مىللىي ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭ قىممىتى
ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى
مىللىي(ئۆزلۈك) ئەدەبىيات-ئاساسەن ھەرقايسى ئەل-خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان،شۇنداقلا ئۆزلۈك گېنى گۈپۈلدەپ تۇرغان ئەدەبىياتىنى كۆرسىتىدۇ.ئەلۋەتتە، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزلىرىگە تەئەللۇق،سۈنئىي بۇلغىما چاڭ-توزاڭلارنىڭ تەسىرىدىن ئەبەدىي خالىي بولغان ئەدەبىياتى بولغان بولىدۇ.(نۆۋەتتە بىز تەكىتلەۋاتقان ئەدەبىيات،شۇ مىللەتنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتىنى كۆرسىتىدۇ) دېمەك،بۇ خىل بىباھا مەۋجۇتلۇق مۇناسىپ ئالاھىدىلىك ۋە روشەن قىممەت خۇسۇسىيىتىگە ئىگە كونكېرىت ئەمىلىيەتچانلىقنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرۈپ،ئەسىرلەر بويى ئۈزلۈكسىز نۇر چاقنىتىپ يېڭىلىنىپ بارىدۇ.ھەربىر خەلق ئۆز ئەدەبىياتى ئارقىلىق باشقا ئەل-خەلقلەرگە ئۆزىنى تونىتىدۇ ۋە ئىجادى ئامىللىرى ئارقىلىق يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.شۇنىڭ بىلەن باشقا مىللەتلەرمۇ قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات سەمەرىللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى تونۇپ يېتىپ ۋە ئۆزئارا ئەدەبىيات تەجىربىسى ئالماشتۇرۇش بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئورتاق بولغان بۈيۈك سەنئەت ئابىدىسى يارىتىدۇ.بولۇپمۇ ھازىرقى شارائىتتا مىللىي ئەدەبىياتنىڭ قىممىتىنى ماركىسىزىملىق ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى نۇقتىسىدىن چۈشۈنۈش ھەر بىر مىللەت كىشلىرىنىڭ ئورتاق بولغان ئىجتىمائىي مەسئۇليىتىدۇر.
ئەينى يىللىرى يولداش ماۋزېدۇڭ؛‹‹مىللىي ئەدەبىياتنى جانلىق ھالدا ئۆزىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئانا تىلدىكى مەتبۇئاتنى،تىياتىرلارنى،كىنو ۋە باشقا مەدەنى مۇئەسسەلەرنى كۈچەيتىش ۋە جانلاندۇرۇش كېرەك›› دەپ كۆرسەتكەن.ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى؛مىللىي تىل ئارقىلىق ئىشلەش مىللىي ئەدەبىياتنى ھەقىقىي خاسلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى دېگەن قاراشنى يورۇتۇپ بېرىدۇ،ئەلۋەتتە.ئۇنىڭ ئەكسىچە تارىختا ھۆكۈم سۈرگەن فاشىسىت ھاكىمىيەتلەر رەزىل مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ماڭقۇرۇت كاللا كېسەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتچىللىرى(تىلشۇناس،شائىر،تارىخشۇناس،مائارىپچى،يازغۇچى ۋە مەدداھلىرى...)نى بىرى چىقسا بىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي قەتلىھام قىلىپ قانلىق باستۇرغان ئىدى.ئۇيغۇر مىللىتى بۇ خىل تارىخىي تىراگېدىيىنىڭ ئەك كۆپ قۇربانى بولغان مىللەتتۇر.ئەينى دەۋىر فاشسىتلىرى مىللىي تىل-ئەدەبىياتىنىڭ گۈللەپ-ياشنىشىغا ھەرگىزمۇ ئىمكان بەرمىگەنىدى.چۈنكى،ھەقىقىي مەنىدىكى مىللىي ئەسەرلەر روشەن ئۆزلۈك ئۇسلوبىغا ئىگە،تەسىرى كۈچلۈك ئۆلمەس ئەسەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.دىققەت قىلىش كېرەككى،مەن مىللەتنىڭ يازغۇچىسى دەپلا قولغا قەلەم ئېلىپ،رېئال تۇرمۇشنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈززەتمەي،تەتقىق قىلماي،ئىزچىل ئىزدەنمەي،تون كىيىشكە ئالدىراپ،ئۆز مەھلىسىدىن نېرى بارالماي،ئاز-تولا بەدئىي تەسۋېردىن پايدىلىنىپ،زورۇقۇپ پۇچەك ۋەقەلىك توقۇپ،جەمەتىنىڭ ئاز-تولا ئىقتىسادى كۈچىدىن پايدىلىنىپ مونەك-مونەك كىتابچىلارنى نەشىردىن چىقىرىلىۋەرسە ئۇنداق نەرسىلەر بىز تەكىتلەۋاتقان مىللىي ئەدەبىيەتنىڭ ئۆلچىمىگە توشمايدۇ-دە،مىللىي ئەدەبىياتنىڭ جەڭگىۋار قاتلىمىدىن ئورۇن ئالالماي،بىر دۆۋە قەغەز دۆۋىسى بولۇپ قالىدۇ،خالاس. بىز ھەقىقىي مىللىي ئەدەبىياتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا دوستوۋېسكى،گوگول ياراتقان ئەسەر لەر روس خەلقنىڭ خاس مىللىي ئەدەبىياتى،لۇشۈن بىلەن شايەن ياراتقان ئەسەرلەر خەنزۇ خەلقنىڭ مىللىي ئەدەبىياتى،زۇردۇن سابىر،مەمىتىمىن ھوشۇر،يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىقلار ياراتقان بىباھا قامۇسلار ئۇيغۇر خەلقنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىدۇر.چىڭغىز ئايتماتوف،مۇختەر ئەۋزوف...قاتارلىقلار ياراتقان بۈيۈك ئەسەرلەر قىرغىز-قازاق خەلقنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىدۇر.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى،ئەدەنىياتنىڭ مىللىلىكى ئەدەبىيات تارىخىنىڭ مۇھىم قانۇنىيىتى بولۇپ،ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە مىللىي قىياپەت،مىللىي روھ،مىللىي ئەنئەنىنىڭ ئۈگۈت-ئەخلاق جەھەتتىن گەۋدىلىشىشى بولۇپ،ئۇ ھامان ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكلىنىڭ زىچ بىرلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەرنى ئەدەبىيات ئارقىلىق شۇ مىللەتنى چۈشۈنىشتەك يۈكسەك مەقسەتكە يەتكۈزىدۇ ۋە شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى بىلىشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.شۇڭا جاھانگىرلار بىرەر ئەلنى تالان-تاراج قىلىشتىن ئاۋال تۆۋەندىكىدەك نەيرەڭلەرنى ئىشقا سالغان؛ چېخ يازغۇچىسى مىلان كوندېرنىڭ ‹‹ كۈلۈش ۋە ئۇنتۇش خاتىرسى›› ناملىق رومانىدا بۇنۇقتا روشەن ئىزھالىنىپ ئۆتىلىدۇ.‹‹...بىر مىللەتنى يوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئۇنىڭ خاتىرسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش،كىتابلىرىنى،مەدەنىيەتلىرىنى ۋە تارىخىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش كېرەك.ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ئەتىراپىدىكى دۇنيانى تېزلىك بىلەن ئۇنتۇشقا باشلايدۇ-دە،تەدىرجى يوقىلىدۇ...››ئەلۋەتتە،بىز مۇنەۋۋەر ئەسەرلەردە تەسۋېرلەنگەن مىللىي،ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەسۋېرى ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ بىناكارلىق سەنئىتىي،مۇزىكا سەنئىتىي،ئۇسۇل سەنئىتىي،ئىستېتىكا،پەن-مائارىپ...جەھەتلەردىكى مول بىلىمىگە ئىگە بولالايمىز.بولۇپمۇ مىللىي ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن يارقىن ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەر قىممەتلىك تارىخ پاكىت ماتېرىيالى بولۇش رولىنىي ئوينايدۇ.مەلۇمكى،بىز بىر مىللەت ئولتىراقلاشقان جايلارغا بارمىساقمۇ ۋە ياكى شۇ مىللەت ئادەملىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرىشالمىساقمۇ، شۇ مىللەت قەلەم ساھابىلىرى يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ زېھنى،ئىدىيىۋى ھېسىياتى،فىزئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز.شۇ سەۋەپتىن مىللىي ئەدەبىيات؛مىللىي ئەنئەنە تەربىيىسىنىي كۈچەيتىپ،مىللىي خاراكتېر،مىللىي غورورنى ئاشۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.شۇنداقلا ساغلام بولغان مىللىي ئادەتلەرنى داۋاملىق ساقلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ،مەنىۋى-مەدەنىيەت سېپىدە ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىشىمىزغا ئىجابى يارىدەم بېرىدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ خاراكتېرى تۇرمۇش ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلەردىكى گۈزەل ئۆزگىچىلىكلەر،زىمىنىدىكى تاغ-دەريالار،يېزا-قىشلاق،شەھەر-بازارلىرىنىڭ ئىزگۈلۈك قىياپەتلىرى پەقەت شۇ مىللەتنىڭ ئۆز ئەدەبىياتىدا يارقىن جۇلاسىنىي نامايەن قىلىدۇ.ئەنە شۇنداق روشەن مىللىي خاسلىق كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ گۈزەللىك تۇيغىسىنى قوزغايدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.بۇنداق ئىستېتىك تۇيغۇ ئۆز ۋۇجۇدىمىزدا چىن گۈزەللىكىنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە يارىدەم بېرىدۇ.مىللىي ئەدەبىياتنىڭ قىممىتى(ياراملىقلىقى) ئارقىلىق ھەربىر ئوقۇرمەن،ئۆز مىللىتىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساغلام بولغان جەڭگىۋار روھىدىن ئالەمچە سۆيىنىدۇ.زەئىپ،چىرگىن تەرەپلىرىگە نەپرەتلىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن يىرگىنىپ،ئۇنداق ئىللەتلەرنى ۋۇجۇتلىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرىنىدۇ.دېمەك،مىللىي ئەدەبىيات-خەلق ئاممىسىنىي مىللىي ئىپتىخارلىق،ۋەتەنپەرۋەرلىك،قەھىرمانلىق روھ بىلەن سۇغىرىدۇ.شۇڭا ئېلىمىز ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى لۇشى؛‹‹ ئەدەبىيات تۇرمۇش ئەينىگى بولۇپلا قالماستىن،تېخىمۇ مۇھىمىي ئۇ جەڭگىۋار مىلتىق ۋە ئۆتكۈر تىغ بولۇشى لازىم›› دەپ ناھىيىتى توغرا ئېيىتقان.
بورتالا شەھىرى ئۇتتۇبۇلاق 6-باشلانغۇچ مەكتەپتىن.ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى،