ئادەملەر
پىلنى كۆرسە قىلدەك بولۇر بەزىلەر.
قىلنى كۆرسە شىردەك بولۇر بەزىلەر.
نەپ ئالدىدا نەيرەڭلىرى تۈلكىدەك،
نەپ بەرمىسەڭ چۆلدە قويۇر بەزىلەر.
پەزىلەتنى بايلىق بىلسە بەزىلەر،
پەسكەشلىككە چوڭقۇر پاتار بەزىلەر.
سېتىپ ۋىجدان-غورورىنى دائىما،
تۇيۇق يولنى داۋام قىلار بەزىلەر.
ئار-نومۇسنى ۋىجدانىنى يوقاتماي،
ئەل-يۇرت ئۈچۈن كۆيۈپ ياشار بەزىلەر.
ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپلا بىر ئۆمۈر،
ئەلدىن چەتنەپ يولدىن ئازار بەزىلەر.
ۋىجدان بىلەن ئۆتسە ھايات مەنىلىك،
ئەجرى گۈلدەك ياشناپ كۈلەر ئادەملەر.
نۇرلار چاچسا خىسلىتىڭ ھەم ھىممىتىڭ،
چىن ھۆرمەتتە ھامان سۆيەر ئادەملەر.
( بورتالا ئوبلاسلىق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەنزىرە )
[ ئىمرانتەرىپىدىن2011-09-29 10:03قايتا تەھرىرلەندى ]