بولسا ھويلىدىكى ئالما شاخلىرىنى پۇتاۋاتتى.
كۈنلەر ئۆتتى،ئايلار ئۆتتى.ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جىدەل تۈگىمىدى،چوڭلار ئۇلار توغۇرلۇق گەپ بولغاندا...
-ھەي بىچارە ئادىلە.....دەپ قوياتتى...
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مومام ئاللا-توۋۋىسىنى سىلىپ تالاغا يۈگرىدى...كىيىن ئۇقساق ئادىلەم ھەدەم ئىسىلىپ ئۆلىۋاپتۇ..
يىغا-زارە بىلەن مىيىتنى ئۇزاتتى...لىكىن تەلەتكەم ئادىلەم ھەدەمنىڭ دەردىدە ئىلىشىپ قالدى،كىمنى كۆرسە ئادىلە دەپ ئۆزىنى ئاتاتتى،كىيىن كىسىلى ئىغىرلاپ دەرەخ تاملارغىمۇ ئۆزىنى ئاتىدىغان بولىۋالدى.
كىيىن مەھەللىدىكى ياغاچ توك تۈرۈكلىرىنى سىمونت تۈرۈكلەرگە ئالماشتۇردى...بىر كۈنى بالىلار بىلەن تالادا ۋاللەي ئويناۋاتتۇق.تۇيۇقسىز تەلەتكام ۋاي ئادىلە دەپلا تۇرۇككە ئۈسسىدى...بىز چىرقىرىشىپ كەتتۇق...
چوڭلار كىلىپ تەلەتكامنى يۆلىدى..تەلەتكامنىڭ بىشىدىن ئاققان قان كىگىزدەك يەرنى بىر ئالغان ئىدى...
ئەتىسى چوڭلار تەلەتكامنىڭ مىيىتىنى يەرلىككە قويدى...
كەچلىكى مومامنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرمىدى..مومامنىڭ قۇچىقىدا يىتىپ مومامنىڭ چۆچىكىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تەيارلاندىم...
مومان يىشىنى سۈرتىۋىتىپ تۇرۇپ....
-مانا ھەممىسى كەتتى...ھەممىسى كۈنلەمچىلىكنىڭ قۇربانى بولدى...كۈنلەشمۇ جايىدا بولىشى كىرەكتە....دىگىنى ئىسىمدە...
قارا بالام...ئايال كىشى ئاجىز بولىدۇ.خۇدايىم ئۇلارنى سىلەر ئەركەكلەرگە يۆلەنسۇن دەپ ئاجىز ياراتقان.خوتۇننى ئۇرۇش ئەركەكلەرگە خاس ئەمەس.
مومامنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى تازا ئىنىق چۈشەنمىگەن بولساممۇ،لىكىن قىز بالىنى بوزەك قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم...
مومامغا قاراپ تۇرۇپ شۇلارنى دىدىم.
-موما...مەن ھەرگىز خوتۇنۇمنى ئۇرمايمەن،ئۆلسەممۇ ئۇرمايمەن...

2

كىيىن مەنمۇ چوڭ بولدۇم.توي قىلىش يىشىغا يەتتىم....ئۆيدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن بىزنىڭ ئىدارىدە ئىشلەيدىغان. كىچىكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقىغان
ۋىنىرا ئىسىملىك بىر قىز بىلەن توي قىلدىم.توينىڭ بىشى ياخشى ئۆتتى...بىر ئوغلىمىزمۇ بولدى..لىكىن بالا ئىككى ياشقا كىرگەن چاغلاردا ۋىنىرا خۇلۇق چىقىرۋالدى.كىچە كىچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان،ئۆيگە مەس كىرىدىغان بولىۋالدى..
بالا كىچىك بولغاچقا دايىم كىچىسى ئاپام دەپ يىغلايتتى.مەن بالىنى بەزلەپ ۋىنىرانىڭ يولىغا قارايتتىم...ئۇ كەلمەيتتى ياكى مەس كىلىپ يىتىپ قالاتتى...مەن مومامغا خوتۇنۇمنى ئۇرمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەچكە ئۇنىڭغا قول تەككۈزسەم بولمايتتى...
كىيىن چىدىماي قىتىن ئاتام ،قىيىم ئاپامنى مەيدانغا چىقاردىم.لىكىن ئۇلارمۇ خەنزۇچە ئوقۇغان بولغاچقا ھىچقانداق ئىپادە بىلدۇرمەيتتى..تىخى قىيىن ئاتام....
-ئەييا شىيەنزەي نىەنچىڭرىن<ھازىرقى ياش بالىلارنىزە>دەپ ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كىتەتتى....
كىيىن مەن ۋىنىرانىڭ بىزنىڭ ئىدارە باشلىقى بىلەن چاتىقى بارلىقىنى بىلىپ قالدىم...شۇنىڭ بىلەن چىرايلىقچە ئۇنىڭغا ئاجىرشىش تەكلىپى قويدۇم.ئۇ ماقۇل بولدى...
شۇنىڭ بىلەن ئاجراشتۇق بالا ماڭا قالدى،ئۇ يىرىم ئاي ئۆتمەيلا بىزنىڭ باشلىق بىلەن توي قىلىپ ئۈلگەردى...كىيىن ئىشقا بىرىپ كىلىپ يۈردۇق..
بىر كۈنى ۋىنىرانىڭ يۈزى كۆك پىتى ئىشقا كەلدى..كىين ئۇقسام ئۇنى يولدىشى ئۇرۇپتۇ.چۈنكى ۋىنىرا باشقا بىرسى بىلەن تىپىشۋاپتىمىش...
ئارىدىن يەنە بىر ئىككى ئاي ئۆتكەندە ئىدارىدىكىلەرنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق گەپ تارقىدى..
باشلىق ۋىنىرانىڭ چىچىنى چۈشۈرۋىتىپتۇ...
دىگەندەك چۈشتىن كىيىن ۋىنىرا بىشىغايالغان چاچ كىيىپ ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.كىيىنىشى شۇنچە مودا بولسىمۇ لىكىن ۋىنىرانىڭ كۆزىدىن بىرخىل مىسكىنلىك چىقىپ تۇراتتى...ئۇ ماڭا تۇرۇپ-تۇرۇپ مىسكىن باقاتتى..بىر تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىچىممۇ ئاغرىپ قالدى،،،
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە ئىدى....بىر كۈنى ئىدارىغا بىر ئىچىنىشلق خەۋەر تارقالدى.
ئىدارە باشلىقى ۋىنىرانى بوغۇزلىۋىتىپتۇ....
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى يوقۇتۇپلا قويدۇم...نىمىلا دىگەن بىلەن ئوغلۇمنىڭ ئاپىىسى ئەمەسمۇ....
كىيىن ساقچىلارنىڭ ئىدارە باشلىقىنى قولغا ئالغىنىنى بىلدۇق....
مانا بىر يىل ئۆتتى...5ياشقا كىرگەن ئوغلۇم بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسىنى يوقلىغىلى باردىم.تارىقتىن بۇيان ئۆتكەن ئىشلار كۆزئالدىمدا كىنو لىنتىدەك ئۆتمەكتە.ئۆز ئۆزەمگە پىچىرلىدىم.
-ھەرگىز خوتۇنۇمنى ئۇرمايمەن...
-دادا،مەنمۇ خوتنۇمنى ئۇرمايمەن....
بۇ ئوغلۇمنىڭ ئاۋازى ئىدى................
-مەنبە:سەنەم مۇنبىرى
دوستلىشىش
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا ...
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 363
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 472 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 101
ياخشى باھا: 467
توردا: 128(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-03-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 11:11

ئايال كىشىنى ئۇرۇش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئەمەس. ئەمما، ئادەمنىڭ مىجەزى، ئۆزىنى تۇتىۋېلىشى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭىمۇ ئاچچىق ئۆتۈپ كەتكەندە قول تەككۈزۈپ قالىدىغانلار بولىدۇ. لېكىن، يولسىزلىق قىلىپ خوتۇن ئۇرۇش ئەركەكنىڭ ئىشى ئەمەس. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئادەمنىڭ ئازمايدىغىنى يوق دېيىلىدىكەن، شۇڭا ، ئامال بار سىلىق، تەمكىن، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن مەسلە ھەل قىلىپ، توغرا يولغا باشلىشىمىز لازىم.
دېمەك ئوڭاي، يەنىلا ئاللاھ ئىنساپ بەرسۇن ئەر- ئاياللارغا !
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
بالام مەندىن قېرى، مەن غەمدىن نېرى.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 60
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە60دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 73 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 68
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2011-10-13
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 15:47

بەزى ئەركەكلەر ئايالىنىڭ كۆپ سۆزلەپ ..كۇتۇلدىغىنىغا جاۋاپ قايتۇرالماي ..ئاچچىغىدا ئۇرۇپ قۇيىشى مۈمكىن.سەۋەپسىزلا ئۇرۇشنىڭ ئۆزىلا زوراۋانلىق.
دوستلىشىش
مۇزاتبەگ
كۆلۈپ ياشىسام دەيمەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 72
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 34 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 34
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2011-05-15
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 18:41

ھەقىقەتەن تەسرىلىك ئىكەنۇ ئەمما ئەرلەرنىڭ غۇرۇرنى سۇندۇرىدىغان جەريان باركەن. كېچىلەپ ئۆيگە كىرمىگەن، ھەتتا مەس كەلگەن خۇتۇننى دەسسەپ ئۇرمىغان ( بۇرۇنغۇ بۇغۇزلاپلا...)ئاندىن خېتىنى بەرمىگەن ئەرنى نىمە دېمەكلىك كېرەك.