گۈل پۇرايدۇ چىندىل يېزىسى
(شىئېر)
چوغلان
ئاتام تەرى تۆكۈلگەن يەر بۇ،
ئانام ئەجرى تۈگۈلگەن يەر بۇ.
كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يەر بۇ،
گۈل پۇرايدۇ چىندىل يېزىسى.
گويا جەننەت توكيو،ۋېنالار،
ئاھ،سىرلارغا باي پارىژ كېچىسى.
تەڭ قىلمايمەن لېكىن ھەممىگە،
گۈل پۇرايدۇ چىندىل يېزىسى.
يوق بۇ يەردە ئىگىز بىنالار،
يوق بۇ يەردە يېشىل چىراقلار.
بىراق قەددى ئىگىز،قەلبى پاك،
گۈل پۇرايدۇ چىندىل يېزىسى.
ئىللىق قوللا سىقار قولۇڭنى،
كۈلۈمسىرەر ئىللىق چىرايلار.
سالىمىڭمۇ قالماس جاۋاپسىز،
گۈل پۇرايدۇ چىندىل يېزىسى.
دېھقان دېگەن خسلەتلىك ئىنسان،
ئەمگەك بىلەن بەرىكەت تاپقان.
كۈي تۆكۈلەر ھەربىر گياھدىن،
گۈل پۇرايدۇ چىندىل يېزىسى.
پاكار-پاكار قەدىم ئۆيلەرگە،
تولدۇرۇلغان ئوتلۇق مۇھاببەت.
تولدۇرۇلغان مەرتلىك،ساداقەت،
تولدۇرۇلغان ئادەملىك خىسلەت،
گۈل پۇرايدۇ چىندىل يېزىسى.