ئېتىقات…ۋە جەمئىيەت!
ئېتىقات- ئۇ، ئىنسانلارنىڭ روھىيەت جەھەتتىكى مەلۇم بىر شەئىي ۋە ئوبىكتىغا چوقۇنۇشى. شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ بارلىق ھەركىتىدە ھالقىلىق رول ئوينىغۇچى ئەڭ مۇھىم ئامىل. چۈنكى ئېتىقات ھەر بىر ئىنساننى گۈزەل پارلاق ئەتىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرغۇچى، مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتا يېشىل چىراق ياققۇچى. ھەممىلا كىشىدە ئېتىقات بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ بارلىق نۇر تالالىرىنىڭ ھەممىلا كىشىنىڭ روھى دۇنياسىدا تولۇق جۇلالالىنىشىدىن سۆز ئېچىش تولىمۇ قىيىن. رىئاللىقتا ئىنسانلارنىڭ ئېتىقات قۇرۇلمىسىدا جەزمەن ئوخشىماسلىقلار بولىدۇ، بۇنى ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك دۇنيا قارىشى، كىشىلىك قىممەت قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى دېگەندەك ئىدىيە بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ئىنسانلاردا شەئىيلەرگە نىسپەتەن مەلۇم ئېتىقات تۈرى كۈچلىك، ئوتتۇرىھال، ۋە ياكى ئاجىز ھەم شۇنداقلا يوق بولۇشتەك پەرقلەر بولىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن قىزىقىشى، ئېنتىلىشى، ئارزۇسى، غايىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىراق ئەلۋەتتە چىن ئىنسانغا خاس، مىللەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ئېتىقات ئېتىقاتلارنىڭ شاھىن شاھى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق نادىر ئېتىقاتنىڭ تۈرلىرى- ئەجداتلار ئېتىقاتى، تۇرمۇش ئېتىقاتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېتىقاتى، ئەنئەنىۋى ئەخلاق ئېتىقاتى، بۇيۇك غايە ئېتىقاتى ۋە ئىجتىمائىي ئېتىقاتتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئېتىقاتلارنىڭ بىرەرسى كام ياكى ئاجىز بولسا، شۇ ئىنسان مەجرۇق ھالەتتە بولۇپ، مىللەتنىڭ ۋە شۇ ئادەمنىڭ ھەركىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، يۈرەكنى ئېچىشتۈرگىدەك بەزى ئىجتىمائىي ئىللەتلەر باش كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا ئېتىقاتى، سۇسلاشقان ۋە كامچىل بولغان كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسى قۇرۇغدۇنۇپ، تەپەككۇر چىشلىق چاقلىرى داتلىشىدۇ. ھەر بىر چىشلىق چاقنىڭ ئۆزىگە خاس رولى بولىدۇ، بىرەرسى نورمال پىقىرىمىسا، قالغان چاقلارنىڭ پىقىرىشىغا توسالغۇ بولۇپ، مۆلچەرلىگۈسىز يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە دەل مۇشۇنداق ھادىسىلەر شەكىللىنىۋاتىدۇ. بىرىنچى بولۇپ، ئەجداتلار ئېتىقاتى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاتا- بوۋىلىرىمىزنى، ئانىلىرىمىزنى، ئۇلۇغلاش، ئەجداتلارنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇلۇغ مەشھۇر كىشىلەرنى ئۇلۇغلاش، ۋە ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىش بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن ناھايىتىمۇ ئۇلۇق شەرەپلىك ۋەزىپە ئىدى. بىراق ھەممىلا كىشى بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان بولىشى ناتايىن، بولۇپمۇ ھازىر ئارىمىزدىن بىر يۈرۈش تولىمۇ نادان كىشىلەر چىقىپ بۇ جەھەتتە مىللىتىمىزدە ئىنتايىن زور چېكىنىش بولىۋاتىېدۇ،بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا ئەجداتلارغا بولغان ئېتىقات ۋە ئۇلارنى ئۇلۇقلاش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نۇرانە ئىش- ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇشنىڭ ئورنىغا نەدىكى تەتى-پەتى چەتئەللىك <<چولپان>> لارنىڭ ئىش- ئىزلىرى بىلەن، ئىز قوغلاپ تونۇشۇپ، ۋە ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ، ئۇلارنىڭ <<چولپانكەبى>> چاقناپ تۇرىدىغان ھەل بەرگەن ھەر خىل سىياقتىكى رەڭدار كۆرۈنۈشلىرىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇلارنىڭ ئەرەڭ-سەرەڭ رەسىملىرىنى ئاتا- ئانىلىرى، ئەجداتلىرىنىڭ رەسىمى چاپلىنىشقا تېگىشلىك بولغان خاسىيەتلىك ئورۇنغا چاپلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا كۈندە نەچچە قېتىم تاۋاپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نامىنى ئاغزىغا ئالغىنىدا، ھاياجانلىنىپ ئاغزىدىن شۆلگەيلىرى ئېقىۋاتدۇ. ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ روھى، ئېسىل خىسلەتلىرى بىر قەۋەت تۇپا ئاستىدا كېرەكسىز نەرسىلەر قاتارىدا قېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ كىملىگىنى بىلىشى ۋە ئۇلارنى ئۇلۇقلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، بۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزى ئۆي- ئوچاقلىق بولۇپ ھەتتا ئاتا- ئانا بولغان تۇرۇقلۇق، ئاتا- ئانىسىنىڭ قادرىگە يەتمەيدىغان، ئاتا- ئانىسىنىڭ سۆزلىرىگە توختىماي ئىنكار سۆز ئىشلىتىدىغان، ئەگەر ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەن بولسا، پۇلغا يارايدىغان، ئۆي جاي دېگەندەك نەرسىلەرنى تالىشىپ، قېرىنداشلار بىر- بىرىدىن ئازارلىشىپ، ياقا يىرتىشىپ ھەتتا قېرىنداشلىق مېھرىدىن كېچىدىغان، ئەكسىچە، پۇلغا يارىمايدىغان، يوتقان- كۆرپە، ۋە شۇنىڭدەك ئائىلە بىساتلىرىنى، يەر ئاستى ئۆيىگە چاشقانغا يەم قېلىپ قويىدىغان. ،بەكەرەك قارا نىيەتلىرى كۆزىدىن يوقۇتۇش ھېساۋىغا ئۇلارنى ئەخلاتخانىغىمۇ تاشلاشلايدىغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، بىر ساۋاقدىشىمنىڭ دېيىشىچە: ئۇزى بىلەن بىرگە ئىشلىگەن بىر ھەدە خىزمەتدىشى تۇيۇقسىز تۈگەپ كېتىپتۇ، ئۇ ئاپپاي، ئائىلە ئىشلىرىدا ناھايىتى ئىدىتلىق بولۇپ ئائىلىنى ناھايىتى ئىقتىساتچىللىق بىلەن، ئىلمىي ئاساستا باشقۇرىدىكەن، مودا قوغلۇشۇپ تاپقىنىنى ئۇچىسىغا ئاتىۋالىدىغان نادان ئاياللاردىن ئەمەسكەن، قالايماقان پۇل خەجلىمەيدىكەن، بىراق ئائىلە بىساتلىرىغا، بولۇپمۇ قازان بېشىدىكى سايمانلار، يۈرۈشلىك قاچا- قۇچىلار، يوتقان - كۆرپپە دېگەندەكلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىكەن، ئۆينىمۇ شۇنچىلىق پاكىز سەرەمجان تۇتىدىكەن، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئاپپاي تۇيۇقسىز يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي تۈگەپ كېتىدىكەن. ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، باللىرى ئۆينى قايتىدىن بېزەپ، ئاپىسىنىڭ خەق يېگەننى يېمەي، خەق كىيگەننى كىيمەي، مىڭ بىر جاپالاردا يىققان قاچا- قۇچا، كېگىز دېگەندەك پۇلغا يارىمايدىغان ئائىلە بىساتلىرىنى ئەخلاتخانىغا تاشلىۋېتىپتۇ، ساۋاقدىشىم ئىشتىن چۈشۈپ كېلىشىدە تەسەددىبى ئەخلەتخانىدىكى شۇ نەرسىلەرگە كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ، ھەيرانلىقتا كۆزلىرىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ قالىدىكەن، باللىرىدىن سورىغاندىن كېيىنلا ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئەخلەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلىپ، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، خىزمەتدېشى ئاپپاينىڭ ھەق- ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئۇ تاشلاندۇقلارنى يىغىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ، يۇيۇپ تازلاپ، ئاپپاي ئەتىۋارلاپ ئۆيىنىڭ نەرىگە تىزىپ قويغان بولسا، بۇ ساۋاقدىشىممۇ ئەنە شۇنداق يەرگە ئەتىۋارلاپ تىزىپ قويۇپ، خىزمەتدېشى ئاپپاينى كۆرگەن كۆزىدە كۆرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، يات كىشىنىڭ ئۆيىگە سىققان شۇ نەرسىلەر ئۆز ئۆيىگە سىغماسمۇ؟! بۇ نەرسىلەردىن ئاپىسىنىڭ ئەمگەكچان قولىرىنىڭ بارماق ئىزلىرىنىڭ ئىزناسى كۆز ئالدىدا جۇلالىنىپ تۇرىشى كېرەگىدىغۇ؟! يەنە بەزىلەر ئاتا- ئانىسىدىن قالغان ئائىلە بىساتلىرىنى، ئەسكى- تۈسكە نەرسىلەرنى يىغىۋاتقانلارغا كىلوسىنى نەچچە موچەندىن سېتىپ، تارىخنىڭ چاپالىق ئىزلىرى قالدۇرۇلغان مانا مۇشۇنداق بىباھا تەۋەرۈك گۆھەرلەرنىڭ ئورنىنى خىمىيىلىك سۈنئىي ماتىرىياللار بىلەن ياسالغان ساقتا گۈزەل نەرسىلەر بىلەن توشقۇزىۋاتىدۇ، ئۇ سايمانلارنى نۇرغۇن ئىقتىساد خەجلەپ ئۆزلىرى ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسىراپ. ئەتىۋارلاپ تۈجۈپىلەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. خۇددىي ئاتا- ئانىسىغا ئۇ نەرسىلەر ئاسماندىن بىكارغا ئۆزىلا چۈشۈپ قالغاندەك، مانا بۇ گۆھەرنى تاشقا تېگەشكەنلىك ئەمەسمۇ؟! خېلى كاتتائائىلىدە چوڭ بولغان ئوقۇمۇشلۇق بىرسىنىڭ ئاپىسى تۉگەپ كەتكەن ئىدى، ئۇمۇ يېڭى ئۆيگە كۆچۈش ئارپىسىدا، كونا ئائىلە بىساتلىرىنى ھەر خىل يوللار بىلەن يوقاتقان، بۇنىغۇ توغرا چۈشەندۇقمۇ دەيلى، بىراق ئاپىسىنىڭ ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان ئاپىسى بىر ئۆمۈرياتقان، يوتقان –كۆرپىسىنىمۇ بىرسىگە بېرىۋەتكەن، بىرەر يوتقان كۆرپىمۇ شۇ يېڭى ئۆيگە پاتماسما، ياكى ئۆيبىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزەرما؟ بۇنىڭغا بەرداشلىق بەرگەن يۈرەكنى مېنىڭچە يۈرەك دېمەي يىرىڭ خالتىسى دېسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر زامان مۇشۇنداق تەرەققى قىلسا ئەجداتىنى ئۇلۇغلاش ئەمەس بەلكى، ئۇلارنى تونىماسلىق ھالەتلەر شەكىللىنىپ ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنىمۇ يۈتتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئاتا- ئانىلارنى، ئەجداتلارنى مەدھىيلەپ ئاجايىپ تەسىرلىك ناخشىلارنى ئېيتىۋاتىمىز، ھاياجانلىنىپ كۆز ياشلارنى تۆكىۋاتىمىز ، ئەملى ھەركىتىمىز زادى قانچىلىك بولىۋاتىدۇ؟! بۇ ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى. قايسى بىر تېلىۋىزىيە فىلىمىدىن: <<بۇ ئەۋلات ئالدىنقى ئەۋلاتقا يەتمەيدۇ>> دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان ئىدىم. چوڭلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇرۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە، ئوغللىرى ئاتا- ئانىسى بىلەن بىر ئۆيدە ( بىر قورۇدا) ياشايدىكەن، شۇ ۋەجىدىن ئاتا- ئانا بولغۇچى جۆرىسىدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يالغۇز قېلىپ غېرىپسىنىش، ئىقتىساتتىن قىينىلىش ئائىلە ئىشلىرى ۋە تاماق ئېتىش ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى زادىلا كۆرۈنمەيدىكەن، پەرزەنت بولغۇچىمۇ ئاتا- ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇلارنى رازى قىلىشنى ئەڭ بۈيۈك ئارزۇلار قاتارىدا قويۇپ كەلگەنىكەن، ھازىر ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، نى- نى بالىلارنى قاتارغا قوشۇپ، بۇ جەرياندا ھالىدىن كەتكەن، ياكى ياشىنىپ قالغان ئاتا- ئانىلارنىڭ قانداقتۇر بىر يات ئۆي خىزمەتچىلىرى ئالدىدا بويۇن قىسىپ، ھەتتا ئۆي خىزمەتچىسىنىڭ قېشىدىن كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا خۇشامەت قىلىپ ، يالۋۇرۇپ ھايات كۆچۈرىۋاتقان ئەھۋاللار ناھايىتىمۇ كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ، بىرەر ئائىلە خىزمەتچىسىگە ئېرىشىۋالغىنى ئۇلارنىڭ زور بەختى بولۇپ ھېساپلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن، زامان ۋە ماكاننىڭ تەلىۋى ئىچىدىكى مىللەتنىڭ ئۆرپە- ئادىتىدە ئۆزىگە خاس يېڭىلىقلار ۋۇجۇتقا كېلىشى بىلەن ئادەتنىڭ ياتلىشىشى سەۋەپ بولىۋاتسا كېرەك. شۇڭا ھېچ قانداق ئاتا- ئانا، پەرزەتلىرىدىن ئاغرىنماي، ئەكسىچە ئۇلارغا كىچىككىنە ھاجىتى چۈشۈپ قالسا، خىجالەت بولۇپ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ ئەپۇ سوراۋاتىدۇ. باللىرى تەرىپىدىن يۈركى ئاغرىمىسىلا ئۇلاردىن رازى بولىۋاتىدۇ. بۇنى ھازىرقى دەۋېردىكى نورمال ھادىسە دەپ قارىساقمۇ، بىراق يوقىردا دەپ ئۆتكەندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم بەڭۋاش ، قارا نىيەت پەرزەنتلەردە، ئاتا- ئانىسىنى ئۇلۇغلاش تېگىل، ئۇلارنى زار- زار قاخشىتىپ، ئائىلە بىساتىنى تۇتۇنگە، تېگىشىپ كىتاپتىن يىراق، ئويۇنغا يېقىن، ئىشتىن يىراق، پۇلغا يېقىن، مەكتەپتىن يىراق، قاۋاقخانىغا يېقىن سەمىمىيلىكتىن يىراق، يالغانچىلىققا يېقىن، مىھرى- مۇھەببەتتىن يىراق، رەھىمسىزلىككە يېقىن، دېگەندەك نورمالسىز ھالەت شەكىللىنىپ،قىمارۋازلىق، ئوغرۇلۇق، قويمۇچۇلۇق، شەھۋانىلىق ئىش ھەركەتلىرى بىلەن شوغۇللۇنۇپ، مىللىتىمىزنىڭ غورۇرى دەپسەندە بولىنىۋاتىدۇ.بۇ ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ يۈركى جاراھەت بولۇپ، قان تامچىلاپ ئېقىۋاتىدۇ.
تۇرمۇش ئېتىقاتى مەسىلىسىگە كەلسەك، چىنلىق گۈزەللىك، ئۆرپە- ئادەت، ئەخلاقىي ئەنئەنە قارىشىدا داۋالغۇش بولۇپ، ۋە ئورۇن ئالمىشىپ. غايە بۇرج دېگەنلەردىن يىراقلاپ ئائىلىگە مىللەتكە بولغان مەسئولىيەت سۇسلۇشۇپ، ھەر خىل شەكىلدىكى ناشايان ئىشلار ۋۇجۇتقا كېلىپ، مىللەت ئۈنسىز ياش تۆكىۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئەر- ئاياللارنىڭ روھىيەت ۋە جىسمانىيىتىگە كېسەل تېگىپ، ئەرلەرنىڭ ئەرلىك جاسارىتى ئاجىزلاپ، ساغلام ئەرلەرنى پەرىق ئېتىش ھەقىقەتەن تەس بولىۋاتىدۇ، ئومۇمەن بىر قىسىم ئەركەكلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە يىگىلەشكە قارەپ يۈزلىنىپ، بۇ خىلدىكى ئەرلەرنىڭ ھالاكىتى تېزلىشىۋاتىدۇ. قىز- ئاياللار ئەركەكلىكنى كۆپ ئىزدەپ ھېرىپ قېلىۋاتىدۇ، تېرىكىۋاتىدۇ، بۇ خىلدىكى ئىرادىسىز ئەرلەردىن ھېچ سادا كەلمەيۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋالدىن خانىم – قىزلىرىمىز قاتتىق ئۆكۈنۈشكە باشلاپ، شۇ سەۋەپلىك بىر قسىم ئىرادىسى ئاجىز خانىم- قىزلار يول تاپالماي تەمتىرەپ، يولىدىن ئېزىۋاتىدۇ،<< ئاخىر زاماننىڭ ئاياللىرى>> دېگەن پوۋېستا دېيىلگەندەك، بىر قىسىم ئەخلاقلىق، ۋىجدانلىق، پەزىلەتلىك ئاياللارنىڭ ئائىلىسىدە ئېرىنىڭ تايىغىنى يىيىشى، ئۇلار تەرىپىدىن غورۇرى دەپسەندە قىلىنىپ تاشلىنىپ قېلىنىشى، ئىدارىدا ئەر باشلىقنىڭ تەنقىدىنى ئاڭلاپ نەتىجىلىرى كۆمۈلۈپ قېلىشى، سورۇنلاردا ئىش كۆرمىگەن مەتو ئايال دەپ بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ، يولدىشىنىڭ سەتەڭ خېنىملار بىلەن ئوينىغان تانسىلىرىنى كۆرۈپ، يۈركى زىدە بولىشى، ئۆز ۋاقتىدا جەمئىيەت تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشمەيدىغان، ئەخلەقىي- پەزىلىتى دۇرۇس بولمىغان بىر قىسىملار تەساددىبى پۇلدارلارغا ئايلىنىپ، مودا داۋرىڭى چىقىرىپ، ئالاھىدە ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىپ، قىمەت پۇللۇق زىبۇ- زىننەت بويۇملىرىنى تاقاپ، گەپنىڭ چوڭىنى قىلىپ، ئائىلىسىدە يولدىشىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا، ئىش ئورنىدا بىر قىسىم باشلىقلارنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا، سورۇنلاردا قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىش كۆرگەن تۆتنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ، نۇرغۇن ھۆرمەت شاراپلىرىنى ئىچىۋاتقانلىرى، «ئىختىدارلىق» دەپ نام ئېلىۋاتقانلىرى، بايامقىدەك جازا شارابى ئىچىۋاتقانلار، كۆز ئالدىدا بولىۋاتقان بۇ ئىشلار ئىدىيەسىدىن ئۆتمەي، قىلىۋاتقان ياخشى ئىش- ئەمەللىرىنىڭ ئۆزگىلەر تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنمايۋاتقىنىغا ئۆكۈنۈپ ھەتتا « ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، ئوقۇمۇشلۇق» دېگەن ئاتالغۇلارنى پەقەت كىتاۋى سۆزدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتقانلىقى. شۇنىڭ بىلەن جان ئاچچىقىدا ئېتىقات تۆرىكى بوشاپ، شۇ ئاتالمىش، ئىقتىدارلىق، ئىش كۆرگەن، تۆتنىڭ بىرى دېگەندەك <<ئېسىل ئاياللار>> قوشۇنىغا ئەزا بولۇشنى لايىق كۆرىۋاتقاندەك ئەھۋالارمۇ شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان خانىم قىزلاردىكى يىگىلەش كېسىلى. مانا مۇشۇنداق ئەر- ئاياللاردىكى يىگىلەش كېسىلى، ئۆرپە- ئادەت، ئەنئەنىۋى ئېتىقات، ئەخلاق مىزانى، چىنلىق گۈزەللىك ئېتىقاتىغا توپا قوندۇرۋاتىدۇ. ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ روھى قورۇنۋاتىدۇ.
ۋەتەن- زىمىن ئېتىقاتىغا كەلسەك، ۋەتەن يۇرت ئېتىقاتى سۇسلۇشۇپ، چەتئەلنىڭ ھەممە نەرسىسى خۇش پۇراقلىق، ئېسىل دەپ قارىغاچقا، ئۆز يۇرتىدىكى كاتتا ئىشلارغا نەزەر سالغىسىمۇ كەلمەي، قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى بولمىسىمۇ ؟ئۆزىنى ھېچ كىمگە تەڭ قىلماي، خۇددى ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ. لوندۇندا چوڭ بولغان شاخزادىدەك ھېس قىلىپ غەرىپلىكلەرنىڭ ئىچىدىكى ساپاسى تۆۋەن كىشىلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئەينەن ئۆگۈنۈپ، بىزنىڭ ئۆرپە- ئادىتىمىزگە، ئىختىسادىي شارائىتىمىزا تۈپتىن توغرا كەلمەيدىغان ئىش- ھەركەتلەردە بولۇپ ۋە قىلغان ئىشلىرىغا مەسخۇش بولۇپ، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ بىھۇش ھالەتتە يۈرىۋاتىدۇ.
غايە، بۇرج ئېتىقاتىدە، ئائىلىگە، مىللەتكە بولغان بۇرۇج ئېتىقاتى سۇسلۇشۇپ، ئەرنىڭ ۋەزەپىسى بىلەن ئايالنىڭ ۋەزىپىسى ئورۇن ئالمىشىپ، ئائىلە مۇناسىۋەتتە تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، جىسمى ئۆيدە بولسىمۇ، روھى ئاللا قاياقلاردا يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان، شۇ سەۋەپلىك ئائىلىدە كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرسە، ئۆزىدىن كۆرمەي، يولدىشىدىن ۋە ياكى ئايالىدىن ، ئائىلىسى بىلەن قىلچىمۇ مۇناسىۋېتى يوق بولغان ئۆزگىلەردىن كۆرۈپ، ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ، ئائىلىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوغاق ئۇرۇش شەكىللىنىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بېشىدا، كۈندە دېگىدەك كۆڭۈلسىزلىك قامچىسى قاسىلداپ تۇرىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئۆز ھېسياتى بويىچىلا ئىش قىلىدىغان ئەر- ئاياللاردا ئائىلىگە، مىللەتكە بولغان بۇرج نىمە قىلسۇن؟! ئائىلىگە نىسپەتەن بۇرج ئېتىقاتى بولمىسا، ئۇ ئائىلە پەقەت قۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئائىلىدۇر خالاس!!!بۇ ھالدا قانداقمۇ بەخىتلىك ئائىلە قۇرغىلى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. ئائىلىگە نىسپەتەن بۇرج ئېتىقاتى تولىمۇ زۆرۈر. خۇددىي ئاش بىلەن سۇدەك.....
دېمەك ئېتىقات ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تۆرىكى، ئېتىقاتنىڭ ھەر بىر تۈرلىرىگە ئېتىۋار بىلەن قاراش، ئۈمىد يۇلتۇزلىرىمىزنى چاقنىتىپلا قالماي، ماڭغان يوللىرىمىزدىن خۇش پۇراقلىق گۈللەر ئۈنىدۇ. ئېتىقاتسىز ئىنساندىن ھايۋان ياخشى بولىدۇ. ئېتىقاتنىڭ ھەر بىر تالالىرىنى جۇلالاندۇرۇش، ھەر بىرىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس ۋەزىپە، يەنى پەرزدۇر. ئېتىقاتنى مۇكەممەللەشتۇرىدىغان ھەم ۋايىغا يەتكۈزىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل- غوروردۇر، غورۇر ئېتىقاتنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ، غورۇرى كۈچلىكلەرنىڭ تولىسىدا ئېتقات تۈرلىرى كەم- كۈتىسىز بولىدۇ. غورورسىزلاردا ئېتىقاتى كەمتۈك بولۇپ، روھى دۇنياسى ھەر قاچان مەجرۇق بولىدۇ. شۇڭا ئېتىقات تالالىرىنىڭ ھەر بىر نۇرلىرى ۋۇجۇدىمىزدا مەڭگۈ چاقنىتىش ئۈچۈن تىرىشايلى!!! شۇندىلا كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يېتەلەيمىز، ھاياتىمىزدىكى خۇشاللىقلار ئۈچۈن تەنتەنە قىلالايمىز!!!! جەمئىيەتتىكى يامان ئىش- ھەركەتلەر چېكېگە يەتكەن بولسا كېرەك، قانونىيەت بويىچە ھامان يەنە ئۆز ھالىتىگە كېلىدۇ. گۈزەللىككە تولغان بۈيۈك ئەتىلەرنى كۈتىۋېلىشىمىزدا شەك يوق !!!
نەۋرىزە