تۈركى تىل ئائىلىسىگە تەۋە مىللەتلەر تۆۋەندىكىلەر :
1 . تۈرۈكلەر — دۆلەت تەۋەلىكى تۇركىيە ، بۇلغارىيە ، گىرمانىيە ، ئېراق ، سۇرىيە ، سىپىرۇس ، ئامىرىكا ، روسىيە ، كانادا ، ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقىدىكى ھەرقايسى جومھۇرىيەتلەرگە كەڭ تارقالغان .
جەمئىي نوپۇسى 60 مىللىيوندىن ئاشىدۇ .
2. ئۆزبىكلەر — دۆلەت تەۋەلىكى ئۆزبىكىستان، قازاقستان ،تاجىكىستان ، تۈركمەنىستان ، روسىيە ، ئافغانىستان ، جوڭگۇ ۋە ياۋرۇپا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلارغا كەڭ تارقالغان . جەمئىي نوپۇسى 33 مىللىيون ئەتىراپىدا .
3. ئەزەرلەر — دۆلەت تەۋەلىكى ئىران ، ئەزەربەيجان ، تۈركىيە ، روسىيە ، قازاقىستان، ئامىرىكا ، كانادا ، ياۋرۇپا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلار . جەمئىي نوپۇسى 28 مىللىيون ئەتىراپىدا .
4. ئۇيغۇرلار — دۆلەت تەۋەلىكى جوڭگۇ ، قازاقسىتان ، قىزغىزستان ، ئۆزبىكستان ، تۇركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئامىرىكا ، كانادا ئاۋىستىرالىيە ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقىدىكى ھەرقايسى جومھۇرىيەتلەردىمۇ خىلى كۆپ .
جەمئىي نوپۇسى پەقەت دۆلىتىمىز ئىچىدىلا 10 مىللىيوندىن ئاشىدۇ ، پۈتۈن دۇنيادا 12 مىللىيوندىن ئاشىدۇ .
5. قازاقلار — دۆلەت تەۋەلىكى قازاقستان ، جوڭگۇ ، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر .
جەمئىي نوپۇسى 10 مىللىيوندىن ئاشىدۇ .
6 . تاتارلار — دۆلەت تەۋەلىكى روسىيە ، جوڭگۇ ، تۈركىيە ،ئامىرىكا ، كانادا ، ياۋرۇپا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلار .
جەمئىي نوپۇسى 8 مىللىيوندىن ئاشىدۇ .
7 . تۈرۈكمەنلەر — دۆلەت تەۋەلىكى تۇرۇكمەنستان ، تۈركىيە . جەمئىي نوپۇسى 5 مىللىيون ئەتىراپىدا .
8 . قىرغىزلار — دۆلەت تەۋەلىكى قىرغىزىستان ، قازاقىستان ۋە جوڭگۇ . جەمئىي نوپۇسى 4 مىللىيون ئەتىراپىدا .
9 . چۇۋاشلار — دۆلەت تەۋەلىكى ئاساسەن روسىيە . نوپۇسى . جەمئىي نوپۇسى 2 مىللىيوندىن ئاشىدۇ .
10 . باشقىرتلار —دۆلەت تەۋەلىكى ئاساسەن روسىيە .جەمئىي نوپۇسى 2 مىللىيوندىن ئاشىدۇ .
11 . ئاقشارلار — دۆلەت تەۋەلىكى ئېران ۋە ئەزەربەيجان . نوپۇسى 1 مىللىيون ئەتىراپىدا .
12 . كاشكايلار —- ئاساسەن ئېراندا . نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ .
13. قارا قالپاقلار — دۆلەت تەۋەلىكى ئۆزبىكىستان . نوپۇسى 360 مىڭ .
14 . ياقۇتلار —– ئاساسەن روسىيىدە . نوپۇسى 320 مىڭ .
15 . قۇمىقلار —- دۆلەت تەۋەلىكى روسىيە . نوپۇسى 230 مىڭ .
16 . شاخۋىنلار — دۆلەت تەۋەلىكى ئىران . نوپۇسى 220 مىڭ .
17 . گاگاۋۇزلار —- دۆلەت تەۋەلىكى مولداۋىيە ، تۇركىيە ، بولغارىيە .نوپۇسى 180مىڭ .
18 . تۇۋالار — ئاساسەن روسىيىدە ، نوپۇسى 180مىڭ .
19 . قارا چايلار — ئاساسەن روسىيىدە . نوپۇسى 120 مىڭ .
20 . قارا پاپاقلار — دۆلەت تەۋەلىكى ئىران ، تۇركىيە . نوپۇسى 80 مىڭ .
21 . خاكاسلار — ئاساسەن روسىيە . نوپۇسى 70 مىڭ .
22 . بالقارلار —— ئاساسەن روسىيە ، نوپۇسى 60 مىڭ .
23 . نوغايلار — ئاساسەن روسىيە ، نوپۇسى 60 مىڭ .
24 . ئالتايلار — ئاساسەن روسىيە ، نوپۇسى 60 مىڭ .
25 . سالالار — ئاساسەن دولىتىمىزدە ، نوپۇسى 56 مىڭ .
26 . قاجارلار —- ئاساسەن ئىراندا ، نوپۇسى 30 مىڭ .
27 . قاتاغلار — ئاساسەن ئىراندا ، نوپۇسى 20 مىڭ .
28 . ئۇرانخايلار — دۆلەت تەۋەلىكى موڭغۇلىيە ، نوپۇسى 20 مىڭ .
29 . شورلار —- ئاساسەن روسىيە ، نوپۇسى 20 مىڭ .
30 . يوغۇرلار — دۆلەت تەۋەلىكى جوڭگۇ ، نوپۇسى 7مىڭ . ( بۇ قەدىمقى كەڭسۇ ئۇيغۇرلىرىدىن يەرلىكلىشىپ قىپ قالغان تارمىقى ) .
31. دۈرغانلار — ئاساسەن روسىيە ، نوپۇسى 5 مىڭ .
32 . خۇتتىنلار — ئاساسەن موڭغۇلىيە ، نوپوسى 3 مىڭ .
33. چاتانلار —- ئاساسەن موڭغۇلىيە ، نوپۇسى مىڭدىن ئاشىدۇ .
34 . توفالار — موڭغۇلىيىدە ، نوپۇسى مىڭدىن ئاشىدۇ .
35 . قارايىملار — ئاساسەن روسىيىدە . نوپۇسى ئېنىق ئەمەس .
ئۇندىن باشقا ئىراننىڭ جەنۇبى ۋە شەرقى تەرەپلىرىدە تۈركى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ياشايدىغان بولۇپ ئۇلارمۇ ئايرىم مىللەت سۇپىتىدە ياشاپ كەلمەكتە . ئۇلارنىڭ نوپۇسى 280 مىڭ ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ ئۇلارنى قاتقاندا جەمئىي تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەت 40 قا يىقىن بولۇپ ، ئومۇمىي نوپۇسى 170 مىللىيونغا يىقىنلىشىدۇ . بۇ تۈركى مىللەتلىرى 17 دۆلەتكە چىچىلىپ كەتكەن . ئۇيغۇرلار بۇ تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئىچىدە نوپۇسى جەھەتتە ئالدىنقى 4 – ئوروندا تۇرىدۇ .
مەنبە __ چىمبۇلاق تورى، سۈرەت مەنبەسى__ بەيدۇ تورى
[ ئۇيغۇنتەرىپىدىن2011-09-24 13:20قايتا تەھرىرلەندى ]