ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1422 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: قەبرىمىزنى تېپىشى ئۈچۈن !
دوستلىشىش
ۋاپادارىم912
جىم تۇرما يۈرەك
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 36
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 211
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە211دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 767 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 195
ياخشى باھا: 451
توردا: 44(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-01-16
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-23 23:23

قەبرىمىزنى تېپىشى ئۈچۈن !

جۈمە كۈنى نامازدىن يېنىپ ،
قەبرىستاننى قىلدىم زىيارەت .
كەتكەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ ،
دۇئا قىلدىم بولغاي ئىجابەت .


قايتارىمدا ئىككى قىز يىگىت ،
مېڭىپ كەلدى قەبرىلەر ئارا .
سالام قىلدى ئاخۇن ئاكا دەپ ،
گېپى پۇچۇق ،سالىمى چالا .

گەپلىرىدىن بۇ بىر تۇغقاننىڭ ،
تەستە بىلدىم مەقسەتلىرىنى .
tورداشلىرىم بىلىپ قالسۇن دەپ ،
شئېر قىلدىم سۆھبەتلىرىمنى ..


ئىچكىردىكى ئاۋات شەھەردىن ،
تەتىل قىلىپ كەپتۇ ئىككىسى .
پۈتتۈرۈپتۇ "داسەن"نى يىگىت ،
"يەنجىيۇۋسىڭكەن"ئاڭا ھەدىسى .


سۆزلەيدىكەن ،ئوقالمايدىكەن ،
يېزىقىنى "سىتۇدىنىت"لار .
ئوقالمىغان ئۆلۈم خېتىنى ،
زامانىۋى سىيىت نوچىلار .

دېدى ماڭا ئەھەت بوۋامنىڭ ،
قەبرىسىنى تېپىپ بەرسىڭىز .
رەھمەتلىكنىڭ روھىغا ئاتاپ ،
ناماز ئوقۇپ بەرگەن بولسىڭىز .

مەن تەرجىمان بولۇپ بۇلارغا ،
بىللە ئىزلەپ كەتتۇق قەبرىنى .
قايناپ قاقشاپ كەتمەكچى ئىدىم ،
شۈكرى ئاللاھ-بەردى سەبرىنى .


ئوقۇماستىن ئەرەپچە سۈرە ،
قول كۆتۈردۈم ئۇدۇل دۇئاغا .
كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم ئېقىپ ،
نالە قىلدىم ئۇلۇغ خۇداغا .

پاساھەتلىك ئانا تىلىمىز ،
قولىمىزدا بولماقتا شالغۇت .
ئاتا قىلغىن بىزگە ئىرادە ،
بوپ كەتمەيلى بىزلەر ماڭقۇرۇت .

ئانا تىلنى خارلىغانلارغا ،
ئاتا قىلغىن نومۇس تۇيغۇسى .
ئانا تىلنى تاشلىغان ئەلنىڭ ،
مۇدھىش بولۇر چوقۇم كەلگۈسى ...

قىلغىن بىزنى ئەلگە ۋاپادار ،
خۇشھال ياتسۇن تۆھپىكار ئەجدات .
قولىمىزدىن شانلىق تارىخنى ،
پۈتۈن ئالسۇن كەلگۈسى ئەۋلات !

-ئامىن دېدىم يېشىمنى سۈرتۈپ ،
يىغلامسىراپ قالدى ئىككىسى .
ئانا تىلنى تۈزۈك بىلمىسەك ،
ئەرەپچىنىڭ نېمە پايدىسى ؟


كەچۈر دېدى يىگىت ئېسەدەپ ،
-ئاللاھ بىزنى كەچۈرسۇن دېدىم ؛
دوكتور ئاشتى بولۇپ كەتسەڭمۇ ،
ئانا تىلىڭ تاشلىما سىڭلىم .

خاتىمە :
ئۆگىنەيلى ،ئۆگىتەيلى ھەم ،
بۇ ئانا تىل يەردە قالمىسۇن .
بىر كۈنلىرى ئوغول قىزىمىز ،
قەبرە ئىزلەپ تېنەپ قالمىسۇن .

2011-يىلى 23-ئاۋغۇسۇت ،شەھرى بورتالادا يېزىلىپ بېقىلدى .
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+31(ئۈمىديار)
  • چېكىنىش- ۋاز كېچىش ئەمەس !
    دوستلىشىش
    يىڭىسار
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 103
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 14
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
    تۆھپىسى: 4
    پۇلى: 42 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 10
    ياخشى باھا: 22
    توردا: 20(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-03-04
    ئاخىرقى: 2012-01-20
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 10:24

    ئاللاھ زىھنىڭنى تېخىمۇ ئاچسۇن!!!!
    hasrat iqida seni kuylayman...
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 13
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 206
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە206دانە
    تۆھپىسى: 50
    پۇلى: 395 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 80
    ياخشى باھا: 298
    توردا: 17(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-01-19
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 10:42

    بەك ياخشى قەلەمگە ئېلىنىپتۇ. بىراق <<ماڭقۇرۇت>>دېگەن سۆزنىڭ ئەسەردىكى ئىشلىتىلىش ئورنى مۇۋاپىق بولماي قاپتۇ.
    ھەسرەت ئىچىدە سېنى كۈيلەيمەن!
    دوستلىشىش
    يىگانمەن
    تەنھا بەندەڭمەن ئۇلۇغ ئاللاھ
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 854
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 27
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 27 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 27
    توردا: 3(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-08-11
    ئاخىرقى: 2011-08-26
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 12:35

    شۇنداق ياخشى يېزلىپتۇ. مەنمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان شۇنداق مىنكاوخەنلەرنى كۆرگەن. بىز نىمە ئۈچۈن ئانا تىلىمىنزنڭ قەدىرنى بىلمەيدىغاندۇ ؟ خۇدا كۆڭلىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن.
    ئاللاھ يىگانە
    دوستلىشىش
    ئەلتېكىن
    ھەممىگە توۋا ...
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 353
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە353دانە
    تۆھپىسى: 51
    پۇلى: 455 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 95
    ياخشى باھا: 450
    توردا: 121(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-25
    ئاخىرقى: 2012-01-19
    4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 13:12

       ئاخىرى تەرجىمان بولۇپ كېتىسىز جۇمۇ.
       دۆلىتىمىزمۇ ئانا تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا قوش تىلنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بۇنى ياخشى ، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى.
    قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

    بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
    باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 602
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە602دانە
    تۆھپىسى: 89
    پۇلى: 781 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 185
    ياخشى باھا: 781
    توردا: 87(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-01-19
    5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-24 14:19

    بوز قىردىكى ئانا تىلدا يىزىلغان  مۇكاپاتلىق ئەسەر قۇبۇل قىلىش پائالىيىتى دەل مۇشۇنداق پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بىرىلغان دەسلەپكى قەدەم  .
    دوستلىشىش
    ئۈمىديار
    ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 498
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە498دانە
    تۆھپىسى: 91
    پۇلى: 715 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 128
    ياخشى باھا: 691
    توردا: 251(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-01-19
    6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-25 12:53

    ئۇلار ھەرۋاقىت مۇشۇنداق ئوڭايسىز ھالەتتە ، كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ، لېكىن سەۋەبىنى ھېىس قىلىپ يېتەلەمدىغاندۇ .
    جان قۇشۇم ئۇچقانغا قەدەر
    ۋەتىنمگە پىدا بۇلۇرمەن .
    دوستلىشىش
    سودىگەر
    مەيىن شامال بورانغا ئايلاندى.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 516
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 91
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
    تۆھپىسى: 4
    پۇلى: 99 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 8
    ياخشى باھا: 99
    توردا: 8(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-14
    ئاخىرقى: 2011-12-18
    7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-25 14:22

    ھازىرقى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرغا ئەقىل بەرگەيسىز ئىلاھىم !
    دوستلىشىش
    ۋاپادارىم912
    جىم تۇرما يۈرەك
    دەرىجە: باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 36
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 9
    ئومۇمىي يازما: 211
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە211دانە
    تۆھپىسى: 142
    پۇلى: 767 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 195
    ياخشى باھا: 451
    توردا: 44(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-20
    ئاخىرقى: 2012-01-16
    8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-26 20:37

    ئۆزىمىزدىن باشلاپ دېققەت قىلايلى ....
    چېكىنىش- ۋاز كېچىش ئەمەس !
    دەرىجە: باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 425
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە425دانە
    تۆھپىسى: 45
    پۇلى: 13643 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 101
    ياخشى باھا: 513
    توردا: 121(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-03-13
    ئاخىرقى: 2012-01-20
    9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-27 02:54

    سۇنىڭ بېشى لاي.
    كۆزۇڭنى ئاچ