ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1540 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھارمىغىن ئۇستاز
دوستلىشىش
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا ...
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 363
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 472 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 101
ياخشى باھا: 467
توردا: 128(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-03-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-09 19:35

ھارمىغىن ئۇستاز

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم، جاپاكەش ئۇستازلار ! بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !



   تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ چېپىۋاتقان، مەھەللىدىكى ئەسكى تاملىقنى دالدا ئېتىپ مۈكى-مۈكىلەڭ ئويناۋاتقان، ئېتىز بېشىدىكى ئۆستەڭگە ئۆزىمىزنى ئېتىپ، بىر-بىرىمىزگە سۇلار چېچىپ غەم-غۇسسىز كۈلۈپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە كۆزۈم ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشىكىمىز ئالدىدىن ئۆتىدىغان، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ماڭىدىغان بالىلارغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ "مەكتەپ" دەيدىغان يەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلگىنىمدە مېنىڭمۇ بارغۇم كەلدى... دادامغا مەكتەپكە بارىمەن دەپ تۇرىۋالدىم ... مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغىمۇ كەلدىم ... مەن يەتتە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئىدىم...
_ ئوماق بالىكەن. ئىسمىڭىز نېمە ؟ ... ...
بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ ئەركىلىتىپ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى ئويلىمىغان ئىدىم، ئويلاۋاتقىنىم، ھىس قىلىۋاتقىنىم خۇددى ئانامنىڭ بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ گەپ قىلىشلىرى ئىدى. ئەجەپ ئانامنى ئەسلەتتىيا ؟
    ... ...
    ئۆسمۈرلۈك ئوقۇش ھاياتىم ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك ئۆتتى. لېكىن شۇ جاپاكەش ئۇستازلىرىمنىڭ قانچە قېتىملاپ ئانامنى، قانچا قېتىملاپ ئاتامنى ئەسلەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ھەر ئەسلىشىم ئۇلارنىڭ مېھىرىۋانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ئەقلىمنى بىلگەندىن كېيىن ھىس قىلىپ يەتتىم.
    ھازىر مەن ئۇلارنى چۈشىنەلەيمەن، ئادەمنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئوبرازى ئۇنىڭ باشقىلارغا قىلغان ياردىمى، ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكى، مىھنىتى بەدىلىگە شەكىللىنىدىكەن. ئۇستاز ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە گويا شام، ئۆزى كۆيۈپ تۈگسىمۇ يورۇقى بىلەن تۆھپە قوشىدىغان. ئۇ بىر ئىنژېنېر ئىمارەت سالمىسىمۇ كىشى قەلبىنى گۈزەل، مۇستەھكەم قىلىپ"ئادىمىيلىك ئىمارىتى" ياساپ چىقىدىغان.
   ئىھ، ئۇستاز، سېنىڭ شۆھرىتىڭ ھەممىگە.    سېنىڭ تېنىڭگە سالامەتلىك تىلەيمەن! ھارمىغىن ! بۈگۈنكىدەك رىقابەت، پەرزەنتلەر كەلگۈسى مۇھىم بولىۋاتقان، دەۋر تەلىپى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە ھارمىغىن! چۈنكى ، دېھقان، ئىشچى ... پۈتۈن خەلق ئۈمىدى سەندە، ھارمىغىن ! سېنىڭ بىلەن پەرزەنت ياراملىق، ئەخلاقلىق، دىيانەتلىك، پەزىلەتلىك، ۋەتەنپەرۋەر ... بولۇپ چىقىدۇ، ھارمىغىن ! سەن ھارساڭ كەلگۈسىمىزنى قانداق قىلىمىز ! ياق، ياق، ھارمىغىن ! ھارمىغىن !



مەنبە: ئۆزۈم
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
دوستلىشىش
مۇخلىسە
ئى ئاللا بىزنىڭ گۇناھلىرمىزنى كەچۈرگىن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 943
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 35
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە35دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 41 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 41
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-09-09
ئاخىرقى: 2011-10-17
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-09 23:59

ئۇستازلار بايىرىمڭلارغا مۇبارەك!