ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1867 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۇلارمۇ خۇشال خورام ھىيت ئۆتكىزەلەرمۇ ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 545
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
تۆھپىسى: 24
پۇلى: 76 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 48
ياخشى باھا: 76
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-06-07
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-30 16:06

بۇلارمۇ خۇشال خورام ھىيت ئۆتكىزەلەرمۇ ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەزىز قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ روزى ھېيتىڭلارغا موبارەك بولسۇن ! كېرەملىك ئاللا ھەممىڭلارغا رەھمەت ئاتا قىلغاي ! ئۇلۇغ روزا ئايلىرىنىڭ خاسىيىتى بىلەن قەۋمىمىزگە ئىناقلىق ، ئىتىپاقلىق ئۇرىقىنى چاچقاي ، ئەي ئاللا قەۋمىمىزنى ئىلىم مەرىپەت يۇكسەلدۇرۇپ، بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغايغايسەن!
ھەممىز بۈگۈن روزا ھىيىتنىڭ شاتلىغىدا شادىمانلىقا چۆمۇپ بىر تەرەپ ھەر خىل يەل يىمىشلەر بىلەن دەستىرخېنىمىزنى بېزىسەك ، بىر تەرەپتىن كوچا_ بازارلارنى ئارىلاپ ئۆزىمىز ۋە بالا چاقىلىرىمىزغا كىيىم كېچەك سېتىۋىىش بىلەن ئالدىراش بولىۋاتىمىز ... ، ھىيىت كۈنى قايسۇ ئۇرۇق تۇققان، دوست بۇرادەرلەر بىلەن جەم بولۇپ شادىمانلىققا چۆمۈش ئۈستىدە پىلان تۈزىۋاتىمىز . ئىش قىلىپ دىلىمىز چەكسىز شادىمانلىققا چۆمگەن . ھىيىت ئەمەسمۇ ؟ بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە قايسۇ بىر مۇسۇلمان شادىمان بولماي قالسۇن ؟ شادلىققا چوممىسىۇن دەيسىز ؟
ياق ، ياق ! دوستۇم ئۇنداق ئەمەس !  شۇ شادىمان كۆزلەرنىڭ ئارىسىدا يەنە قانداقتۇر يۇقسىزلىق ، پەقىرلىق ، ئاجىزلىق سەۋەبىدىن كۆزلىر ئۈمىدسىز پىلدىرلاۋاتقان، ئۆزىنىڭ 11 يىللىق جاپالىق تىرىشچانلىقى ، كېچە كۈندىز ئىلىپ ئېرپان بېغىدا تۆككەن قان تەرىنىڭ مىۋىسىنى قولىدا تۇتۇپ، مىڭ بىر جاپادا ياندۇرغان ئۇمىد چىرىغىنىڭ يوقسىزلىق سەۋەبىدىن ئۆچۈم قېلىشىغا ئېچىنىش ببىلەن قاراپ تۇرغان سەبى كۆزلەر يەنىلا بار . ئۆزىنىڭ تىككەن كۆچىتى ئون نەچچە يىل پەرۋىش قىلىپ ، كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، كۈنلەرنى ساناپ ئۆتكۈزۈپ، تالاي جاپا مۇشەققەتلەرنى ئىككى بىلىكى بىلەن بويسۇندۇرۇپ، پەرزەنىت ئىشقىدا قىيادەك بەللىرى يادەك ئېگىلگەن، ئالمىدەك يۈزلىرى چىبەرقۇتتەك قۇرقلارلارغا ئالماشقان، لىكىن تۈمۇشقا ئۈمىد بىلەن بېقىپ ، ئۆز پەرزەنتىنى ئىلىپ ئېرپان يولىدا تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان ئاتا _ ئانىلارنىڭ ، ئەمدىلا مىۋە بېرەي دىگەن كۆچىنىتىڭ يوقسىزلىق دەردىدە يەنە سۇنىشىغا ئېچىنىش بىلەن يىغلامسىراپ قاراپ تۇرغان مىسكىن كۆزلەر يەنىلا بار .
ئەلقۇت مەرىپەت تورىمىز ئوتتۇرىغا قويغان 3 كىچى ھەمكارلىشىپ بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئوقۇتۇش پىلانى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن بۇلتۇر 5 نەپەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم قىلدۇق . بۇ يىل يەنە 5 نەپەر ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتىپ ياردەم بېرىشنى نىيەت قىلغان ئېدۇق ھازىر 3 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ مەسىلىسى ھەل بولدى . لىكىن بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىەش جەريانىدا توپلىغان بۇ بىر قانچە ئوقۇغۇچى يەنىلا ياردەمگە مۇھتاج بولماقتا . كەڭ قېرىنداشلارنىڭ شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا 3+1 بىر ئوقۇش ياردەم بېرىش سېپىمىزگە قوشۇلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .
پىلاننىڭ تەپسىلىتانى بۇ تېمىدىن كۆرۈڭ ! http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=1363

تۆۋەندىكىلەر بولسا ياردەمگە مۇھتاق بولىۋاتقان بالىلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى بىز بالىلارنىڭ شەخسىيتىنى قوغداش ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى يوشۇردۇق ، ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار ئالاقىلاشسا بىز تەپسىلى ماتىرىيالىنى تەمىنلەيمىز . مەسىلەن : ئوقۇغۇچى تېلفون نومۇرى ، سىنىپ تەربىيەچىسىنىڭ تېلفون نومۇرى ، تۇرلۇك سالاھىيەت ئىسپاتى .....

1. قىز ، نىلقا ناھىيەدەن ، بۇ يىل ئۇرۇمچىدىكى مەلۇم ئونۋىرسىتىتقا تولۇق كۇرسىغا قوبول قىلىنغان ، ئاتىسى بۇرۇنلا ۋاپات بولغان ، ئانسى مەلۇم ئورۇندا تازىلىق ئىشچىلىق خىزمىتى ۋە باشقىلارنىڭ پارچە پۇرات ئىشلىرىنى قىلىپ تۇرمۇشنى قامدايدۇ ، ئاكىسى ئۇرۇمچىدىكى مەلۇپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. بىر تۈل ئانىغا نىسبەتەن ئىككى بالىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇش بەسى مۇشكۈلدۈر. قىز ئۆزى جانلىق ، تېتىك ، دىيانەتلىك ، تىرىشچان ، ئىجدىھاتلىق قىز ( شەخسەن ئۆزۈم ئائىلىسى ۋە ئوقۇغان مەكتىۋىگىچە بېرىپ تەكشۇردۇم ) .

2. ئوغۇل نىلقا ناھىيەدىن ، بۇ يىل ئۇرۇمچىدىكى مەلۇم ئونۋىرسىتىتقا تولۇق كۇرسىغا قوبول قىلىنغان ،  ( بۇلتۇر مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستوتىدىن چاقىرىق قەغىزى كەلگەن لىكىن بېرىشقا ئىقتىسادى قۇربى يەتمەي بارالمىغان )  ئاتىسى ئاغرىق ، ئەمگەك كۈچىدىن قالغان ، قېرى ئانسى بىلەن تېرىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۈ . ئۆزى تىرىچان ، ئىرادىلىك ، دىيانەتلىك ، ئەخلاقلىق ، ئۇيغۇر ئوغلانى. ( ئىمتىھاندىن كىيىن ئۆزى قۇرۇلۇشتا ئىشلەپ بىر قىسىم ئوقۇش خىراجىتى تەييارلىغان)

3. قىز غۇلجا شەھرىدىن  ، ئاتىس ئاغرىقچان ، ئانسىنىڭ كۆزى ئەمە بولۇپ قالغان ، ئازغىنە تېرىقچىلىق بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدۇ . ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپكە قوبول قىلىنغان ، ھازىر قولىدا پەقەت 1000 يۇەنلا راسخوتى بار ، ئوقۇش خىراجىدى ۋە بارغاندىن كىيىنكى تۇرمۇش پۈلى ئۇ ئائىلە ئۈچۈن زور بېسىم . قىز ئۆزى ئەخلاقلىق ، تىرىشچان ، دىيانەتلىق .

قەدىرلىك قېرىنداشلار كۈچ بىرلىكتە ، ئىش ئۈملۈكتە . بۇ قېرىنداشلىرمىز بۇ يىل ئوقۇشقا بارالامدۇ يوق ؟ سىز ئازراقلا ئىقىتىساتچىل بولۇپ بۇ قەۋمىمىزنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزلىرىغا چىراق يېقىپ بېرەلەمسىز يوق ؟  سىز بۇ قېرىنداشلىرىڭىزغا ھىيىتلىق خوشاللىق ئاتا قىلالامسىز يوق ؟ ئىللىق قولىڭىزنى سۇنۇڭ ! 3+1 ساخاۋەت سېپىمىزگە قوشلۇڭ . ئاللاھ سىز ۋە بىزدىن رازى بولغۇسى .

ھەدىس :
41. ئەبۇدەردائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مېنى ئاجىزلار ئىچىدىن ئىزدەڭلار، سىلەرگە ئاجىز يەنى بالىلار، ئاياللار، قېرىلار، غېرىب-غۇربالار سەۋەبىدىن، يىتىم- يېسىر، مېيىپ، مىسكىنلەر سەۋەبىدىن رىزق بېرىلىدۇ، ياردەم بېرىلىدۇ. مۇسلىم، ئىبنى ھەببان، ئەھمەد، ھاكىم ئىبنى جارۇد توپلىغان، سەھىھ.

يەنە بىر ھەدىستە:  كىشى ئۆلگەندىن كىيىنمۇ ساۋابى تۈگىمەيدىغان 3 ئىش بار ، سەدىقە ، سالىھ پەرزەتىت، ۋە مەنپەئەتلىك بىلىم . دىيىلگەن . ئالى مەكتەپ نامرات ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش يۇقارقى 3 ئىشنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدۈ .

يۇقارقى ھەدىسلەردىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدكى مۆھمىن مۇسۇلمان جۇملىسىدىن بولاي دىسىڭىز ، ئاللاھنىڭ رەھمتىگە ئىگە بولاي ، ئاخىرەتلىك ۋە بۇ دۇنيالىق ئىشلىرىڭىز ئوڭۈشلۇق بولسۇن دىسىڭىز ، رىسقىڭىز ۋە تىجارتىڭىز زىيادە بولسۇن دىسڭىز سەدىقە ئېھساننى دوست تۇتۇڭ . مۇساپىرىلارنڭ بېشىنى سىلاش بىزنىڭ ئىسلامدا ئەڭ ساۋابلىق ئىشلارنىڭ بىرىدۇر . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىمىزمۇ ياقا يۇرتتا مۇساپىر ئۇلار مۇساپىرلارنڭ ئەۋزەلرەكى چۈنكى ئۇلار ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن مۇساپىر بولغان ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەقىرلىرىنى ئوقۇتۈش، ياردەم قىلىش تېخىمۇ چوڭ ئەجىر بېرىلىدىغان ئىشلاردۇر.

ئالاقىلاشقۇچى : تاشپولات بىلال
تېلفون: 13579737972
چ چ : 448102348
skyp :  elqutghulja
دوستلىشىش
خەلپىتىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 892
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 37
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 39 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 39
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-19
ئاخىرقى: 2012-03-10
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 16:53

شۇنداق ياخشى بىر تىمىكەن ئۇقۇغان ئادەملەر ئاز ئەمەسكەن  ئىنكاسمۇ يىزىلماپتۇ ،بۇنىڭغا ئىنكاس يازغانلارغا   پۇل تارقىتىمىز دىگەن بولسا ئالدىراپ ئىنكاس يازاتى ھەقىچان،خەيرىلىك ئىش پۇرسەت بولسا مەنمۇ قاتنىشىمەن