بۇ شېئىرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا بۇ جاھاندا ئۇيغۇردىن بەختلىك يەنە بىر مىللەت يوق بولسا كېرەك. مەن راستلا ئەسەردە ئەكس ئەتكەن مەزمۇندىكى ئۇيغۇر مىللىتىگە ھەۋەس قىلىپ قىلىۋاتىمەن. ئەسەردىكى جاھان غەۋغالىرىدىن يىراقتا، دۆۋە - دۆۋە بەخت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنى بىر كۆرۈپ بېقىش ئارزۇسىدا ئوت بولۇپ يېنىۋاتىمەن. كىم مېنى بۇ بەختلىك مىللەتنىڭ يېنىغا باشلاپ بارالايدۇ؟