ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 579 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قايغۇنىڭ دوستى
دوستلىشىش
ئايبەرچىن
مەزمونسىز مىليون يىل ئۆتكەن ئۆمۈردىن، مىڭ ئەلا د ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 956
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 35
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە35دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 83 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 53
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-09-12
ئاخىرقى: 2012-02-12
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-22 17:25

قايغۇنىڭ دوستى

خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقان ئىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا كىچىك قىزلارغا خاس ياشلىق كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن. ئۇ تۇيۇقسىز ئۆز ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ، يىگىت ھەم ئورۇق، ھەم پاكار ئىكەن. موماي بەللىرىنى ئىگىپ بوشقىنا ئاۋازدا:
- سىز كىم؟- دەپ سوراپتۇ.
جۇشقۇنلۇقتىن ئەسەرمۇ يوق، ھارغىنلىقتا گۆمۈشتەكلا بولۇپ قالغان يىگىت:
- مەن... مەن قايغۇ،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئارانلا ئاڭلانغۇدەك ھالدا.
-ھە قايغۇ دىگەن سەن ئىكەنسەن-دە،- دەپتۇ موماي خۇددى كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان دوستىنى كۆرگەندەك.
- مېنى تونۇمسىز؟- قايغۇ سەل ھەيران بوپتۇ.
- ئەلۋەتتە تونۇيمەن. يول بويى ئەتراپىمدا ماڭا ھەمرا بولۇپ كەلدىڭ.
- بىراق،- دەپتۇ قايغۇ بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي،- سىز نىمىشقا مەندىن ئايرىلمىدىڭىز؟ ئەجىبا قورقمىدىڭىزمۇ؟
- قەدىرلىكىم، نىمىشقا سەندىن ئايرىلغۇدەكمەن. سەن ئۆزۈڭنى ئەڭ چۈشىنىسەن، سېنىڭدىن قۇتۇلۇپ كەتمەكچى بولغانلارنى قوغلاپ يۈرىسەن. ئەمما سېنىڭدىن سورايدىغىنىم، سەن نىمىشقا قايغۇرۇپلا يۈرىسەن؟،- دەپ سوراپتۇ موماي.
- چۈنكى مېنىڭ ئىسمىم قايغۇ،- قايغۇنىڭ كارنىيى يىرتىلىپ كەتكىلى تاس قاپتۇ. موماي ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ:
- قېنى ئېيتقىنا، سېنى ئازاپلاۋاتقان زادى قانداق نەرسە؟- دەپ سوراپتۇ.
قايغۇ چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن، كۆڭلىدە « ئەجىبا راستىنلا بىرەرى مېنىڭ يۈرەك سۆزۈمنى ئاڭلىغۇسى بارمىدۇ» دەپ ئويلاپتۇ، ئۇ بۇنداق پەيتنىڭ كېلىشىنى كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان ئىكەن.
- سىز بىلىسىز،- دەپ سۆزىنى باشلاپتۇ قايغۇ ھەم دىلىغۇل ھەم ھەيران بولغان ھالدا،- ئەمەلىيەتتە مېنى ھىچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ، مانا بۇ مېنىڭ قىسمىتىم بولسا كېرەك. مەن كىشىلەر ئالدىدا شۇنداقلا پەيدا بولسام ئۇلار مەندىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچىدۇ.
قايغۇ يىغلاپ تۇرۇپ دەردىنى تۆككىلى تۇرۇپتۇ.
-كىشىلەر مېنى چەتكە قېقىپلا تۇرىدۇ. مەسىلەن، «بىلجىرلىما، مەن ئازراقمۇ قايغۇرمىدىم، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم ۋە شاد-خوراملىققا تولغان» دىيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ساختا كۈلكىسىدە يۈزلىرىمۇ تارتىشىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلەر «ماختاشلار بىزنى تېخىمۇ غەيرەتلىك قىلىدۇ» دىيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئازاپلانغانلىقىدىن نەپەس ئېلىشىمۇ تەسكە توختاۋاتقان بولىدۇ. يەنە بەزىلەر «ئاجىزلارلا كۆز يېشى قىلىدۇ، كۆز يېشى قىلمايمەن» دىيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مېڭىسى چارچاپ ئېتىلىپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ. يەنە بەزىلەر ئىسپىرت ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر بىلەن ئۆزىنى مەست قىلىۋېلىپ مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى ھىس قىلماسلىققا ئۇرىنىدۇ.
-شۇنداق،-دەپتۇ موماي ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاپ،- ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق كىشىلەرنى كۆرگەن.
قايغۇ تېخىمۇ قايغۇرۇشقا باشلاپتۇ.
- ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كىشىلەرگە ياردەم بەرگۈم كېلىدۇ، ئۆزىگە توغرا قارايدىغان كىشىلەرگە يېقىنلاشقىنىمدا ئۇلار ئۈچۈن پاناھ جاي تېپىپ بېرىپ، شۇ يەردە يارىسىنى داۋالىسا دەيمەن. قايغۇرۇپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ تېرىسى نىپىز ھەم يۇمران بولىدۇ، يارىنىڭ ۋاقتى ئۇزارغانسېرى ئۇ ئاسان پۈتمەي، ئادەمنى تېخىمۇ نابوت قىلىدۇ. ئەمما كىممۇ ئۆز-ئۆزىگە توغرا قارىيالايدۇ؟ كىشىلەر مېنىڭ ياردەم قىلىشىمنى خالىمايدۇ، ئۇلارنى قەيسەر قىلىشقا ئۇرۇنسام، ئۇنىڭ ئورنىغا يالغان كۈلكىلىرى بىلەن ئۆز يارىسىنى يوشۇرىشىدۇ ياكى تولىمۇ ئېغىر ھەم قېلىن دۇبۇلغا-ساۋۇت كىيىشۋالىدۇ.
بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن، قايغۇنىڭ يىغىسى بارغانچە كۈچىيىپ، ئاخىرى ئەسەبىيلىشىپ كېتىپتۇ.
موماي ئۇنى قۇچاقلىغىنىچە باش-كۆزلىرىنى سىلاشقا باشلاپتۇ ۋە:
- يىغلىۋال قايغۇ، پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋال،-دەپتۇ مۇلايىم ھالدا، ئاندىن،- ئازراق ئارام ئېلىۋالغىن، تازا كۈچ يىغمىساڭ بولمايدۇ. ھازىردىن باشلاپ يالغۇز سەپەر قىلمايسەن، مانا مەن ساڭا ھەمرا بولىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۈمۈدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك سېنى كونترول قىلالمايدۇ،-دەپتۇ.
قايغۇ يىغىدىن توختاپ يېنىدىكى يېڭى ھەمرايىغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:
- رەھمەت سىزگە، بىراق ئۆزىڭىز كىم؟- دەپ سوراپتۇ.
- مەن؟- موماي چىرايىدىكى كۈلكىنى قىلچە يوشۇرماي ،- مېنىڭ ئىسمىم ئۈمىد، قايغۇغا توغرا قارىغان، ئۈمىدۋار كىشىلەرلا داغدام يولدا تېخىمۇ يىراققا بارالايدۇ،- دەپتۇ.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1271 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1271
توردا: 123(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-04
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-23 15:32

كىلە قايغۇ راستىنلا ياردەم قىلالىساڭ ...
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
تۆھپىسى: 25
پۇلى: 320 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 320
توردا: 66(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-11-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-23 21:29

قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ...
دوستلىشىش
مۇخلىسە
ئى ئاللا بىزنىڭ گۇناھلىرمىزنى كەچۈرگىن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 943
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 40 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 40
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-09-09
ئاخىرقى: 2011-10-17
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 23:36

رەخمەت ھارمىغايسىز ! داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى يۇللاپ تۇراسىز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1629
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
تۆھپىسى: 9
پۇلى: 30 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 18
ياخشى باھا: 30
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-04-02
ئاخىرقى: 2012-04-02
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-02 17:15

咨询热线:136-82363426 【 贺生 】腾 讯QQ:4632-72156【 验证】【 付款 】本信息长期有效136-82363426贺生【 发 票 】【付款】住宿 , 酒店,增值税, 餐饮 ,商业 ,,工业,  发 票 太原无锡,苏州,南京,杭州,济南,青岛,厦门,开 发 票 泉州 发 票 开,广州,深圳,东莞,中山,佛山 发 票 开,惠州,武汉,长沙,西安,重庆,成都,南昌开 发 票 等城市 发 票 ,开 发 票 ,本公司实力雄厚,有着良好的社会关系,136-82363426贺生【贺生】腾讯QQ:4632-72156
了解财税法律法规,实行规范管理及严格履行的保密制度。136-82363426贺生【贺生】腾讯QQ:4632-72156
专业从事财务办理、税务办理、财税咨询和工商办理等业务的专业机构。与全国多家公司有着密切的业务联系 136-82363426贺生【贺生】腾讯QQ:4632-72156
,可以为企业单位办理:财务、税务及相关信息咨询,包括、商品销售 发 票 、建筑工程 发 票 、运输 发 票 、
广告 发 票 、服务 发 票 等,公司成立多年一直坚持以“诚则兴”为中心,立足于市场之中。
本公司郑重承诺提供咨询及服务绝对真实可靠,欢迎合作136-82363426贺生【贺生】腾讯QQ:4632-72156
业务项目:136-82363426贺生【贺生】腾讯QQ:4632-72156
1、办理记帐、补帐、补办北京 发 票 、旧帐整理、建立( 发 票 )咨询。
2、办理纳税申报、税务登记、变更、注销、北京 发 票 领购、税收筹划、税务咨询。
3、办为制作涉税文书,办理记帐,办理北京 发 票 管理,为申请一般纳税人认定。
4、办理减、免、退税申请报批,提供税收咨询。136-82363426贺生【贺生】腾讯QQ:4632-72156
5、办理生产企业的免抵退税和外贸企业的出口退税业务。
6、开展税务审计,协助税收策划,担任常年税务顾问。
一: 专用 发 票 、海关专用缴款书.136-82363426贺生【贺生】腾讯QQ:4632-72156
  二: 普通国 发 票 : 1:商品销售; 2:货物统一销售; 3:工业(企业)销售;
  三:普通地 发 票 : 1:运输(电脑版运输,货运开,国际运输,装卸,联运,海运),
2:其它服务(广告费,住宿费,会议费,定额餐饮,咨询费等) , 3:建筑安装, 4:加工修理,
5:其它租赁,行政事业专用,机动车销售,房地产交易,废旧物资回收,税务)等专用 发 票 。
所有 发 票 据均可在贵司当地税务局验证抵扣,(可上网查,也可拿到税务局查验,
全国各地均可开 发 票 ! 如贵公司有 发 票 务金面的需求,欢迎来电或留言咨询.我们会在第一时间回复您!!
,实行规范管理及严格履行的保密制度。专业从事财务办理、税务办理、
财税咨询和工商办理等业务的专业机构。与全国多家公司有着密切的业务联系,
可以为企业单位办理:财务、税务及相关信息咨询,包括、商品销售 发 票 、
建筑工程 发 票 、运输 发 票 、广告 发 票 、服务 发 票 等,公司成立多年一直坚持以
“诚则兴”为中心,立足于市场之中。本公司郑重承诺提供咨询及服务绝对真实可靠,欢迎合作。
联系电话:136-82363426贺生【贺生】腾讯QQ:4632-72156
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-02 17:52

داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى يۇللاپ تۇراسىز.
خەلقېم مەن بىلەن