ئىلگىرى داڭلىق بىر مائارىپچى « ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش كېرەك» دېگەن ئىدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كۈنۈم تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھانلارنىڭ ئەمدى مەن بىلەن مۇناسىۋىتى قالمىدى دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدىم. مەن 150 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ سىنىپقا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، كىشلىك ھاياتىمدىكى تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھاننىڭ تېخى ئەمدى باشلانغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كىشلىك ھاياتتىكى دەرسخانا ئادەتتىكى دەرسخانىدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس ئىدى. مەنمۇ يالغۇز ئۇقۇتقۇچىنىڭلا رولىنى ئالماستىن، تېخىمۇ كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچى ئىدىم. ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى ئەتىگەن 6:30 دىلا ئۆيىدىن چىقىپ مەكتەپ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئالدىرىشاتتى، مەن بۇنىڭدىن ئۇلاردىكى ۋاقىتقا ئەمەل قىلىشنىڭ نىمىلىگىنى ئۆگىنەتتىم. بىر ئوقۇغۇچۇم ھەر كۈنى سىنىپقا بىرىنچى بولۇپ كىرىپ كېلەتتى ھەمدە پۈتۈن زىھنى بىلەن دەرس ئاڭلايتتى، دائىم ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەينىدە يۈرۈپ توختىماي سوئال سورايتتى، ئۇنىڭ جان دىل بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىشى مەۋسۇم ئاخىرىدىكى ئىمتىھاندا ھەممىنى بېسىپ چۈشۈپ، باشقا ساۋاقداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇش ئىدى، مەن ئۇنىڭدىن قەتئىي بوشاشماسلىقنى ئۆگىنىۋالدىم. خاررىي ئىسىملىك ئوقۇغۇچۇم، كىچىكىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قالغان بولۇپ، ھاممىسىنىڭ ھىمايىسىدە ئىدى، ئۇنىڭ بىردىنبىر تۇققىنى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، گەرچە يەتكۈچە زەربە ۋە ئازاپ تارتقان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ھەر كۈنى مەكتەپكە كېلىپ بېرىلىپ دەرس ئاڭلايتتى. مەن ئۇنىڭدىن نىمىنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىۋالدىم.
مارىيە ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك تەكرار ۋاقتىدا سىنىپتا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەيتتى، چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 دا دەرستىن چۈشكەندىن باشلاپ كەچ سائەت 10 غىچە ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. مەن ئۇنىڭدىن نىمىنىڭ سەۋرچانلىق ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىۋالدىم. پانرىك نەچچە كۈن ئۇدا شۇ بىرلا كىيىمىنى كىيىپ يۈرەتتى، ئۇ ئوغۇل دوستىنىڭ ئۇرۇپ تىللىشىغا ئۇچرايدىغان ئاپىسىنى قوغدىماقچى بولغىنىدا ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بولۇپ، پەقەت ماشىنىدا يېتىپ-قوپىۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭدىن نىمىنىڭ ھىسداشلىق ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىۋالدىم. ئوقۇچىلاردىن ئۆگىنىۋالغان نەرسىلىرىم ھەر ۋاقىت مېنىڭ كىشلىك ھايات پەلسەپەلىرىمنى ئۆزگەرتىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىمغا كۈچۈمنىڭ بارىچە ياردەم قىلىشىمغا ھەيدەكچى بولاتتى، چۈنكى ئۇقۇغۇچىلىرىم ئۇلار ئۈچۈن بارلىقىمنى سەرپ قىلىشىمغا ئەرزىيتتى، مەيلى ئۇلارنىڭ ئۆز شارائىتى ياكى ئائىلە مۇھىتىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە.
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى يەنىلا جېسىن ئىسىملىك ئوغۇل ئوقۇغۇچۇم ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى مېنىڭ گىئومېتىرىيە دەرسىمنى ئاڭلايتتى، سىنىپنىڭ كەينىدە ئولتۇرۋېلىپ، كۆزلىرىمىزنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. ھەر قېتىم ئۇنىڭدىن سۇئال سورىغىنىمدا بۇلۇڭدىن ئۇنىڭ پەس ئاۋازدا بەرگەن جاۋابى كېلەتتى، جاۋاپمۇ ئاساسىي جەھەتتىن توغرا بولاتتى. مەن ئۇنىڭ سىنىپتا ئېلىنغا سىناقلاردىكى نەتىجىسىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى، ئەمما مەۋسۇم ئاخىرىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىپ قالدىم. مەن ئۇنىڭدىن تەييارلىق گۇرۇپپىسىغا قاتناشقۇسى بار يوقلىقىنى، قاتنىشىپ قالسا ھەر كۈنى سىنىپقا بالدۇرراق كېلىشى، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوينىماي، سىنىپتا ئولتۇرۇپ دەرس تەكرار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. مېنىڭ بۇ پىكرىمنى ئاڭلاپ جېسىن دەسلەپ ھاڭ-تاڭ قالدى، ئاندىن خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. مەن بولسام ئۇنىڭغا دەرس بېرىدىغان باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن جېسىنغا تېگىشلىك بەزى ياردەملەرنى بېرىشىنى ئۆتۈندۈم. مەن جېسىنغا پەقەت قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندىلا غەلىبە ھامان كۆز ئالدىڭدا دەيتتىم.
ئۇچرىشىش پۇرسىتىمىزنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئاپىسى بولسا ئوغۇل دوستى ۋە ئالتە بالىسى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، جېسىننىڭ ئۇلار بىلەن تۇرماستىن بوۋىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغانلىقىنى، ئائىلە قارىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ غۇۋا بولۇپ، كۆيۈنۈش ۋە غەمخورلۇققا ئېرىشەلمىگەن جېسىننىڭ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. بىر يىللىق تەييارلىق گۇرۇپپىسىدىكى ئۆگىنىش ئارقىلىق جېسىننىڭ ھەر قايسى پەنلەردىكى نەتىجىسىدە ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىلگىرلەش بولدى، مەكتەپ گېزىتىدىمۇ مەخسۇس ئۇنىڭ توغرىسىدا يېزىلغان ماقالە ئېلان قىلىندى. بەختكە قارشى دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ بوۋىسى ئالەمدىن ئۆتتى. جېسىن ئامالسىز ئاپىسىنىڭ يېنىغا كۆچۈپ باردى، بۇنىڭ بىلەن ئەمدىلا ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزغان جېسىن يەنە چۈشكۈنلىشىپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا مەن دائىم جېسىن بىلەن تەنتەربىيە مەيدانىدا ئايلىنىپ يۈرگەچ «كۆز ئالدىڭدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆز ئازۇلىرىڭغا يېتىشىڭ كېرەك» دەيتتىم. بۇ بالا قەتئىي ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بىلەن مېنىڭ تىرىشچانلىقلىرىمغا جاۋاپ قايتۇرۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈردى.
ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئاز قالغاندا، جېسىن تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقۇسى يوقلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ سەھنىگە چىقىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئونۋانىنى ئالىدىغانلىقىنى ئائىلىسىدىن ھىچكىمنىڭ كېلىپ كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا « مەن ۋە باشقا ئالتە ئوقۇتقۇچۇڭ پەستە تۇرۇپ سەن ئۈچۈن چاۋاك چالىمىز»دىدىم، جېسىن كۈلۈپ كەتتى.
جېسىننىڭ ئونۋان ئالغان ۋاقتىدىكى تەبەسسۈم چىرايى ھېلىھەم يادىمدا تۇرۇپتۇ. كىشلىك ھاياتتىكى ئىمتىھان ۋە تاپشۇرۇقلار داۋاملاشماقتا، مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز بىلىملىرىمنى ئۈگەتكەن بولسام، ئۇلار ئۆز ھىكايىلىرى بىلەن ماڭا تېخىمۇ كۆپ تەسىرلىك كىشلىك ھاياتنى بىلدۈرگەن ئىدى.
«يەر شارى ۋاقتى » گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى