ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 348 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ش ئا ئە ت لىۋىيىدە كەڭ كۆلەمدە پىسخىكا ئۇرۇشى قىلىۋاتىدۇ
بوزقىر،مۇخبىرى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 858
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 55
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
تۆھپىسى: 40
پۇلى: 24 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 80
ياخشى باھا: 139
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-11
ئاخىرقى: 2012-02-27
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-13 12:57

ش ئا ئە ت لىۋىيىدە كەڭ كۆلەمدە پىسخىكا ئۇرۇشى قىلىۋاتىدۇ

[رۇسىيە «مۇستەقىل ھەربىي ئىشلار ئوبزورى» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 9-سېنتەبىر ماقالىسى] ئۇچۇر ئۇرۇشى بىلەن پىسخىكا ئۇرۇشى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. ئۇچۇر ئۇرۇشى بىلەن پىسخىكا ئۇرۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، دۇنيا جامائەت پىكرىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇرۇش رايونىدىكى كونكرېت ئۇرۇش ۋە تاكتىكىلىق ۋەزىپىلەرنى ئۇرۇنداشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ش ئا ئە ت لىۋىيەدە ئېلىپ بارغان «بىرلەشمە قوغدىغۇچىلار» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
    ش ئا ئە ت نىڭ «بىرلەشمە قوغدىغۇچىلار» ناملىق ھەرىكىتىدە، بىرلەشمە ئارمىيە باشتىن-ئاخىر پىسخىكا ئۇرۇشى ۋاسىتىسىنى قوللاندى. قارشى تەرەپنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى پىسخىك جەھەتتە ۋەيران قىلىش ش ئا ئە ت  نىڭ كازافى ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرىغا قاراتقان پىسخىكا ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدىن ئىبارەت.
    3-ئاينىڭ 27-كۈنى، رادىيو ھەۋەسكارلىرى ئايروپىلاندىن ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىلىدا تارقىتىلغان: بازىدىن دەرھال چېكىنىڭلار، كازافى ھاكىمىيىتى ب د ت نىڭ بۇ دۆلەتتە ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا خىلاپلىق قىلدى. ئەگەر بازىدىن دەرھال ئايرىلساڭلار زەخىملەنمەيسىلەر. ئاڭلىتىشىمىزغا كاشىلا قىلماڭلار، دېگەن ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرگەن.
     ش ئا ئە ت نىڭ پىسخىكا ئۇرۇش قىسىمى كونكرېت تاكتىكىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن، لىۋىيە ئارمىيەسى ئىشلىتىۋاتقان چاستوتىدىن پايدىلىنىپ رادىيو تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان.
    تۈزۈلگەن تاكتىكىلىق ھەرىكەت پىلانى بويىچە، ئامېرىكىنىڭ 193-چوڭ ئەترىتى «EC-130J  (EC-130E)»بەلگىلىك ئايروپىلاندىن ئالتىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشقا سالغان. ئۇلارغا رادىيو ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، رادىيودا كېچە-كۈندۈز توختىماي تەشۋىق قىلغان. بۇ قىسىم شۇ جايدىكى پۇقرالارغا رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە ئارقىلىق تەشۋىق قىلغاندىن باشقا، قارشى تەرەپنىڭ خەۋەرلىشىش ۋە قوماندانلىق سىستېمىسىنى چەكلىگەن ھەم ئاخبارات توپلىغان.
    تېلېۋىزور ۋە رادىيودىن باشقا، ئۇچۇر-پىسخىكا ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق شەكىللەرنىڭ بىرى مەتبۇئات بۇيۇملىرىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش. بىرلەشمە ئارمىيە لىۋىيەدىكى مەھەللىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئىستىھكاملىرى بوشلۇقىدا كۆپ قېتىم تەشۋىق ۋەرەقىسى تارقاتقان.
     بىر خىل تەشۋىقات ۋەرەقىسىدە، ش ئا ئە ت ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ لىۋىيە تانكىلىرىنى قانداق ۋەيران قىلغانلىق ئەھۋالى سۈرەت ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن. تەشۋىقات ۋەرەقىسىنىڭ ئالدىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئۇنىڭ نىشانىنىڭ سۈرىتى، كەينىگە كۆيۈۋاتقان تانكا ۋە ۋەيران قىلىنغان زەمبىرەك مۇنارىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان. تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىگە: «سىلەر زامانىۋى قوراللارغا ۋە ش ئا ئە ت نىڭ ھاۋا ئۇرۇشىدىكى ئەۋزەللىكىگە تاقابىل تۇرالمايسىلەر. پۇقرالارغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىش سىلەرنى ھالاك قىلىشى مۇمكىن» ياكى «بازا ۋە قوراللىرىڭلارنى تاشلاڭلار، ئائىلەڭلەردىكىلەرنىڭ قېشىغا قايتىڭلار. قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق لىۋىيەلىكلەرگە ئەمدى ھۇجۇم قىلماڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن سىلەر يوقىلىسىلەر» دېگەندەك ئىبارىلەر يېزىلغان.
    ش ئا ئە ت نىڭ بىر كوماندىرى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئايروپىلانلىرى لىۋىيە ھاۋا بوشلۇقىدىن 14 مىليون پارچە تەشۋىق ۋەرەقىسى تارقاتتى، دېدى.
    ئەنگلىيەنىڭ پىسخىكا ئۇرۇشى مۇتەخەسسىسلىرى لىۋىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ئارقىلىق ئۇلارغا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان ھەم شەخسىي ۋە ھۆكۈمەت تېلېفون نومۇرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا تېلېۋىزوردىن تېلېفون بەرگەن. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەلۇم بىرسى لىۋىيەنىڭ ئالىي ھەربىي رەھبىرىنىڭ يان تېلېفون نومۇرىنى تاشقى ئاخبارات ئىدارىسىگە بەرگەن. ئەنگلىيەلىكلەر ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىلىرىدا:«سىلەرنىڭ ئابرويى يەر بىلەن يەكسان بولغان ھەم چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغان رەھبەرنى قوللىماسلىقىڭلارنى، شۇنداقلا جەمئىيەتتە تەسىرى بار لىۋىيەلىكلەرنى ئۆكتىچىلەر تەرەپكە ئۆتۈشكە قايىل قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز»، دېسە، يەنە:«بىز يەر شارىدا ئورۇن بېكىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق، سىلەرنىڭ قوماندانلىق ئىشتابىڭلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ بولدۇق.«قارا بوراننىڭ سايىسى» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى بۇ نىشانغا توغۇرلىدۇق. سىلەر ئەمدى قانداق قىلماقچى؟» دەپ تەھدىت سالغان. ئۇلار ئىلگىرى جەڭگىۋار بولغان ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگىمۇ مۇشۇنداق پىسخىكا ئۇرۇشى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
     ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئەڭ يېڭى تىزگىنلەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىي كومپيۇتېر تورى ۋە يېراق مۇساپىلىك خەۋەرلىشىش سىستېمىسىدا بەزى ھەرىكەتلەرنى قوللانغان. لىۋىيەگە تېخنىكا جەھەتتە سىڭىپ كىرىش خېلى دەرىجىگە يەتكەندە، كومپيۇتېر كۇنۇپكىسىنى باسسىلا، لىۋىيەنىڭ مۇھىم كاپالەت سىستېمىسى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى كونترول قىلىپ، سۇ ۋە قاتناشنى ئۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ. ش ئا ئە ت بىرلەشمە ئارمىيەسى لىۋىيەدىكى قەبىلە ئاقساقاللىرى بىلەن داۋاملىق مەخپىي ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇلار: «ش ئا ئە ت بىزگە مەبلەغ ياردەم قىلسىلا، كازافىنى قوللىمايمىز»، دېگەن.
      ئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت نىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھەربىي ھەرىكەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن، پىسخىكا ئۇرۇشىغا  ئامېرىكا ئارمىيەسى 4-پىسخىكا ئۇرۇشى چوڭ ئەترىتى، ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ پىسخىكا ئۇرۇشى 15-چوڭ ئەترىتى،ئىتالىيە قاتارلىق ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پىسخىكا ئۇرۇش قىسىملىرى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 193-ئالاھىدە  ئۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ «EC-130J» بەلگىلىك پىسخىكا ئۇرۇش ئايروپىلانى قاتناشقانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى 4-پىسخىكا ئۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ھازىر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافرىقىدىكى قوماندانلىق ئىشتابى بولغان جىبۇتى بازىسىدا ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى لىۋىيە، ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى ھەرىكەتلەر ھەم ئىرانغا قوللىنىش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
  سۈرەتتە: ئامېرىكا پىسخىكا ئۇرۇشىغا ئىشلىتىۋاتقان «EC-130J» بەلگىلىك ئايروپىلان.
   رېيتىر ئاگېنتلىقى سۈرىتى 
 
مەنبەسى،نۇر،تورىhttp://nur.cn/html/news/30086.shtml
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
تۆھپىسى: 17
پۇلى: 114 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 29
ياخشى باھا: 99
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-21
ئاخىرقى: 2011-12-18
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-13 14:42

نۇر تورىنىڭ خەۋەرلىرى ئۇلىنشcn نىڭ باش بېتىدە بېرىلگەن( ئۇلىنش قىلنغان) تورغا چىققانلارنىڭ ھەممىسى نۇرتورىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇ يەرگە پاخال قىلىپ يەنە يوللاشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن دەيمەن. بوزقىر ئىلگىرى ئاساسەن ئۆزى تەرجمە قىلغان خەۋەرلەرنى يوللايتتى.  قارىسام يېقىندىن بېرى نۇر تورىنڭلا خەۋەرلىرىنى يوللاۋاتىسلەر يا نۇر تورى بىلەن ھەمكارلىقڭلار بارمۇ بىلمدىم.