ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 599 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇلار كىملەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 37
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
تۆھپىسى: 46
پۇلى: 239 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 63
ياخشى باھا: 114
توردا: 12(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-03-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 19:33

ئۇلار كىملەر

ئۇلار كىملەر
(فېليەتون)
مۇقەددىمە
كۆزىدە چوڭ گىرۋەكلىك قارا كۆز ئەينەك،ئۇچىسىدا ئۇزۇن قارا پەلتو،ئارقىدا  بىر توپ بۇرادەرلىرى،ئولتۇرۇشى ئالىي دەرىجىلىك ماشىنا.....مانا بۇلار مەن ھەم سىز كۆرگەن شىياڭگاڭ ۋە غەرىپنىڭ كىنولىرىدىكى قارا گوروھلارنىڭ كاتىۋاشلىرى.

 

كۆزىدە چوڭ گىرۋەكلىك قارا كۆز ئەينەك،ئۇچىسىدا قىممەت باھالىق كاستىيۇم- بۇرۇلكا،ئارقىدا بىر توپ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى،ئولتۇرۇشى ئالىي دەرجىلىك ماشىنا.....مانا بۇلارنى مەن ھەم سىز كۆرگەن،ئۇلار كىملەردور؟

1
- ئەگەر ساقچىغا مەلۇم قىلىدىغان بولساڭ،بالاڭنىڭ تىرىكىنى كۆرۈمەن دەپ ئويلىما!- بۇ قارا گوروھنىڭ كاتىۋاشلىرىىنىڭ تېلېفۇندا قىلغان سۆزى.

- ئەگەر  يوقۇرىغا ئەرز قىلىدىغان بولساڭلار،بۇ يۇرتتا ياشايمەن دەپ ئويلىماڭلار!-،بۇ كىملەرنىڭ سۆزىدۇر؟

2
- ئەگەر مەن دېگەن پۇلنى ۋاقتىدا تاپشۇرمايدىغان بولساڭ،بوينىڭنى ئۈزۈۋېتىمەن،ئۇ چاغدا كۈنننىڭ سېرىقىنى كۆرۈمەن دەپ ئويلىما-بۇ قارا گوروھنىڭ كاتىۋاشلىرىىنىڭ تېلېفۇندا قىلغان سۆزى.

-ئەگەر قوتاندىكى قىغلارنى ئەتىدىن قالدۇرماي ئېتىزغا ئاچقىپ بولالمايدىغان بولساڭلار،توكۇڭلارنى ئۈزۋېتىمەن،ئۇ چاغدا ئوۋيۇڭخۇينى كۆرىمىز دەپ ئويلىماڭلار!-،بۇ كىملەرنىڭ سۆزىدور؟

3
- ئەگەر ۋەزىپىنى جايىدا ئورۇنلىمايدىغان بولساڭ،خوتۇن-بالىلىرىمنى ساق-سالامەت كۆرۈمەن دەپ ئويلىما!-بۇ قارا گوروھنىڭ كاتىۋاشلىرىىنىڭ تېلېفۇندا قىلغان سۆزى.

- ئەگەر ئوقۇتۇش سۈپۈتى ناھيىنىڭ ئوتتۇرچە نومۇرىدىن تۆۋەن چىقىپ قالىدىغان بولسسا،ئۈنۈم ئىش ھەققىمىزنى ئالىمىز دەپ ئويلىماڭلار!-،بۇ كىملەرنىڭ سۆزىدور؟

4
- ئەگەر بۇ ئىشتىن چاتاق چىقارساڭ،يەرلىكىڭنى كولاپ قويىمىز!- بۇ قارا گوروھنىڭ كاتىۋاشلىرىىنىڭ تېلېفۇندا قىلغان سۆزى.

- ئەگەر،خىزمەتكە كېچىكىپ قالساڭلار،ئىش ھەققىڭلاردىن كولىۋالىمىز!ـ،بۇ كىملەرنىڭ سۆزىدور؟

5
-مەن دېگەندەك قىلساڭ قىلدىڭ،ئەگەر بولمىسا،ھازىرلا جېنىڭنى ئېلىپ،ئۇ  دۇنياغا يولغا سېلىپ قويىمىز!- بۇ قارا گوروھنىڭ كاتىۋاشلىرىىنىڭ تېلېفۇندا قىلغان سۆزى.

- مەن دېگەندەك قىلساڭلار قىلىسىلەر،ئەگەر مەن دېگەندەك قىلمايدىغان بولساڭلار،چىرايلىق ئىشتىن بوشىتىپ،ئۆيۈڭلارغا يولغا سېلىپ قويىمىز! ـ،بۇ كىملەرنىڭ سۆزىدور؟

6
-ئەگەر،مەن رەھىم-شەپقەت قىلمايدىغان بولسام،سېنى ئۆلتۈرۋېتىش قوشقاچ ئۆلتۈرگەنچىلىك ئىش ماڭا!- بۇ قارا گوروھنىڭ كاتىۋاشلىرىىنىڭ تېلېفۇندا قىلغان سۆزى.

-ئەگەر،مەن بولۇپتۇ دېمەيدىغان بولسام،ھەرقايسىڭلارنى لايەقەتسىز قىلىپ ئىشتىن بوشتىش بىردەمچىلىك  ئىش ماڭا ـ،بۇ كىمنىڭ سۆزىدور؟

7
-ھەرقايسىڭ خوجا ئاكاڭنىڭ پۇلىنى خەجلەڭ دېسە،شۇنداق ئوبدان خەجلەيسەن.ئىش  قىلىڭ دېسە، چاتاق چىقىرىسەن!- بۇ قارا گوروھنىڭ كاتىۋاشلىرىىنىڭ تېلېفۇندا قىلغان سۆزى.

- ھەرقايسىڭلار ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ئېلىڭ دېسە،موك-موك ئالىسىلەر،خىزمەت قىلڭلار دېسە،ئاغرىپ دوختۇرخانىدايېتىپ قالىسىلەر!-،بۇ كىملەرنىڭ سۆزىدور؟

8
- بۇ يەردە مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىغان ئادەم،بىر  پاي ئوق بىلەن يەر  چىشلەيدۇ!- بۇ قارا گوروھنىڭ كاتىۋاشلىرىىنىڭ تېلېفۇندا قىلغان سۆزى.
-بۇ يېزىدا مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىغان ئادەم پۇشايمان بىلەن بارمىقىنى چىشلەيدۇ! ـ،بۇ كىملەرنىڭ سۆزىدور؟

خاتىمە
تاپالمىغان بولساڭلار،يەنىمۇ ئېنىق ئېيتىپ بېرەي:قارا گوروھنىڭ كاتىۋاشلىرى كۆپۈنچە بۇلۇڭ ـ پۇشقاقلاردا ئايرىم شەخسلەرگە ـ ئۆسمۈر بالىلارغا،ياشانغانلارغا  تېلېفۇندا يۇشۇرۇن مۇتىھەملىك قىلىدۇ.كېيىنكى خىلدىكى كىشىلەر بولسا،كۆپۈنچە ھالدا كۆپچىلىككە،ئاممىغا،يىغىن سورۇنلىرىدا ئاشكارە مۇتىھەملىك قىلىدۇ.

 

مەنبە:ئۆزۈم

باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 671
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە671دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 863 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 863
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 15:18

ئىككىنجىسى كىملەر بولماقچىدى ، كومپارتىيىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدۇ.
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 543
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە543دانە
تۆھپىسى: 93
پۇلى: 764 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 132
ياخشى باھا: 740
توردا: 266(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 17:48

ئەگەر قوتاندىكى قىغلارنى ئەتىدىن قالدۇرماي ئېتىزغا ئاچقىپ بولالمايدىغان بولساڭلار،توكۇڭلارنى ئۈزۋېتىمەن،ئۇ چاغدا ئوۋيۇڭخۇينى كۆرىمىز دەپ ئويلىماڭلار!-
---------------------------------------------------------------------------------------------
ما ئالامەت يۇمۇر بوپتۇ
« ئۇلار بىھۇدە سۆز ،بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىدۇر.»
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
تۆھپىسى: 17
پۇلى: 114 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 29
ياخشى باھا: 99
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-21
ئاخىرقى: 2011-12-18
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 15:32

ھەقىقەتەن ياخشى چىققان ئەسەركەن