كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش-ئېسىل پەزىلەت
ئاپتور؛ئەنگىليلىك فىرېز.
تەرجىمە قىلغۇچى؛ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەر تۇرا
سۆيۈملۈك ئوغلۇم؛بۇ خېتىمدە بىر ئادەمنىڭ كۆكسى -قارنى كەڭ بولۇشى ھەققىدە ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىمنى ساڭا دەپ ئۆتمەكچىمەن.
مېنىڭچە بىر ئادەمنىڭ سەمىمىي،كۆكسى-قارنىنىڭ كەڭ-ياكى تار بولۇشى سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس.بۇ شۇ ئادەمنىڭ ئۆز خىزمىتىدە ،ئۆگۈنىشىدە،تەن ساقلىقى،شۇنىڭدەك بىر ئىشتا مەغلۇب بولۇشى ۋە ياكى غەلبە قىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم تەرەپتۇر.
سەمىمىيەت مەزكۇر ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن پىكىرى،تڭرمۇش ئادەتلىرى،ئېتىقادى،ئىشەنچى،ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن ئادەملەردە ئىپادىلىنىدىغان،شۇ كىشىدىن باشقىلارغا قارىتا زور چىدام ۋە كەڭ قورساق بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ھالدۇر.سەمىمىلىك بىلەن يېڭى قاراشلارنى،يېڭى پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىش،پەقەت شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى باشقىلار ئالدىدا تېخىمۇگەېدىلىك قىلىش،شۇنىڭدەك ئۆزىنى كۆرسىتىشنى كۆرسەتمەيدۇ.
سەمىمىيەتسىز كۆكسى-قارنى كەڭ بولمىغان ئادەم باشقىلارغا تۆۋەندىكىدەك سەلبى تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى تۇرغان گەپ؛ئۇنداقلا سەن بىلەن دوست بولۇشنى ئارمان قىلىدۇ،دوست بولىۋېلىپلا سېنىڭ پۇتۇڭغا پالتا چاپىدۇ،بۇنداق ئادەملەر يېڭى قاراشلارنى قوبۇل قىلالمايدىغان بولغاچقا،ئەقلى گەجگىسىگە چىقىپ قالغان بولىدۇ،بۇ ھال ئۇلارنىڭ توغرا تەپەككۇر قىلىشى،ئۆز-ئۆزىنىي تەربىيەلىشى،توغرا دۇنيا قاراش تىكلىشىگە پايدىسىز ئامىللارنى ئېلىپ كېلىدۇ
ئەگەر بىر ئادەمدە سەمىمىيەت كەم بولسا،كۆكسى-قارنى تار،ھەسەتخور بولسا،بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچى ئادەم روھى جەھەتتىن گۇمران بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆپ خىل ئىجتىمائىي ھادىسلەرنى،رەڭگا-رەڭ تەپەككۇر ھادىسلىرىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.بۇ كىشلەر مۇشۇ خىل يېڭى ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلغان بولسا ئىدى،ئۇلارنىڭ روھىيەت-ئەقىل قۇشى تېخىمۇ قاناتلانغان بولاتتى.
ئېسىل مىجەزلىك ئادەملەرنىڭ كۆكسى-قارنى كەڭ بولىدۇ،بىر ئادەمنىڭ مىجەزىنىڭ قانداق بولىشى،ھەسەتخور ياكى ئەمەسلىكى شۇ ئادەمنىڭ چوڭ نەتىجىلىرنى قازىنالايدىغان،ياكى قازىنالمايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ.
ھەسەتخور،كۆرەلمەس ئادەم،پەقەت تۈگمىدەك ئىشلارنى،كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆرىدۇ.ئەكسىچە كۆكسى-قارنى كەڭ ئادەمنىڭ نەزەر دائىرسى كەڭ بولۇپ،ئۇ ئەرزىمەس ئىشلارنى ئەمەس،جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.
ئەگەر بىر ئادەمدە سەمىمىيەت يىتەرلىك بولسا،ئەۋلادلارنى،كەڭ جەمئىيەت كىشلىرىنى ئويلىسا،ئۇ ھالدا بۇنداق كىشلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئادەم بولۇش ئۆلچۈمى چوقۇم ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ.بۇنداق ئاكتىپ پوزۇتسىيىگە ئىگە ئادەم ۋاقىتنى ئەرزىمەس ئىشلارغا سەرىپ قىلىپ يۈرمەيدۇ،ئەگەر بىر ئادەمنى ئىجادچان،ئەرزىگۈدەك ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ قارىساق،ئۇ ھالدا شۇ ئادەم چوقۇم كۆكسى-قارنى كەڭ،سەمىمىي ئادەمدۇر.
مۇنداقچە ئېيتقاندا كىمدە كىم بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىمەن دېسە،ئۇ چوقۇم سەمىمى،كۆكسى-قارنى كەڭ،ھەسەتتىن خالى،باشقىلارغا ياخشىلىق تىلەيدىغان ئادەم بولىشى كېرەك.ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرگەن ئادەملەرلا كەلگۈسىدە مۇقەددەس ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ.نۇرغۇن كىشلەر ئۆزىنىڭ شەخسىيىتى،ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلى،باشقىلارنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىگە ئېرشەلمەيدۇ.ئاقىۋەت ھەقىقىي،چىن دوستلىرىدىن ئايرىلىپ ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي شادلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.
ئوغلۇم،راستىنى ئېيىتقاندا،ئۇلار ئەتراپىدىكى كىشلەر بىلەن قانداق نورمال مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ يولىنى بىلمىگەن.شۇڭىلاشقىمۇ ئۇلار ھەسرەت چېكىدۇ،مېنىڭچە سەمىمىي دوست بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بىرلا،ئۇ بولسىمۇ ‹‹سەمىمىي،كۆكسى-قارنى كەڭ ئادەم بولۇش،ھەسەتخور بولماسلىق!››
ئۆز نەپسى ئۈچۈنلا چوت سوقىدىغان ئادەم،باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن دائىم چۈشۈپ قالىدۇ ۋە قەدىرسىزلىنىدۇ.تۇرمۇشتا باشقىلارغا كۆڭلىدىكى سەمىمىيىتىنى بۈلدۈرەلىسە،يارىدەم كۆرسىتەلىسە،ياخشىلىق تىلىيەلىسە،شۇ ئادەمنىڭ ئەتراپىدىكىلەر،ئۇنى قەدىرلەيدىغان دوستلارغا ئايلىنىدۇ.ھەرقانداق ئادەم سەمىمىي،كۆكسى-قارنى كەڭ ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ،ئەگەر بىر ئادەم ھەقىقى دوست تۇتىمەن دەيدىكەن،شۇ ئادەم چوقۇم باشقىلارنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدىغان،باشقىلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرىدىغان،باشقىلارغا قىلچە يامانلىق ئويلىمايدىغان بولىشى كېرەك!
سۆيۈملۈك ئوغلۇم،گەپلىرىمنى ئوبدان ئاڭلا!
ھەر ۋاقىت تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزلەيدىغان،باشقىلارنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كۈلىدىغان،ھوزۇرلىنىدىغان ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان ئادەملەرخەتەرلىك ئادەملەردۇر،بۇنداق ئادەملەر تولىمۇ ئىشەنچىسىزدۇر! ئەكسىچە سەمىمىي،كۆكسى-قارنى كەڭ ئادەم باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى يامانلىقىدىن بۇرۇن كۆرىدۇ، ھەسەتخور،سوخەتچى،كۆرەلمەس،تەبئىيىتى پەس... ئادەملەرنىڭ كۆرىدىغىنى باشقىلارنىڭ يارىسى،كەمچىلىكى...مۇنداق ئادەملەر تۇخۇمدىن تۈك ئۈندىرىدىغان،ساغلام ئاڭغا ئىگە بولمىغان ئادەملەرجۇملىسىگە كىرىدۇ.بۇنداق روھىي جەھەتتە مەجرھ ئادەملەر باشقا ئادەملەرنىڭ ياخشى تەرىپىنى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ.ئۇلار قۇياش نۇرىغا تىكىلىپ قارىيالمايدۇ.قاراڭغۇ زۇلمەتكە كۈلۈپ قارادۇ.
ياخشى خىسلەتكە ئىگە ئادەملەر،باشقىلار ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەن چاغدىمۇ،ئۇ قارىشى تەرەپكە كەڭچىلىك قىلالايدۇ.شۇنداق بىر ئادەملەرمۇ باركى تۈگمىدەك ئىشلارنى،تۆگىدەك قىلىۋېتىدۇ،بەزى ئىشلارغا دۇچ كەلسە گېلىدىن تاماق ئۆتمەى،كېچىسى ئۇخلىيالماي،ئۆزىنى بىھۇدە قىيناپ يۈرۈيدۇ.ئوخشاشلا يەنى بىرقىسىم ئادەملەر باركى،سەللا زىيان تارتقۇدەك بولسا،ئەرزىمەس ئىشلار ئالدىدا،ئكزىنى باسالماي قالىدۇ،زىدىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ،ئىشنى يوغۇنتىۋېتىدۇ،ئاقىۋەتتە يۈزىنىمۇ تۆكىۋالىدۇ.شۇڭىلاشقىمۇ ئوغلۇم،ساڭا دەيدىغىنىم،ھەربىر ئادەم ئۆزىدە گۈزەل ئەخلاقنى ھازىرلىمىقى لازىم!ھەسەتىورلۇق ئادەملەر ئارىسىدا تۈگۈتۈلسە،ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى خوشاللىقىمۇ كۆپىيىدۇ،سەمىمىيەتمۇ ئېشىپ بارىدۇ!
ئوغلۇم،بىز ياشاۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە،سەمىمىي،كەڭ قورساق بولساقلا،باشقىلارغا دائىم ياخشىلىق تىلەيدىغان،مىننەتسىز يارىدەم قىلىدىغان بولساقلا ئەلۋەتتە دوستلىرىڭمۇ كۆپىيىدۇ،كىشلەر سېنى قوللايدىغان،سېنى ھەقىقىي چۈشۈنىپ يېتىدىغان بولىدۇ!
دوستلۇق مۇنداقلا بولىدىغان ھېسسىي ئامىل ئەمەس،ئۆز ئارا چۈشۈنۈش،ئۆز ئار سەمىمىي بولۇش،ياخشىلىق تىلەش،يارىدەم كۆرسىتىش،كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش،دوستلىقنىڭ ماھىيىتىدۇر.باشقىلار ساڭا بىر ياخشىلىق قىلسا،سەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قىل.سەندە بىر تامچە سۇنىڭ خىسلىتى بولسۇن.
سوزلىرىمنى ئوبدان ئىشت،ئەلۋەتتە چىن ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تولىمۇ مۇشكۈل ئىش،بۇ شۇ ئادەمگە نىسبەتەن زور بەدەل ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ،سەمىمىي، كۆكسى-قارنى كەڭ ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ھەرقانداق ئادەم ئۆزىدە ئالىجاناب خىسلەتنى ھازىرلىمىقى لازىم.ئەگەر بۇنداق بولمىسا ئەكسىچە سەلبى ئۈنۈم پەيدا قىلىدۇ.
باشقىلاردىن ئېلىشنى بىلىپ،بېرىشنى بىلمەسلىك ئەلۋەتتە ياخشى سوستلارنىڭ ئىشى ئەمەس،ئوغلۇم ساڭا دېسەم،فىرانسىيلىك داڭلىق يازغۇچى ھېيگو؛‹‹دۇنيادا ئەڭ چوڭ نەرسە دېڭىز-ئوكياندۇر،دېڭىزدىنمۇ چوڭ نەرسە ئالەمدۇر،ئالەمدىنمۇ چوڭ نەرسە ئىنسان قەلبىدۇر!››دېگەن ئىكەن.
بىز ھەممىمىز مانا مۇشۇنداق كۆكسى-قارنىمىزنى كەڭ قىلالىساقلا،ھەقىقىي چىن ئادەملەردىن بولالايمىز!
سېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئاتاڭ فىرېزدىن!
مەنبە؛‹‹دۇنيادىكى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئۆز پەرزەنىتلىرىنى تەربىلەش دەستۇرى››دىن تەرجىمە قىلىندى...
.