ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 696 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جاھان ئىقتىسادى  كەم ھوسۇللۇق يەتتە يىلنى باشتىن كۈچۈرىدىكەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 893
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
تۆھپىسى: 8
پۇلى: 27 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 16
ياخشى باھا: 27
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-19
ئاخىرقى: 2012-01-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-29 18:57

جاھان ئىقتىسادى  كەم ھوسۇللۇق يەتتە يىلنى باشتىن كۈچۈرىدىكەن

دۇنيا ئىقتىسادى كەم ھوسۇللۇق يەتتە يىلنى باشتىن كەچۈرىدىكەن (تەرجىمە)
گىرمانىيە مالىيە مىنىستىرى ۋولىفگان. چابل يەر شارى ئىقتىسادى « كەم ھوسۇللۇق يەتتە يىل» غا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇ زۆرۈر مالىيە قايتا رەتكە سېلىش جەريانىنىڭ نەتىجىسى. ئامېرىكىدىكى كاتتا ئىقتىسادشۇناسلار قىسقارتىش تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قاراۋاتىدۇ، دېدى.

 شىۋىتسارىيە گاللېن ئۇنۋېرستېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى يىغىنىدا ۋولىفگان. چابل قىسقارتىش تەدبىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن كېيىن نەتىجە بېرىشى مۇمكىن، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ:

- پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادى كەم ھوسۇللۇق يەتتە يىلغا دۇچار بولۇشى مۇمكىن،- دېدى ھەمدە بۇ قىسقا مۇددەتلىك پايدىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك پايدىغا ئالماشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ۋولىفگان. چابل ياۋروپا مەھكەم ھەمكارلىق ئورناتقاندىلا ئۇزاق مەزگىللىك ئېشىشقا ئاندىن كاپالەتلىك قىلالايدۇ، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ «بۇ نۇقتىغا يىتىش ئۈچۈن، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پورتىگالىيە ۋە گېرىتسىيىنىڭ مالىيىسىنى دەرھال قايتىدىن رەتكە تۇرغۇزۇشى ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھ قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم»، دەپ كۆرسەتتى.

ئالدىنقى ھەپتە ۋولىفگان. چابل فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرى فرانكس. باروئىن بىلەن كۆرۈشكەندە، ياۋرو ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قوش تەرەپ ھەركەتلەندۈرگۈچىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان پۈتۈن ياۋروپادا پۇل-مۇئامىلە سودا بېجى يىغىش پىلانى ئۈستىدە پىكىرلەشكەن.

(شىنلاڭ تورىدىن)