ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2711 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: شائىر روھى كېسەلمۇ ؟
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 732
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 207
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە207دانە
تۆھپىسى: 53
پۇلى: 366 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 86
ياخشى باھا: 306
توردا: 40(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2013-03-24
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 20:05

شائىر روھى كېسەلمۇ ؟

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۈمىديار تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-08-31)
 

شائىر روھى كېسەلمۇ ؟

نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز  
بۇ سۇئالغا تەپسىلىرەك جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن،  يەنىلا روھى ئانالىز ئىلمىگە مۇراجەت قىلىمىز . چۈنكى روھى كېسەل دىگەن بۇ ئاتالغۇ بۇرۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن  روھى ئانالىز ئىلمىنىڭ پەيدا بولىشى ئۇنى نەزىرىيە ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن  . روھى ئانالىزچىلار ئۆزلىرى ياراتقان نەزىرىيەلەرنىڭ ئاساسىنى، روھى جەھەتتىن بىنورمال بولغان كېسەللەرنىڭ روھى ئىپادىللىرى ھەم ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلارنىڭ   تۇرمىشى ۋە ئۇلار يازغان  ئەسەرلەردىن  ئىزلىگەن . بولۇپمۇ روھى ئانالىز ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى فرېئۇد ،ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى ئاريانلارنىڭ ئەپسانە _ رۋايەتلىرىدىن ، يۇننان تىراگېدىيەچىسى سوفكلېسنىڭ تىراگېدىيسى << ئودىپىس شاھى >> ، شېكىسپىرنىڭ تىراگېدىيەسى << گامىلىت >> تىن  ۋە روسيە يازغۇچسى دوستىۇيېۋسكنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىغا باغلىنىشلىق ۋەقەلەر بىلەن ئىسپاتلاشقا  ئۇرۇنغان.                                                            

   ئادەمنىڭ روھىنى تەتقىق قىلىش بىلەن مۇناسىۋاتلىك بولغان  روھىي  ئانالىز ئىلمىدىن ئىبارەت بۇ پەننىڭ ، يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرگە بەكرەك قىززقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ شۇكى ، يازغۇچى ۋە شائىرلار باشقلارغا قارىغاندا ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەستايدىل ئۆزىگە يۈزلەنگەن ھەم يۈرەكلىك ھالدا ئۆزىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىچكى پالىيىتىنى تەپسىلى ئىپادىلىگەن . لېكىن ، بىز شۇنى ئېسىمىزدا چىڭ تۇتۇشمىز كېرەككى ، روھى ئانالىز ئىلمى دېگەنلىك پەقەتلا كېلىنكىدىكى روھى كېسەللىكنى تەتقىق قىلىدىغان پەن دىگەنلىك ئەمەس ، شۇنداقلا روھى ئانالىزچىلارنىڭ بىرەر ئەسەرنى ئۆزىنىڭ نەزىريەلىرى ئارقىلىق يېشىپ بېرىشى ، شۇ ئەسەرنى ئىجات قىلغان يازغۇچى ياكى شائىرنى نېرۋا كېسەل ( روھى كېسەل ) دېگەنلىك ئەمەس . چۈنكى يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ تەسۋىرلەش ئوبيېكتى بىلەن روھى ئانالىزچىلارنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ئوخشاشلىققا ئىگە . ھەر ئىككىلىسى ئادەمنىڭ ئىچكى پالىيىتىنى ئۆزىگە مەنە قىلىدۇ . بىراق ، ئۇلارنىڭ ئىپادىلەش ۋە چۈشەندۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. يازغۇچى _ شائىرلار ئىچكى پالىيەتنىڭ جەريانىنى ۋە ئىچكى پالىيەت بىلەن تاشقى مۇھىيتنىڭ زىدىيەتنى   ئىپادىلەپ بەرسە  ، روھى ئانالىزچىلار ئىچكى پالىيەتنىڭ سەۋەبىنى، يەنى پەيدا بولىشىدىكى سەۋەپ _  نەتىجە مۇناسىۋىتىنى پەننىي ئاساستا كۆرسىتىپ بېرىدۇ  مەسىلەن ، چۈش كۆرۈش ھادىسسى ... قاتارلىقلار .

چۈش كۆرۈشنى ئالساق ، چۈشنى فرېئۇد دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئەمەس،  بەلكى چۈش كۆرۈش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبىنى بىزگە شەھىرلەپ بەردى . فرېئۇد چۈش توغرىسدا  بىردىن _ بىر توختالغان ئادەم ئەمەس . ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن تالاي شائىر ۋە يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە چۈشنى تەسۋىرلىگەن . ئۇنڭدىن باشقا ھەرقانداق مىللەت ئارسىدا چۈشكە ئېتبار بېرىش ۋە ئۇنى يېشىش ئادىتى بار . يىغىپ ئېيتقاندا، روھى ئانالىز ئىلمى ئىنسان ئاڭ قاتلىمىنىڭ قۇرۇلمسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن نەزىريىۋى سىستېىما .ئۇ ھەرگىزمۇ روھى كېسەللىكنى بىردىن بىر ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىۋالغان پەن ئەمەس ...

بۇ يەردە شۇنى قستۇرپ قويۇش زۆرۈركى ، تارىختىن بېرى بىرقسىم ئىنسانلار توپىدا  مەلۇم ئىلىم ئىگسى بىرەر ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قويغان ھامان ، ئۇ مۇتلەق قانۇندەك كىشلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغماي ، بەلكى چوقۇنغۇچىللىرىنى كۆپەيتىپ كەلدى . ھەتتا بۇ نەزىريىلەر نەچچە يۈز يىل ، نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرۈپ. ئۇنى ئىجات قىلغۇچى ئەۋلىيا دەرجىسىگە كۆتۈرىلدى . ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان ئىدىيىلەر ئاۋام ئارىسىدا مۇقەددەس دىنغا ئايلاندۇرلۇپ ئۇلۇغلاندى.ئەمما ،  شاللاش ۋە ئىجات قىلىش روھىغا باي غەرپلىكلەر ، بۇ خىل بىنورماللقتىن ئۆزىنى ساقلاپ كەلدى . شۇڭلاشقا  ئۇلاردىكى  بىرەر ئەدەبىيات _ سەنئەت ئېقىمىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ياكى بىرەر پەلسەپە سىستېمىنىڭ پەيدا بولىشى ئەسىلىدە بار بولغان ئېقىم ۋە پەلسەپە قاراشلارنى ئىنكار قىلىش ھەم ئۇنىڭ يىتىسسىزلىكىنى بايقاش ۋە  ئىسپاتلاش ئاساسىدا مەيدانغا كەلدى. ئۇلار بىرەر پەلسەپە سىستېمىنى ياكى ئىدىيىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەس قانۇن دەپ قارمىدى . شۇڭلاشقا غەرپ، پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات _ سەنئەت ئېقملىرىنىڭ پۇتمەس بولىقىغا ھەم يېڭى بايقاشلارنىڭ بۆشۈكىگە ئايلانغان . شاللاش ۋە ئىجات قىلىش روھىغا باي غەرپلىكلەرنىڭ كۆزىدىن فرېئۇدمۇ قېچىپ قۇتۇلالامىدى . ئۇنىڭ نەزىريەلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى ئۆز زامانىسىنىڭ روھى ئانالىزچىللىرى ۋە پەيلاسوپلىرى شۇنداقلا كېيىنىكى روھى ئانالىزچىلار ۋە پەيلاسوپلار تەرپىدىن تېزلا بايقىۋىلندى . بۇ سەۋەپلىك روھى ئانالىز ئىلمى تېخىمۇ كۆپ قىرلىشىپ ، ھەتتا نۇرغۇن ئېقملارغا پارچىلىنىپ كەتتى . مەن ماقالىنىڭ تېمىسىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، فرېئۇد نەزىريەلىرىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى ئىسپاتلىغان پەيلاسوپ ۋە روھى ئانالىزچىلارنىڭ نامىنى ۋە ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىشنى كىتاپخانلارغا قالدۇرىمەن . پەقەت شائىر روھى كېسەلمۇ دىگەن سۇئالنى تېخمۇ يورتۇپ بېرش ئۈچۈن ، فروېدنىڭ دوستويېۋسكىگە بەرگەن باھاسى بىلەن چەكلىنىمەن .

فرېئۇد << دوستيېۋېسكى ۋە ئاتىسدىن قىساس ئالغۇچى >> (1)دىگەن ئەسىرىدە نېتچشنىڭ (2) قايىللىقىغا  ئېرشكەن دوستيېۋېسكىنى ( 3) <<دوستيېۋېسكىنىڭ تۇتقاقلىقى ئۇنىڭ روھى كېسەل ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى  شۇنداقلا ئۇنىڭ ھاياتى ۋە خاراكتېرىدىكى ئاساسلىق تەرەپ .>> دەپ كۆرسەتتى. (4) ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا :<< ئۇنىڭ تۇتقاقلىقىنى كەيپىيات كەلتۈرۈپ چىقارغان . نېرۋا كېسەللىك ئۇنىڭغا نىسپىەتەن ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ قالماي ، ئۇنىڭ ئۈچۈن غېرپلىقتىن  قۇتۇلۇشىنىڭ ۋاستىسى بولغان  . >> (5)دەپ قارىدى . فرېئۇد بۇ يازغۇچنىڭ ئىجادىيەت ئەمگىگىنى ۋە ھاياتى پالىيىتىنى << روھى كېسەل>>لىككە ، << جىنىسى ئىستەك >>كە ، << ئودىپوپس كوپلېكسى>> (6) گە باغلاپ چۈشەندۈردى . فرېئۇدتنىڭ قوللۇغۇچىسى بولغان روھى ئانالىزچى ئېلزابىت دوردۇن<< ئېسكى ۋە تۇتقاقلىق>> (7) دىگەن ماقالىسىدا :<< تۇتقاقلىق دوستيېۋېسكىنىڭ ئەسەرلىرى ئۈچۈن  مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان . دوستيېۋېسكى بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ تۇتقاقلىقى جەريانىدا روي بەرگەن مىستىزمچىلار ۋە باخشىلارنىڭ خىيالىغا ئوخشاپ كېتىدىغان سىرلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئىپادىلىگەن .ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روھى كېسەللىك ئۈستىدىكى ئىزدىنىشتىن ئىبارەت .>> (8) دەپ يازىدۇ . ئۇ بۇ ماقالىسىدە يەنە :<< كېسەل قوزغالغان ۋاقىتتىكى قىسقىغنە ۋاقىت دوستيېۇۋېسكىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاشۇنداق پۈتمەس سىرلىقلىققا ئىگە قىلدى >> (9) دەپ تەكىتلەيدۇ . ھەتتا << گومۇش >>(10) رومانىدىكى پىرسۇناج پۇلاڭلاتقان شەمشەرنى جىنىسى ئەزانىڭ سېموۋۇلىغا ئوخشىتىدۇ . ئۇنداقتا دوستيېۇۋېسكى راستىنلا فرېئود ۋە ئىلزابىت دوردۇن بايان قىلغاندەك روھى كېسەلمۇ ؟ ئۇ روھى كېسەل قوزغالغاندىكى جۆلۈشلىرىنى ۋە قالايمىقان خىياللىرىنى ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىقتىمۇ ؟ ئۇ جىنىسى ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىمۇ؟ بىز دوستيېۇۋېسكىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھىلىل قىلغىنىمىزدا يوقىردىكى سۇئاللارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .

دوستيېۇۋېسكى << گومۇش >> رومانىدىكى ئاساسلىق پىرسۇناج ئېسكى بىلەن لوگۇسنى ھەرگىزمۇ ھوشىدىن كەتكەندە كۆرگەن كۆرنۈشلەردىن تېرىۋالغان قەھىرمانلار بولماستىن ، بەلكى دوستيېۇۋېسكىنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئىككى خىل ئاڭ ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشنىڭ مەھسۇلى . روماندىكى پىرسۇناژ ئېسكى روسسيە دىننىي ئەخلاقىنىڭ نەمۇنىسى ، لوگۇس ئۇنىڭ قارشىسىدا تۇرغۇچى . ئېسكىيىنىڭ مېھىرۋانلىقى ھامان پاجئە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ، چۈنكى روسسيە دىننىي ئەخلاقى ئۆز _ ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان . لوگۇس بولسا روسسيە دىننىي ئەخلاقى بىلەن ماسلىشالماۋاتقان ھەم ئېسكىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلىتىۋاتقان دوستيېۇۋېسكىنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى . بۇ ئىككى شەخىس دەل بىر تەننىڭ ئىككىگە بۆلىنىشى ، ئىنسان خاراكتېرىدىكى << ئىككى ياقىلىمىلىق خاراكتېر >>(11) . مۇنداقچە ئېيتقاندا يېڭى بىر ئەخلاق بىلەن كونا ئەخلاقنىڭ توقۇنىشى ۋە ئۆز _ ئارا تەسىر كۆرسىتىشى . ئېسكىنىڭ يېڭى ئەخلاقنى ، يەنى يازغۇچىنىڭ ئۆزلۈك ئەخلاقىنى ئىتاراپ قىلماسلىقى ، بۇدەل ئۇنىڭ گومۇشلىقى . بۇ يەردە روي بېرىۋاتقان كۈرەش ، ئىنسان روھىنىڭ سىرلىق ۋە مۇقەددەس كۈچى بىلەن تاشقى ئىرادىنىڭ سۈركىلىشىدۇر، شۇنداقلا << گومۇش >> رومانىنىڭ ئاساسلىق ئىدىيسىدۇر . دوستيېۇۋېسكى رومانلىرىدىكى پىرسۇناژلاردا خۇددى ئېنجىل ھېكايىللىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئادەم بىلەن شەيتان ئوتتۇرسىدىكى ئۈزۈلمەس سۈركىلىشكە ئوخشاپ كېتىدىغان ھادىسە ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ تۇرىدۇ . بۇ خىل ھالەت ئۇنىڭ رومانلىرىنى تېخىمۇ پەلسەپىۋىلىككە ئىگە قىلغان .دوستيېۇۋېسكى << جىنايەت ۋە جازا >> (12) دىگەن رومانىدا  پىرسۇناژلار تىلى ئارقىلىق :<< ئۇلار ئادەملەردە شەخسىيەتچىلىك بولمسا شۇنچە كامالەتكە يېتىدۇ دەيدۇ . بىر ئادەم قانچە ئۆزىگە ئوخشمىسا شۇنچە ياخشى بولارمىش . بۇنى ئۇلار زور ئىلگىرلەش دەپ قارايدۇ ، بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك . ئۆز ئەقىل بىلەن ئاغزىغا كەلگەنى دىيىش باشقىلارنىڭ ئەقلى بىلەن راس گەپ قىلغاندىن ياخشىراق . >> (13) دىسە ، يەنە بىر يېرىدە :<< ئادەملەر ئىككى خىلغا بولىنىدۇ : ئۇلار ئادەتتىكى ماتىرياللار ۋە ئالاھىدە ماتىرياللار . بىرىنچى خىلدىكىلەر ئۆزىگە ئوخشاشلارنى ئاۋىتىشنىڭ ماتىريالى . ئۇلار مۈتەسسىپ كېلىدۇ، قايدە _ پىرىنىسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ ھەم ئىتائەتمەن كېلىدۇ. بۇلار شۇنداق بولىشى كېرەك . ئىككىنچى خىلدىكىلەر قانۇننى كۆزگە ئىلمايدۇ، يەنى ئەخلەت _ چاۋالار ئۈچۈن قانۇن تۇزىدۇ .>> (14) دەپ بايان قىلىدۇ . مانا بۇلاردىن ئېنىق كۆرۋالىمىزكى دوستيېۇۋېسكى ھەرگىزمۇ نېرۋا كېسەل بولۇپ قالايمىقان جۆلىگەن ئەمەس . ئەكسىچە ئىچكى ئۆزلۈكنىڭ مۇستەققىل پەرۋازىنى ۋە ئۆزىنى يارتىشنى ھەمدە مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىشنى  تەكىتلىگەن .شۇڭلاشقا  بۈيۈك پەيلاسوپ نېتچشى :<< ئۇنىڭدىن ھەممنى تاپقىنى بولىدىغان بىردىن _ بىر پىسىخولوگ،>> دەپ دوستيېۇۋېسكىغا ئاپىرىن ئوقۇغان ھەم ئۇنى ئۇستاز بىلگەن .

سېموۋۇلىزمچى شائىر بودېلىرنى (15) روھى ئانالىزچىلار:  روھى كېسەللىككە ئوخشىغان ئازاپ ئىچىدىن گۈزەللىكنى ۋە كۈچ _ قۇددرەتنى بايقىدى دەپ قاردى . قەھىرمان قىزىمىز ۋە خەلق قوشاقچىمىز نوزۇگۇمنى ئەينى دەۋىر قارا كۈچلىرى  توپىلاڭچى ، بۆلگۈنچى ، ئوغرى ...قاتارلىقلارغا  چىقىرىپ ، ئۇنى نومۇسسىزلارچە خارلىدى ھەم ئۇنى رەھىمسىزلەرچە دارغا ئاستى .ئىسيانكار شائىرمىز شاھ مەشرەپنى ئەينى دەۋىردىكى چۈشكۈنلەشكەن ۋە قارانىيەت خوجاـ ئىشانلار :تەڭرىگە ھاقارەت قىلدى ، قايدە ـ پەرمانلارغا بوي سۇنمىدى ، سوپىلارنى ھاقارەتلىدى دەپ، تۆھمەت قىلىپ  دارغا ئاستى .مەشرەپ   بودېلىر ۋە نوزۇگۇم ... قاتارلىق شائىرلار ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەت ئاسمىنىنى يورتۇش ئۈچۈن كەلگەن يالقۇنلۇق قۇياشلار. شۇنداقلا ھەقىقى ئۆزلۈك شائىرلىرى . بودېلىر كېسەللەنگەن مۇھىتنى ئۆزىنىڭ شېئىرللىرى ئارقىلىق ئىپادىلىدى . ئۇ روھى كېسەل ئەمەس دەل ئۇ ياشاۋاتقان مۇھىيت ۋە كىشلەر كېسەل ئىدى . ئۇنىڭ ئىنسانغا بولغان شەيتانلارچە مەسخىرسىنىڭ كەينىدە  ئىنسانىيەتكە بولغان چەكسىز مۇھەببەت بار ئىدى . نوزۇگۇم قىسقىغىنە ھاياتىنى ئىنسانغا بولغان چەكسىزسۆيگۈسى ۋە ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقى بىلەن مەڭگۈلىككە ئىگە قىلدى . ئۇ ساراڭ ياكى ئوغرىلارنىڭ شايكىسى بولغان بولسا << غەم _ غۇسسىگە باش ئەگمە ، ئەلنى باسقان تۈن كېتەر . ئوت قوياشتەك نۇر چاقناپ ، بىزنى پارلاق كۈن كۈتەر .>> (16) دەپ چوقان سالمايتى . شۇنداقلا مەشرەپ سوپاـ ئىشانلارنىڭ قارلىشىغا لايىق كىشى بولغان بولسا ‹‹ئاي.دوزاخ مېنى كۆيدۈر ،خەلەيىق كۆيمەسۈن ھەرگىز .›› خىتاپ قىلمىغان بۇلاتتى  .

 

 بىز بىر قسىم گەپ تېرىپ يۈرىدىغان پەسكەش كىشىلەرنىڭ ۋە يامان غەرەزگە تويۇنغان ھۆكۈم شۇناسلارنىڭ شائىر ۋە يازغۇچىلارغا بەرگەن ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان باھالىرىنى راس دەپ قارىساق ، ئۇنداقتا ئەدەبىيات _ سەنئەت ساھەسىدىكى بارلىق كىشلەر روھى كېسەل ، تارىختىن بويان يېزلىغان ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق سەنئەت  مىراسلىرى ۋە مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرى روھى كېسەللىكنىڭ مەھسۇلى دىگەن خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ . ئەگەر بىز تۇرمۇشتىكى بارلىق ئۇتۇق ۋە مەغلۇبىيەتلەرنى روھى كېسەللىك بىلەن چۈشەندۈرسەك ياكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىشلارنى روھى كېسەللىك كاتورىگىيەسىگە مەجبۇرى سۆرەپ ئېلىپ كىرسەك ، ئۇنداقتا ھەممىمىز نورمال ئادەم ئەمەس بولۇپ چىقىمىز.يۇقىردا بايان قىلىنغان يامان غەرەزلىك  كىشىلەر ۋە تەھلىل شۇناسلارنىڭ يازغۇچى ۋە شائىرلارغا ماس كەلمىگەن نامۇۋاپىق باھاسىنى ئاڭلىغان ۋاقىتىمىزدا شۇنى ئېسىمىزدا چىڭ تۇتىشىمىز كېرەككى . ئۇلارنىڭ كەسپى ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىللەر بىلەن ئۆزىدىن ئامال بار ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش ،، يەنى سىرلىق ئىچكى تەجىربىللىرىنى يوشۇرۇش . ئۇلار غۇددى جەننەتكە كىرشكە تەشنا بولغان بولسىمۇ ،لېكىن جەننەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققدىكى ۋەھىلەرنى ئېلىپ كەلگەن كىشلەرنى يالغانچىغا چىقىرۋەتكەن نادانلارغا ئوخشايدۇ .ئۇلار شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىگە بولغان ئىخلاسىغا ھەسەت قىلىدۇ   ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ.يازغۇچى ۋە شائىرلار   ئۇلارنىڭ قىممەت قارشىنى ئىتارپ قىلمىغاشقا ، ئۇلار يازغۇچى ۋە شائىرلار ئۈستىدىن گەپ تېرىپ يۈرىدۇ   . يازغۇچى  ۋە شائىرلارنىڭ خىزمىتى ئىنساننىڭ ئېڭىدىكى سىرلارنى تاۋلانغان تىل ۋە پىكىرلەر بىلەن  ئىپادىلەش ۋە ئۇنى ئۆزىگە تونۇتۇش  . بىر سۆزنىڭ كەينىگە تالاي بىشارەت ۋە تارىخ يوشۇرنغان بولىدۇ. بىر سۆز بىر شەخسنىڭ ،بىر مىللەتنىڭ ئىدىيە ۋە تەپەككۈرنىڭ شۇنداقلا ئارزۇ ـ ئارمانلىرنىڭ  روشەن كارتىنىسى. گەپ بىزنىڭ ئۇنى قانداق قوبۇل قىلىشىمىزدا . شائىر دەل تىل قاتلىمى ئارقىلىق روھى ئالەمگە پەرۋاز قىلغۇچى ، يەنى تىل ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئۆزلۈك ئالىمىدىكى پالىيىتىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەقىقەتلەرنى دۇنياغا ئاشكارلىغۇچى . شۇنداقلا ئۇنىڭدىن مەستخۇش بولغۇچى . بىز ئۈزلۈكسىز شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ   روھى پەرۋازدىن قاچىمىز ، يەنى ئۆزىمىزدىن _ ئۆزىمىز ھۆركىيمز ، شۇڭلاشقا  كۆپ قسمىمىز قەستەنگە ئۆزىمزدىكى سىرلىق ئاۋازلارنى ئۇنتۇشقا ئالدىرايمىز . لېكىن ، بىز ئۇنىڭدىن مەڭگۈ قېچىپ قۇتۇلالامايمىز . چۈنكى ئىنساننىڭ ئىستەكلىرى ھامان ئۇنى ئۆزىگە يۈزلەندۈرۈپ تۇرىدۇ . << روھى باي ئادەملەر گويا ھارپا كېچسىتىكى ئىللىق ۋە خۇشاللىققا تولغان ئۆيگە ئوخشايدۇ . بىراق، سىرتنى قار- مۇز ۋە زېمستاننىڭ شىۋرغانلىق زۈلمتى قاپلىغان .>> (17)

تارىختىن بېرى ئاۋام  كۆنۈپ قالغان مەلۇم ئەنئەنىۋى قاراش ۋە ئادەتتىن سەللا ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر . باشقىلار تەرپىدىن ساراڭغا چىقىرۋىتىلىش بىلەن تەڭ، قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ كەلدى مەسىلەن ، مەسىھ ، بىرونى ، كولومبو ، سىماچەن ،مەشرەپ  ئابدۇقادىر داموللا ، مەنسۇر ھەلاجى ... قاتارلىق شەخىسلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى بۇنىڭ تىپىك كارتىنىسدۇر ھەم ئىنسانلارنىڭ روھىيدا ساقلىنىۋاتقان يىتسسىزلىكنىڭ گەۋدىلىنىشدۇر . يىغىپ ئېيتقاندا بۇ خىل قىلمش ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىلسىزلىكى ،شۇنداقلا بىر پاجئەسى . ھېكايەت : ئەينى يىللاردا فرانسىيە ئىنقىلاپچىللىرى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ئوردىغا بېسىپ كىرگەندە  مۇنداق بىر قىززقارلىق مەنزىرنى كۆرۈپ ھاڭتاڭ قالغان . فرانسىيە پادىشاھى لويىس16 ئاللا  بۇرۇن تەخىتتىن چۈشۈپ، باشقا دۆلەتكە سەرگەردان بولۇپ قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئوردىدىكى چاكارلار پادىشاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھېلىمۇ مەۋجۇتتەك، تەخىت ئالدىدا يۇكۈنۈپ ئولتۇرۇشقان .

بۇ يەردا زادى كىم ساراڭ ؟ ئەركىنلىكنى قولغا ئالغۇچى فرانسىيە ئىنقىلاپچىلىرىمۇ ياكى پادىشاھنىڭ ئىرادىسىنى مەيلى ئۇ ھايات بولسۇن ياكى ئۆلۈك بولسۇن ئېتىراپ قىلغۇچى چاكارلارمۇ ؟ مېنىڭچە چاكارلارنىڭ نەزىرىدە ئىنقىلاپچىلار ساتقۇن ، ئەخلاقسىز ۋە ساراڭ ... ئىنقىلاپچىلارنىڭ نەزىرىدە چاكارلار بىچارە ۋە ئۆزىنىڭ قەدىر _ قىممىتىنى يوقاتقۇچى ... ئىنساننىڭ قۇل ياكى ئەركىن بولىشى ئۆزىگە باغلىق .پەيتى  كەلسە ئادەتتىكى ئىنسانمۇ پادىشاھ بولالايدۇ . بۇ يەردىكى قىيىن مەسىلە ئىنساننىڭ ئۆزىنى قانداق تونىشىدا ھەم مەۋجۇتلىقىنى قانداق ئىسپاتلىشىدا . يۇقىرقىلارنى خۇلاسىلىغاندا ئىنسانىڭ روھى ئالىمىدىكى ھەقىقەتلەرنى ۋە ئەركىنلىككە بولغان چەكسىز تەلپۈنىشلىرىنى ئىپادىلەپ بەرگۈچى شائىر ۋە يازغۇچىلار بىر قسىم كىشلەر دېگەندەك روھى كېسەل ئەمەس بەلكى ئەڭ ساغلام كىشلەردۇر . ساغلام ئەمەس كشلەر دەل ماددى نىمەتلەرگە ئېرىشش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر پالاقشىيدىغان ، شۇنداقلا بارلىق بەختنى تاشقى نەرسىلەردىن ئىزلەيدىغان روھى قۇرۇق كشلەردۇر .دىمىسىمۇ جەمئىيىتىمىزدە روي بېرىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ، پارخورلۇق قىلىش ، نومىسىنى سېتىش ، ، ئاتا _ ئانىسىنى خارلاش ، قارغۇلارچە يات مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىنى دوراش ، قەستەنگە ياخشلارغا شايكا توپلاپ ھۇجۇم قىلىش ، توپلۇشۇپ قۇرۇق گەپ سېتىش ، ھەشەمەتچىلىك قىلىش ، بىلىمىنى كۆز _ كۆز قىلىش ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بۇزۇش ...قاتارلىق مەنىۋى كىرزىس ۋە روھى كېسەللىكلەر شائىر ۋە يازغۇچىلاردىن ئەمەس بەلكى جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم نوپوزلۇق كىشلەردىن ، ماددىي نەرسىلەرگە جانجەھلى بىلەن بېرىلگەن بىر قىسىم چۈشكۈنلەشكەن كىشلەردىن چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز كېسىپ ئېيتالايمىزكى شائىر ۋە يازغۇچىلار روھى كېسەل ئەمەس . بۇ ئىلىم ساھەسىدە ئاللا بۇرۇن ئىسپاتلانغان . پىسىخلوگلارنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا ، روھى كېسەللەر ئىپادىلىگەن جىددىلىشىش ۋە تەڭپۇڭلىقنى يوقۇتۇش ... قاتارلىق بىر قاتار پىسىخىكلىق ھادىسلەر يازغۇچى ۋە شائىرلاردا زادى كۆرۈلمىگەن . ئۇلار ئىجادىيەت جەريانىدا نورمال كىشلەردىنمۇ بەتەر نورمال بولغان خاراكتېرگە ئىگە بولغان . دىمەك، بۇنىڭدىن شونى كۆرۋالىمىزكى، شائىر ۋە يازغۇچىلار بىزگە ئوخشاش نورمال ئىنسان . ھەرقانداق ئادەمدە خىيال ۋە تەسەۋۇر قىلىش ھەم چۈش كۆرۈش . شۇنداقلا ئۆزلۈكنى ئايان قىلىش ، ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش، غورورىنى قوغداش ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل دۇنياغا ئىنتىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ . يۇقىردىكى ئىنساننىڭ  روھى ئىستەكلىرنى  كامالەتكە يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بېرىش، پەقەت شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ . شۇڭلاشقا بىز ھەممە ئىنسانغا ئورتاق بولغان  ئىنساننىڭ نازۇك ئىچكى پالىيىتىنى ئىپادىلىگۈچى ۋە ئۇنى ئۆزىنى تونۇشقا دەۋەت قىلغانلارنى روھى كېسەل دىسەك ، ئۇنداقتا ئۆزىمىزنى ھاقارەتلىگەن بولىمىز .

 بىز يەنى بىر كشىنىڭ كەمتۈكلىكى ياكى كېسەل ئىكەنلكىنى باھانا قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنپ، شەخىسنىڭ ئەقلى كۈچى ۋە تالانتىغا ھۆكۈم قىلماسلىقىمىز لازىم . شۇنداقلا روھى كېسەللىك يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىنڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ ئېنېرگىيىسى دەيدىغان نامۇۋاپىق چۈشەنچىدىن ساقلىنىشىمىز لازىم . تارىخنى ۋاراقلىساق كۆپ قىسىم شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەتكە سەۋەپ بولىدىغان  ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ تۈپتۈن ئوخشىماسلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. مەسىلەن ، سادىر پەلۋان قوشاقلىرىدىكى مۇڭ ۋە غەزەپ تەبىئەتنىڭ ئەركىن روھىيغا بولغان تەلپۈنىشنى ۋە چىركلەشكەن ھاكىمىيەتكە بولغان ۋىجدانى غەزەپ _ نەپىرەتنى ئۆزىگە ئېنېرگىيە قىلغان . پوشكىننىڭ شېئىرللىرىدىكى ئېنېرگىيىنىڭ مەنبەسى ئەينى دەۋىر ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقتىن ۋە روسلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مىللىلىكىدىن كەلگەن . شۇڭلاشقا دۇنيا خەلقى پوشكىنغا <<روسلارنىڭ مىللى شائىرى >> دىگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن . ماكسىم گوركىنىڭ ئىجادىيەت ئېنېرگىيىسى ماركىسىسمغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىدىن كەلگەن . فرانىسىيە يازغۇچىسى زولانىڭ ئىجادىيەت ئېنېرگىيەسى ئېرسىيەت ئىلمىگە بولغان ئىخلاسىدىن كەلگەن .شۇڭلاشقا ئۇنىڭ رومانلىرىدا ئېرسى ئامىللنىڭ قۇدرتى بەك تەكىتلىنىدۇ ھەم ئۇ پىرسۇناژلارنىڭ تەقدىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. دارۋېننىڭ  ئىجادىيەت ئېنېرگىيىسى ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلىقىغا بولغان گومانلىشىدىن كەلگەن . ۋىجدانلىق شائىرمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرللىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۆز مىللىتنىڭ ئىستقپالىغا بولغان چەكسىز ئەنسىرەشتىن كەلگەن ... يوقىرقىلاردىن شۇنى چۈشۈنۋالىمىزكى، شائىر ۋە يازغۇچىلار روھى كېسەللىكنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئېنىرگىيىسى قىلمىغان، بەلكى كېسەللەنگەن كىشىلەرنىڭ روھى جەھەتتىن تىرىلىشىگە كۈچ چىقارغان . ئۇلار ئۆز دەۋرىدىن ھالقىپ كەتكۈچىلەر ۋە بىر قەۋۇمنىڭ ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىدا مەشئەل يېقىپ ماڭغۇچىلار،ھەم ئۇلارنىڭ ئىلگىرلەش يولىدىكى توساقلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلەنگۈچىلەر . ئەگەر بىز روھى كېسەللىك بىلەن تالانت ۋە ئىجادىيەت ئەمگىگىنى باغلىۋالساق ، ئۇنداقتا ئىنسانىيەتنىڭ تارىختىن بېرى ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى ھەققانى چۈشەنچىللىرى ساراڭلار دوختۇرخانىسىدىكى ئەھمىيەتسىز دىياگونۇز قەغىزىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

پايدىلانمىلار :

 (1)  << چەتئەل روھى ئانالىز ئىلمىگە ئايىت ئەدەبىيت ـ سەنئەت ئەسەرلىرى  >> ( خەنزۇچە) كىتاپ ، ئەنخۇي نەشىرياتى ،200يىل ، 240 بەت.
(2)فردېرخ نېتچشى ( 1844_1900) گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ ، ھوقوق ئىرادىسىنىڭ ئىجاتچىسى.
(3)دوستويېۋسكى (1821_1881) روسىيەنىڭ دۇنياۋى يازغۇچىسى .
(4) << چەتئەل روھى ئانالىز ئىلمىگە ئايىت ئەدەبىيت ـ سەنئەت ئەسەرلىرى >> ( خەنزۇچە) كىتاپ ، ئەنخۇي نەشىرياتى ، 200يىل ، 243بەت.
(5) << چەتئەل روھى ئانالىز ئىلمىگە ئايىت ئەدەبىيت ـ سەنئەت ئەسەرلىرى >> ( خەنزۇچە) كىتاپ ، ئەنخۇي نەشىرياتى، 200يىل ، 245بەت .
(6)، روھى ئانالىز ئىلمىدىكى پەنى ئاتالغۇ بولۇپ . بالىنىڭ ئانسىغا بولغان مېھىر ـ مۇھەببىتى تۈپەيلى ئاتسىغا بولغان دۈشمەنلىك ھالىتى .فېرئود بۇ ھادسىنى ھەمما ئادەمدە مەۋجۇت دەپ قارايدۇ .
(7) << چەتئەل روھى ئانالىز ئىلمىگە ئايىت ئەدەبىيت – سەنئەت  ئەسەرلىرى>> ( خەنزۇچە) كىتاپ ، ئەنخۇي ئەدەبىيات _ سەنئەت نەشىرياتى ، 200_يىل ، 240_
(8) << چەتئەل روھى ئانالىز ئىلمىگە ئايىت ئەدەبىيات ـ سەنئەت  ئەسەرلىرى >> ( خەنزۇچە) كىتاپ ، ئەنخۇي نەشىرياتى ،200يىل ، 246 بەت
(9) << چەتئەل روھى ئانالىز ئىلمىگە ئايىت ئەدەبىيات ـ سەنئەت  ئەسەرلىرى >> ( خەنزۇچە) كىتاپ ، ئەنخۇي نەشىرياتى ، 200 يىل ، 246  بەت .
(10)، دوستيوۋېسكى يازغان رومننىڭ نامى .
(11) ئەدەبىي  ئەسەرلەردىكى پىرسۇجاقلارنىڭ ئىككى ياقلمىلىق خاراكتىرى بۇ غەرپ رومانچىلقىدىكى مۇھىم ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر . ئاددى تىلدا ئېيتقاندا پىرسۇناجنىڭ زىدىيەتلىك روھىينىڭ ئەينەن ئىپادىلىنىشى .
(12) دوستيوۋېسكى يازغان رومننىڭ نامى.
(13) << جىنايەت ۋە جازا >>نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرگە  قارالسۇن .
(14) << جىنايەت ۋە جازا >>.نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرگە قارالسۇن .
(15)بودېلىر (1821_1867) سېموۋۇلىزمنىڭ ئىجاتچىسى فىرانسيەلىك بۈيۈك شائىر .
(16) ئابدۇكېرىم راخمان : << ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى >> ،20 بەت .
 (17) << شوپېنخاۋىرنىڭ ئەقىل پاراسىتى >> ( خەنزۇچە ) كىتاپ ، جۇڭگو كىنو نەشىرياتى ،2005 يىل ، 115 بەت .
 

باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+50(ئۈمىديار)
  • دوستلىشىش
    سودىگەر
    مەيىن شامال بورانغا ئايلاندى.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 516
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 98
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە98دانە
    تۆھپىسى: 5
    پۇلى: 128 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 10
    ياخشى باھا: 108
    توردا: 9(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-14
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 20:39

    ياخشى ماقالىدىن بىرسى يوللىنپتۇ، ئالدىرماي ۋاقىت چىقىرىپ كۆرەيلى.

    ئالىپ ئوغۇز ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىنى ئىزدەپ ئۇقۋاتىمەن.
    سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1017
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1017دانە
    تۆھپىسى: 136
    پۇلى: 1293 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 279
    ياخشى باھا: 1293
    توردا: 126(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2013-03-22
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 20:42

    بۇ يەردە شۇنى قستۇرپ قويۇش زۆرۈركى ، تارىختىن بېرى بىرقسىم ئىنسانلار توپىدا  مەلۇم ئىلىم ئىگسى بىرەر ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قويغان ھامان ، ئۇ مۇتلەق قانۇندەك كىشلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغماي ، بەلكى چوقۇنغۇچىللىرىنى كۆپەيتىپ كەلدى . ھەتتا بۇ نەزىريىلەر نەچچە يۈز يىل ، نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرۈپ. ئۇنى ئىجات قىلغۇچى ئەۋلىيا دەرجىسىگە كۆتۈرىلدى . ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان ئىدىيىلەر ئاۋام ئارىسىدا مۇقەددەس دىنغا ئايلاندۇرلۇپ ئۇلۇغلاندى.
    ..........................................................................................................
    مەسلەن قايسى ئىدىيەلەر ئاۋام ئارىسىدا دىن دەرجىسىگە كۆتۈرۈلدى ؟ تەپەككۇرىڭىزدىن سۈيۈندۈم!!!
    ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2552
    ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
    تۆھپىسى: 157
    پۇلى: 2979 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 315
    ياخشى باھا: 2898
    توردا: 480(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2013-05-30
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-29 09:44

    -دېمەككى،چىن مەنىدىكى شائىر روھى دوختۇردۇر... يۇقارقى تېما؛ ۋەزىنى ئېغىر ماقالىكەن ...
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 732
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 207
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە207دانە
    تۆھپىسى: 53
    پۇلى: 366 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 86
    ياخشى باھا: 306
    توردا: 40(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-07-03
    ئاخىرقى: 2013-03-24
    4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-30 08:00

    لاۋزى مىڭزى ، كوڭزى  ، ماركىزىم ... ۋە باشقىلار بىر خىل ئىتقاتنى شەكىللەندۈردى
    دوستلىشىش
    ئوغۇلچاق
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 666
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 53
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
    تۆھپىسى: 3
    پۇلى: 59 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 6
    ياخشى باھا: 59
    توردا: 3(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-06-09
    ئاخىرقى: 2012-07-29
    5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-02 23:17

    تەلىمات مەلۇم تەبىئەت قانۇنىيەتلىرنى بايقاش ئاساسىدا پەيدا بولىدۇ . مەسىلەن تۇتاش قاچىلار تەلىماتى ، شاللاش تەلىماتتى ، تۇرلەرنىڭ ئۆزگۈرۈشى تەلىماتى .... يەرھەركەت تەلىماتى ... قەدىمقى قەبىلىلەرنىڭ ھاياۋانلارغا چوقۇنىشى مەسىلەن ،بۇغىغا ،بۆرىگە ، ئايغا ، ئوتقا ، ئەرلەرنىڭ جىنىسى ئەزاسىغا چوقۇنۇش ، دەرەق ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ھەتتا تاغلارغا (خانتەڭرى )چوقۇنۇش ۋە ئۇلارغا تېۋىنىش  قانداقتۇر مەلۇم تەلىمات ئاساسىدا شەكىلەنمىگەن . ئۇ ۋاقىتلاردا زور تەلىماتلار ئوتتۇرغا قويۇلمىغان ،
    ...........................................................................................................
    تەبىئەتتىكى بار نەرسىلەرگە چوقۇنىش ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىز داۋاملىق خۇدانى ئىزلەپ كەلگەن ،بۇ خۇددى ئېبىراھىم ئەلەيھىسسالامىنىڭ دەسلەپكى ئىتقادىغا ئوخشاپ كېتىدۇ ، بۇلارنىڭ سىزنىڭچە تەلىماتنىڭ خۇرۇچلىرى بولالماسمۇ؟
    دوستلىشىش
    مېھرىگىياھ
    ئىنسانلار ئۇرۇق-تۇغقان، ئۇيغۇرلار بىر تۇغقان.
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 4
    ئومۇمىي يازما: 300
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
    تۆھپىسى: 56
    پۇلى: 566 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 72
    ياخشى باھا: 376
    توردا: 98(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-18
    ئاخىرقى: 2013-05-25
    6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-03 15:15

     
    [ مېھرىگىياھتەرىپىدىن2011-09-03 18:58قايتا تەھرىرلەن ]
    ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2552
    ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
    تۆھپىسى: 157
    پۇلى: 2979 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 315
    ياخشى باھا: 2898
    توردا: 480(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2013-05-30
    7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-22 11:55

      -مېھرىگىيانىڭ كۆرسەتمىلىك ئىشارىلىرىدە تىبئىي ئىلىمنىڭ پۇرۇقى بار...
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 178
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 72
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
    تۆھپىسى: 19
    پۇلى: 110 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 28
    ياخشى باھا: 105
    توردا: 8(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-03-11
    ئاخىرقى: 2011-11-26
    8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-14 22:01

    راستىنلا ۋەزنى ئېىغىر ماقالە بوپتۇ، ھەقىقىي شائېر  چىن مەنىسىدىن ئىيتقاندا ئىنسان روھىنى نۇرلاندۇرغۇچى ، روھنى پاكلىغۇچى ...
    تىرىش يىگىت
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 1560
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1560دانە
    تۆھپىسى: 225
    پۇلى: 2160 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 430
    ياخشى باھا: 2040
    توردا: 486(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-12-07
    ئاخىرقى: 2013-05-30
    9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-23 12:45

          ھەقىقەتنى ئېيت  ئادەمگە ياقمىسىمۇ ،ئاللاغا ياقسۇن! مەن ئەسەرنى ئوقۇمىدىم، ئەمما ماۋزۇسىدىن  مۇئەللىپنىڭ  مەنىۋى سۈپەت-ساپاسىنىڭ ئويلىغىنىمدىن زىيادىلىگىنى قىياس قىلدىم  تەكشۇرۇپ -تەتقىق قىلماي تۇرۇپ  ئەپلاتوننىڭ  زەنجىرىنى  ئۈزىدىغان  گەپلەرنى قىلىش   ئاقىلانىلىق ئەمەس،‹شائىر روھى كېسەل› ئەمەس ،ئۇنى روھى كېسەل قىلغان  ئوبىكىت ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ئاشۇ خىل خاتا سە‍زگۇگە بېشىنى تىقىۋالغانلار مىكىن؟