ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 494 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يۈز تۇرانە ئىمتىھان
دوستلىشىش
ئايبەرچىن
مەزمونسىز مىليون يىل ئۆتكەن ئۆمۈردىن، مىڭ ئەلا د ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 956
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 35
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە35دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 83 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 53
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-09-12
ئاخىرقى: 2012-02-12
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-20 22:42

يۈز تۇرانە ئىمتىھان

ئونۋىرستىتنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى. ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن، ئەمگەك كۈچى بايلىقى بۆلىمى بۇ ياشنى باش دىرىكتور بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش ئىمتىھانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. باش دېرىكتور بۇ ياشنىڭ ماتىرىيالىنى كۆرىۋېتىپ ئۇنىڭ باشلانغۇچتىن تارتىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەرگىچە بولغان ھەرقايسى پەن نەتىجىلىرىنىڭ خېلى يامان ئەمەسلىكىنى كۆردى.
باش دېرىكتور:
- ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باققانمۇ؟- دەپ سورىدى.
يىگىت:
- ياق.
- ئۇنداق بولسا ئوقۇش پۇلىنى دادىڭىز تۆلىگەنمىدى؟- دەپ سورىدى دېرىكتور.
- ياق،- دىدى يىگىت،- دادام بىر ياش چېغىمدا ئالەمدىن ئۆتكەن، مېنى ئانام بېقىپ چوڭ قىلغان.
- ئانىڭىز نېمە خىزمەت قىلىدۇ؟
- ئۇ باشقىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ پۇل تاپىدۇ،- دىدى يىگىت.
باش دېرىكتور يىگىتكە قوللىرىنى سۇنۇشقا بۇيرىدى، ئۇنىڭ قوللىرى ئاق ھەم يۇمشاق ئىدى. دېرىكتور:
-سىز ئانىڭىزغا ياردەملىشىپ كىر يۇيۇپ باقمىغانمۇ؟-دەپ سورىدى.
يىگىت:
- ياق، ئانام دائىم مېنى ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما، زىھنىڭنى چاچماي ياخشى ئۆگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرنى مەن سەندىن تېز يۇيىمەن دەيتتى.
«مۇنداق دەڭ...» دېرىكتور سەل ئويلانغاندىن كېيىن:
- مېنىڭ كىچىككىنە بىر تەلىپىم بار، بۈگۈن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئانىڭىزنىڭ قوللىرىنى يۇيۇپ قويۇڭ، ئەتە چۈشتىن بۇرۇن كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈڭ،- دىدى.
دىرىكتورنىڭ تەلىپى يىگىتكە بىر ئاز غەلىتە تۇيۇلغان بولسىمۇ، ئۆزىنى خىزمەتكە قۇبۇل قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ دەپ قارىغاچقا، ئۆيگە قايتىپ بېرىپلا ئانىسىنىڭ قولىنى يۇيۇپ قويماقچى بولدى. ئانا ئۆز ئوغلىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا ئۈمىد بارلىقىنى ئاڭلاپ، خوشال ھالدا بىر جۈپ قولىنى ئوغلىغا سۇندى.
يىگىت ئانىنىڭ قوللىرىغا ئۇزۇن قارىدى، كۆزلىرىدىن بولسا ياش ئىختىيارسىز قۇيۇلۇشقا باشلىدى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئانىسىنىڭ قوللىرىغا قارىشى ئىدى. بۇ قوللار شۇنچىلىك يىرىك، يېرىلىپ ھەتتا قاداق بېسىپ كەتكەن ئىدى. يىگىتنىڭ يۈرىكى تارتىشقاندەك بولدى.
ئۇ شۇندىلا ھەممىنى چۈشەندى، مانا مۇشۇ بىر جۈپ يىرىك، قوپال قول ئۇنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئوقۇش پۇلىنى تاپقان قوللار، مانا بۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر نەتىجە بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا تىگىشىلىپ كەتكەن قوللار ئىدى. ئانىسىنىڭ قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، يىگىت ئاستاغىنا چىقىپ تېخى يۇيۇپ بولۇنمىغان كىيىملەرنى يۇيىۋەتتى. كەچتە ئانا- بالا خېلى ئۇزۇنغىچە مۇڭدىشىپ چىقتى، يىگىت ئانىسىنىڭ ئون نەچچە يىللاردىن بويانقى دەرد- ئەلەملىرىنى تۇنجى قېتىم چوڭقۇر چۈشەندى.
ئىككىنچى كۈنى يىگىت باش دىرىكتور ئىشخانىسىغا بىۋاستە كىرىپ كەلدى. دىرىكتور يىگىتنىڭ كۆزلىرىدە ئەگىپ قالغان ياشلىرىغا دىققەت قىلىپ قالدى ۋە:
- تۈنۈگۈن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن نىمىلەرنى قىلغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرەمسىز؟- دىدى.
- ئانامنىڭ قولىنى يۇيۇپ قويدۇم، ئاندىن يۇيۇلمىغان كىرلارنى يۇيىۋەتتىم.
- قانداق ھىسياتتا بولدىڭىز؟
يىگىتنىڭ كۆزىدىن بىر خىل كەسكىنلىك چىقىپ تۇراتتى، ئۇ تولىمۇ سەمىمىلىك بىلەن:
- بىرىنچىدىن، مەن مىننەتدارلىقنى ئۆگىنىۋىلىشم كېرەك، ئانام بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈممۇ بولمىغان بولاتتى. ئىككىنچىدىن، ئانامنىڭ قوللىرىنى ۋە كىرلارنى يۇيۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كۈنلىرىنىڭ قانچىلىك جاپا-مۇشەققەتتە ئۆتكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئۈچۈنچىدىن، مەن چوقۇم ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى توغرا تونۇپ، قەدىرلەيمەن.
بۇلارنى ئاڭلىغان باش دېرىكتور ئىنتايىن خوشال بولدى ۋە شۇنداق دىدى:
- مانا بۇ شىركىتىمىزنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملارغا بولغان تەلىپى، ئۇزۇندىن بىر باشقۇرغۇچى خادىم قۇبۇل قىلىش ئويىمىز بار ئىدى، ئۇ شۇنداق باشقۇرغۇچى بولىشى كېرەك ئىدىكى، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مىننەتدار بولىشى، خىزمەتچىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشى، مال-دۇنيانى تۇرمۇشتىكى بىردىنبىر نىشانى قىلىۋالماسلىقى كېرەك. مانا ئەمدى بۇ باشقۇرغۇچىنى تېپىۋالدىم، سىز قۇبۇل قىلىندىڭىز.

مەنبە: «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى
دوستلىشىش
ئەلتېكىن
ھەممىگە توۋا ...
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 49
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 363
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە363دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 472 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 101
ياخشى باھا: 467
توردا: 128(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-03-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-21 09:58

ئىھتىياج كۆپ نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
    ئەگەر دېرىكتور شۇ تەلەپنى قويمىسا بەلكىم ئۇ يىگىت يەنىلا ئەسلى ئادىمىيلىكى بىلەن ياشىشى مۇمكىن ئىدى. ئادەمنى سىرتقى دۇنيا تەربىيىلەيدۇ، جەمئىيەت تەسىر قىلىدۇ. يەنە بىر قارىسام بۇ ھىكايە  <قازانغا يولۇقساڭ قارىسى> دېگەن سۆزنىڭ ئىجابى مەنىسىنى بەرگەندەك قىلىدۇ.
    تېما ئىگىسى ، تەرجىمانغا رەھمەت!
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى قورققىنى ئەمەس._ ئەلتېكىن

بارلىق مۇناسىۋەتلەر ماددىنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان ئىكەن...
دوستلىشىش
پالۋانجان
سادىر پالۋان
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 312
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 128
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە128دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 236 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 109
ياخشى باھا: 236
توردا: 25(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-05
ئاخىرقى: 2012-02-14
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-21 11:49

ئەجەپ مەنىلىك تېمىكىنا. بىر ئۆمۇر ئاتا-ئانىمىزنىڭ قولىغا قاراپ باقماي ئۇ دۇنياغا ماڭار چېغىدا «ئۈچۇق يۇزىنى كۆرىۋالدىم»دىگەنلىرىمىزگە مىڭ لەنەت. رەخمەت سىزگە.
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 674
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە674دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 866 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 866
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-12
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-21 14:45

ئىشلىتىش
引用第2楼پالۋانجان于2011-09-21 11:49发表的 :
ئەجەپ مەنىلىك تېمىكىنا. بىر ئۆمۇر ئاتا-ئانىمىزنىڭ قولىغا قاراپ باقماي ئۇ دۇنياغا ماڭار چېغىدا «ئۈچۇق يۇزىنى كۆرىۋالدىم»دىگەنلىرىمىزگە مىڭ لەنەت. رەخمەت سىزگە.

دۇئا بىلەن كوپايىلىنىدىغانلارچۇ تېخى
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-21 17:38

-يۇقارقى يۈز تۇرا تەنقىدلەرمۇ جايىدا بولۇپتۇ...ئەسەرنى ئانا تىلىمىزغا ئاغدۇرغۇچىغا كۆپ رەھمەت.
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 142
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە142دانە
تۆھپىسى: 12
پۇلى: 166 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 24
ياخشى باھا: 166
توردا: 37(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-03-11
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-23 21:49

تېما ئگىسىگە كۆپ تەشەككۈر ، ھەقىقەتەن مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن .
كۆل بىلگە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 231
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 28 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 28
توردا: 11(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-22
ئاخىرقى: 2012-03-08
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-24 16:42

ئېسىل تېما ئىكەن، تېما ئىگىسىگە رەخمەت !