رەسىم:
تاماكا چېكىش ھەركىمنىڭ ئەركىنلىكى، لېكىن بۇنىڭ بىلەن باشقىلار نڭ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىشقا بولمايدۇ. كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ئەنىۋەر ئەلىنىڭ دېيشچە، تاماكىدىن ئىسلىنشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىينى زور بۇلۇپ، ئۆپكە راكى، يۇرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۇرۇپ چىقىردىكەن. تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا،ئېرى تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبتى ئېرى تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا،تاماكىدىن ئىسلانغۇچىلارنىڭ يۈرەك كېسىلگە گىرىپتار بولۇش نىسبتى يۇقۇرى ئىكەن. بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز، نەپەس يوللىرى تېخى تولۇق يېتىلمگەچكە،بوۋاقلاردا نەپەس يولى يۇقۇملىنش ھەم كېكىردەك ياللۇغى كۆپ كۆرۇلىدىكەن. تاماكا ئىسىنىڭ بوۋاقلارغا كەلتۇردىغان زىينى چوڭلارغا قارىغاندا ئون ھەسسە يۇقۇرى بولىدىكەن.بوۋاقلار مۇنداق مۇھىتتا كۆپ تۇرسا،تۇيۇقسىز ئۆلۇپ كېتىش خەتىرى ئادەتتىكىدىن 20ھەسسە يۇقۇرى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، زىققە كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۇرۇپ چىقىردىكەن.
مەنبە _____ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
[ ئۈمىديارتەرىپىدىن2011-09-12 11:20قايتا تەھرىرلەندى ]