ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1128 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: باشقىلار ئۆيىڭىزدە ،قېشىڭىزدا ۋاپات بولسا...
دوستلىشىش
ئىمتىھان399
بوزقىر ئەركىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 181
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە181دانە
تۆھپىسى: 61
پۇلى: 348 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 92
ياخشى باھا: 288
توردا: 23(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-02-01
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-11 22:06

باشقىلار ئۆيىڭىزدە ،قېشىڭىزدا ۋاپات بولسا...

ئەگەر باشقىلار ئۆيىڭىزدە ياكى سىزنىڭ قېشىڭىزدا ياكى سىز ئۇرۇنلاشتۇرغان بىرەر پائالىيەتتە ئۈلۈپ قالسا::

مۇشۇ نەچچە ئاي ئىچىدە شۇنداقلا ئۈلۈشكۈنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەۋەر ئاڭلىدىم، يەنى ۋاپات بولغۇچى ئۆز ئۆيىدە، ئاتا ئانىسىنىڭ قېشىدا ئەمەس،بەلكى يات بىرسىنىڭ،دوستىنىڭ ياكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە ئۈلۈپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئۈلۈپ قېلىش سەۋەبلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس ۋە ئىشتىن كېيىن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمۇ ھەر خىل بولغان.
ئەلۋەتتە، ئادەم قاچان،قايسى جايدا، نىمە ئىش سەۋەبلىك ئۈلۈشىنى بىلمەيدۇ. شۇنداقلا، ئادەم ئادەملەر ئارىسىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ تۇرغانلىقتىن، شۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن نىمە ئىش يۈز بېرىشىنى ئالدىن بىلەلمەيدۇ. ئەمدى مىسالغا كەلسەك:1-مىسال: ئالدىنقى قېتىمقى ھايات شۈنچىلىك، ئۈلۈم تەخىرسىز...دىكى مەرھۇم ياش يىگىت باشقا بىر شەھەردە ،دوستىنىڭ ئۆيىدە يۈرەك كىسىلى قوزغىلىپ ۋاپات بولغان، بۇ ئىش يۈز بەرگەندە دوستى ۋە ئۆي ئىگىسى بولغان ئاتا ئانا ، ئاۋال 110،120 غا تېلفۇن قىلىپ، قانۇن دوختۇرى ۋە ساقچىلار ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ تەپسىلىسىنى بايان قىلغان، نەتىجىدە قانۇن دوختۇرى ئېنىق ئىسپات چىقىرىپ ، ساقچىلار ھەقىقى ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلىغان، شۇنىڭ بىلەن مەرھۇمنى ئۆز ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان دوستى ۋە دوستىنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇۋالچىلىق تارتمىغان، مېيىتمۇ ئەتىسى ئۈرۈمچىگە ياندۇرۇلۇپ كېلىپ، يەرلىكىگە ۋاقتىدا قويۇلغان. .2-مىسال: بىر نەچچە دوست سورۇندا ئولتۇرغان، كېيىن، سورۇن ئاياقلاشقاندا ئۆلگۈچى دوستىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن، شۇ كۈنى كېچىدە ئۆلگۈچى ۋاپات بولغان، دوستى قورقۇپ كېتىپ، دوستىنى يۈدۈپ، «ئۇنى ماشىنا بېسېۋىلىپ ئۈلۈپ كېتىپتۇ دىسۇن، بىكار ماڭا ئۇۋالچىلىق تارتىپ قالماي»- دەپ، دوستىنى يولغا ئاچىقىپ تاشلىۋەتگەن ،نەتىجىدە، بۇ ئىش سەۋەبلىك مىيىتنىڭ ئاتا ئانىسى ساقچىغا ئەرز قىلغان، نەتىجىدە ئارىدا نۇرغۇن ئوقۇشماسلىقلار، كۈڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرگەن، مىيىتنىمۇ ۋاقتىدا يەرلىككە قويۇشقا ئامال بولمىغان،ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتكەندە ئاندىن مىيىت يەرلىككە قويۇلغان. 3-مىسال: يىراق يەردىن كەلگەنلەر،چىشى قۇدا، كېلىن ۋە نەۋرە قاتارلىق ئۈچ كىشى،قېينى ئانا= قۇدىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان، 12-ئاي مەزگىلى بولغاچقا، يېزىدىكى، كاڭ بار ئۆي بولغاچقا، ھاۋا سوغاق بولغاچقا، ئۆيگە ئوت قالانغان، ئۆيدە ئىككى چىشى قۇدا، كېلىن ۋە نەۋرە بۇلۇپ جەمى 4 ئايال ياتقان، پاجىئە شۇ كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن ، كاڭدىن ئىس يېنىپ، ئىستا زەھەرلىنىش كۈرۈلگەن نەتىجىدە،يىراقتىن كەلگەن چىشى قۇدا بىلەن نەۋرە(3 ياشقا كىرمىگەن كىچىك قىز) قىز ئىككىسى ئىستىن زەھەرلىنىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان، بەختكە يارىشا كېلىن ھايات قالغان، لېكىن، ئوتنى قالىغان چىشى قۇدا بۇ ئىش سەۋەبلىك نۇرغۇن ئاۋارىچىلىققا ۋە يامان گەپلەرگە قالغان، ئىككى قۇدا ئائىلىسى ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر ھاڭ پەيدا بولغان ،مۇناسىۋەتكە دەز كەتكەن، ھەتتا كېلىن بولغۇچىمۇ بۇنى قېينى ئاپىسىدىن كۆرگەن، ئەمەلىيەتتە قېينى ئاپىسىمۇ شۇ ئۆيدە ياتقان تۇرسا، ھېلىمۇ ياخشى شۇ يىراقتىن كەلگەن 3 كىشى ئىچىدىن بىرسى بولسىمۇ ھايات قالغان، بولمىسا، ئاۋارىچىلىق ۋە كۈڭۈلسىزلىك تېخىمۇ چوڭقۇر بولاتتى....
شۇڭا: مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەندە ئاۋال چۇقۇم، 120، 110 غا تېلفۇن قىلىپ، قانۇن دوختۇرىنىڭ ئىسپاتى ئارقىلىق ئۈزىڭىزنى قانۇن ئارقىلىق قوغداڭ...ۋاقتى كەلگەندە سەمىمىلىك،ۋىجدان،ئىنساپ بىلەن قىلىنغان سۆزلەرمۇ، قەسەملەرمۇ، شۇ ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئالدىدا ئىسپاتلىق رول ئوينىيالماسلىقى مۇمكىن...
يەنىلا قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغداشنى ئۆگىنىۋالايلى...
بۇ تېمام ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە ئېلان  قىلىنغان.
يېزىلغان ۋاقتى : 2009- يىلى 2-ئاي.
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئائىلەمنى سۆيمەن!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 24
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 163
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 182 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 182
توردا: 84(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-02-23
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-12 09:46

ئەجەل كەلسە ئامال يوقتە، بىراق كىشلەر يەنلا ھەي.....
دوستلىشىش
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا ...
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 363
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 472 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 101
ياخشى باھا: 467
توردا: 128(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-03-11
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-12 10:13

بۇنداق ئىشلاردا ھەممە كىشىنىڭ ئىنسابى، ئادىمىگەرچىلىكى ۋە قائىدىلىك بولۇشىغا قاراپ ھەر خىل نەتىجە چىقىدۇ. ئاللاھ بۇنداق پىشكەللىكلەردىن ساقلىغاي !
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
دوستلىشىش
مېھرىگىياھ
خۇدادىن باشقا ھەممىدىن قورقىمەن!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 519 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 68
ياخشى باھا: 329
توردا: 88(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-03-12
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-12 21:33

بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئۆلۈمىگە ئاز-پاز سەۋەپچى بولۇپ قېلىش تولىمۇ ئازاپلىق ئىش
دوستلىشىش
مۇزاتبەگ
كۆلۈپ ياشىسام دەيمەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 72
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 34 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 34
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2011-05-15
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-15 23:14

ئاللا ئۇ قارا كۈنلەرنى كۆرسەتمىسۇن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 30
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 30 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 30
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2011-03-28
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-16 23:52

ناۋادا يۇقۇرقى تىمىدەك ئىشلارغا يولۇققاندا ئەڭ ياخشىسى قانۇندىن پايدىلىنىڭ، سەممىي ياردەم ئەكسىچە بولۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن،ئادەمدەك مورەككەپ مەخلۇق بولمايدۇ. شۇنىڭغا قانۇنى بىلەيلى، پايدىلىنايلى.................