ياپونيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەلەردە دېيىشىچە، ياپونيەلىك تارىخشۇناس جۇنېي كاڭرېن مۇنداق دېگەن : ياپونيە 2-دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا 260مىڭ كوريىلىكنى مەجبۇرى ئەسكەر قىلغان، ھەمدە ئۇلارنى ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياپونيە ئارمىيىسىگە ۋەزىپە ئۆتەشكە ئەۋەتكەن .بۇنىڭ ئىچىدە 40 مىڭدىن ئارتۇقى جوڭگوغا ئەۋەتىلگەن .
كورىيە <مەركىزى ۋاقىت گېزىتى> 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ياپونيە كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىنى مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى: ياپونيەنىڭ ھازىرقى زامان تارىخ ئالىمى جۇنېي كاڭرېن يېقىندا كورىيەنىڭ دۆلەتلىك خاتىرە مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان <چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن چىققان ئەسكەلەر ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى> دىكى مۇناسىۋەتلىك تىزىملكىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى .جۇنېي كاڭرېن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ياپونيە ئارمىيىسىنىڭ 260مىڭ كوريىلىكنى مەجبۇرى ئەسكەر قىلغانلىقىنىڭ راس ئىكەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى .
<كۈندىلىك خەۋەرلەر> گېزىتىدە دېيىلىشىچە، جۇنېي كاڭرېننىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مىسالغا ئېلىپ، ئىلگىرى سېئولنىڭ لوڭشەندە تۇرۇشلۇق پىيادە قىسىم 20-شى ئالدىنقى سەپ جىنىيا ئارىلىغا ئەۋەتىلگەن ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 78،79،80-تۈەنلەردىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن چىققان 1140 ئادەمنىڭ ئىچىدە 1000 دىن ئارتۇقى ئۆلتۈرۋېتىلگەن .
جۇنېي كاڭرېننىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە ، 62مىڭ كورىيەلىك ياپونيە ئارمىىيىسى تەرىپىدىن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا ئەۋەتىلگەن . 43 مىڭدىن كۆپرەكى جوڭگونىڭ شەرقى شىمالى ۋە تەيۋەنگە ئەۋەتىلگەن . 20مىڭدىن كۆپرەكى ياپونيەنىڭ ئۆزىدە قالغان ، 14مىڭدىن ئارتۇقى <جەنۇبى ئۇرۇش لىنىيىسى>گە ئەۋەتىلگەن ، 20مىڭدىن ئارتۇقى ياپونيەنىڭ ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىگە ئەۋەتىلگەن . لېكىن يەنە بىر خەۋەردە دېيىلىشىچە ياپون دېڭىز ئارمىيىسدە 21 مىڭ چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىدىن چىققان ئەسكەر كورىيەگە ئەۋەتىلگەن، 80 مىڭ ھەربى ئائىلە تاۋاباتى خۇڭشۈخې،زوشىباو،ۋۇيا،داسو قاتارلىق ياپونيە دېڭىز پورتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، جەمئى سان تەخمىنىەن 260مىڭ .
مەنبەسى،نۇر،تورى