ئۇيغۇر تويى -ئەبجەش توي
ۋىسالغا ئىنتىزار بولغان يۈرەك ئىزلەپ مۇھەببەتنى ،
نىگارى بىرلە كۆزلىشىپ بەخت،ئىقبال سائادەتنى ،
قۇرۇش ئۈچۈن خوشاللىق باغ ،ئائىلە قەسرى ھەيۋەتنى ،
جاكارا ئەيلىدى ئەلگە بۇ تويلۇق ۋاقتى سائەتنى ،
نىكاھغا كۆردى تەييارلىق ئېلىپ ئوبدان تاھارەتنى .
نىكاھغا كەلدى قارىملار قولىدا زور كىتابى بار ،
"نىكاھ غايىپ ،ئەمىر ۋاجىپ "مۇقەددەس پەتىۋاسى بار ،
ئېلىپ تەگدىم دېيىشتى قىز-يىگىت ئەھدى ۋاپاسى بار ،
يېيىشتى تۇز سۈيى ناننى جاپالەرگە چىدارى بار ،
تاماققا باشلىدى ئاندىن قۇدا كويلار جامائەتنى .
بازارنى ئايلىنىپ چىقتى يىگىت -قىز ھەم ئاداشلارى ،
خوشاللىق كۈلكىسى تامغان ھەجەپ خۇشخۇي قاراشلارى ،
تېپىشتى ھۆسىن تۈزەش ئۆينى ،گۈزەل بولغاي چىرايلارى ،
بوياپ،سۈركەپ گۈزەل بولدى زاماننىڭ مودا ياشلارى ،
يوقاتتى يۈزدە يۈز ئاخىر مۇسۇلمانلىق قىياپەتنى .
كېلىنچەك ئاق كىيىم كىيگەن ئېلىپ ئۈلگە خىرىستىياندىن ،
بۇلۇڭدا تۆكتى ياش ئەتلەس قېلىپ كۆڭلى مۇسۇلماندىن ،
يېرىم يالڭاچ قېلىشمايدۇ قوتاندىن قاچقان ھايۋاندىن ،
نازۇك،سادىرغا پوق ئاتتى ئەسەر قالمايلا ۋىجداندىن ،
ئۇرۇپ يەرگە خاراپ قىلدى مۇقەددەس قەدرى- قىممەتنى .
يىگىت ئۇ يۈردى پەرۋاسىز ،خوتۇنى يالىڭاچ يۈرسە ،
يېنىپ شەھۋەتتە جۈپ كۆزلەر خوتۇن ئەۋرەتىنى كۆرسە ،
ئېغىر ئالمايدۇ"ئەركەك"كەر خوتۇننى باشقىلار سۆيسە ،
لەنەت ئۇيغۇر ئاتالغانغا غورۇرى بۇ قەدەر ئۆلسە ،
بوۋىلار ياغدۇرار بىزگە قىلىپ يامغۇر ھاقارەتنى .
ھەشەمەت رېستۇران كاتتا ھاراق تارتىلدى داستىخانغا ،
قوساق توق نەچچىسى ھەتتەڭ يەنە دۈم چۈشتى قاسقانغا ،
قارايسەنغۇ بالاڭزا دەر ،قارالمايسەن ئالايغانغا ،
باھانە بولدى توي ئاخىر جېدەل تاپقانغا قۇسقانغا ،
يېرىلدى قاش قاپاق كۆزلەر ،تامام ئۇنتۇپ دىيانەتنى .
جېدەل باشلاندى توي قاچتى، ماشىنا ئالدىدا بۇت بار ،
نادان مۇخلىس ئۈچۈن بۇ ئىش شەرەپ ئامەتكى بىر قۇت بار ،
بۇ قۇتتىن ئەنئەنە ئەخلاق گۈلىستانىغا بىر جۇت بار ،
قىيامەت كۈنىدە ئاخىر ئاجايىپ زور ئوچۇق سوت بار ،
بىلىپ تۇرۇپ تەرك ئەتتۇق ئىلاھى بۇ ھەقىقەتنى .
سەھەردە باشلىغان توينى ئوقۇپ ئايەت مۇسۇلمانچە ،
كىپەنلىك ئاق كىيىم كىيىپ بولۇپ چۈشتە خىرىستىيانچە ،
كېچىسى توينى يۆتكەشتە چوقۇندۇق بۇتقا بۇددىسىتچە ،
قىلالمامدۇق بۇ تويلارنىڭ بېشى ئاخىرنى ئۇيغۇرچە؟
ئۆزىمىز باش جىنايەتچى پەيدا قىلغانغا زىددىيەتنى .
نىزا تېرىپتۇ تويلۇق مال جېدەل باشلاندى چىللاقتا ،
ئانالەرگە نېمە بولدى پەقەت تويمايدۇ دۇنياغا ،
يىگىت-قىزگە بالا بولدى يۈرەك خۇن ،تولدى كۆز ياشقا ،
ئېغىزدا زورمۇ -زور كۈلكە لېكىن كۆزلەر ئۇرۇشماقتا ،
قۇدالار غەيۋىتى بىرلە قىلىپ پەيدا ئاداۋەتنى .
قوياي ھە بولدى قايناشنى ،قايناپ بىر ئىشقا تاڭ ئاتماس ،
ئۆزۈم تاپقان بالالارنى خۇداۋەندا تۈزەپ قويماس قويماس ،
ئۆزۈڭدىن باشلا يارەنلەر دەۋىر بىزنى كۈتۈپ تۇرماس ،
تېگىنى ئۇنتىغان ئەلگە بەخىت بەركەت نىسىپ بولماس ،
تۈزەيلى ئۆزىمىز باش بوپ ناچار خاھىشنى ئىللەتنى !
شەھرى بورتالادا يېزىلدى
2007-يىلى ياز