ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1330 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جۇڭگونىڭ مۇقىملىقى-ئوتتۇرا تەبىقىگە باغلىق
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 671
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە671دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 863 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 863
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-24 21:57

جۇڭگونىڭ مۇقىملىقى-ئوتتۇرا تەبىقىگە باغلىق

 
جۇڭگو مۇقىم بولۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار جەمئىيىتى بەرپا قىلىشى كېرەك
   [سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ ماقالىسى] ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىي تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى ھەم ياپونىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دۇنيا بويىچە 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى. لېكىن كىشىلەر يەنە بىر تەرەپكە سەل قارىدى، يەنى: ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگودا ھەرقانداق بىر دۆلەت كۈچىنىڭ بارىچە ساقلانماقچى بولغان «مۆجىزە» بارلىققا كەلدى، ئۇ بولسىمۇ جەمئىيەتتە ئېغىر دەرىجىدە بۆلۈنۈش بولدى. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى: كۆلىمى ئىنتايىن كىچىك، ئىجتىمائىي ئاساسى ئاجىز بولغان ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار بارلىققا كەلدى ھەم پىشىپ يېتىلىشكە باشلىدى؛ ھەرقانداق دۆلەت(غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىكى بايلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ئاز ساندىكى بايلاردىن باشقا، جەمئىيەتتە كۆپ ساندىكىلەر يەنىلا نامرات كىشىلەر. جۇڭگودىكى بۇرژۇئازلارنىڭ كۆلىمىنى مۆلچەرلەشتە، ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەم قوللانغاندا ئوخشاش بولمىغان يەكۈن چىقىرىلىدۇ، لېكىن مەيلى قانداق مۆلچەرلەش ئۇسۇلى قوللىنىلسۇن، كىشىلەرنىڭ يەكۈنى بىردەك، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگودا «ئىككى بېشى كىچىك، ئوتتۇرىسى چوڭ» زەيتۇنسىمان جەمئىيەت، يەنى ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار جەمئىيىتى تېخى بارلىققا كەلمىدى.
  ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭكىگە تېخىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ
  ئەگەر بۇ ئەھۋالنى شەرقىي ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تارىخىغا قويۇپ قارىغاندا، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى غەلىتىلىك ئىنتايىن روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ياپونىيە شەرقىي ئاسىيا بويىچە تۇنجى زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادىي گەۋدە، ئۇنىڭدىن قالسا ئاسىيادىكى «تۆت كىچىك ئەجدىھا»(تەيۋەن، كورېيە، سىنگاپور ۋە شياڭگاڭ) ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تەرەققىيات ئىزى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار تەخمىنەن 20 نەچچە يىل ۋاقىتتا ئىقتىسادىي مۆجىزە ياراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زور كۆلەمدە ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ھازىر بۇ ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار جەمئىيەتنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىسلاھ قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپلا قالماستىن، يەنە جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى.
   نۇرغۇن كىشى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولى شەرقىي ئاسىيادىكى باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە، يەنى: ئاتالمىش شەرقىي ئاسىيا ئەندىزىسىگە ئوخشاپ قالغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو شەرقىي ئاسىيادىكى باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئەكسىچە، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بەزى دۆلەتلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو جەمئىيىتىدە «لاتىن ئامېرىكىسىلىشىش»، «ئوتتۇرا كىرىملىكلەر قىلتىقى»قا چۈشۈپ قالدۇقمۇ-يوق، دېگەندەك مەسىلىلەر مۇنازىرە قىلىنىپ كەلدى، بۇنداق مۇنازىرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ھەرگىز ئاساسسىز ئەمەس.
  جۇڭگودا ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار ئاز بولغانلىقتىن، ھەرقايسى تەرەپلەردە مەسىلە كۆرۈلدى. ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ كۆلىمى بەك كىچىك بولغانلىقتىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاساسىغا ئايلىنالمىدى. جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئېغىر دەرىجىدە بۆلۈنۈش بولدى، ئومۇمىي ئەخلاق ۋە ئېتىقاد كەمچىل بولغانلىقتىن، ئىجتىمائىي ئىشەنچ مەسىلىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئىجتىمائىي قىممەت ۋە غايە جەھەتتە رادىكاللىشىش ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، جەمئىيەتكە كۆپ ھاللاردا «چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق» ياكى «چېكىدىن ئاشقان ئوڭچىللىق» يېتەكچىلىك قىلدى. ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار ئاز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ھوقۇقدارلار بىلەن نامراتلار ئۆزئارا تۇتۇشۇپ، جەمئىيەتتە ئېنىقسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلدى.
  ئەزەلدىنلا ئاز بولغان ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار مۇشۇنداق مۇھىتتا تۇرغاندا تېخىمۇ ئەندىشە قىلىپ، ئۈزلۈكسىز پۇرسەت ئىزدەپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بىخەتەر ماكان ئىزدەپ چىقىپ كەتمەكتە. ھەرقانداق جەمئىيەتتە ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە بېيىيدۇ، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ؛ لېكىن جۇڭگودا ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىدەك قىلىدۇ.
 مەسىلىنىڭ مەنبەسى 1-قېتىملىق تەقسىماتنىڭ ئادىل بولماسلىقىدا
  مەسىلە شۇ يەردىكى، ئەسلىدە ئىقتىسادىي مۆجىزە بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى زۆرۈر بولغان جۇڭگولۇق ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار نەگە كەتتى؟ ئەسلىدە جۇڭگوغا تەۋە بولۇشقا تېگىشلىك ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنى كىم «ئوغرىلاپ» كەتتى؟
  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى سىياسەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنى يېتىشتۈرۈش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئىزچىل قوغلىشىدىغان بىر نىشانى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «زەيتۇنسىمان» جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بۇ سىياسەت نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى؟
  بۇنىڭدىكى ئامىل ناھايىتى مۇرەككەپ. ھەرقانداق جەمئىيەتتە ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنى يېتىشتۈرۈش جاپالىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. لېكىن شۈبھىسىزكى، سىياسەتمۇ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. سىياسەت نۇقتىسىدىن جۇڭگو بۇرژۇئازلىرىنىڭ ئاجىزلىقىغا قارايدىغان بولساق، سىياسەتتە سەۋەنلىك بولۇش ۋە سىياسەتنىڭ كۈچلۈك ئىجرا قىلىنماسلىقى بۇنىڭ ئىككى مۇھىم مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بايقىيالايمىز.
  جۇڭگودا ئىجتىمائىي كوللېكتىپنىڭ كىرىم تەقسىماتىدا زور پەرق بولۇش بۇرژۇئازلارنىڭ ياخشى يېتىلمىگەنلىكىنىڭ رېئال كارتىنىسى، شۇنداقلا ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلە. كىرىم تەقسىماتىدىكى زور پەرق ئاساسلىقى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىن، يەنى: 1-قېتىملىق تەقسىمات مەسىلىسىدىن پەيدا بولغان. ئالدى بىلەن دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن پۇقراۋى كارخانىلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق. جۇڭگودا ئەسلى پىلانلىق ئىگىلىك يولغا قويۇلغان، شەھەر ئاھالىلىرى دۆلەت كارخانىلىرى ياكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا ئىشلەپ جان بېقىپ كەلگەن، ئاز ساندىكى ئىمتىيازلىق تەبىقىلەردىن باشقىلار «نامرات سوتسىيالىزم»دىن ئىبارەت تۆۋەن تۇرمۇش ئۆلچىمىدە ياشاپ كەلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا يېزا ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىندى، 90-يىللاردا «كىچىك كارخانىلارنى جانلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت پۇقراۋىلاشتۇرۇش يولغا قويۇلدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگودا دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن پۇقراۋى كارخانىلارنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشى تېز بولدى.
  لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 2008-يىلى دۇنياۋى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى زور دەرىجىدە كېڭەيدى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى قىسىلدى. دۆلەت كارخانىلىرى بۇرۇنقى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا ئىگە كەسىپلەر بوشلۇقىنى ئىگىلەپ تۇرۇش تەسەۋۋۇرىدىن ئايرىلىپ، بۇرۇن پۇقراۋى كارخانىلارغا تەۋە بولغان بوشلۇققا تەرەققىي قىلىپ، ئىلگىرىكى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولغان ۋەزىيەتنى قىسقا ۋاقىتتا بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ يەردە مەركەز كارخانىلىرى ئىنتايىن سەلبىي رول ئوينىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «مەركەز كارخانىلىرى» جۇڭگو ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدىكى بىر يېڭى ئالاھىدىلىك بولۇپ قالدى، مەيلى دۆلەت كارخانىلىرى بولسۇن ياكى پۇقراۋى كارخانىلار بولسۇن ھەممىسى بەس-بەستە مەركەز كارخانىلىرىدىن يۆلەنچۈك ئىزدىدى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلەشمەكچى بولدى.
  مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كېڭەيمىچىلىك قىلىشى بىلەن جەمئىيەتتە ئاتالمىش «دۆلەت باي، خەلق نامرات بولۇش»ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. مەركەز كارخانىلىرى مەمۇرىي ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، مونوپول قىلىشقا تايىنىپ نۇرغۇن پايدا ئالدى. بۇ ئەھۋال جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى سەۋىيەسىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، كىرىم تەقسىماتىغىمۇ تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي ئادىلسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرى دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ كونتروللۇقى ۋە نازارىتىگە ئۇچرىمايدىغان «ئۆز ئالدىغا تەقسىم قىلىش» مېخانىزمىغا ئىگە بولدى. ئۇلار پايدا ئالسا ئۆزىگە تەقسىم قىلدى، زىيان تارتسا دۆلەتكە قولىنى سۇندى.
  بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنى چوڭ كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقتىن ئىبارەت. ھەرقانداق جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ شەرقىي ئاسىيادا، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار جەمئىيەتتە كىرىمنى ئادىل تەقسىم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم مېخانىزم ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگودا دۆلەت كارخانلىرىنىڭ كۆلىمى زورىيىش بىلەن بىللە، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش بوشلۇقى ئىنتايىن چەكلىك بولماقتا. مەركىزىي ھۆكۈمەت ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن بايلىقنى كونترول قىلىۋالغان دۆلەت تارماقلىرى(بانكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يوق. مۇشۇنداق ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۆزگەرتىلمىسە، 1-قېتىملىق تەقسىماتتا ئاساسىي ئىجتىمائىي ئادالەتلىك ۋە ئادىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.
  ئىمتىيازلىق تەبىقىلەر ئىجتىمائىي بايلىقنى «ئوغرىلاپ» كەتتى
  ئىمتىيازلىق تەبىقىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئىجرا قىلىنماسلىقىنىڭ يەنە بىر قۇرۇلمىلىق سەۋەبى بولۇپ قالدى. ئىمتىيازلىق تەبىقىلەر ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، مائارىپ، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولدى. مەيلى غەرب دۆلەتلىرى ياكى شەرقىي ئاسىيادىكى ياپونىيە ۋە «تۆت كىچىك ئەجدىھا» جەمئىيىتىدە بولسۇن، زامانىۋىلىشىش جەريانىدا ئىجتىمائىي ئىمتىيازدا بىر ئىجتىمائىيلىشىش جەريانى بولدى، بۇرۇن پەقەت ھوقۇقدارلار بەھرىمەن بولىدىغان بەزى ھوقۇق-مەنپەئەت ئىجتىمائىي سىياسەت قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىجتىمائىيلىشىپ كەتتى. مەيلى ھوقۇقدارلار ياكى جەمئىيەتنىڭ ئادەتتىكى ئەزالىرى بولسۇن، ئەڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي ھوقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن قىلىندى. لېكىن جۇڭگودا بۇ ئىجتىمائىيلىشىش جەريانى بولمىدى. ئەكسىچە، ھوقۇقدارلار قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئىمتىيازلىشىشى تۈرلۈك سەۋەبلەر(سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ كەمتۈكلۈكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كېڭىيىشى قاتارلىقلار) بىلەن يەنە كۈچەيدى. ئىمتىيازنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بىلەن ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارغا پايدىلىق نۇرغۇن سىياسەت ئىجرا قىلىنمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ئاددىي، ھوقۇقدارلار قاتلىمىدىكىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىمتىيازغا ئىگە بولالايدىغان بولغاچقا، ئۇلاردا ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولمايدۇ.
  ھوقۇقدارلار ۋە بايلار قاتلىمىدىكىلەر مەيلى قانداق ئامىل بولسۇن ۋە قانداق ئۇسۇل قوللانسۇن، ئۇلار ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارغا تەۋە بولۇشقا تېگىشلىك بايلىقنى ھەم جۇڭگودا ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنى «ئوغرىلاپ» كەتتى. بىراق، ئۇلار جۇڭگودا ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار كەمچىل بولۇش بەدىلىگە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك.
   جەمئىيەتتە ھەقىقىي مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا ھوقۇقنى جەمئىيەتكە قويۇۋېتىش، ھوقۇق بىلەن بايلىقنى جەمئىيەتكە بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. پەقەت ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار ئۆسۈپ يېتىلىپ زورايغاندا، جەمئىيەت ئاندىن ياخشى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىگە قەدەم قويىدۇ.

(تەھرىرلىگۈچى:tarim)
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 671
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە671دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 863 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 863
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-24 21:58

بۇ سىنگاپورنىڭ جۇڭگۇغا ئاتقان تۈتەكسىز بومبىسىمۇ قانداق ؟
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 55
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
تۆھپىسى: 2
پۇلى: 12 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 4
ياخشى باھا: 12
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-27
ئاخىرقى: 2012-02-07
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-26 21:55

جۇڭگودا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە مەيدانغا كەلسە پارىخورلۇق ئازىيىپ، ئەركىن رىقابەت تەرەققىي قىلىپ، قانۇن مۇكەممەللىشىدۇ. پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقىدە ھازىرقىدەك چوڭ ھالەت شەكىللەنمەيدۇ. بۇرژۇئا قاتلىمى  دۆلەتنىڭ ھەرخىل سىياسىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، سىياسىي ئەركىنلىك، مەتبۇئا ئەركىنلىكى، جەمئىيەتنى نازارەت قىلىش، جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىش نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.