ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 558 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تەڭشەلمىگەن جاھان ( 3+1 )
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 545
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
تۆھپىسى: 24
پۇلى: 76 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 48
ياخشى باھا: 76
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-06-07
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 00:54

تەڭشەلمىگەن جاھان ( 3+1 )

تەڭشەلمىگەن جاھان
توۋا ئادەم ھاياتىدا ھەرخىل ئىشلارغا يولىقىدىكەن ، ھەرخىل يوللاردا ماڭىدىكەن، ھەر خىل ئويلاردا بولىدىكەن.بەزىلەر بىر ئۆمۈر باياشاتلىقتا مۇھتاجسىز ئۆتسە ، يەنە بەزىلەر بىر پۇڭغا زار بولۇپ نادامەت چىكىدىكەن، بىرلىرى قولىدىكى پۈلنى تۇتاملاپ چېچىپ، خەجلەيدىغان ئورۇن تاپالمىسا ، بىرلىرى مۇھتاجلىقىن چوڭقۇر ئۈھ تارتىپ، ئەلەملىك ئىڭرايدىكەن.بۇگۈن مەن مانا مۇشۇنداق ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىككى خىل تەقدىردىكى كىشىلەرنىڭ تەقدىرىدىن خەۋەر تېپىپ يۈرىكىم قاتتىق ئېچىشماقتا ، خىيال دۇردانىلىرىم ، تەپەككۇر تۇلپارلىرىمنى قاياقلارغىدۇر ئېلىپ قاچماقتا ، ۋىجدان سوراقچىلىرىم جىددى مۇنازىرىغا چۈشمەكتە ، قاچانلاردا ئوقۇغان بولغىيتىم بىر ھېكايىدە بىرلا ۋاقتىتا نامىزى چۈشۈۈرلگەن ئىككى مىيىتنىڭ بىرىنىڭ قان يېتىشمەي كەم قانلىقتىن ئۆلگەنلىگىنى ، بىرىنىڭ بولسا قان قويۇقلۇقتىن ، قاننىڭ كۆپلىگىدىن ئۆلگەنلىگىنى تەسۋىرلەپ يېزىپتىكەندۇق . ئەمدى بۇ ھېكايىنى قايتا ئوقۇغاندەك بولدۇم . ۋىجدان سوراقچىلىرىم يەنە مۇنازىرىدە :
ــ قارا ئاۋۇ بىچارىلەر مۇھتاجلىقتىن  نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قالدى . بىچارە پەرزەنتى بولسا ئىلىم ئىستىكىدە ئات چاپتۇرۇپ ، تىك ياغا توغرا كېلىپ قالدى . ئەمدى قارا ئاۋۇ بەدخەجلەرنى ، رومكىلىرىنى سوقۇشتۇرۇپ ئەيىش ئىشرەتكە كىرىشتى ، سەل تۇرۇپ ئۇلار پۈلىنى تۇتاملام خەجلەيدۇ...
ــ ھەي سېنىڭ نىمە كارىڭ خەجلىسە ئۆزىنىڭ پۈلىنى خەجلەيدۇ . ئۇلارنىڭمۇ ياشاش ھوقۇقى بار ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يولىنى ئۆزلىرى تاللايدۇ ...
ــ ھەي ئۇنداق دېگەن بىلەن ئۇلار ھەقنى تونۇشى كېرەك ، ئاۋۇ مۇھتاجلارنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ئۇلار بىلمەيدۇ بەلكىم ؟ ئەگەر بىلسە .... ئۇلارغا يادەم قىلسا ، بەلكىم ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك سورۇنىغا خەجلىگەن پۈلى شۇ بىچارىلەرنىڭ بىر يىللىق غىمىنى ھەل قىلىشى مۇمكىن ؟ ...
ـــ بولدى قىل قۇرۇق سەپسەتەڭنى ، سەنمۇ بىر چاغلاردا شۇلارنىڭ سېپىدە ئىدىڭغۇ ئۇنۇتتىڭما ؟ ...
ــ ئەي ئاللا ئۇلارنى ھەق يولغا ھىدايەت قىلغىن ، ئۇلارغىمۇ ئۆز قەۋمى ئۈچۈن ياش تۆكىدىغان ، ئۆز قەۋمىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۈرىدىغان ئىدراكنى ئاتا قىلغىن . ئەي ئاللا بىز بىر قېرىنداشلار ئەمەسمۇ ؟ قېرىنداشلارغا ئىتىپاقلىق ۋە مىھرىبالىق، ئۆز ـ ئارا غەمخورلۇق ئاتا قىلغىن ئامىن ...
...    ....     ....
باشلىرىم چىڭقاپ ئاغرىپ كېتىپ باراتتى. خىياللىرىمنىڭ باش ئاخىرى يوق .
تۆۋەندىكىسى مەن ياشاۋاتقان قۇياشلىق ئاسماندا بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىككى تۈرمۇش كارتىنىسى ، پۈتۈنلەي ھەقىقى ۋەقە، پەقەت كىشى ئىسىملىرى يوشۇرۇنۇلدى خالاس . ئوقۇپ بىقىڭ .
مەن ئەزەلدىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان . پەقەي كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى سىلەرگە داۋالاي . بەلكىم يۇرىكىمدىكى زىدىلەر ئازاراق ئارام ئېلىپ قالار .
تالا قاپ قاراڭغۇ ، ئايمۇ يوق ، يۇلتۈزلارمۇ ئۇيقۇغا كەتكەن، قىيسايغان ئۆيدىكى نىمىلەردىندۇر قورقىمسىراپ، يورۇقىنى پىخسىقلىق بىلەن غۇۋا تارقىتىۋاتقان چىراخ نۇرى ئۆينى ئارانلا يورىتىپ تۇراتتى. كىشنىڭ يۈرىكىنى ئەزگىدەك جىمجىتلىك ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ئۆيدە ئىككى مىسكىن يۈرەك ئاجىز سوقماقتا ئىدى...
ـ ئاتىسى ؟- غەمكىن ئانا ئاخىرى ئېغىز ئاچتى .
ـ ئاتىسى قىزلارنىڭ  ئوقۇشىنى قانداق قىلىمىز ؟
ـ ... ...
ئاتا ئۈندىمىدى . سۆز قىلىش ئورنىغا ئېغىر تىنىپ تۇردى .
-ئاتىسى گەپ قىلسىچۇ ؟ ....
ئانا يېلىنىپ يەنە سورىدى .
ـ ئۆھ !...-  ئاتا ئېغىر تىنىدى .
ـ چوڭ ئوغۇلنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن بانكىدىن ئالغان قەرىزنى تېخى قايتۇرۇپ بولالمىدۇق ، بۇلتۇر چوڭ قىزنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن ئاران دىگەندە 4500 يۈەن غەملەپ يوللىدۇق،تۇرمۇش پۈلىنى ئاكىسى ئازراق ئۇستىگە ئېلىپ، بىز ئۇنى بۇنى قىلىپ تىجەپ ئاران بىر يىلنى تولدۇردۇق ،  چوڭ قىزىمىز تىرىشچان ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ بۇ يىلقى ئوقۇش ھەققىنىڭ 3000 يۈەننى ئۆزى ھەل قىلدى، ئۇنىڭ كەم 1500 يۇننىغۇ ئامال قىلارمىز ، لىكىن ما كىچىك قىزنىڭ 6500 يۇەن ئوقۇش ھەققى ... ئاتا سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي يۈتىۋەتتى . ئۆينى يەنە جىمجىتلىك باستى ...
ـ ئانىسى ؟! ئاتا ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئېغىز ئاچتى .
ــ كىچىكىنى بۇ يىل ئەۋەتمەي قايتا ئوقۇتۇپ باقامدۇق يا ؟ كېلەرگە ھال كۈنىمىز ئازراق ياخشى بوپ قالسا ؟ ....
ــ كىچىك قىزىمىزمۇ بەك ياخشى ئوقىغان ئىدى . ئۇنىڭ ئالغان تەقدىرنامىلىرى ساندۇقتا لىق تۇرىدۇ . بىچارە ....  ئانا سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي بۇقۇلداپ يىغىلاشقا باشلىدى. ئانىنىڭ يىغىسى يۈرەكنى تىترىتەتتى، تاملارمۇ گويا بۇ يىغىغا چىدىماي تىتىرىگەندەك قىلاتتى . ئاتىنىڭ يۈرىكى پارا ـ پارا بولدى . ئۇرنىدىن تۇرۇپ كەتتى . ئۆينى بىرقانچە ئايلاندىدە . ئاستا خۇپتەنى ئوقۇش ئۈچۈن جەنامازغا ماڭدى .
ئۇنىڭ قىرائەتى قارىلاردەك ئۇنچىلىك تەۋجىتلىك ۋە ئۆلچەملىك بولمىسىمۇ، مۇڭ ئارىلاشقان بۇ قىرائەت شۇنچىلىك كىشىنىڭ يۈرىكىنى تىترىتەتتىكى، زالىم خىسراۋ ئاڭلىغان بولسىمۇ يۈرىكى ئېزىلىپ كېتەر ئىدى .  ئاتا دۇئاغا قولىنى كۆتۈردى .
ـ ئېي جەمىكى ئالەم ۋە ئالەمنىڭ مەۋجۇداتلىرى ۋە سىرلىرىنى ياراتقان ئاللا ! رەھمىتىڭگە مىڭ قەتلە شۇكرى ! ماڭا مۇشۇنداق ئەقىللىق ، ئەخلاقلىق ، دىيانەتلىك پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلغىنىڭغا شۇكرى. ئېي ئاللاھ شۇ نارىسىدىلەرنىڭ بەختىنى بەرگەيسەن! شۇ نارىسىدىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن مۇشكىللىرىمىزنى ئاسان قىلغايسەن ! بىزنى مۇھتاجلىقتىن خالى قىلغايسەن ... .ئاتا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى . ئاتىنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى .ئېي تەڭشەلمىگەن دۇنيانىڭ رىيازەتلىرى ئاتا يۈرىكىنى يىغلاشقا مەجبۇرلىدى . ئاتا يىغلىدى، يەر زىمىت تىترىدى ...
ھەشەمەتلىك، ياسىداق ياسالغان خاس خانە، رەڭگا رەڭ تائاملار جۇزىغا قاتار تىزىلغان ، تاماق شىرەسىدىكى تائاملارنىڭ سانى مىھمانلارنىڭ سانىدىن كۆپ ئىدى . تائاملارنى ئاشپەز ئۇستاملار شۇنداق سەنئەتلىك ھۇنەرلىرى چىقىرىپ تەييارلىغان ئىدىكى، شىرە خۇددى بىر گۈللۈك چىمەنزارغا ئوخشايتتى . ئۇستەل ئۇستىدىكى نەپىس تاماق قاچىلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى . رومكىلارغا لىق تولدۇرۇلغان چەتئەلدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئالى دەرىجىلىك ھاراقلار،ھەر قانداق كىشى بىر قاراپلا بۇ بىر قېتىملىق زىياپەتنىڭ چىقىمىنىڭ قىزىل قەغەزدىن نەچچە ئۇننىڭ تىزىلىشى بىلەن قۇرۇلغانلىغى بىلەلەيتتى . ساقى سۆز ئالدى .
ــ ئاغىنىلەر ئۇزۇن بوپتۇ بىر يەرگە جەم بولمىغىلى، بۈگۈن ھىيىت مۇناسىۋىتى ۋە ئاغىنىمىز ‹‹ داڭلىق شەخىس›› نىڭ كېلىش مۇنسىۋىتى بىلەن بىز بۈگۈن بىريەرگە جەم بولدۇق بۈگۈن بىز قانغىچە بىر كۇلۇپ ئوينايلى ! ئالدى بىلەن ھەممىز بىردىن كۆتىرىۋىتەيلى ! خوشە !
ـ بۈگۈن سورۇنغا كەلگەن سازەندا ئاغىنىلىرمىزمۇ بەك قالتىس، ئالدى بىلەن بۇلارنىڭ بىر قانچە پەدىسىنى ئاڭلىمايمىزمۇ ؟ قېنى ئالا ئاكاردىيونىڭنى بىر چالە تىراللايغا !
مۇزىكا شوخ پەدىلەرنى چېلىشقا باشلىدى .  رومكىلار توختىماي ئۇرۇشۇپ يۈرىشىپ تۇراتتى ، سورۇن قىقاس يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈلدى . بەس بەستە ئۆرۈم باشلاندى، بىردەمدىلا ئون نەچچە قىزىل قەغەز مىھمانلار يانچۈقىدىن سازەندىلەر يانچىغۇغا كۆچتى.... سورۇن شۇ تەرەققىدە داۋاملاشتى . تائاملار يېيىلگىنى يېيىلىدى. قالغىنى قالدى . ھاراق تاماملاندى . ساقى سۆز ئالدى .
ــ باللا ! بىزنىڭ بۇنداق يىغىلمىقىمىز تەس ، بۇگۈن بىر بىرمىزگە قانمىدۇق، ھەممىز ھىلىقى KTV مۇ   PTV دىگەن يەرگە بېرىپ ناخشا ئېيتىپ كەلمەيمىزمۇ ؟
ـ ھۇررا ياخشى گەپ بولدى .....  ھاراق كۈچى بىلەن ھەممە جانلىنىپ كېتىشتى ...
ئاي شولىسى دېرىزىدىن چۈشۈپ ، ئۆي ئىچىدىكى ئىككى سەبى يۈرەكنى يورىتىپ تۇراتتى ، بۇ سەبى يۈرەكلەر ئەسلى بىر بىلەن بالىلارچە ئەركىلىشىپ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل ئىستەكلىرى، ئىلىم ئېرپان يولىدىكى غايىلىرى ئۈستىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشىشى كېرەك ئىدى. لىكىن نىمىشكىدۇ ئۇلار سۇكۈتتە. ئۇلار كۆز ئالدى قارراڭغۇ ، ئۇلار ئەتىنىڭ قانداقلىغىنى ئويلاشقىمۇ جۈرەت قىلالمايتى. ئۇلار قانداقتۇر مۇرەككەپ ئىقتىسادى قايغۇزىدا ئىدى، تېخى ئاغزىدىن سۇت تەمى كەتمىگەن بۇ سەبىلەرنى قىيناۋاتقىنى قانداق ئىقتىسادى قايدۇر ؟
ـ ھەدە دىدى كىچىكى ئاۋازى تىترەپ .
ـ بۇ يىل كەلگەن چاقىرىق قەغەز تازا كۆڭلۈمدىكىدەك يەردىن كەلمىدى . مەن قايتا ئوقايمىكىن ؟ !  ئۇ شۇ گەپلەرنى دىدىيۇ بوغىزىغا بىر نىمە تۇرۇلغاندەك بولۇك سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرلامىدى . ئۇ بىلەتتى. ھەدىسىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن تولۇقلايدىغان پۈل ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇش خىرجىتى، ئاغرىقچان، ئىشسىز دادىسى ئۈچۈن بىر مۇشكۈل مەسىلە بولىۋاتتى. ئەمدى ئۆزىنىڭ ئوقۇش خىراجىتى قوشۇلسا... مىھرىبان دادا قانداق قىلسۇن ؟ !  كىملەرگە ساغارسۇن؟ ....
ھەدىسىمۇ تېگى يوق خىياللاردا ئىدى. مەن ئوقۇشتىن توختايمۇ ؟ سىڭلىم ئوقىسۇنمۇ ؟ مەن توختىسام ئاتا – ئانامنىڭ بىر يىللىق ئەجرى، مەندىن كۈتكەن ئۈمىدى يەردە قالمامدۇ...
ـ سىڭلىم ئالدىرىما بىز چوقۇم ئامال قىلىمىز .  ئۇ شۇ گەپلەرنى دىدىيۇ ، يەنە خىلايغا كەتتى . زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟ ....
روماتىك بېزەلگەن KTV تىزىلىپ كەتكەن چەتننىڭ ئىچىملىكلىرى ، ئۇلار كاكىراپ ناخشا توۋلىماقتا، لاپ لۇپ چىراقلار كۆزنى قاماشتۇرماقتا، پاھ ! پاھ ! ‹‹ رىناۋدىخىڭ ›› دەپ تۆت بەش چىشلىرى ھىڭگايغان ‹‹ خېنىم›› كىرىپ كەلدى . سورۇن تېخىمۇ ئەۋىجگە چىقتى، پۇللار تۇتاملام خەجلەندى ...
ئاي شولىسىدا خىيال پاتقان سەبىلەرنىڭ ئەتىكى تەقدىرى قانداق بولار ؟ تەكشەلمىگەن جاھان. بىرسى جان قايغۇدا، بىرسى ئەيشى ئىشرەتتە ... بىرسى ئونتىيىنگە زار، بىرسى سورۇندا خار . بىز بىلگىنىمىز مۇشۇنچىلىك، بىلمىگىنىمىز قانچىلىق ؟ يەنە قانچىلىغان سەبى يۈرەكلەر ئارمان يولىدا تىڭىرقاپ كېتىپ بارىدۇ ؟ بىز نىمە قىلىۋاتىمىز ؟ نىمە قىلالايمىز ؟
3+1 ئۈچ كىشى ھەمكارلىشىپ بىر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتۇش پىلانىنى كۆرۈپ چىقىڭ . بەلكىم سىزنىڭ كىچىككىنە تىرىشچانلىقىڭىز قەۋمىمىز ئۈچۈن بىر ئالىمنى يېتىلدۇرىشى مۇمكىن :
3+1 ئوقۇش ياردەم پىلانى :
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=1363
ئەگەر بۇ پىلانغا ئاۋاز قوشۇپ قەۋمىڭىز ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىشپ بېرىشنى خالىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچى:  تاشپولات بىلال
تېلفون : 13579737972
چ چ : 448102348
SKYP: ELQUTGHULJA
بۇ يىل ياردەم بېرىش ئوبىكتى قىلغان بالىلار ئەھۋالى :  ( بۇ يازمىدا تەسۋىرلەنگەن بالىلار 7- ئوقۇغۇچى )
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid-34203.html
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid-39637.html
ئەلقۇت مەرىپەت تورى : ئەلقۇت يازمىسى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
تۆھپىسى: 17
پۇلى: 114 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 29
ياخشى باھا: 99
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-21
ئاخىرقى: 2011-12-18
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 13:19

جاھاننىڭ بۇزۇلماس تەڭشىكى بار، لېكىن كىشلەر ئارا بۇ تەڭشەك بۇزۇلغان.
elqut ئەپەندىم خەيرلىك ئىشتىن بىرنى باشلاپسىز ،سىزنى قوللاش بىلەن بىرگە سىز گە ئۇتۇق تىلەيمىز !