دورا مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش ئائاساسىلىق دورا ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش بولۇپ ،داۋالاش ئىلمىدىن خەۋەرسىزلەر ئېلانغا ئاساسەن دورا تاللىغاندا ،بەدەندە رىياكسىيەلىشىش ،ئىچكى ئەزالار(ئاشقازان ،جىگەر ،ئۈچەي، تال)نى زىيانغا ئۇچىرىتىش،زەھەرلەش،دورا مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىش ياكى يېتىشمەسلىك ،دورا كېسەلگە مۇۋاپىق كەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دورا بىلەن كېسەل داۋالاش بىر خىل تەتقىقات ئىلمىنى تەلەپ قىلىدۇ،بۇنىڭدا ئاچۇقۇچلىقى كېسەلگە توغرا دورا بېرىش ،كېسەللەرگە قايسى خىل دورا ئىشلىتىش،دورا مىقدارى قانچىلىك بولۇش،قانچىلىك ۋاقىت ئىستىمال قىلىشنى پەقەت دوختۇر ئەستايىدىل دىئاگىنوز قويغاندىن كېيىن بەلگىلەيدۇ.ئېلانغا قاراپ دورا يىگەندە ،بىمارنىڭ كېسەللىك سەۋەبى پەرقى سەۋەبىدىن داۋالاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىلارنىڭ ھەممىسىدە بەلگىلىك ئەكىس تەسىر ۋە پەرھىز تۇتىدىغان ئىشلار بار.ئەمما ،ئېلان دورا مەھسۇلاتىنى سېتىش ئۈچۈن ،ھەمىشە ئۇنىڭ ئەكىس تەسىرىنى تىلغا ئالمايدۇ.شۇڭا،ئېلانغا ئاساسەن قارىغۇلارچە دورا يىمەڭ.