بالا تەربىيەسى ئائىلە تەربىيەسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.پاسسىپ ساغلام بولمىغان تۇرمۇش كەيپىياتى بالىلار ۋە ياشلارنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە ئەخلاق ساپاسىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ‹بۇنىڭ كونكىرىت ئىپادىللىرى مۇنداق؛
1.راھەت تۇرمۇش ئۇسۇلى . بەزى ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بالىلارنىڭ دىگىنىنى قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى جاپاغا چىدىمايدىغان، ئالغا ئىنتىلمەيدىغان تەييارتاپ بايۋەتچە قىلىپ قويۇدۇ.
2.ئىناق بولمىغان ئائىلە مۇناسىۋىتى. بىر قىسىم ئاتا -ئانىلار ھەمىشە بالىلىرىنىڭ ئالدىدىلا ئۇرىشىدۇ،بۇنداق روھى بېسىم بالىلارنى مىجەزى غەلىتە ،ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ،ھەركىتىنى باشقۇرالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ،ھەتتا ئۆيدىن چىقىپ كېتىش،جىنايەت يولىغا مىڭىپ قېلىشتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.ئۇرۇپ- تىللاش ئۇسۇلى. بالىلار دائىم تاياق يەپ ،تىل ئاڭلىسا گۈدەك قەلبى ۋە تېنى قاتتىق زەربە يەپ،قورقۇنچاق يۈرەكسىز،ئىرادىسى ئاجىز،ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
4.قوپال سۆزلەر بىلەن تەنبىھ بېرىش. بەزى ئاتا -ئانىلار باركى،ھەمىشە بالىلارغا قوپال،سەت گەپلەرنى قىلىدۇ.ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ گەپ-سۆزلەر تەسىر قىلىپ ،بالىسىمۇ كىچىگىدىنلا قوپال ،سەت گەپ قىلىدىغان ،ئەخلاقسىز،زوراۋان بولۇپ قالىدۇ،مانا بۇلار ئاتا-ئانىلار ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدىغان،جىددى تۈزتىشكە تىگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەردۇر.