ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور جامائىتى ،بىلگەنلەرگە مەلۇمكى 6يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان "بىر سوم پىلانى "مېھرىبانلىق پائالىيىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان سىتۇدىنىت ۋە ئوتتۇرا -باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىللىرى 9-ئاي كىرىشى بىلەن ياردەم پۇللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالاتتى .ئاي بېشىدا سەپەردە بولۇپ قېلىپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاپىرىپ بېرىدىغان پۇلنى ۋاقتىدا بېرەلمەي قالدىم (خۇدايىم بۇيرىسا سەيشەنبە كۈنى مەكتەپتە ئاپىرىپ بېرىمەن ). بۇ يەردىكى 5نەپەر ئوقۇغۇچىغا ھەر مەۋسۇم بېشىدا بېرىلىدىغان600 سوم ئوقۇش ياردەم پۇلىنى بەرسەم بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئالىي ئوقۇلىدا ئوقۇۋاتقان تىرىشچان سىڭلىمىزنىڭ ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى ئەۋەتىشتە
قىينىلىپ قالغۇدەكمەن .بۇ سىڭلىمىزغا ھەر ئايلىقى تۇرمۇش پۇلىغا 300 سومدىن بىر يىللىقىنى بىر قېتىمدىلا 3000-3600سومغىچە ئەۋەتىۋاتقان ئىدىم .(ھەر ئايلىق پۇلنى سېلىشتا مېنىڭ ئالدىراشلىقىم تۈپەيلى پۇلنى ۋاقتىدا سېلىپ بېرەلمەسلىك ،بانكىدا ئۆچرەت تۇرۇش ئاۋارچىلىقى ،كۆپ پۇلنى تۇتۇپ تۇرماسلىق ئۈچۈن دەپ 3يىلدىن بۇيان بىر قېتىمدىلا بۇ قىزنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىۋاتقان ئىدىم )،شۇ سەۋەپ مۇشۇ تېمىنى يازدىمكى ؛
خالىغۇچىلار مۇشۇ قىزنىڭ بۇ بىر يىللىق تۇرمۇش پۇلىنى غەملىشىمىز ئۈچۈن بىر سومنى ئاز دېمەي ياردەم قىلسا !
بىر سوم پىلانى دېگەن نېمە ؟
ئايدا پەقەت ۋە پەقەت بىر سوم پۇلنى ئىئانە قىلىسىز ،بىر يىللىق ئىئانە پۇلۇم دەپ 12 سوم پۇلنى بىر سوم پىلانى كارتىسىغا ئەۋەتسىڭىز ،مۇشۇ ئاي ئىچىدە 3000 سوم پۇلنى بۇ قىزنىڭ 5-يىللىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى دەپ ئەۋەتىپ بەرسەك ،ئۇ ئوقۇشىنىڭ ئاخىرقى يىلىنى خاتىرجەم تۈگەتسە .................
ئەسكەرتىش :
1،بۇ تېمىنى ۋاپادارىم912نىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بېكەتكە چاپلاشقا بولمايدۇ .
2.چەتئەلدىن ئىئانە قۇبۇل قىلىنمايدۇ .
----------------------------------------------------
قېنى ئازلار ھەر كۈنلۈك ،
يەپ بەرگۈلۈك چىلاننى .
ئۇنتۇپ قالما تۇغقانلار ،
بىر سوم دېگەن پىلاننى ....
شەھرى بورتالادا يېزىلدى .(ئىزدىنىش ۋە بوزقىر مۇنبىرىگە تەڭ يوللاندى )
مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار(پۇل يوللاش قاتارلىق): http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=42308[ ئەلتېكىنتەرىپىدىن2011-09-11 00:03قايتا تەھرىرلەندى ]