قازان بېشىدىن يىراق - بەخىتتىن يىراق
ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۆجەيرىسى، كۆڭۈللىك ئائىلە موھىتىنى يارىتىش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ كاپالىتى. بازار ئىگىلىگى دەۋرىدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى، تۇرمۇشنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن، نۇرغۇن قولايلىق شارائىتلارغا ئېرىشكەن بولساقمۇ، ھايات قاينىمىدا يەنە نۇرغۇن خىرىسلارغىمۇ ئۇچراۋاتىمىز. ئەلبەتتە ھەر قانداق ياخشى يامان ئىشنىڭ, بولۇپمۇ يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىگىنىمىز ناھايىتى ئاقىلانىلىكتۇر. ئۇنداقتا دېققىتىمىزنى ئۆزىمىزگە ئاغدۇرۇپ كۆرەيلى......
مۇشۇ كۈنلەردە بىر نەچچە ئادەم يىغىلغان سورۇنلارغا بارساق، جەمئىيەتتىكى قىززىق نوقتا پاراڭلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ قالمىز. بولۇپمۇ ھەممىمىزنىڭ دېققىتىنى قوزغايدىغان، ياشلار ئىچىدىكى ئاجرىشىش نىسپىتىنىڭ پەۋقۇلادا يوقۇرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەتا ئون ئادەم توي قىلسا يەتتىسىنىڭ ئۆي بولالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز ناھايىتى يېرىم بولىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان نۇرغۇن سەۋەپلەر بولىشى مۇمكىن. ئەمما بەزى سەۋەپلەرگە ئۆزىمىزمۇ سەۋەپ بولۇپ قالىمىز ئەلبەتتە. ئەڭ ئاددى مىسال: ئائىلىدە تاماق ئەتمەسلىك.... مىسال ئاددى بولغىنى بىلەن مېنىڭچە بۇ ئاددى مەسىلە بولماي بەلكى ئائىلە مۇناسىۋېتىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى موھىم ئامىللارنىڭ ئاساسى بولۇپ قېلشىمۇ مۇمكىن. ئۇيغۇر ئاياللىرى، يەنى ئەجداتلىرىمىز ئەزەلدىن تاماق ئېتىشكە ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن قاراپ كەلگەن، تاماققا ئۇستا ئاياللار ئالاھىدە تەرىپلەنگەن، ھەم شۇنداقلا «ئايال كىشى دەستىخاندىن ئىززەت تاپىدۇ» دېگەندەك ئېسىل ماقالە تەمسىللارنىمۇ بىزگە قالدۇرغان. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان دەستىخان ئاساسلىق مىھمانلارنى ئېسىل تائاملار، خۇش چىرايلار بىلەن كۈتۈشكە قارىتىلغان. شۇڭا تاماق ئېتىشكە ئۇستا بولۇشمۇ مۇكەممەل ئايال بولۇشتىكى موھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىناتاتتى. بۇ شەرتنىڭ ھازىرمۇ ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى، جەمئىيەتنىڭ يوشۇرۇن تەققەزاسى. ئائىلىدە تاماق ئېتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك موھىم ئەھمىيىتى بار. بىرىنچىدىن: ئائىلىدە تاماق ئەتكەندە، ئائىلە ئەزالىرى تاماق يىيىش مۇناسىۋېتى بىلەن، ئائىلىگە دېگەن قەرەلدە جەم بولىدۇ. ئائىلىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن: ئائىلىدە تاماق ئېتىش جەريانىدا، ئالدىراش بولغىنىمىز ئۈچۈن ئەر- ئايال ئىككى تەرەپ قول- قولچە ھەمكارلىشىپ، بىر- بىرىگە بولغان مىھرى- مۇھەببەت چوڭقۇرلىشىدۇ. چۈنكى مۇھەببەت باغلاش باغچىلاردا، كوچىلاردا، رېستىرانلاردا، ياكى تېز تاماقخانىلاردىلا، قەھۋەخانىلاردىلا بولماي، بەلكى ئاشخانا يەنى قازان بېشىدىمۇ ئاجايىپ چوڭقۇر مۇھەببەتلەر پەيدا بولىدۇ. مۇتەخەسسىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇھەببەت ئاشخانىدىن باشلىنىدۇ. ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ قىلىش نىكاھ ۋە ئائىلىگە نىسپەتەن جىنسى تۇرمۇشتىنمۇ موھىم. ئەر- ئايالنىڭ ئاشخانىدا بىللە تۇرغان ۋاقتى ھەرقانداق ۋاقتىدىنمۇ موھىم دەپ قارالغان. ئۈچۈنچىدىن: ئۆيدە تاماق ئەتسىڭىز، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن سىرتتا باشقىلار بىلەن تاماق يىيىش پۇرسىتى ئاز بولىدۇ، ئەر- ئايالنىڭ ئۇچرۇشۇش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. كۈندە ئۆيگە تاماق يىيىش ئۈچۈن كېلىشى تەكرارلانغانسېرى بۇ بىر قىلمىسا بولمايدىغان موھىم ئىشلار قاتارىدا ئادەتكە ئايلىنىدۇ. تۆتىنچىدىن: ئائىلىدە تاماق ئاتكەندە ئۆيدە بىر خىل ئىللىقلىق پەيدا بولىدۇ، تاماق ئەتمىگەن ئۆي، ھەرقانچە ئايۋان ساراي بولغان تەغدىردىمۇ، كىشىگە بوران چىققاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، تاماق ئېتىلمىگەن ئۆي يولدىشىڭىزغىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلمايدۇ. چۈنكى ئەرلەر قۇرساققا ئامىراق بولىدۇ. بولۇپمۇ ياخشى كۆرگەن مەخپوبىسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تامىغىدىن ئالەمچە سۈيىنىدۇ. تاماق ئەتمەيدىغان ئۆينىڭ بەركىتىمۇ بولمايدۇ. دېمەك ئۆيىڭىزدە تاماق ئەتمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى سەل چاغلىماڭ. يېڭى توي قىلغان ۋاقتىڭىزدا مۇھەببەتنىڭ كۈچى، رومانتېك تۇيغۇ، بەزى بىر ئاجىزلىقلانى قوغداپ قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتىىشىگە ئەگىشىپ، رىياللىققا قايتىپ كېلىسىز، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى پائالىيەتلەر ئائىلىدە بولىدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ موھىم ماددى تەلەپلەرنىڭ بىرسى ئائىلىسىدە ئاغزىغا تېتىغىدەك تاماق يېيىشتۇر. ئەلۋبەتتە بۇ ماددى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر، بۇ يەردە بولۇپمۇ بىز ئاياللارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئايال بولغان ئىكەنمىز، خىزمەت ئورنىمىزنىڭ قانچىلىك يوقىرى بولىشى ياكى خىزمىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ئالدىراش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر تاماق ئېتىشتە بىز چوقۇم باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك. ئائىلىدە تاماق ئېتىش ئادەتكە ئايلانغاندىن كېيىن ئەگەر سىز خىزمەتتە پەۋقۇلادە ئالدىراش ۋاقىتلىرىڭىزدا بۇ ئادەتكە ئايلانغان زۆرىرىيەت يۈزىسىدىن، يولدىشىڭىزمۇ بۇ موھىم ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ. ئاياللارنىڭ موھىم ھوقوقى بولغان ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن شارايىت بار بولغان ئەھۋالدا ھەرگىز باش تارتماڭ، شۇ ئوخشىغان تاماقلارمۇ يولدىشىڭىزنى ئۆز ئۆيىگە مەھلىيا قىلىدۇ. ئائىلە تۇرمۇشىڭىزغا رەڭ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىڭىز ئۈچۈن بولمىسىڭىز بولمايدىغان ئەلمىساقتىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن موھىم ئەزالىق رولىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز، ئۇنداق بولمىغاندا ، سىزنىڭ ئۇ ئۆيدە بولۇش بولماسلىقىڭىز، ئۆزىنىڭ ئۆيگە ۋاقتىدا كېلىش- كەلمەسلىكى ئادەتتىكىلا ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئەتكەن مېزىلىك تاماقلىرىڭىزنى يىيىش ئۈچۈن كۈندە ئۆيگە كېلىپ ئادەتلەنمىگەن كۆڭلىدە قالغىدەك مىزىلىك تاماقنى سىز ئۇنىڭغا ئىتىپ بېرەلمىگەن، ھە دىسىلا تېز تاماقخانىلاردا تاماق يېيىشكە كۆندۈرگەن، ئۇ ئويلاپ باقسا ئانىسىنىڭ ھېلىقى ئوخشىغان تاماقلىرى، كۈندە سەھەر تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرى، ئانىسىنىڭ ئاتىسىغا قىلىدىغان غەمخورلۇقلىرى، ئاتىسىنىڭ ئانىسىغا قىلىدىغان غەمخورلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ، داستىخاننى سېلىپ چىرايلىق ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىغا كىلىپ، سىزدىن ئاستا – ئاستا قۇسۇر ئزدەشكە باشلايدۇ، بۇ چاغ سىزنىڭ تولىمۇ كېچىككەن ۋاقتىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇ قۇسۇر ئىزدىگەندىن كېيىن سىزمۇ جىم تۇرمايسىز ئەلبەتتە، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوغاق ئۇرۇشنىڭ دەستىدىن، مۇزلىغان كۆڭۈللەرنى ئىللىتالماي، مۇھەببەتىڭىز كىردىسكە ئۇچراپ، ھېسياتتا پارچىلىنىش بولۇپ، سىزگە تارتىشقىدەك بىرەر تەرەپىڭىزنى تاپالمىغان ئېرىڭىزنىڭ سىزنى تاشلاپ كېتىشىتىكى بىمەنا سەۋەپلىرىنى كۈچەيتىشكە سەۋەپچى بولۇپ قالىسىز. «مۇزمۇ بىر كۈندە قاتمايدۇ».
سىلەر توي قىلىپلا سىرتتا تاماق يىيىشكە ياكى ھەرئىكىڭلار ئاتا- ئاناڭلارنىڭ ئۆيىدە تاماق يىيىشكە ئادەتلەندىڭلار يەنى ، يولدۇشىڭىزمۇ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يېيىشكە ئادەتلىنىدۇ، سىزمۇ ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يىيىشكە ئادەتلىنىسىز. ئەلبەتتە ئاش قالمايسىلەر، ئاتا- ئانا بولغۇچىمۇ سىلەرگە بىر قاچا تاماق بېرىشكە ھەرگىزمۇ قۇرسىغى ئاغرىمايدۇ. بىراق قېيىن ئاپىڭىز سىزنىڭ ئوغلىغا ئاش ئېتىپ بەرمەيدىغانلىغىڭىزدىن بىر كۈنلەرگە بېرىپ ئاغرىنىشى مۇمكىن، ئېرىڭىز دەسلىۋىدە سىزنى قوغدىغان بولسىمۇ ئەمەلىي پاكىت ئالدىدا ھامان ئاجىزلىق قىلىدۇ. بىزدە « لىدىن چىقما، خاندىن قورۇقما» دېگەن سۆز بار. ئايال بولغان ئىكەنمىز،ئۆزىمىزنىڭ ئاياللىق مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۆتەشتىن باش تارتماسلىقىمىز تولىمۇ زۆرۈر. ھازىر ئائىلىدە ئاش ئەتمەسلىك، ياكى ئائىلە ئىشلىرىنى مۇكەممەل قىلمالماسلىقتەك ئەھۋاللارغا، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىر بولىشى، رىقابەتنىڭ كۈچلىك بولىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈرتكە بولىشى مۇمكىن، بىراق ئۆز بەختىمىز ئۈچۈن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت موھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چوقۇم چىقالايسىز ھەمدە يولدىشىڭىزغا ئائىلىڭىزغا بولغان ساداقىتىڭىزنى ئەمەلىي ھەركىتىڭىز بىلەن نامايەن قىلالايسىز. تۇرمۇش رېتىمى تېزلىشىۋاتقان، خىزمەتتىكى رىقابەت كۈچۈيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەلبەتتە ئائىلىدە تاماق ئېتىش نوقۇل ھالدا ئاياللارنىڭلا ۋەزىپىسى بولماي زۆرۆر بولغاندا ئەرلەرنىڭمۇ قازان بېشىغا تەڭ ئۆتىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ چىۋەر ئاياللىرىمىز شارائىت بارلا بولغان ئەھۋالدا، ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىسىن ئۆزى چىقالايدۇ. ئەقىللىق ئەرلىرىمىزنۇ، ئۆزىنىڭ قازان بېشىغا، ئۆي ئىشلىرىغا يېقىن كېلىشىنىڭ ئەرلىك جاسارىتىگە نۇخسان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. دېمەك ئەر- ئايال بىر بىرىنى ھۆرمەت قىلسىلا، ئائىلە ئىشلىرىنى ناھايىتى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۇنتۇپ قالمايلى!!!تاماق ئېتىش ئەمەلىيەتتىمۇ بىر كۆڭۈللىك ئىش، بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن تولىمۇ ھوزۇر بېغىلشلايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىڭىز ئويلىمىغان خۇشھاللىقلارغا ئېرىشىش، بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ئۆيدە تاماق ئەتمەيدۇ، قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ دېگەندەك بىر توقاي باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ، سىزدىن قۇسۇر ئىزدىشىگە شۇنداقلا، سىزنى تاشلاش ئۈچۈن سەۋەپ قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. شۇڭا تېز تاماقخانىلاردىن يىراق تۇرۇڭ، قازانبېشىغا يېقىن بولۇڭ، شۇندىلا ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان بەختىڭىزگە ئاساس سالالايسىز. يەنە بىر موھىم تەرىپى، ئائىلىدە تاماق ئېتىش ئارقىلىق، ئائىلە تائاملىرىنى ئەۋلاددىن- ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرالايسىز. بۇ مېنىڭچە ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىمىز بولسا كېرەك.
2008- يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئۈرۈمچىدە يېزىلدى
نەۋرىزە
[ ئەلتېكىنتەرىپىدىن2011-09-20 23:15قايتا تەھرىرلەندى ]