‹‹شىۋىرغان›› مەھلەـئالمىزار ماكان
ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى
بۈگۈنكى ھەممىدە ‹‹ئادەمنى ئاساس›› قىلىش ئىدىيىسى تەكىتلىنىۋاتقان چوڭ -ياخشى ۋەزىيەت ئاستىدا،كىشلىرىمىز قەلبىدە ۋەتەننى سۆيۈش،يۇرت-مەھلىسىنى سۆيۈش قىزغىنلىقى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە.
دېمەك،يۇقۇرقىدەك قايناق روھى كەيپىيات ئەۋجىگە چىققان پەيىتلەردە،ئەينى ‹‹شىۋىرغان›› مەھلىدىن ئىبارەت بۇ باغۇ-بوستانلىق ماكاننى بەرپا قىلىپ،بورتالا شەھرىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ئاتا-بوۋۇللىرىمىزنى چوڭقۇر ھۆرمەن بىلەن ئەسلىمەي تۇرالمايمىز.چۈنكى شۇ مەزگىلدىكى ئاتا-بوۋىللىرىمىزنىڭ ھاياتقا تۇتقان بوزۇتسىيىسى،قىممەت قارىشى،ئەمگەكچان خاراكتىرى،يۇرت-مەھلىگە بولغان ئوتتەك مۇھاببىتى بىلەن بىرقاتار ئېسىل خىسلەتلىرى بىزگە ئەينى دەۋرىدىن ئۇچۇر بېرىپلا قالماي،بۈگۈنكى ئەۋلاتلارغا ئۈلگە بولالىغىدەك ساۋاقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.ئەمىلىيەتتە،بىزگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ماددى ۋە مەنىۋى كۈچلەر ناھيىتىمۇ كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى پايدىلىق بولسا بەزىلىرى ئۈلگىلىكتۇر.ئەلبەتتە،بىز شۇخىل ئۈلگىلىك كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە ھاياتلىق پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز.چۈنكى بىروۋنىڭ ھاياتقا تۇتقان بوزۇتسىيىسى،ئىش-ھەركىتى ۋە ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن ئۇنىڭ روھى كۈچىنىڭ قايسى دەرجىدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.روھ بولسا روھى كۈچنىڭ مەنبەسىدۇر.دەل بىزنىڭ ‹‹شىۋىرغان›› مەھلىدە ياشاب ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان ئاتا-بوۋىللىرىمىز بىز تەكىتلەۋاتقان يۇقارقىدەك روھى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان قەيسەر،جاسارەتلىك كىشلەردىن بولغاچقا بىزنىڭ قەلىب تۆرىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە ۋە ئەسلەنمەكتە،ياد ئېتىلمەكتە...بۇ بىزدىكى ساپ ئېتىقاد بولۇپ بىزنىڭ روھىيىتىمىزدىكى ئالاھىدە بىرخىل ئىقتىدار.بۇ خۇددى ئاتا-بوۋىللىرىمىزنىڭ روھىدەك كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئەبىدىل-ئەبەد ھەمرا بولۇپ تۇرىدۇ.
ئومۇمەن،تۆۋەندە ‹‹شىۋىرغان›، مەھلە ھەققىدە قىسقىچە ئىزھات بېرىپ ئۆتىمىز؛ بۇ مەھلە بورتالا شەھىرى مەركىزىنىڭ شەرىقىغە 500 مېتىر سوزۇلغان كەڭلىگى 15ـ14 مېتىر كىلىدىغان،يەر شەكلى شەرىقى جەنۇبقا قىيپاش يانتۇلۇق ساياز كوچىنى كۆرسىتىدۇ.جەنۇبىدا؛ سۈيى ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان ‹‹چوڭ ئۆستەڭ›› كوچىنىڭ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان جەنۇپتىن شەرىقى شىمالغا ئاقىدىغان ‹‹كۆك ئوستەڭ›› دىن ئىبارەت ئىككى ئېقىن بولغاچقا،كۈز ۋە قىش پەسىللىرى ئەتتىگىنى شەرىقتىن،كەچلىگى غەرىپتىن ئادەمنىڭ يۈزىگە نەشتەردەك ئۇرۇپ تۇرىدىغان ئاچچىق شامىلى بار بۇ جاينى ئاتىلار كىنايە قىلىپ ‹‹شىۋىرغان›› دەپ ئاتاشقانىكەن.ئەقىللىق بوۋىللىرىمىز بۇ ‹‹شىۋىرغان››نىڭ
ئاچچىقىنى بۇ كوچىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان يۇقارقى سۈيى ئەلۋەك ئۆستەڭنىڭ ئىككى ساھىلىغا باغۇ-بوستان بەرپا قىلىش ئارقىلىقلا ‹‹ يۇۋاشلىتىش›› پىلانىنى تۈزۈشۈپ،ئىلىدىن ھەر تۈرلۈك مېۋە كۆچەتلىرىنى ئەكىلىپ جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق ‹‹شىۋىرغان›› مەھلىنىڭ جەنۇبىغا 400 مو ،شىمالىغا 70 مولۇق مېۋىلىك باغ ۋە 30 مولۇق قويۇق رېسى تېرەكلىك بوستانلىقنى بەرپا قىلغان.‹ بىز كىچىك ۋاقلىرىمىزدا مۇشۇ قويۇق رېسى تېرەكلىكنىڭ ئۈستىدە يەرگە چۈشۈپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن ئۇ شاختىن،بۇ شاخققا يامىشىپ،بۇ بېشىدىن،ئۇ بېشىغا ئۆتۈشۈپ ئوينىغان ئىدۇق› ‹‹ شىۋىرغان›› مەھلىگە تۇنجى نۆۋەت [ 1900-يىللار] تام سوقۇپ قورو-جاي سالغان ئاتىلىرىمىز تۆۋەندىكىلەر؛ ساۋۇت كۆنچى،روزى كۆنچى،باتۇكام چال،ئۇزۇن ئەمەت،تۇدى موزدوز،سايىم چال،ياسىن چاققان،مېھمان مامۇت،رېھىم مامۇت،زىنناخۇن چال،ھوشۇ تەڭلە،ھاپىزاخۇن چال...قاتارلىقلار بولۇپ،بۇ سايازلىقنىڭ ‹‹شىۋىرغان›› مەھلە بولۇپ ئاتىلىشى شۇنداقلا بۇلبۇل-كاككۇكلارنىڭ جەننىتى بولغان ئاۋات مەھلە بولۇشىغا تۇنجى يول ئاچقۇقىلاردۇر...
‹‹شىۋىرغان›› مەھلىنىڭ كېيىنكى ئالمىزار ماكان بولىشىغا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلغان ئاتىلار؛ مامۇت ھارۋىكەش،پەنچى قۇۋان،ھاپىزاخۇن چال،موللىئابلا،ئىسرائىل ئىمىن،ئىسمائىل ئىمىن،تۇرۇپاخۇن چال،قېيىماخۇن، كىچىكئاخۇن،ئابدىكېرىم ھوشۇر،ياقۇبچان،مۇساجان ۋە ئابدىرىشىت قاسساب...لاردۇر. بۇ مھتىرەملىرىمىز ‹‹ شىۋىرغان›، مەھلىنىڭلا ئەمەس بەلكى بورتالا شەھىرىنىڭ باغۋەنچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ داڭلىق تۆھپىكارلىرىدۇر.دېمەك،يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن باشقا جايلاردىن كىشلەرنىڭ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى نەتىجىسىدە؛‹‹شىۋىرغان›› مەھلە 80 دىن ئارتۇق ئائىلە ئولتۇراقلاشقان باغۇ-بوستانلىق گۇجۇم ماكانغا ئايلانغان.جۈملىدىن بۇ مەھلىنىڭ ئەنە شۇنداق ئالمىزار ماكانغا ئايلىنىشى شۇنداقلا ماددى ۋە مەنىۋىي ھاياتىنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشلىك يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان مۇھتىرەم ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ نام-شەرىپىنى مۇشۇ مىنۇتلاردا پەخرىلىك ھېسيات،چوڭقۇر مۇھاببەت بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى ئۆزىمىزگە شەرەپ ۋە بەخىت -دەپ بىلىمىز.
بۇ مەھلىدە ياشاپ بورتالا شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان مەرھۇملىرىمىز؛ داۋۇت ھاجى، يۈسۈپ نەقى ئەپەندى،ئوبۇل قاسىم بانكا،قاسىمجان رادىئوچى،مامۇت باقى،ئەيساخان ئىسمائىل،مەمەت نادىر،نىزامىدىن پوچتىكەش،نۇرمۇھەممەت سايىم،ئەخمەد شائىر،شىرئەلى ئىسمائىل،مەھمۇت نۇراخۇن...قاتارلىقلاردۇر.‹ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن›. ھۆنەرۋەن-كاسىپلار؛ نۇراخۇن قاسساپ،ھېلاخۇن تامچى،ئەيسىراخۇن ناۋاي،مەمەت موزدۇز،ئەمزە تۆمۈرچى،بەكراخۇن سەيپۇڭ،بارات سەتىراش،تۇدى قاسساپ،نىياز قاسساپ،مامۇت قارى سەيپۇڭ...قاتارلىقلار.‹ ئاللا بۇلارغا رەھمەت قىلسۇن›. ھازىر ھايات مۇھتىرەملىرىمىز؛ مەھمەت رېھىم،ياقۇپ سەپەر،ئىسلام پوچتىكەش،باقى شامى،ئىسمائىل ئابلىز قارى،ئابدۇرىشىت تۇراپ،نۇرمۇھەممەت سارمۇسا،سەيپىدىن سادىق،ئىسمائىل جۇڭياڭ،قۇناخۇن شوپۇر،ھابىلجان مامۇت،ھەزرېتىلى ياسىن،ئىمام مېھمان،ئابدۇۋېلى روسۇل،غوپۇر قادىر،مىتەللىپ ئىسلام،ياسىنجان ئوبۇلقاسىم،يۈسۈپ نىياز،كېرىمھاجى ياسىن،روزاخۇن ساۋۇت،ئابدىكىرىم ئەيسا،ئوبۇل ھاپىز،ئابلىمىت ھېلاخۇن،ئابلەت ھېلاخۇن،مىجىت ئابلىز ئىسرائىل ئابلىز،ئالىم نىزام، ئالىم نۇرمۇھەممەت، ئىلھام نۇرمەمەت،ئابلەت مەمەترېھىم ، كۈرەش مەمەترېھىم،دىلشات ئەيسا،خال ئەيسا، ئابلىمىت ئەيسا،دىلشات مامۇت، ئەكبەر مامۇت ھوبۇق مەنسۇر دىلشات ئىسمائىل، ئىمام ئىسمائىل،كامىل ئابدۇكېرىم غوپۇر ئابدىكېرىم ،ئەمەتجان ئابدېكېرىم،ئابلەكى ئابدۇرشىت، روسۇل ئابدىرىشىت،نۇرمۇھەممەت مېھمان،جېرىنتا سەمپىل، نايىنتا سەمپىل ‹موڭغۇل›...قاتارلىقلار .
قېرىنداشلار نەزمىسى
قولغا ئالدىم قەلەمنى ئاتالارنى ئەسلەي -دەپ،
ئۇلار باسقان ئىزلارنى تارىخ قىلىپ يازاي -دەپ.
شۇ گۈزەللىك خاتىردىن،ئېلھام ئېلىپ ھەممىمىز،
ئۇيۇل تاشتەك ئۇيۇشۇپ تۈزەيلى بىر ئېسىل سەپ.
‹‹شىۋىرغان››نى ئەسلىسەك،دەۋرەپ كەلدى يېشىللق،
تە بۈگۈنچە رەنجى يوق،دەۋام ئەتتى ئىناقلىق.
زەبەردەست-ئوغۇل-قىز،كۈلۈپ كەلدى بۇ باغدىن،
بىر-بىرىدىن ئۇز شۇنچە،چېھرىدە بار ئىللىقلىق.
قىلسۇن داۋام بۇ شادلىق،قەدىردانىم قەلىبداش،
گۈللەپ-روناق تاپايلى بىز ھەممىمىز دەۋىرداش.
مۈشكۈللەرنى يېڭەيلى دادىل ئالغا ئىلگىرلەپ،
ئۇنۇتمايلى‹‹شىۋىرغان››نى بىز ئەبەتلىك قېرىنداش؟!
بىزنىڭ خۇلاسىمىز شۇكى،ئانا يۇرت ۋەتەننىڭ لېۋى،سەن ۋەتەننى سۆيمەك بولساڭ ئالدى بىلەن ئانا يۇرتنى ۋە مەھلەڭنى سۆي!بۇ سۆيۈش كونكىرىت بولىدۇ،سېنىڭ ئانا يۇرت ئۈچۈن تۆككەن ھەربىر تامچە قان-تەرلىرىڭ ۋە قىلغان ياخشىلىقلىرىڭ ھەممىسى ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر.چۈنكى،ۋەتەنپەرۋەرلىك بىر ئادەمنىڭ شۇنداقلا ئىجتىمائىي توپنىڭ ئورتاق بولغان ئەققەلىۋىي ھېسياتىدۇر،خالاس.
قىستۇرما؛ -بۇ ئالمىزار مەھلە 1991-يىلىدىكى ئىسلاھات-ئېچىۋىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرۈتكۈسىدە،ئۆز باغرىنى ئىگىز-ئىگىز بىنالار،كەڭ-كەڭ ئاسفالىت يوللارغا ۋە قايناق كەچلىك بازارلارغا بوشاتقان .ھازىر توپتوغرا 20 يىل بولدى...
ئىزدىنىش دائىرەم چەكلىك،سەۋيەم چولتا بولغانلىقتىن مەلۇم سەۋەنلەر بولىشى تەبئىي،تولۇقلىما پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
-شەھىرى بورتالادا يېزىۋېتىلدى.20011.5.2