ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3627 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ۋە يېڭىلىنىشى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
تۆھپىسى: 48
پۇلى: 252 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 67
ياخشى باھا: 127
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2013-05-21
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-18 20:30

مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ۋە يېڭىلىنىشى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما bozqir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-09-28)
مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ۋە يېڭىلىنىشى
1
رىم ئىمپىريىسى،ئوسمان تۈرك ئىمپىريىسى،مانجۇ چىڭ ئىمپىريىسى ۋە سوۋېتلار ئىتتىپاقى ... قاتارلىق تارىختا نەچچە ئون،نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۇنچە قۇدىرەتلىك بولغان خانلىقلار، ھاكىميەتلەر نېمە ئۈچۈن ئاجىزلاپ سەلتەنەت تەختىدىن ئايرىلىپ قالغان؟
پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزۈنى چاقناتقۇدەك شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان،تارىختا نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن نى-نى قۇدىرەتلىك خانلىقلارنى ياراتقان ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن خوجىلار دەۋرىگە كەلگەندە بىردىنلا جاھالەتنىڭ قارا پاتقىقىغا بوينىغىچە پېتىپ كەتكەن؟نېمە ئۈچۈن19-ئەسىرگە كەلگەندە ئۆز ئانا ۋەتىنىگە ئۆز ئانا تىلىدا ئۆزلىرى بىر نام قويالماي،ياتلار قۇيۇپ بەرگەن ئۆزگە مىللەتنىڭ تىلىدىكى غەيرى نامنى ۋەتەن نامى دەپ شۇنچە ئاسانلا قۇبۇل قىلغان؟....
يىغىپ ئېيىتقاندا،ھەرقانداق ھاكىميەتنىڭ،ھەرقانداق خەلق،ھەرقانداق مىللەتنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشنىڭ سەۋەبى بىرلا،ئۇ بولسىمۇ شۇ ھاكىميەت،شۇ ئەل،شۇ مىللەت،شۇ دەۋردە مەدەنيەتنىڭ قېرىشى.تەبئىتنىڭ
قانۇنيىتى شۇنداق،دۇنيادىكى بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي نەرسىلەر بارلىققا كېلىدۇ ھەم قېرىىيدۇ.بۇنىڭ
ئىچىدە ئادەممۇ،جانلىق،جانسىز نەرسىلەرمۇ،مەدەنىيەتمۇ،روھمۇ،دىنمۇ،ھاكىميەتمۇ....بار.
2
ھەرقانداق مەدەنىيەت قېرىغاندا،شۇ مەدەنىيەتنىڭ ھەقلىق ئىگىللىرى بولمىش خەلق بۇ مەدەنىيەتنىڭ مېغىزىنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ،شاكىلىنى تۇتىيا بىلىپ،جېنىنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا يېپىشىدۇ.مەزكۇر مەدەىيەتنىڭ نامى ۋە شەكلى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ تۈپ مەزمونى ئۇنتۇلۇپ،ماھيىتى ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ.(ئەگەر بۇ قارشىمىزنى ھاكىميەتكە تەدبىقلىساق،مەزكۇر ھاكىميەتنىڭ يېڭى بارلىققا كەلگەن چاغدىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى،خەلقچىلىققى،ھەتتا دۆلەت قۇرۇش پىروگىرامىسىمۇ  ئاستا-ئاستا تارىخقا ئايلىنىپ قالىدۇ.) 
ئەجداتلىرمىز  قەدىمقى دەۋرلەردە بۆرىنى تۇتىم قىلىپ تاغ-دالىلاردىكى كۆك بۆرىگە چوقۇندىغان،بۆرىگە ئوخشاش ئۆم،ئىتتىپاق،باتۇر،قەيسەر،چىداملىق،تېز پۈكمەس روھقا ئىگە مىللەت ئىدى.كېيىنكى كۈنلەردە بۆرىگە  چوقۇنىشنىڭ (توغىرىسى بۆرە تۇتىم مەدەنيىتىنىڭ)ماھيىتى ئۆزگىرىپ بۆرىنى ئۆلتۈرۈپ،ئۇشۇقىنى ئېلىپ بوينىغا ئېسىۋالىدىغان،بۆرىگە ئەمەس،ئۇنىڭ ئۇشۇقىغا چوقۇندىغان ھالەت بارلىققا كەلگەن.
ئىسلام دىنى،توغىرىسى ئىسلام مەدەنيىتى دەسلەپتە بارلىققا كەلگەندە ئۆزۈنىڭ ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى تەڭدىشى يوق ئىلغار،توغرا ھەقىقەتلىكى بىلەن جاھالەتتە ياشاۋاتقان ئەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى نەچچە ئون مىللەت،نەچچە يۈز قەبىلە ۋە نەچچە مىليۇندىن ئارتۇق ئىنساننى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ ئىنسانىيەت مەدەيىتىدىكى ئاجايىپبىر گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.شۇ جۈملىدىن ئىسلام دىنىنى يېڭى قۇبۇل قىلغان قاراخانلار ئۇيغۇر خانلىقىدىمۇ ئىسلام مەدەنيىتىنىڭ نۇرىنىڭ شاراپىتى بىلەن ياۋرۇپادىن تۆت يۈز نەچچە يىل ئىلگىرىلا<<ئوتتۇرا ئاسىيامەدەنىيەت گۈللىنىش دەۋرى>>بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ،كېيىنكى كۈنلەردە ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ئانا ۋەتىنى ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنى،قاراخانلار ئۇيغۇر خانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىسلام ئەللىرىدە ئەينى دەۋر مەدەنيىتىدە ۋاقىتسىز قېرىش يۈز بېرىپ ئىسلام دىن ئەقىدىسى ئىككىگە_شىئە ۋە سۈنئىي مەزھىپىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.شۇ جۈملىدىن قاراخانلار ئۇيغۇر خانلىقىمۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ،ئاخىرى زاۋالىققا يۈز تۇتتى.
19-ئەسىردە قۇرۇلغان <<يەتتە شەھەر دۆلىتى>>ۋە<<ئىلى سۇلتانلىقى>>نىڭ تېزلا گۇمران بولۇشى ئەمىليەتتە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئەركىنلىك، ئازادلىق ئېڭىنىڭ مۇستەھكەملەنمىگەنلىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنىڭ يىتىلدۈرۈلمىگەنلىكى يېڭى ھاكىميەتكە خاس يېڭى مەدەنيەتنىڭ بارلىققا كەلمىگەنلىكىدىندور.
مەدەنياتنىڭ قېرىش ئالامەتلىرى ئاۋال يوقۇرى قاتلام كىشىلەردە:خان-پادىشاھ،ۋەزىر،بەگ،بايلاردا،موللا ئۆلۈما،زىيالىيلاردا،ئاندىن ياشانغان بوۋاي-مومايلاردا،پۇقراللاردا،ئاياللاردا،ئەڭ ئاخىرىدا ياشلاردا كۆرۈلىدۇ.
<<قىزىل راۋاقتىكى چۈش>>،<<شەھرىستاندا زاۋال>>،<<ئاخىرقى پادىشاھ>>فىلىملىردە ۋە<<قۇم باسقان شەھەر>>...رومانلىرىدا شۇ  ئەللەردىكى مەدەنىيەتنىڭ قېرىش ئالامەتلىرىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 
دىيارىمزدا،بولۇپمۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلىرىمىزدا ئۇيغۇر ئسلام مەدەنيىتى خوجىلار دەۋرىدىن تاكى
20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئىنتايىن ئۇزاق بىر مەزگىل ناھايىتى قېرىغان، زەھىپلەشكەن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەدەنيىتى خۇددى كومپىيوتېرنىڭ سېستىمىلىرىغا ئوخشاش بىر تەرەپتىن قېرىش،يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىلىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرىۋاتىدۇ.
3
بىزنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىمىزنى نىسبىي ھالدا ئالدىنقىلار-ئەجداتلىرىمىز  ئالدىن ئالا بەلگۈلەپ قويغان.بىزمۇ
 ھەم نىسبىي ھالدا كېيىنكىلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەپ قويغۇچىلارمىز. 20-ئەسىرگە تەۋە تارىخ بەتلىرىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق مۇسابايوفلار،ئابدۇقادىر داموللام،سابىت داموللام ۋە ئېلىخان تۆرەمگە ئوخشاش ئاز ساندىكى مەدەنيەتنى يېڭىلىغۇچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا مۇتلەق كۆپ ساندىكى يوقۇرى تەبىقىگە تەۋە كىشىلىرىمىز ۋە قېرىلىرىمىز قېرىغان،ھاياتىي كۈچىدىن قالغان،بوينىمىزغا سىرتماق سالىدىغان گۇمراھ مەدەنيەتنىڭ ھامىيلىرىغا ئايلانغان.مۇشۇ دەقىقىلەردە كىمدور بىرىنىڭ<<جاھاندا ئۈچ مۇتھەم بار.ئۇلار:بوۋاق بالا، قېرى ئادەم ۋە مۇئەللىم>> دېگەن سۆزى يادىمغا كېلىۋاتىدۇ.
بىز تۇرمۇشتا نۇرغۇن بوۋاي-مومايلارنىڭ،ياشانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ<<ئۆلۈپ بېرىمەن،قاغىۋاتىمەن،بەرگەن سۈتۈمگە رازى ئەمەس...>>دەپ پەرزەنلىرىنىڭ ئوقۇش ۋە باشقا جەھەتلىردە بەختىگە ئولتۇرغانلىقىغا ئائىت مىسساللارنى ئۇچۇرىتىپ تۇرىمىز.بۈگۈنكى بىرقىسىم ياشلىرىمىزدىكى ئەخلاق بوزۇلۇشنىڭ باشلامچىللىرىمۇ ئەمىليەتتە قېرىلار،ئۇلار ئۆزلىرىنى<<ئاپاق ساقال ياش بالا>>چاغلاپ،كېيىنكىلەرگە-ياشلارغا خىلمۇ-خىل يامان ئىللەتلەرنى مىراس قالدۇرغان.ئەنە شۇلارنىڭ بىرى،بۇزۇقچىلىق،ھاراقكەشلىك،سېتىلمىلىق،قۇل مىجەزلىك، غالچىلىق،جان باقتىلىق،قورقۇنچاقلىق ۋە پىتنە-پاسات تارقىتىش.
جۇڭغارلارغا تۇرغاقلىقتا تۇرغان<<يۇرت ئاتىلىرى>>-خوجىلار،ئابدۇغۇپۇر شاپتۇل داموللام(جاللات شېڭ شېسەينى مۇھەممەد ئەلەيسىلامدىن كېيىنكى پەيغەمبەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئاتالمىش<<ئالتە بۈيۈك سىياسەت>> تەشۋىق قىلىشنى ۋەز-تەبلىغقە ئايلاندۇرغان شەخس)،ئابدۇكېرەمخان مەخسۇم(قانداقتۇر نامەلۇم خىزمەتلىرى بىلەن سىتالىن ۋە شېڭ شېسەينىڭ ئوردىن ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەخس)گە ئوخشاش بىر قاچا تاماق يىسە تويىدىغان قورسىقىنى-بۇرۇتىغا چاپلىشىپ قالغان چۆپنى دەپ پۈتۈن يۇرتنىڭ مەنپئەتىنى سېتىۋېتىدىغان مۆتىۋەر قېرىلىرىمىز بىزدە بەكمۇ كۆپ ئۆتكەن.
مۇھەممەت باغراشنىڭ<<كەلكۈن>>دېگەن پوۋىستىدا ھادى مەسچىتكە ماڭىدىغان يول ئۈستىدە ئاۋال ئاشخانا ئېچىپ،نەزىر ئۆتكۈزۈپ مانتا بىلەن قېرىلارنىڭ ئاغزىنى ياغلايدۇ،ئاندىن ياشلارنى ئۆگۈتۈپ،ھاراق سېتىش ۋە قىمار ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن پۈتۈن بىر يۇرت خەلقىنىڭ روھيىتىنى بۇلغايدۇ.
بىزنىڭ قېرىلىرمىز ھەرقانداق بىر ئادەم بولدۇم دېگۈچە خارلاپ،ئۇرۇپ،دەسسەپ-چەيلەپ،ئاخىردا<<ھېچقىسى يوق بوۋا،خاپا بولمىسىلا>>دەپ كۆزۈنىڭ يېشىنى سۈرتۈپ،تۆت تال سامسا ئېلىپ بەرسىلا<<ۋاي رەخمەت،ھەشقاللا!
...>>دەپ ئىككى پۈكلۈندىغان قېرى ئادەملەردور.ئۇلار ئۆيىدە ئالتۇن-كۆمۈش،پۇلى بولسىمۇ ئۇنى تامنىڭ تۆشۈكىگە تىقىپ قويۇپ،يۇندۇخور  ئىتتەك خەقنىڭ سەدىقىسىنى تەسىرلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئېلىشقا تولىمۇ ئامىراق.  
مەن قېرىلارنىڭ<<ئىگىلگەن باشنى قېلىچ كەسمەپتۇ>>،<<ئاكاڭ كىمنىى ئالسا،يەڭگەڭ شۇ>>،<<پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىنى ئاڭلىماق كېرەك>>،<<كۈن قاياقتىن چىقسا،شۇ ياققا قولۇڭلارنى قاقلاڭلار>>،<<ئىشەكنىڭ تېقىمىغا ئاپتاپ چۈشسىمۇ قولۇڭلارنى قاقلاڭلار>>،<<بېشىڭنى كىم سىلىسا،ماشايىخىڭ شۇ>>،<<تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاننىڭ پايدىسى يوق>>،<<خۇدايىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى بەرگەن>>...دېگەنگە ئوخشاش<<ھېكىمەتلىك سۆز>>لىرىنى كۆپ ئاڭلايمەن.
4
قۇملۇقتا قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن ھالەتتە جاھالەتتە ياشاۋاتقان ئەرەپلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىنكى گۈللىنىشى،يايلاقتا قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشاۋاتقان يېزىقسىز مۇڭغۇللارنىڭ  بىردىنلا دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى،قاراڭغۇ ئورمانلىقتا ياۋايى ئادەملەردەك ياشاۋاتقان روسلارنىڭ  بىردىنلا كۈچلۈك ئىمپىرىيە قۇرالىشى، يات ئەللەرنىڭ قاتمۇ قات ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان تۈركلەرنىڭ مۇستاپا كامالنىڭ يىتەكچىلىكىدە يېڭى،ھۆر جۇمھۇريەت قۇرالىشى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە مەۋجۇت بولالىشى،
ھېچنىمىسى يوق ۋەتەنسىز يەھۇدىلارنىڭ دۇنيا ئىقسادىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ قېلىشى،نەچچە يۈز يىل سەلتەنەت تەختىدىن ئايرىلغان خەنزۇلارنىڭ<<شىنخەي ئىنقىلابى>> ۋە<<4-ماي ۋەتەنپەرلىك ھەركىتى>>دىن كېيىن بىردىنلا جۇڭگودىكى سىياسەت بەلگۈلگىچىلەرگە ئايلىنىپ قېلىشى،نەچچە يۈز يىل جاھالەت ئۇيقۇسىدا  يېتىپ،بىردىنلا<<ئويغانغان زېمىن>>دىكى خەلقىمىزنىڭ 30-40- يىللاردىكى نىسبىي غەلبىسى ۋە بۈگۈنكى نىسبىي گۈللىنىشى ئەلۋەتتە نىسبىي ھالدىكى يېڭى مەدەنىيەتنىڭ،مەدەنىيەت ئۇيغىنىشنىڭ نەتىنجىسى.
بۈگۈنكى كۈندە ئامېركا ۋە ياپۇنيەنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،ھەربىي،مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشى،ئامېركىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالدى نەچچە يۈز،ئارقىسى نەچچە ئون يىل بولغان ئاققۇنلاردىن تەركىپ تاپقان يېڭى مەدەنيەتنىڭ ھامىيلىرىدىن بولغانلىقىدا.ياپونيەدىمۇ<<مېيجى يېڭىلققا كۆچۈش ھەركىتى>>نىڭ بولغانلىقىدىندور.ئوخشاشلا  تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا نىسبەتەن جەڭگىۋار،قارام،قورقماس بولۇشى،ئەركىن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنالىشى ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ جەنۇبتىن سۈرگۈن قىلىنىپ چىقىپ،يېڭى موھىتتا يېڭى مەدەنيەت ياراتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىدە.
5
<<يېڭى مەدەنىيەت>>دېگەن ئاتالغۇنى<<مەدەنيەتنىڭ يېڭىلىنىشى>> دېسەك بەكىرەك مۇۋاپىق بولغۇدەك
چۈنكى يېڭى مەدەنىيەت دېگەندە كۆپ ھاللاردا ئەسلىدىكى ئىسىل مەدەنيەتنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ،باشقىلارنىڭ مەدەيىتىنى يېڭى مەدەنىيەت دەپ قۇبۇل قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ قالىدىكەن.بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز ئەنئەنىۋىي مەدەيىتىمىزدىكى قالاق تەرەپلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ،ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان ماھيەتلىك،ئىلغار تەرەپلىرىنى-ئەسلى ھالىتىنى تېپىۋېلىشتور.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆتۈرۈلگەن جەدىتىزىم ھەرىكەتلىرى ۋە ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا ئىسلام مەدەنىيىتى چەمبىرىكىدىكى  ئەللەردە ياشلار ئارىسىدا پەيدا بولغان ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك ھەرىكەتلىرى،دەل ئىسلام مەدەنيىتىدىكى ئۆز- ئۆزىنى يېڭىلاش،ئەسلىگە قايتىش پائالىيەتلىرىدور.
بىزدە نەشىر قىلىنغان<<ئۆزلۈك ۋە كىملىك>>،<<تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ>>،<<بۆرە تۇتىم مەدەنىيىتى>>،
<<ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا>>،<<تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما>> ۋە<<چۈمبەلدىكى كۆز>>،<<دېڭىزدىكى كوچا>>...دېگەن كىتابلار دەل بىزنىڭ ھازىرقى قېرىۋاتقان، زەئىپلىشىۋاتقان مەدەنىيىتىمىزنى يېڭىلاشقا،بىزنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئۇنتۇلغان خاس مەدەنيىتىمىزنى قېزىشقا،تېپىۋېلىشقا ۋە ئەسلىمىزگە قايتىشقا دائىر مەزمونلاردىكى كىتابلاردور.
خۇددى سۇتۇق بۇغراخان،تېمۇچىن،ناپائىلۇن،مۇستاپا كامال،سۇن جۇڭسەن،ماۋزېدۇڭ،گېتلىر...ۋە 4-ماي ھەركىتىدىكى ياشلارغا ئوخشاش ھەرقانداق بىر ئەلدە يېڭى مەدەنيەتنىڭ ياكى مەدەنيەتتىكى يېڭىلىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاكتىپلىرى،يولباشچىلىرى كۆپ ھاللاردا قېنى قىزىپ تۇرغان ياشلاردور.
شۇنداق،ياشلار ھەمىشە خاتالىقتىن خالىي بولالمايدىغان،يىتەكلەشكە،تەربىيلەشكە ئېھتىياجلىق تەنتەكلەردىن 
بولسىمۇ،ئەمما ئۇلار مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى،ئىجاتچانلىقىنى ئۇرغۇتىدىغان،يېڭى مەدەنيەتنىڭ ھامىيلىرى بولمىش ئاۋانگارت قوشۇندور.كۆپ ھاللاردا بىر ئەلدە ياشلار سانىنىڭ بىردىنلا كۆپۈيۈپ كېتىشى،شۇ ئەلدە بىر قېتىملىق يېڭى مەدەنيەت ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
21-ئەسىر،يەنى 1976- يىلدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلار ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىنكى بىر مەزگىل مېنىڭچە، ئۇيغۇرجەمئىيىتىگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق يېڭى مەدەنيەت ئۇيغىنىش دەۋرى بولۇپ قالغۇسى!
[ kichikoghulتەرىپىدىن2011-09-18 20:39قايتا تەھرىرلە ]
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1017
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1017دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1293 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1293
توردا: 126(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-03-22
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-18 21:27

ماقالىنىڭ بىر ،ئىككى ئىغىز يەرلىرىنى تۇتىۋىلىپ ئەدەپلەشكە يۈزلەنمەي راۋىرۇس ئىنكاس يازىدىغان ئەسەركەن !
ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 151
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
تۆھپىسى: 14
پۇلى: 324 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 28
ياخشى باھا: 184
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2013-05-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 00:52

بۇ ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى مۇنازىرە ئېلىپ بارسا بولغىدەك .قەلمىڭىزگە رەخمەت .مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ۋە يېڭىلىنىشى ھەققىدە يەنى بىر ئەتىراپلىق ئىزدىنىپ .بۇ ماقالىنى بىر مەتپۇئاتقا بېرىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن .
دوستلىشىش
مېھرىگىياھ
ئىنسانلار ئۇرۇق-تۇغقان، ئۇيغۇرلار بىر تۇغقان.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 300
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە300دانە
تۆھپىسى: 56
پۇلى: 566 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 72
ياخشى باھا: 376
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2013-05-25
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 11:31

تېما ياخشى تاللانغان، مەسىلىمۇ خىلى ئوبدان يورىتىپ بېرىلگەن. بىراق بەزى رادىكال قاراشلار تېما ئىگىسىنى مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەش يولىدىكى نىشانىدىن ئاداشتۇرۇپ قويغانمۇ قانداق؟

«تۆت تال سامسا ئېلىپ بەرسىلا<<ۋاي رەخمەت،ھەشقاللا!
...>>دەپ ئىككى پۈكلۈندىغان قېرى ئادەملەردور.»
يۇقارقى جۈملىدىكى قېرىلار بىر پۈتۈن مىللەت «قېرى» لىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغان، زۇلۇم ۋە نامراتلىق دەستىدىن ئۆز غورۇرىنى ۋە ئار-نومۇسىنى يوقاتقان ئاز سانلىق كىشىلەردۇر. يەنە كىلىپ بۇنداقلار ھەر قايسى ياشتىكىلەر ئىچىدە ئوخشاشلا مەۋجۇت. قېرىلاردا ئېغىر دىيىلگەن ھالەتتىمۇ، ئۇلارنىڭ ياشلاردەك ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك ئېھتىياجىدىن چىقالمىغان ئاجىز تەرەپلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

بىز تۇرمۇشتا نۇرغۇن بوۋاي-مومايلارنىڭ،ياشانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ<<ئۆلۈپ بېرىمەن،قاغىۋاتىمەن،بەرگەن سۈتۈمگە رازى ئەمەس...>>
بىز تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ۋاپاسىز، كۈيۈمسىز بولۇپ قالسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىنسابىغا دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى، خۇدانىڭ مەغپىرىتىنى سوراۋاتقانلىقىنى ھەم كۆرىمىز. بالىلىرىنى تۇغۇپ-ئۆستۈرگىنىگە مىننەت قىلىدىغان، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قەرىزدار ساناپ، ئۆزىگە چۇقۇم جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار ناھايىتى ئاز سانلىق دەپ ئويلايمەن.

مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ئادەمنىڭ قېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بەلكى بىزنىڭ ئېتىقادىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى، مەدەنىيەت ئاجىزلاشسا، ئېتىقاد بۇزۇلغىنىدەك؛ ئېتىقاد بۇزۇلسىمۇ مەدەنىيەت چىكىنىدۇ. مېنىڭچە مۇشۇنداق.
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 646
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
تۆھپىسى: 114
پۇلى: 994 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 174
ياخشى باھا: 890
توردا: 321(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-05-08
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 14:49

گەرچە يازمىڭزدا يېڭى مەدەنىيەت ئويغۇنىشنى تەششەببۇس قىلىپ تەرەققىياتقا ماس كىلدىغان يېڭى جەمئىيەتنى چىقىش نۇقتا قىلىپ يازغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما ياشانغانلارغا نىسبەتەن بىر تەرەپلىمە قارشىڭىز بەك ئېغىر كەن. سىز ئېيتىپ ئۆتكەن(بۇزۇقچىلىق،ھاراقكەشلىك،سېتىلمىلىق،قۇل مىجەزلىك، غالچىلىق،جان باقتىلىق،قورقۇنچاقلىق ۋە پىتنە-پاسات تارقىتىش. ) قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا ياشانغانلاردا بۇلۇشى ناتايىن، شۇنداق بۇلۇپ قېلىشمۇ، ئۇلارنىڭ تەربىيە ئالغان ۋە چوڭ بولغان مۇھىتغا مۇناسىۋەتلىك ئىش. تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى مۇشۇنداقلا تېز بولسا، سىزنىڭمۇ مەدەنىيەت قارشىڭىزنىڭ 50ياكى60 يىللاردىن كىينكى ياشلارغا خوپ كىلىشى ناتايىن. چوڭلار بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتىن پەرىق بۇلۇشى تەبئىي، ئۇلاردا پەقەت يۇقارقىدەك ئىللەت كۆرۈلمىسلا ئۇلار بىلەن كىلشىشكە بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستگە ئۇيغۇرلار چوڭلارنى بەك ھۆرمەت قىلدۇ ، ئۇلارنى مۇنداق بىر تاياق  بىلەنلا ھەممىسگە تىل تەگكۇزسەك بولمايدۇ.
[ ئۈمىديارتەرىپىدىن2011-09-19 22:55قايتا تەھرىرلەندى ]
ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-20 17:45

-يۇقارقىدەك يوللۇق تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئويلۇشۇپ كۆرۈپ مەزكۇر ئەسىرىڭىزنى تېخىمۇ پىشىقلاپ كۆرۈشۈڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن... دەسلاپكى ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1017
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1017دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1293 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1293
توردا: 126(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-03-22
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-20 18:20

شامال ئەپەندىم باشقىلارنىڭ تەسۋىرلىگىنىنى ،ئىزاھلاپ بەرمەي سىزمۇ پېكىرىڭىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقمامسىز ؟ 
[ يۇرتۇغتەرىپىدىن2011-09-21 00:05قايتا تەھرىرلەندى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
تۆھپىسى: 48
پۇلى: 252 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 67
ياخشى باھا: 127
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2013-05-21
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-20 22:04

بارلىق تورداشلارنىڭ پىكىرىنى قۇبۇل قىلىمەن. بولۇپمۇ توردىشمىز مېھىرگىياھنىڭ      
....مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ئادەمنىڭ قېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بەلكى بىزنىڭ ئېتىقادىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى، مەدەنىيەت ئاجىزلاشسا، ئېتىقاد بۇزۇلغىنىدەك؛ ئېتىقاد بۇزۇلسىمۇ مەدەنىيەت چىكىنىدۇ. مېنىڭچە مۇشۇنداق.... دېگەن پىكىرىنى تولۇق قۇبۇل قىلىىمەن.ماقالەمدە تېمىدىن  قېيىپ چەتنەپ كەتكەن جايلار ھەقىقەتەن كۆپكەن.  مېنىڭچىمۇ مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ئادەمنىڭ قېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز  
ئەمما قېرى ئادەملەردە بەكرەك ياكى كۆپرەك ئىپادىلىنىدۇ دەپ قارايمەن.
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1017
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1017دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1293 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1293
توردا: 126(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-03-22
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-20 23:11

ئۆزىنى تۇنۇغانلىق ئاز ساندا ئۇچىرايدىغان مەردانىلىق ، ماقالىڭىزنى تۇنجى ئۇقۇپ چىققاندىن كېيىن شەخسەن ماڭا ۋە مەندەك ئويدىكى تورداشلارنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلايدىغان ئەسەركەن دېگەن نوقتىغا يىغىلغانتىم .
...........................................................................................................
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1017
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1017دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1293 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1293
توردا: 126(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-03-22
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-20 23:59

ئىشلىتىش
引用第7楼kichikoghul于2011-09-20 22:04发表的 :
بارلىق تورداشلارنىڭ پىكىرىنى قۇبۇل قىلىمەن. بولۇپمۇ توردىشمىز مېھىرگىياھنىڭ      
....مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ئادەمنىڭ قېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بەلكى بىزنىڭ ئېتىقادىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى، مەدەنىيەت ئاجىزلاشسا، ئېتىقاد بۇزۇلغىنىدەك؛ ئېتىقاد بۇزۇلسىمۇ مەدەنىيەت چىكىنىدۇ. مېنىڭچە مۇشۇنداق.... دېگەن پىكىرىنى تولۇق قۇبۇل قىلىىمەن.ماقالەمدە تېمىدىن  قېيىپ چەتنەپ كەتكەن جايلار ھەقىقەتەن كۆپكەن.  مېنىڭچىمۇ مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ئادەمنىڭ قېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز  
ئەمما قېرى ئادەملەردە بەكرەك ياكى كۆپرەك ئىپادىلىنىدۇ دەپ قارايمەن.

مەن مەدىنىيەتنىڭ قىرىشى ئادەمنىڭ قىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن . 11-ئەسىردىكى ھالىتىمىزنىڭ يۇۇقىلىشى  مەدەنيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، مەدەنىيەت مەۋھۇم ئۇقۇم ئادەم رىئاللىق ، مېھىرگىياھنىڭ  دېمەكچى بولغىنى؛؛؛   ئەجدادلىرىنىڭ مەدەنىيەتكە تۇيۇنغان ھوشيارلىقىنىڭ، يۇقىلىۋتقانلىقىغا ئچى پۇشقان ئوخشايدۇ؟. توغرا ئىتقادقمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمما ئىتقاد مەدەنىيەتنىڭ ئالدىدا ئادەمدە ئىتقاد بۇزۇلسا مەدەنىيەت غورايدۇ . ئىتقادنى نوقۇل دىننىي چۇقۇنىش دىيىش خاتا قاراشتۇر ، ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن دەل-دەرەختىن تارتىپ ھايۋانلارغىچە ئاسمانجىسىملىرىدىن ئاي ،كۈن ، يۇلتۇز قاتارلىقلارغا ئىتقاد قىلغان يەنى خۇداسى شۇ بولغان دىيىش تۇلىمۇ نادانلىقتۇر . ئۇلار ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى ئىدىيسى بىلەن ئۇلارنىڭ كەم -كۇتىسىزئاي ،يۇلتۇز،بۆرە ، دەل -دەرەخ..... لەرنىڭ  مۇجىزىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشقان ۋە بىلگەن ... ھىممىمىزگە ئايان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا تا ھازىرغىچە بۆرىنى چوڭ  بىلىدۇ ؛بالا ،ئۇغۇل تۇغۇلسا بۆرىگە ، قىز تۇغۇلسا ئايغا ئوخشىتىدۇ ،  بۇ ئىشلارنى قانداقتۇر خۇداسىنى ئىزدەش بولماستىن بەلكى خۇدانى تۇنۇپ بولغاندىن كېيىنكى تەبىئەت ھادسىسلىرىگە ئۇنىڭ تاشيىندىن ئاسمان جىسىملىرىغا نەزەر سىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۆرنىكى قىلشقان ،دۇنيادا ئاينى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرمۇ مىللەت بولماسلىقى مۇمكىن ،كۈن ئىككى سائەت تۇتۇلۇپ قالسا قانچىلىك دىمىمىز سىقىلىدۇ ، بۇ توغرىسىدىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك كىتاۋى "قۇرئان"نىڭ ھېكىمەتكە تۇيۇنغان بەتلىرىدە قەدەمدە بىر ئۇچىرايدۇ ...تەپەككۇرسىز ئىنسان قانداقمۇ خۇداسىنى تۇنىسۇن ،پەيخەمبىرىمىز ھىرا غارىدا 6ئاي تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئىرىشكەن ، ئىنسان ئەسلى بىر دىندا ئىدى كېيىن ئۇلارنىڭ چەتنىشى بىلەن ئارلىق يىراقلاشتى ھەر كىم ئۆز خاھىشى بىلەن ياشايدىغان زامانغا دۈچ كەلدى . لېكىن ئۇلارنىڭ ئىديىسىگە ئۆزگەرمىگەن  پەقەت ئالەمگە باشقىچە نەزەربىلەن  قارىغۇچىلار يەنى بىلىمدارلار، ئەسلى دىندا ئاتاقتا ساقلىنىپ قالغانلار تەرپىدىن لەقەم قۇيۇلدى ،نۇرغۇن مىللەتلەر تەدرىجى "كاپىر" لىق قالپىقىنى كىيىۋالدى . بۇ ئىشلار تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ئەۋلاتلارنىمۇ زەھەرلىدى .
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز بىز شۇنداق ھېكىمەتلىرىمىزدىن يىراق بولغاچ دوستقا قۇيۇن ،دۈشمەنگە ئۇيۇن قىلىپ بىرىۋاتىمىزمۇ يە ؟ تارىخنى ئۇنتۇش ئۆزلىكىنى ئۇنتۇش بىلەن بارەۋەر! تارىخنى يۇمشاق فورمىلاغا سېلىۋىلىش مىللەت ،ئەجداد خائىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي .