خەلقنىڭ روھى
نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز
بىزنىڭ مىللى ئەنئەنمىزدە بىر ئىنساننىڭ ياخشى ياكى يامانلىقى ، ئۇنىڭ ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن قانداق قۇربانلارنى بەرگەنلىكى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ .خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەۋلاتلىرىغا خەلقنى سۆيۈش تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشنى مۇھىم ئىش ئورنىدا تۇتقان .بىز بۇخىل روھنى خەلقىمىز ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن‹‹ئەل كۆكلىسە ئەر كۆكلەر .››، ‹‹ئەلنىڭ غېمى ئەلدە .›› ، ‹‹ئەلنىڭ قاغىشى ئوق .›› قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ھېكىمەتلىك ماقال ـ تەمسىللەردىن ئېنىق كۆرىۋالالايمىز . ئەجداتلىرىمىز يۇقىرقىلارغا ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان ھېكىمەتلىك قارشلىرىدا ، ئادىمىلىكنىڭ ئۆلچىمنىڭ ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى ، ئەل بەختىنى ئويلاش ھەر بىر ئەرنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ . بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن چۆچەكلىرىمىزدە ۋە رۋايەتلىرىمىزدە بايان قىلىنغان ۋەقەلەردە، ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەر مەدىھلىنىپ ، ئۇلارنىڭ ئىش ـ ئىزلىرى كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئەخلاقى ئۈلگە قىلىنغان . مەسىلەن ، خەلقىمىز قەدرىلەپ كېلىۋاتقان ‹‹باتۇر شىراق ››(1) رۋايىتىدە ئاددى چوپان شىراقنىڭ ئۆز خەلقنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ، تاجاۋۇزچى ياۋ ئەسكەرلىرىنى ئالداپ ، ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ۋەتەن ـ خەلقىگە بەخت يارتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن . بۇ رۋايەتتە بايان قىلىنغان شىراقنىڭ ئەلنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆز ھاياتنى قۇربان قىلىشى، شۇنداقلا دۇشمەن ئالدىدىكى باتۇرلىقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەلنىڭ بەختنى ھەممىدىن ئەلا دەپ قارايدىغان روھى خىسلىتىنىڭ ئىسپاتى ھەم بۇخىل ئالىي جاناپلىقنىڭ سەنئەت نوقتىسدا تۇرپ ئىپادىلىنىشىدۇر .
خەلقىمىزنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئەل بەختىنى شەخسىنىڭ بەختىدىن ئۈستۇن ئورۇنغا قويىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك روھى .بىرقىسىم شەرقنىڭ قەدىمقى دەۋرلىردە ئۆتكەن دانالىرىنىڭ بەگ ـ خانلارغا چوقۇنۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ياشايدىغان ئىنسان تەبىيئىتىگە زېت قاراشلىردىن ،شۇنداقلا بىرقىسىم غەرپ دانالىرىنىڭ شەخس مەركەزچىلىك قارشىدىن پەرقلىنىدۇ ھەم ئۇلاردىن زور دەرجىدە ئىلغارلىققا ئىگە . بىرقىسىم قەدىمقى دەۋىرلەردە ئۆتكەن شەرقىنىڭ ئۇلىمالىرى، زېھىنىنى ئەلنى ئىدارەقىلىشقا قارتىپ ،ئۇلارنى بەختىگە ئېرشتۇرىدىغان يول ئۈستىدە ئىزدىنىشكە سەل قارىغان .مەسىلەن ،ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان :‹‹پۇقرالارنىڭ كۆزىنى ئاچماي ئۇلارنى نادان ھالەتتە قالدۇرۇش كېرەك .›› ،‹‹رەھىمدىللىك ۋە ئىنساپنى تەرىك ئېتىش ، ئەگىرى قول بۇلۇش .›› ،‹‹پۇقۇرا دىگەن ئۇچار –قانات ۋە ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ ،پەزىلەت بىلەن ئەمەس زورلۇق بىلەن ئىش كۆرۈش .››(2)... قاتارلىق قاراشلار بۇنىڭ دەلىلىدۇر .غەرپلىك بىر قىسىم ئەدىپلەر شەخسنىڭ خوشاللىقىنى خەلقنىڭ بەختىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ھەتتا خەلقنىڭ مەۋجۇتلىقنى ئىتراپ قىلمىغان . ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان :‹‹ساپ ھاۋا يىيىشنى خالىساڭ قارا خەلقنىڭ ئارسىغا بارمىغىن .››(3) ،‹‹ خەلق مەڭگۈ بەختنى ئارمان قىلىدۇ .لېكىن ئۇ نېمنىڭ ھەقىقى بەخت ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ .›› (4)قاتارلىق قاراشلار بۇنىڭ دەلىلىدۇر .
ئەمىلىيەتتە خەلق ھاياتلىقنىڭ نۇرغۇن جاپا – مۇشاقەتلىرىنى تارتىقۇچىقلاردۇر . خەلق مەرت كېلىدۇ ، شۇڭا ئۇ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ كەلدى .خەلق ھەقىقەتنى سۆيىدۇ ، شۇڭا ئۇ تارىختا تالاي ئىنقىلاپلارنى ئېلىپ بارغان .خەلق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلاپ ۋە ئۇنى داۋام قىلىپ كېلۋاتقان غەزنە . ئۇلار قوينىدىن داڭلىق شەخسلەر ۋە كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان چۆچەك ۋە ئاجايىپ رۋايەتلەر توغۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشكلىرىگە قۇلۇپ سېلىنمىغان ،چۈنكى ئۇلار گۇمانخور ئەمەس .قۇرئاندىكى نۇرغۇنلىغان قىسسەلەردە ئاللانىڭ نۇرغۇن ـ نۇرغۇن قەۋۇملەرگە ئۈزلدۈرمەي پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ ، ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقارغانلىقى ، يەنى ھەقىقەتكە يېتەكلىگنلىكى بايان قىلنغان .
خەلق بىرقىسىملار ئېيتقاندەك، دۆت ۋە چېچلاڭغۇ پادا ئەمەس .ئۇلار ھەر بىر دەۋىرنى ھەركەتلەندۈرۋاتقان روھ .چۈنكى خەلقسىز ھارقانداق خانلىق ۋە دەۋىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ . بىز ئازاپنى كۆرۈپ ئارقىمىزغا چېكىنگەندە ،خەلق ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىدۇ . بىزنىڭ كىتابلىرىمىزنى تالىشىپ ئوقۇغانلار ۋە ئۇنى قەدىرلەپ ساقلىغانلار يەنىلا خەلق . بىزنىڭ ئامانلىقىمزنى تىلىگەنلەر ۋە بىز ئۆلسەك تاۋۇتىمىزنى كۆتەرگەنلەر يەنىلا خەلق .خەلق دېڭىز بولسا بىز ئۇنىڭ قوينىدىكى بىر تامچە . دېڭىز بولغاندىلا نۇرغۇن تامچىلەر مەۋجۇت بۇلالايدۇ .خەلق دىمەك بىزنىڭ روھىمىز . ئۇلار كۈلسە ئالەم كۈلىدۇ ،ئۇلار يىغلىسا ئالەم يىغلايدۇ .
(1) ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئەپسانە ـ رۋايەتلىرى ››، 127ـ بەت .
(2)‹‹جۇڭگو پەلسەپە تارىخى ›› ،42ـ بەت
(3) ‹‹مەبۇتلارنىڭ زاۋالى ››(نىچشى ) ، 72ـ بەت
(4)‹‹روسسۇ ھېكىمەتلىرى ››( خەنزۇچە ) ، 1991-يىل ،گەنسۇ نەشىرياتى ، 46ـ بەت .
[ قىرىمتەرىپىدىن2011-09-20 01:47قايتا تەھرىرلەندى ]