ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4545 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: مۇڭغۇل ـ ئۇيغۇر ۋە ...
ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 217 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 87
توردا: 12(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2012-02-13
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-02 22:12

مۇڭغۇل ـ ئۇيغۇر ۋە ...

 

 

 

موڭغۇل -ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تىللار ئارسىدىكى يىلتىزداشلىق

                            ئا  تۇرسۇن ئەر تۇرا

 

 

      موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر تىلى ، شۇنىڭدەك باشقا قېرىنداش تىللار بىر ئائىلىگە مەنسۇپ  بولۇش بىلەن بىرگە  ئۇلار ئارسىدا گىرامماتىكىلىق ، لېكسىكىلىق ۋە فونىمىلىق تۈزىلىش  جەھەتتە  روشەن ماسلىق ، ئوخشاشلىقلارمۇ باردۇر   . بۇلارنى  نەزەرگە ئالغاندا   ئۇلارنىڭ قەدىمدىن بىر مەنبەگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ  . شۇنداقتىمۇ بۇ تىللار  ئارسىدا  سۆز مەنىللىرى جەھەتتىن  ئايرىم ۋە نىسپىي پەرىقلەر  مەۋجۇت بۇلۇپ ،  بۇ ھال  بۇلارنىڭ   ئۆز ئارا بىردەكلىكى   بىلەن خېلىلا روشەن سېلىشتۇرما بۇلالايدۇ .

   موڭغۇللار بىلەن ئۇيغۇرلار جۈملىدىن باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ، قەدىمدىن بۇيان قويۇق ئىجتىمايى  ئالاقىلەردە  بۇلۇپ كەلگەن ، شۇڭا بۇ ھال ئۇلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىدىمۇ  ئەكىس ئەتكەن ئىدى  .  موڭغۇللا  12- ئەسىرلەردە  ئۇيغۇر يېزىقىنى قۇللانغاندىن  بۇيان  بۇ مىللەتلەر ئارسىدىكى  سوبىكتىپ ۋە ئوبىكتىپ جەھەتتىكى  ئالاقىلەر  تېخىمۇ قويۇقلاشقان . شۇڭلاشقىمۇ قەدىمىقى ئۇيغۇر يېزىقىنى خېمىر تۇرۇچ  قىلغان   موڭغۇل مانجۇ ، سولۇن ... يېزىقلىرى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىمەكتە .

     بىز تۆۋەندە  بۇ تىللاردىكى سۆزلەرنىڭ مەنە ۋە شەكلى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بەزى مۇھىم  ئۇخشاشلىقلار ھەققىدە   مۇناسىپ سېلىشتۇرمىلارنى ئېلىپ بارماقچىمىز :   ئۇيغۇر تىلىدىكى >> قۇلاق << سۆزى موڭغۇلچىدە >> كۇلاگۇ << شەكلىدە  ; تۈرۈكچە ‹‹ ئومۇز ››   )مۈرە ( سۆزى موڭغۇل تىلىدا ‹‹ ئومۇر - ئۇگۇن  ››(   كۆكرەكنىڭ ئۈستى ، مۈرە دىگەنلىك (  ھالەتتە كېلىدىغانلىقى مەلۇم .  تۈرۈكچە >> ساچ <<  ئۇيغۇرچە >> چاچ << سۆزى بۇلسا موڭغۇلچە >> ساچۇغ << يەنى >> ساچ+ ئۇغ = ساچۇغ << شەكلىدە كېلىدۇ  ؛ بۇنىڭ  كونكىرىتنى مەنىسى >> پىشانىنىڭ ئۈستىدىكى چاچ ، ياكى كۇكۇلا << دىگەنلىك بۇلۇدۇ . ئۇندىن باشقا تۈرۈكچە >> توپۇك << سۆزى موڭغۇلچىدا >> تويىك (توي+ىك= تويىك << شەكلىدە كېلىدۇ . تۈرۈكچە ۋە ئۇيغۇرچىدا بار بولغان >> ئىنەك ، ئۆكۈز ، بذزاغئ   (موزاي (  ، كوزۇ ) قوزا (  ، تېكى ) تېكە ( ، كويۇن ) قوي ( ، كوچ ) قوچقار ( ›› قاتارلىق ھايۋان ئىسىملىرىمۇ موڭغۇل تىلىدا   ھەم ئۇخشاش شەكىل ۋە ئۇخشاش مەنىدە كېلىدۇ . تۈرىك تىلىدىكى >> گۈچلۈ ) كۈچلۈك ( ، گۈچ ) كۈچ ( ، كاتى ) قاتتىق ( ، يىل ) يىل ( ، چاغ ) ۋاقىت ( ، ياپماك – ئېتمېك( ئەتمەك ، قىلماق ) ...<< قاتارلىق سۆزلەرمۇ موڭغۇل تىلىدا بەزى ھەرىپلەرنىڭ   تەللەپپۇزىدىكى پەرىقلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا  ئۇخشاشتۇر  . ئۇندىن باشقا >> يېشىل ، سېرىق ، قارا ، كۆك << قاتارلىق رەڭلەرنىڭ ئاتىلىشىمۇ  موڭغۇلچە ۋە تۇركىي تىللار بىلەن ماس تۈزىلىش ۋە ماس مەنىگە ئىگەدۇر ..

  يۇقارىقى ئەمەلىي پاكىتلار ، جۈملىدىن سۆزلەر ئارسىدىكى مەنىداشلىق گىراماتىكىلىق تۈزلىشنىڭ ئۇخشاشلىقى ، بۇ تىللار ئارسىدىكى يىلتىزداشلىقنىڭ خېلىلا قۇيۇقلىقىنى دەلىللەيدۇ . شۇنداقتىمۇ قىسمەن  مىكرو  پەرىقلەر مەۋجۇت ئەمما چوڭ ئەمەس مەسىلەن  : موڭغۇلچىدىكى >>ئى << تاۋۇشى بەزىدە  تۈرىكچىدىكى >> ظئ << غا ئۆزگەرسە   بەزىدە  سوزۇق تاۋۇش  >> ئۇ << غا ئالمىشىدۇ  . ھازىرمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تىللاردا قۇللىنىلىپ  كېلىۋاتقان  رەڭ ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان  >> سېرىق <<    ( سېر+  ئىق = سېرىق ) دىگەن سۈپەت سۆزىنىڭ ، قەدىمىقى ئۇيغۇر - تۈرىكچىدىمۇ شۇنداق ئاتالغانلىقى يەنى >>سئرا (سئرا + ئا = سئرا ) << ( مەنىسى سېرىق رەڭ دىگەنلىك ) شەكلىدە كەلگەنلىكى مەلۇم  . .

   ئۇيغۇر تىلىدىكى پارتىلىغۇچى تاۋۇش >> گ << موڭغۇل تىلىدىمۇ مەۋجۇت بۇلۇپ ، بۇ تاۋۇش سۆز ئارسىدا ئىشلىتىلگەندە ، تۈرىكچە سۆزلەردە >>  بذزاغئ  <<، موڭغۇلچىدا >> بورفگۇ << شەكلىدە كېلىدۇ  . قەدىمىقى ئۇيغۇر - تۈرىك تىلىدىكى >> ئارغ<<   (پاكئز ) سۆزى موڭغۇل تىلىدا >> ئارغىن << نامىدا كەلگەن بۇلۇپ بۇ سۆزلەردە كەلگەن >> غ << سېرلاڭغۇ  تاۋۇشمۇ  ئوخشاشلا  ھەر ئىككى تىلغا ئورتاقتۇر . موڭغۇل تىلىدىمۇ سۆزلەر جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز تاۋۇشلارغا بۆلىنىدۇ .

    بۇلاردىن باشقا موڭغۇل تىلىدىكى ئالماشلارنىڭ ، ئىسىملارنىڭ جۈملىدىكى ئۇرنى جەھەتتە  ئىگە بولۇپ كېلىش ئالاھىدىلىكى   جەھەتتە ،   ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تىللار بىلەن ئورتاقلىققا ئىگەدۇر  . يەنى بۇھال تۈركى تىللاردىن تۇۋا ، ياقۇت ( شەرىقى سىبىريەدە ) ، ئالتايلار ) جەنۇبىي سىبىريەدە ( ، قازاق ، تاتار ، ئۇيغۇر ، تۈرۈك ،  ئۆزبېك ، تۈرىكمەن ، قىرغىز، گاگاوز ، چۇۋاش ، قارا قالپاق ،  ... تىللىرى بىلەن تامامەن ئۇخشاشتۇر .

بىز تۆۋەندە بۇ تىللاردىكى سۆزلەرنىڭ  مەنىداشلىق ۋە شەكىلداشلىق ، فونىمىلىق تۈزىلىشى  ھەققىدە   تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ، سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز :   يەنى قەدىمىقى موڭغۇل تىلىدا ئۇيغۇرچىدىكى >> بەخىت - قۇت << دىگەن سۆز >> خۇتۇ << دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ . بۇ سۆز قەدىمىقى ئۇيغۇر مەڭگۇ تاشلىرىدا  >> قۇتۇق <<   (قۇت+ ئۇق =  قۇتۇق (  شەكلىدە كېلىدىغان بۇلۇپ ، مەنىسى >> قۇت _ بەخىت << دىگەنلىك بولىدۇ؛.  ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق  كىلاسسىك سىياسىيۇنى، شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھانە ئەسىرى >> قۇت ئادغۇ بىلىك << (مەنىسى : قۇت -بەخىت كەلتۈرگۈچى ئىلىم ) دىكى >> قۇت << كەلىمىسىمۇ قەدىمىقى ئۇيغۇرچە ئاتالما بولۇپ ، يۇقارىقى مۇڭغۇلچىدىكى سۆز‹‹ خۇتۇ›› بىلەن بىردەكلىككە ئىگەدۇر . ‹‹ ئۇرخۇن - ئەنساي مەڭگۈ تاشلىرى›› دا بۇ سۆز >> قۇتلۇغ (قۇت + لۇغ = قۇتلۇغ ) ›› ( مەنىسى : بەخىت )   شەكلىدە كەلگەن  .

  >> خارا ›› ياكى ‹‹ خار << (   ، بۇ سۆزنىڭ موڭغۇلچە  مەنىسى >> قارا رەڭ << دىگەنلىك ، بىز بۇنىڭغا ئالاقىدار بۇلغان موڭغۇلچە سۆز >> خارانى ›› (  خارا + نى = خارانى )  ››( مەنىسى : قارا رەڭنى ) دىگەنلىك بولىدۇ ; بۇ يەردىكى موڭغۇلچە  سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچە >> نى <<  ئۇيغۇر تىلىدىكى چۈشىم كېلىش قۇشۇمچىسى >> نى << بىلەن تامامەن  ظوخشاش  رولغا ئىگە  . موڭغۇل تىلىدىكى يۇقارىقى رەڭ چۈشەنچىسى >> خار << (قارا رەڭ ( ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تىللاردىمۇ ئۇرتاق مەۋجۇت بولۇپ  ، ئۇيغۇرچىدا بۇ سۆز  ئىسىملارغا ئۇلىنىپ كېلىپ >> قارا خان››( قارا خان )سۆزىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ،   بۇ قەدىمىقى ئۇيغۇرلاردا تۇتىملىق  رەڭ ئۇقۇمى بىرلەشكەن ئادەم ئىسمىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ سۆزدىكى >> قارا << ، >> خان << چۈشەنچىللىرىنىڭ بەرى موڭغۇلچىدا ئۇخشاش مەنە ۋە شەكىلدە كېلىدۇ . ; بۇ ھەقتە موڭغۇلچىدا >> خارا ئۇتاي << ( قارا كۆز ( سۆزى بار  ، بۇ ئۇرخۇن ئابىدىللىرىدە مۇنداق كەلگەن >> قارا كۆلتې سۇڭۇشتۇمىز...››     ( مەنىسى : ئۇلار بىلەن قارا كۆلدە سوقۇشتۇق ... (  بۇ مىسالدىكى >> قارا <<بىلەن موڭغۇلچىدىكى       ‹‹ خارا ئۇتاي << (قارا كۆز ( دىكى >> خارا << مەنىداشلىققا ئىگە بولۇپ ، بۇخىل رەڭ ئۇقۇمىنىڭ باشقا قېرىنداش تىللاردىكى ئاتىلىشى مۇنداق : يەنى قەدىمىقى تۈرىكچىدە  >> قارا << ، ھازىرقى تۈرىكچىدە >> كارا << ، تۈرىكمەنچىدە >> گارا << ، تاتارچىدا >> قارا << ، قازاقچىدا >> قارا << ، ئۆزبېكچىدە >> قارا << ، ئۇيغۇرچىدا >> قارا << ، ياقۇتچىدا >> خارا << چۇۋاشچىدا >> خۇرا <<

موڭغۇللاردىمۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئۇخشاش رەڭلەرنى ئۇلۇغلاش ئادەتلىرى بولغان ، شۇڭا ئۇلار ئادەم ئىسىملىرىنىمۇ رەڭلەر بۇيىچە ئاتاشقان >> چاغان خان << بۇ موڭغۇلچە  ئادەم   ئىسمى بولۇپ ، ‹‹ چاغان ››  ( مەنىسى : ئاق رەڭ ( دىگەنلىك . ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ >> ھەيۋەتلىك ، ئۇلۇغ << دىگەن مەنىسىمۇ مەۋجۇت . بۇ سۆزدىكى >> خان << سۆزى >> خان - پادىشا<< دىگەنلىك بۇلىدۇ . بۇ ئۇيغۇرچىدىكى >> خان - پادىشا << بىلەن ئۇخشاش مەنىگە ۋە شەكىلگە ئىگە . ئۇندىن باشقا موڭغۇللاردا  ئۇلارنىڭ ھەر بىر قەبىلىسىنىڭ سىمۇۋۇلى بۇلغان بايراقلارمۇ ئۇلار ئۇلۇغلىغان رەڭلەر بۇيىچە ئاتالغان >> كۈۋې شار << (سېرىق بايراقلىق -قەبىلە ( ، ‹‹ كۆك تال ››   ( كۆك بايراق (  ، >> چاخان كۇخ››   (   ئاق بايراق ( ، ئۇندىن باشقا ‹‹ خارا بۇخ ››  ( قارا بۇقا ( موڭغۇلچىدىكى بۇ رەڭ چۈشەنچىللىرىگە ئائىت سۆزلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ۋە قېرىنداش تىللاردا مەۋجۇت .

‹‹  تورپېن  ››  موڭغۇلچە  سانى بىلدۈردىغان سۆز بۇلۇپ   مەنىسى ‹‹  تۆت ››    دىگەنلىك ، بۇ سۆز قەدىمىقى تۈرىكچىدە >> تۆرىت << ، ھازىرقى تۈرىكچىدە >> دۆرىت << ، تاتارچىدا >> دۆرت << ، تۈرىكمەنچىدە >> دۆرت << ، قازاقچىدا >> تۆرىت << ، ئۆزبېكچىدە >> تورت << ، ئۇيغۇرچىدا >> تۆت << ياقۇتچىدا >> تۈۆرت << ، چۇۋاشچىدا >> تاۋاتتا << شەكلىدە كېلىدۇ:  بۇ سان ئۇقۇمى قەدىمىقى ئۇيغۇر مەڭگۈتاشلىرىدا >> تورت << شەكلىدە كەلگەن .

 ‹‹  كۆكې››ياكى  ‹‹گۆك ››( موڭغۇلچە  مەنىسى  كۆ ك ئاسمان ( بۇ تۈرىك تىلىدا >> ماۋى - گۆك << دىيىلىدۇ . موڭغۇلچىدا >>  كۆك ئاسماننى << يەنە >> تېڭكېرى << دەپمۇ ئاتايدۇ . بۇ سۆز >> تەڭرى << دىگەنلىك بۇلۇپ ،  بۇ تۇتىملىق ئاتالمىنىڭ  تۇركلەردىن مۇڭغۇللارغا قۇبۇل قىلىنغانلىقى مەلۇم  . ئىچكى موڭغۇليەنىڭ  شىمالىدا ھازىرمۇ ‹‹ تېڭكېرى  قۇملۇقى›› دىگەن يەر بار ، مەنىسى ) تەڭرى قۇملۇقى ( دىگەنلىك . بىزگە مەلۇم >> تەڭرى << ئۇقۇمى قەدىمىقى ئۇيغۇر - تۈركچىدە >> ئىلاھىي - كۆك ئاسماننى << كۆرسىتىدىغان ئۇقۇم ئىدى  >> تەڭرى تېغى شۇنامدىن كەلگەن << لىكى ھەمىمىزگە مەلۇم .

شۇڭلاشقىمۇ موڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن چىڭگىزخان ھەرقانداق ۋاقىتتا ، ئۆزىنى >> كۆك تەڭرىنىڭ ئوغلى- تەڭرىنىڭ  يەردىكى ۋەكىلى... << دىگەن ئىدى   ; چۈشۈرگەن يارلىقلىرىنى  بولسا >> ئۇلۇغ كۆك تەڭرىنىڭ نامى بىلەن باشلىدىم... << دەپ  يازغان ؛  چىڭگىزخان >> كۆك بابا << ئىلاھىغا تىۋىناتتى . داڭلىق تىلشۇناس  ، فولىكلۇرشۇناس  بېزېىرتىنوۋ يازغان: >> تەڭرى ئانىنىزىمى : تۈرىك ۋە موڭغۇللارنىڭ دىنى << ناملىق كىتاپتا ، تۈرىكلەردە 17 موڭغۇللاردا 99 كۆك - ئاسمان ئىلاھىنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنىڭ ئىچىدە 77سى >> سۇ ئىلاھى ۋە يەر تەڭرىسى << دەپ يازغان . كۆك تەڭرى ئۇقۇمى ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل شۇنىڭدەك باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە ئورتاقتۇر .  بۇ سۆز  قەدىمىقى تۈرىكچىدە >> كۆك << ، ھازىرقى تۈرىكچىدە >> گۆك << ، تۈرىكمەن تىلىدا >> گۆك << ، ئۆزبېكچىدە >> كۆك << ، تاتارچىدا >> كۆك << ، ئۇيغۇرچىدا >> كۆك << ، ياقۇتچىدا >> كۈئۆك << ، چۇۋاشچىدا >> كاۋاك << شەكلىدە كېلىدۇ . ئۇندىن باشقا موڭغۇللاردىمۇ بار بولغان >> تېنكېرى << ( مەنىسى : تەڭرى ( سۆزىنىڭ باشقا تۈركى تىللاردىكى مەنىداش ۋە شەكىلداشلىقى مۇنداق : قەدىمىقى تۈرىكچىدە >> تېنرى << ، ھازىرقى تۈرىكچىدە >> تانرې << ، تۈرىكمېنچىدە >> تانرۇ << ، تاتارچىدا >> تانرې << ، ئۇيغۇرچىدا >> تەڭرى << ، ياقۇتچىدا >> تانارا << ، چۇۋاشچىدا >> تۇرا << بولىپ كېلىدۇ . بۇ سۆز ئۇرخۇن ئابىدىللىرىدە ‹‹ تېڭرى - گۆك ›› بولۇپ كېلىدۇ  .

‹‹  مۇران ›› ( بۇ سۆزنىڭ   موڭغۇلچە  مەنىسى >> دەريا ئېقىن << دىگەنلىك؛  مەسىلەن؛  ‹‹ مۇرېن ئۇسۇ ››(  مەنىسى  دەريا سۈيى (دىگەنلىك  ؛ ‹‹ ئونان مورېننت ››( مەنىسى  ئۇنان دەرياسى دىگەنلىك  ( ، بۇ سۆز تۈرىكچىدە ‹‹ مۇران ››(  دەريا ئېقىن ( دىيىلىدۇ  ؛ بۇ مەڭگۈ تاش تېكىسلىرىدە مۇنداق كەلگەن ‹‹ كۆپ مۇرېنلېر  -  ئوگۈزلېر بار ئېرتى... ›› ( مەنىسى  كۆپ دەريا - ئېقىنلار بار ئىدى ( ، ‹‹ ئۇسۇ ››بۇنىڭ   موڭغۇلچە  مەنىسى‹‹ سۇ ›› بولۇپ،  بۇ سۆز قەدىمىقى تۈرىكچىدە >> سۇۋ << ، ھازىرقى تۈرىكچىدە >> سۇ << ، ئۇيغۇرچىدا >> سۇ << ، تۈرىكمېنچىدە >> سۇۋ << ، تاتارچىدا >> سىيۇۋ << ، قازاقچىدا >> سۇۋ << ، ئۆزبېكچىدە >> سۇۋ <، ، ياقۇتچىدا >> ئۇل << چۇۋاشچىدا >> سيۋ << شەكلىدە كېلىدۇ.

  ‹‹ ئېرې ››( ئېر +ى = ئېرى ) ،  موڭغۇلچە مەنىسى ‹‹ ئەر›› بۇ سۆز ھازىرقى تۈرىكچىدە >> ئادەم ، كوجا - ئېركېك << ، قەدىمىقى تۈرىكچىدە >> ئېر-كېك << ، تۈرىكمېنچىدە >> ئېركېك << ، تاتارچىدا ‹‹ ئىر ›› ، قازاقچقدا >> يېركېك << ، ئۆزبېكچىدە >> ئىركېك << ، ئۇيغۇرچىدا >> ئەر << ، ياقۇتچىدا >> ئېر << ، چۇۋاشچىدا >> ئار << شەكلىدە كەلسە ،ز ئورخۇن ئابىدىللىرىدە >> ئېرىغ << شەكلىدە كېلىدۇ .

     يۇقارقىلار بىزگە  موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر شۇنىڭدەك باشقى قېرىنداش  تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئالاقىللىرىنىڭ قەدىمدىن ئىنتايىن قۇيۇقلىقىنى دەلىلىسە ، تۆۋەندىكى تىل سېلىشتۇرمىللىرى بۇ ئىجتىمايى ئالاقىلەرنىڭ يېقىنغىچە داۋام ئەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىپ بېرىدۇ

 

ئاتلارنى قۇيۇپ بەردۇق ،

تاغدىكى قىياقلارغا ،

يارنىڭ شۇلىسى چۈشتى ،

سۇ ئىچكەن بۇلاقلارغا

 

بۇ خەلىق قۇشىقىدىكى >> قىياق << سۆزى   تاغدا ئۆسىدىغان  بىر خىل چۆپنىڭ ئىسمى بۇلۇپ ، موڭغۇلچىدە ‹‹ خىياق›› دەپ ئاتلىدۇ ۋە ئىككى تىلدا  ئۇخشاش مەنىگە ئىگە  . بۇ قۇشاقتىكى ‹‹ سۇ ›› ئۇقۇمىمۇ موڭغۇلچىدا >> ئۇسۇ << دىيىلىدىغانلىقىنى يۇقىرىدا  ئەسكەرتىپ ئۆتتۇق ،  قوشاقتىكى  >> بۇلاق << موڭغۇلچىدا >> بذلاگ  <<شەكلىدە كېلىدۇ .بۇنىڭدىن باشقا ‹‹ ئېتىمنى قامچىلاپ ئۆتتۈم ، بۇلۇڭكەي غۇلى بىلەن...›› دىگەن قۇشاقتىكى >> ئات << سۆزى موڭغۇلچىدە ‹‹ ئاتۇ ››، شەكلىدە ، >> غول << سۆزى >> گول << شەكلىدە كېلىدىغان بۇلۇپ ، ھەر ئىككىسىنىڭ مەنىسى >> ئېقىن ، دەريا ، سۇ << دىگەنلىك  بولىدۇ

خۇلاسىلىگەن چېغىمىزدا بىز يۇقارقىلاردىن  موڭغۇل - ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ئارسىدىكى ئىجتىمايى ئالاقىلەرنىڭ ، يىلتىزداشلىقنىڭ ، تىل مۇناسىۋەتلىرنىڭ يېقىنغىچە داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى ، بۇ تىللار ئارسىدىكى يىلتىزداشلىقنىڭ ئۆزلىكسىز داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كەلگۈسىدىمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز ...

 ...

 

 

   مەزكۈر :‹‹ موڭغۇل -ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تىللار ئارسىدىكى يىلتىزداشلىق ››ناملىق بۇ ماقالە، ‹‹ ئىلى كەچلىك گېزىتى ››نىڭ 2011-يىل 6-ئايدىكى مەلۇم سانىدا ئېلان قىلىنغان ...
 


[ ئۈمىديارتەرىپىدىن2011-09-02 22:36قايتا تەھرىرلەندى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+50(ئۈمىديار)
  • دوستلىشىش
    ئۈمىديار
    ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 592
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە592دانە
    تۆھپىسى: 101
    پۇلى: 859 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 148
    ياخشى باھا: 805
    توردا: 291(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-02 22:40

    ئابدىۋەلى تۇرسۇننىڭ يىڭى يازمىسنى كۆرگىنمگە خۇرسەنمەن.
    ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
    دوستلىشىش
    ئوغۇلچاق
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 666
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 46
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
    تۆھپىسى: 3
    پۇلى: 52 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 6
    ياخشى باھا: 52
    توردا: 2(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-06-09
    ئاخىرقى: 2011-11-29
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-02 22:58

    ھەجەپ بىر ئاڭلىمىغان تارىخكىنا ؟
    دوستلىشىش
    مېھرىگىياھ
    خۇدادىن باشقا ھەممىدىن قورقىمەن!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 4
    ئومۇمىي يازما: 294
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە294دانە
    تۆھپىسى: 56
    پۇلى: 558 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 72
    ياخشى باھا: 368
    توردا: 95(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-18
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-03 16:02

    ئەر تۇران ئەپەندى بەك كەم دىدار، قەلەم خىزمىتى بىسىپ كىتىۋاتامدىكىن؟
    ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 929
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە929دانە
    تۆھپىسى: 72
    پۇلى: 1123 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 145
    ياخشى باھا: 1073
    توردا: 154(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-04 15:09

    -ئېسىل كىشلىرىمىز ئەزەلدىن كەم دېدار بولىدىكەن...!؟
    دوستلىشىش
    ئۈمىديار
    ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 592
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە592دانە
    تۆھپىسى: 101
    پۇلى: 859 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 148
    ياخشى باھا: 805
    توردا: 291(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 00:36

    بۈگۈن تاسادىبىيلا موڭغۇل تىلىدىكى 'بايلىك' ۋە 'جىندىم' دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلدىكى(بايلىق) (جېنىم) مەنە ۋە تەلەپپۇزنىڭ ئاساسى  جەھەتتىن ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلدىم .
    ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
    سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 765
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە765دانە
    تۆھپىسى: 104
    پۇلى: 975 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 215
    ياخشى باھا: 975
    توردا: 111(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 15:50

    بىز ئىستىمالىمىزدىن قالدۇرغان تىللار باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا ھازىرغىچە تاشلانماي ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە ، بىز بولساق ئىسمىمىزنى ئۆزگەرتىپ ھەلەك ...
    ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 929
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە929دانە
    تۆھپىسى: 72
    پۇلى: 1123 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 145
    ياخشى باھا: 1073
    توردا: 154(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 16:01

    -ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بىرقىسىم موللىلىرىمىز بالىلارنىڭ ئىسمىنى ئەرەبلەشتۈرۈپ ھەلەك...ئەكسىچە ئەشۇ ئەرەبلەر بىز ئۇيغۇرلاردىن ياخشى بولسا كاشكى...
    ئانا تىلىم بايلىقىم!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 729
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 53
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
    تۆھپىسى: 6
    پۇلى: 65 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 13
    ياخشى باھا: 65
    توردا: 15(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-07-02
    ئاخىرقى: 2011-12-17
    8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-12 22:15

    ئىشلىتىش
    引用第7楼شامال于2011-09-06 16:01发表的  :
    -ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بىرقىسىم موللىلىرىمىز بالىلارنىڭ ئىسمىنى ئەرەبلەشتۈرۈپ ھەلەك...ئەكسىچە ئەشۇ ئەرەبلەر بىز ئۇيغۇرلاردىن ياخشى بولسا كاشكى...

    موللىلار سىزگە ياكى باشقىلارغا ئىسىمنى زورلاپ تاڭمىغاندۇ؟ بىزلەر تەرەپتىغۇ قۇرئاندا بار بولغان ئولۇغ ئىسىملارنى قۇيۇش بۇرۇندىن تارتىپ ئادەتكە ئايلانغان.
    دوستلىشىش
    ئۈمىديار
    ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
    دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 592
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە592دانە
    تۆھپىسى: 101
    پۇلى: 859 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 148
    ياخشى باھا: 805
    توردا: 291(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-13 12:08

    ئىسىم قۇيۇشتا كۆپ ئىختىلاپ قىلمساق قانداق، ئەرەپچە  قۇيۇش ياكى ئۇيغۇرچە قۇيۇش ھەركىشىنىڭ چۈشەنچىسىگە باغلىق ئىش.
    ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .