ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 438 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىچىككەن ئوغۇل
ئنسان ھەرگىزكىچىككىنەمۇۋاپىقىيىتى ئۈچۈن مەغرۇر ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 679
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
تۆھپىسى: 19
پۇلى: 77 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 38
ياخشى باھا: 77
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-22 20:54

كىچىككەن ئوغۇل

-ئاھ ئاتا، مېنى كەچۈر، ساڭا نۇرغۇن ۋاپاسىزلىقلارنى قىلدىم. ئىسىت، مەنمۇ ئادەم بولدۇممۇ؟ ئاتا، مەندىن رازى بول، مەندەك ۋاپاسىز ئوغلۇڭدىن رازى بول، سېنى بارغۇ، كېيىنچە كۆڭلىنى خۇش قىلسام بولىدىغۇ دەپتىمەن. لېكىن، لېكىن ئاتا بۇ ماڭا نىسىپ بولمىدى. ئوغۇل باققاننىڭ راھىتىنى كۆرمەيلا كېتىپ قالدىڭغۇ ئاتا...ــ ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىسمى شەپقەت بولۇپ، يالغۇز ئوغۇل ئىدى.
ددادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ قىلغانلىرىغا ئەمدى پۇشايمان قىلىۋاتاتتى. ئەمما ئۇ ئاللا بۇرۇن كىچىكتى.
-ئوغلۇم، نېمىلەرنى قىلىپ يۈرىيسەن؟ ئەجەب بۇياققا ئۆتمەس بولۇپ كەتتىڭغۇ؟
-ئاتا، ئىشنىڭ جىقلىقىدا بىر بېشىمنى ئىككى قىلالمايۋاتسام، بۇياققا ئۆتۈشكە چولام تېگەمتى... ئۇنىڭ ئۈستىگە...ــ ئۇنىڭ ئايالى ئۇنى شەرەتلەپ قويدى، مانا ئەمدى كەلدىمغۇ. ئۇ شۇلارنى دەپ بولۇپ ئايالىغا يەر تىگىدىن كۈلۈپ قويدى.
-بوپتۇ بالام-دېدى بوۋاي مېھرىبانلىق بىلەن-ئىشلىرىڭ كۆپ ئوخشايدۇ. مەيلى. ئەمما بۇ يەرگە كەلسەڭمۇ نېمە قىلىسەن؟ ئىشىڭنى قىلىۋەر. شۇ «ئاتام بار ئىدى، يوقلاپ قوياي» دەپ ھېيت، بايراملاردا ئۇنتۇپ قالمىساڭلارلا بولدى. بوۋاينىڭ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى. ئاغزى ئۈمچەيدى. ئۇ شۇ تاپتا ئىچ-ئىچىدىن قاپساپ كەلگن يىغىنى بېسىشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئوغۇل بىر نەرسىدىن نارازى بولغاندەك بوۋايغا قاراپ قويدى. بوۋاي بولسا يېغىنى ئاران-ئاران بېسىپ ھاسسىسىغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئوغۇلنىڭ ئايالى قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ئېرىنى شەرەتلەپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئۇلار ئاشخانىغا كىرىپ بىردەم بىر نېمىلەرنى غۇدۇرلاشقاندىن كېيىن ئوغۇل ئىشىكنى جالاق قىلىپ يېپىپ چىقىپ كەتتى. بوۋاي كېلىنىدىن نېمە بولغىنىنى سورىدى:
-قىزىم، نېمە بولدى؟ بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
-ياقەي ئاتا، ھېچ ئىش يوق. ئاتا ئىدارىدە ئىشىم بار ئىدى مەن ماڭاي.
-مۇشۇنداقلا ماڭامسىز قىزىم؟-بوۋاي ئوڭايسىزلانغاندەك سورىدى.
-بولدى ئاتا چىقماڭ، خۇش ئەمىسە، يەكشەنبە كېلىمىز. كېلىنى چىقىپ كەتتى. بوۋاينىڭ ئۆيى يەنە جىمجىت، غېرىپ قالدى. دىمىسىمۇ بوۋاي ئۆزىمۇ غېرىپ ئىدى. سۆيۈملۈك رەپىقىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن تارتىپ، تا ھازىرغىچە بولغان ئون يىل ئىچىدە بوۋاي بېرىپ قالغانىدى. ئوغلىنى ئۆيلىگەندىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ غېرىپ قالدى.
بىز بۇ يەردە دەۋاتقان ئوغول دەل شەپقەت، بوۋاي بولسا دەل شەپقەتنىڭ دادىسى ئاسىم بوۋاي، كېلىن ئارزىگۈل ئىدى.
شەپقەت ئاسىم بوۋاينىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئەركە چوڭ بولغانىدى. يالغۇز پەرزەنتلىكى ئۈچۈن ئاسىم بوۋايى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن مومىيى ئۇنىڭغا بىرەر قېتىممۇ قاتتىق تەگمىگەنىدى، شۇڭا شەپقەت كىچىكىدىن تارتىپلا بەگزادىلەردەك چوڭ بولغانىدى. كىيىن ئۇ قۇرامىغا يېتىپ توي قىلدى. ئايالى ئارزىگۈل ۋاي دېگۈدەك چىرايلىق بولمىسىمۇ مېھىر ئىللىق، كۆيۈمچان، ئاقكۆڭۈل ئايال ئىدى. ئۇلار ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بوۋاي 120 كۋادىرات مېتىرلىق ئۆيدە يالغۇز قالغانىدى. بۇ يىل قۇربان ھېيىتتىن كېيىن شەپقەتنىڭ بۇ ئۆيگە بىرىنچى قېتىم كېلىشى ئىدى. بوۋاي خىيالىدا «خۇشال-خۇرام بىر ئائىلە كىشلىرى جەم بولىمىزغۇ» دەپ ئويلىغان، بۇ ئائىلە يىغىلىشى مۇشۇنداق كۆڭۈلسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشتى.

كۈز كەلدى. رەھىمسىز تەغدىر، شۇ كۈز كېلىشى بىلەن ياپيېشىل كۆكۈرۈپ تۇرغان دەل-دەرەخلەرنى شۇ يېشىل يوپۇرماقلاردىن ئايرىدى، ئەمدى تېخىمۇ خىرىس قىلىپ سارغايغان يوپۇرماقلارنى شۇ دەرەخ شاخلىرىدىن ئايرىماقچى بولۇۋاتىدۇ.
ئاسىم بوۋاي ئاغرىپ قالدى. مانا بۈگۈن بوۋاينىڭ ھالسىزلىنىپ ياتقىنىغا دەل ئۈچ كۈن بولدى. ئۇ يېتىپ خىيال سۈرەتتى، بەزىدە كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ھوشسىزلىنىپ قالاتتى. ئەزرائىل ھەر زامان ئۇنى چۆرگىلەيتتى.
بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقتى. ئىككى ئايدىن بېرى قارىسىنى كۆرسەتمىگەن شەپقەت ئۆيگە كىرىپ كەلدى، ئۇنىڭ بۇ ئۆيگە بۇنداق كۈلۈپ كىرىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش. ئۇ پەقەت ئارلاپ-ئارلاپ دادىسىدىن پۇل سورىغىلى كىرەتتى. شۇنداق چاغلاردىلا شەپقەت بۇ ئۆيگە كۈلۈپ كىرەتتى-دە، بوۋاي بىلەن سۇسلا ئەھۋاللىشىپ ئالىدىغىنىنى ئېلىپ تېزلا چىقىپ كېتەتتى. مانا بۈگۈنمۇ ئۇنىڭ بۇنداق كۈلۈپ كېلىشىدىمۇ بىر غەرەز بار ئىدى.
ـ ئاتا، ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ؟- دېدى شەپقەت زورىغا تەبەسسۇم قىلىپ.
ـ ھەر ھالدا ياخشى بالام، يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟ بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
ـ ياقەي ـ، دېدى شەپقەت تىت-تىت بولغاندەك، دىمىسىمۇ ئۇ تىت-تىت بولۇۋاتاتتى. باشقا ئىشقا ئەمەس، ئاتىسىنىڭ يانچۇقىدىكى نەچچە يۈز يۈەن قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلىنىڭ چىقىشىغا تىت-تىت بولۇۋاتاتتى. سەل جىددى بولۇپ قالدىم.
ـ ھە ...... بۈگۈن بىكار بولۇپسەندە؟ـ شەپقەت بۇ گەپتىن پۇرسەت كەلگىنىنى سەزدى دە، تېزلا مەقسىدىگە كۆچتى.
ـ ھەئە، ئاتا، بۈگۈن ئالىمنىڭ تويى ئىكەن، شۇڭا بىزمۇ ئاتغىنمىزنى قىلماقچى، ئەمما ئىدارىدىن تېخى مائاش تارقاتمىدى. شۇڭا پىنسىيە مائاشىڭدىن بېرىپ تۇرساڭ ......
ـ مۇنداق دە، ئالە بۇ 300 يۈەننى، ئەسلى دورا ئالاي دىگەنىدىم، باشقىلار ئالدىدا يۈزۈڭ چۈشمىسۇن!ـ دېدى بوۋاي. بوۋاي بىلەتتى، ئالىم دىگەن بۇ شەپقەتنىڭ دوستى تېخى بىر ھەپتە بۇرۇن تويىنى قىلىپ بولغانىدى. شۇنداقتىمۇ بوۋاي بىرەر ئىشنى پەملىدى بولغاي، بار پۇلنىڭ ھەممىنى شەپقەتكە بەردى.
ـ رەھمەت، ئاتا مەن ماڭاي، خوش ئەمسە! قوزغالما ياخشى دەم ئال، كېيىن يەنە يوقلاپ كېلىمەن،ـ دېدى. شەپقەت ئىشىكتىن چىقىپ كېتىپ بېرىپ بوۋاي ھېچنىمە دېمىدى. چۈنكى يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا كىچىكىدە قانچىلىك ئىچى كۆيگەن بولسا، ھازىرمۇ شەپقەتكە شۇنچىلىك ئىچى كۆيەتتى.
ھايات شۇنداق، تۇرمۇش شۇنداق. ئاتا-ئانا بالىسىغا كۆيىنىدۇ، لېكىن بالىچۇ؟ ئۇلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنەمدۇ؟ ياق، ياق، ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئۇلارچە بولغاندا ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىنى بېقىشى، باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيەت، ئاتا-ئانىنىڭ زىممىسىدىكى قەرز. لېكىن ئاتا-ئانا پەرزەنتكە قەرز ئەمەس. ئۇلار پەقەت پەرزەنتلىرىنىڭ كېرەككە كەلگۈدەك، ياراملىك بولۇشى ئۈچۈنلا ئۇلارنى ياخشى پەرۋىش قىلىدۇ. خۇددى پاختا ئىچىدە ئوت ساقلىغاندەك ئاۋايلايدۇ، ئارزۇلايدۇ. لېكىن بالىنىڭ ئاتا-ئانىغا بېرىدىغىنى ناھايىتى ئاز ھەم ئەرزىمەس ئىلتىپاتتىنلا ئىبارەت. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاتا-ئانىغا قىلغان بىر-ئىككى ئىش ئۇلارنىڭ ئىلتىپاتىدۇر.
بوۋاي يالغۇز قالدى. ئۇ خىيال سۈرەتتى. خىياللىرى يىراق-يىراقلاردىن باشلاپ ئاخىرىدا ئەركە ئوغلىغا كېلىپ توختايتتى. دىمىسىمۇ ئاتا-ئانا ئۈچۈن پەرزەنتتەك قىممەتلىك نەرسە بولمىسا كېرەك.
ئاسىم بوۋاي خېلى ئوڭشىلىپ قالدى. شەپقەتمۇ بۇ ئۆيگە پات-پات كېلىدىغان بولۇپ قالدى. كۆپىنچە ھاللاردا ئاتىسىنىڭ يانچۇقىدىكى ئاقچىغا تاما قىلىپ كېلەتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى. شەپقەت يەنە كۈلۈپ كىردى.
ـ ئاتا، پۇل بېرە، تېلۋىرزور سېتىۋالاي دىگەنىدىم.
ـ بالام ئۈلۈشكۈن بار پۇلنى بەرگەنتىمغۇ!؟
ـ بولدى ئەمسە،ـ دېدى شەپقەت قېيدىغاندەك،- ئەمسە كەتتىم.
شەپقەت شۇنداق دېگىنىچە ئىشكىنى جالاقلىتىپ يېپىپ چىقىپ كەتتى.
بۇ ئىش بوۋايغا ئېغىر كەلدى. دىمىسىمۇ ئارزۇلاپ باققان بالىسى بۇنداق قىلىۋاتسا كىشىگە ئېغىر كېلىدۇ،- دە.
ئۇ يەنە خىيال سۈردى، ئۇنىڭ خىيالى ئوغلىدىلا قالغانىدى. تۇيۇقسىز يۈرىكىگە پىچاق تىققاندەك چىڭقىلىپ كەتتى ۋە بىر سىلكىنىپ جىمىپ قالدى.
سەھەر دەرەى شاخلىرىدىكى ئاخىرقى سېرىق يوپۇرماقلارمۇ چۈشۈپ بولغان بىر سەھەر. ئاسىم بوۋاينىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى. ئۇ ئۇيقىغا كەتكەنىدى، مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەنىدى. شۇ ئۇيقۇ بىلەن ياراتقان ئىگىسىنىڭ يېنىغا كېتىپ باراتتى. شەپقەت ئۆكسىدى، ئۆرتەندى، لېكىن ئەمما ئورنىغا كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ قىلغانلىرى ناھايىتى تاپتىن چىققانىدى. ئاسىمنىڭ يۈرىكىگە داغ بولۇپ چېكىلگەنىدى. قىسقىغىنە كۈچ كۈز ئۆتۈپ قىشمۇ كەلدى. مانا ئۆز ۋاقتىدا ئۆزخان-ئۆزبەگ ئۆتكەن شەپقەت قەبرە ئالدىدا پۇشايمان بىلەن يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەمدى بىكار، ئۇنىڭ قىلغانلىرى ئەمدى بىكار. چۈنكى ئۇ ۋاپاسىزلىق قىلدى، ئۇنىڭغا پۈتۈن كائىنات لەنەت ئوقۇيدۇ.
2010.12.22   ئازغۇن

دەرىجە: بىكەت باشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 219
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە219دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1243 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 116
ياخشى باھا: 324
توردا: 109(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-16
ئاخىرقى: 2012-03-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 00:39

توغرا ھاياتلىقىدا ئوبدان قارىماي ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقىغاننىڭ پايدىسى نەدۇر .