بىر بۇلاق قۇرىدى كۆز قارچۇقۇمدا
ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى
قىل كەبى تولغۇنۇپ تۈزىمەن مىسرا،
چۈنكى سەن قۇرىدىڭ كۆز قارچۇقۇمدا.
ئاتىلىپ كەلگەنتىڭ «مارجانبۇلاق»دەپ،
سەكپارە ئەيلىدىڭ غايىپ بوپ مانا.
چولپانغا تەققاس سەن شۇنچىلىك زىلال،
بويلىرىڭ چىمەنزار،لېۋىڭ تۆت- قۇلاق .
دۈم ئىچەتتىم قانماي سۈيۈڭگە،
ئىدىڭ سەن ئاجايىپ شىپالىق بۇلاق.
ھەر نۆۋەت يانغاندا تۇپراق بېشىدىن،
كۆزۈمگە سۈرتەتتىم سۈيۈڭنى سېنىڭ.
ھە بۈگۈن بويۇڭدىن ئۆتكەندە چاڭقاپ،
خۇش جامال ئاچمىدى چېھرىڭ.
بوپ تەشنا قەترەڭگە چاڭقىغان چاغدا،
ئەڭلىڭنى گەج باغلاپ تۇرۇپسەن تەنھا.
قالمىغاچ كۆكسۈڭدە ئازراقمۇ نەملىك،
ھەتتاكى قۇشلارمۇ قاپتۇ پىغاندا.
روھىمغا تىغ ئۇردى قاغجىراپ بۇ ھال،
كۆزۈمدە ئوت يانار يۈرەكتە يالقۇن.
كەلگەچكە دېۋەيلەپ«؟»ھەسسىلەپ،
قەلبىمدە بىر ئېقىن كۆتەردى شاۋقۇن.
خوشلاشتىم سەن بىلەن ئۈنسىز-تىۋىشسىز،
ئېتىلگەن كۆزلىرىڭ نادان قوللاردا.
ساقىغان يۇلتۇزنى ئەسلىتىپ گويا،
ئارمانلار قالدى ئاھ ئىزدەك يوللاردا.