خوندا شىركىتى يەنە كاشىلا كۆرۈلگەن مىليون دانە ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇپ كەلدى
[ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 5-سېنتەبىر خەۋىرى] خوندا ئاپتوموبىل شىركىتى بۈگۈن: دۇنيا مىقياسىدىكى 936 مىڭ ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇپ كەلدۇق، توك كۆزنىكى ۋە كومپيۇتېر ئەسلىھەلىرىدىكى كاشىلىنى ئوڭشاۋاتىمىز، دېدى.
خوندا شىركىتى: يۇقىرىقى كاشىلىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر تالاپەت توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق، ياپونىيەدىكى رېمونت ھەققىگە تەخمىنەن 17 مىليون دوللار چەك قويۇلدى، دېدى.
بۇ ھەرىكەت ئۆتكەن قېتىملىق زور كۆلەملىك قايتۇرۇپ كېلىشتىن كېيىنلا بولغاچقا، خوندا شىركىتىگە ئوت ئۈستىگە ماي چاچقاندەك بولدى. 11-مارت ياپونىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش توختىدى، خوندا ۋە ياپونىيەدىكى باشقا ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
ياپونىيەنىڭ ئاپتوموبىل ياساش سانائىتى يەنە ياپونىيە يېنى ۋە باشقا ئاساسلىق پۇللارنىڭ كۇرسى ئۆسۈش ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇشى زۆرۈر. بۇ ئەھۋال ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رىقابەت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
خوندا شىركىتى ياپونىيەدىكى ئۈچىنچى چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى بولۇپ، ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ئاپتوماتىك ھەيدەش ئۈسكۈنىسىنىڭ كاشىلىسى سەۋەبىدىن زور كۆلەمدە ئاپتوموبىل يىغىۋالغان.
بۈگۈن خوندا شىركىتى: توكلۇق ئاپتوموبىل كۆزنىكىنىڭ ۋىكليۇچاتېلىدىكى كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن، بىز ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە، جۇڭگو ۋە باشقا ئاسىيا، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە سېتىلغان 936 مىڭ دانە «فىت»، «سى ۋېي»، «سى دى» ئاپتوموبىلىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى، دېدى.
خوندا شىركىتىدىكى بىر ئايال باياناتچى: توكلۇق ۋىكليۇچاتېل سەۋەبىدىن يېنىك كۆيۈپ يارىلانغانلىق توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. توكلۇق ئۆزەك مەسىلىسى سەۋەبىدىن، ياپونىيە ۋە جۇڭگودىكى توققۇز ئاپتوموبىلغا ئوت كەتكەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، دېدى.
بۇ ئاپتوموبىل شىركىتى ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە ۋە باشقا بازارلاردىكى 26 مىڭ CR-Z ئارىلاش ھەرىكەتلىنىدىغان ئاپتوموبىلنى، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ئېلېكتىرونلۇق كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسىگە قاچىلىغان پىروگراممىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن قايتۇرۇپ كەلدى. مەنبەسى،نۇر،تورى
http://www.nur.cn/html/news/29706.shtml