ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار ! مەن ئۈزۈمنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي ؛مەن (بورتالا مەجبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇش )ئورنىدىن بۇلىمەن ،مىنىڭ ئاساسلىق كەسپىم زەھەرگە خۇمار بوپ قالغان نېمجانلارنىڭ بالدۇرراق زەھەردى قول ئۈزدۈرۈپ ، قايتىدىن ئادەم بولۇپ شاتلىققا چۆمگەن ئائىلىسىنى تېپىۋىلىشى ئۈچۈن تېرشقۇچى خادىم .
كەڭ تورداشلارنىڭ راس ئىشلار خاتىرىسىدىن ئالغان ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىراتلىرىنى ئايانماي ئوتتۇرغا قۇيۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن! چۈنكى ھەر خىل يول ۋە قىلتاقلار بىلەن دۈشمەن توزقىغا چۈشكەن ئەشۇ ئازغۇنلارنى قايتىدىن گۈزەل ،ئاسايىشلىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش سىزنىڭ مىنىڭ بۇرچۇم ھېسابلىدىم.
شۇڭا ئالدىن تائام ،ئاندىن كالام دېگەندەك ئەڭ ئاۋۋال بوزقىر مۇنبىرىدىكى بارلىق دوسلارغا سالامىمنى يەتكۈزۈۋىتىپ ئاندىن راس ئىشلار خاتىرسىنى يوللاي دىدىم.
بۇ يازمىللىرىمنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن كەسىپدىشىم رىزىۋانگۈلگە ھەم تۇنۇشىشقا ئۈلگۈرمىگەن بوز قىر ئەپەندىمگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.